sarhilbala
ھالىتى :
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 6
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
پۇل: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-21
|
ئەسەت سۇلايمان -تەكلىماكان روھى
بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى، تەكلىماكان گىرۋىكىگە جايلاشقان بىر قانچە قايناق بازارنىڭ شەنبىلىك ھاياتىنى تاماشا قىلىۋاتقان بۇر ياپونىيىلىك سەيياھ ھاياجان ئىلكىدە مۇنداق دېگەنىكەن:<شەرقى ئاسىيانىڭ ياپيېشىل ئېكىنزارلىقلار بىلەن تولغان مۇنبەت زېمىنىدا، ئۈستىدە ئاقۇش تۇمانلار لەيلەپ تۇرغان گىرىمسەن تاغ دەريالىرى غا قاراپ مۇقىم، پىنھان تېرىم ھاياتى كەچۈرۈپ كەلگەن خەلقلەر ئۆزلىرىدە مۇلايىم، سەۋرچانلىق، ئاياللىق نازاكەتكە باي ھۆل خاراكتېرىنى يېتىلدۈرگەن؛ لېكىن ئىچكى ئاسىيانىڭ تەبىئىي مۇھىتى بۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايدىكەن. بۇ يەرنىڭ مۇھىتى قۇرغاق، تاغلىرى قاقاس، قۇملۇقلىرى پايانسىز بولۇپ، بۇ ھال يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئوچۇق-يورۇق، قىزىققان، ئەرلىك جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان قۇرغاق خاراكتېرىنى يېتىلدۈرگەن بولىشى مۇمكىن..>
بىزنىڭچە، ياپونىيىلىك بۇ سەيياھنىڭ يۇقىرقى تەھلىلى ئاددى بىر سېلىشتۇرما بولمىسا كېرەك، ئەلۋەتتە. چۈنكى ئۇزۇن تارىختىن بۇيان بىزنىڭ ئاتا_بوۋىلىرىمىز تەكلىماكان چۆللۈكىدىن ئىبارەت بۇ سىرلىق بالىياتقۇنى قۇچاقلاپ ياشاپ كەلگەن ئىدى. بۇ سىرلىق بالىياتقۇغا مىللىتىمىز ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن تالاي سەرگۈزەشتىلەر _ خۇشاللىققىمۇ، ئازابمۇ، ۋەھىمىمۇ، گۈزەللىكمۇ يوشۇرۇنغان ئىدى. تەكلىماكان ئۇلار ئۈچۈن بىر <مېھرىبان ئانا ئىدى>، ئۇلار ئۇنى ئۇلۇغلايتتى، ئۇ توغرىلىق گۈزەل رىۋايەتلەرنى توقۇيتتى. ئۇنىڭ باغرىغا كۆمۈلگەن قەدىمى شەھەرلەردىن بەزى-بەزىدە ئاڭلىنىپ قالىدىغان مۇڭلۇق ناخشا سادالىرىدىن، توخۇلارنىڭ چىللاشلىرىدىن، تۇلپارلارنىڭ كىشنەشلىرىدىن، تۆگە كارۋانلىرىنىڭ كولدۇرما ئاۋازلىرىدىن سۆيۈنۈپ كېتەتتى. قەلبىدە مۇھەببەت ئويغانغان يىگىت قىزلار گويا ئۇلۇغ ئانىنىڭ ئەمچەكلىرىگە ئوخشايدىغان سانجاق_سانجاق قۇم بارخانلىرىنىڭ ئۈستىدە ئوڭدىسىغا يېتىۋېلىپ، تولۇن ئاينىڭ كۆتۈرۈلىشىنى كۈتەتتى. . . . دەرۋەقە، «چۆل _ ئۇلارنىڭ ۋەتىنى، ئانىسى، كۆڭۈل خۇشى ئىدى. شۇڭا چۆلنىڭ گۈزەللىكىنى پەقەت چۆل پەرزەنتلىرىلا بىلىدۇ...» يەنە بىر تەرەپتىن، تەكلىماكان ئۇلار ئۈچۈن قورقۇنچلۇق سىر ئىدى. ئۇنىڭ گويا ئۇخلاپ ياتقان زور شىردەك ھەيۋەتلىك جىسمىغا جىمىكى رەھىمسىزلىك، ۋەھىمە، مەڭگۈ تويمايدىغان ئاچكۆزلۈك يوشۇرۇنغانىدى. ئۇ قورقۇنۇچلۇق گۈركىرەپ نەرە تارتسا، بىر كېچىدىلا قايناق شەھەرلەرنى، كىمخاپتەك بوستانلىقلارنى يۇتۇپ كېتەتتى. تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بوستانلىق مەدەنىيىتى ئەمەلىيەتتە تەكلىماكان بىلەن بولغان نەچچە نىڭ يىللىق جاپالىق كۆرەش جەريانىدا شەكىللەڭەن ئىدى. ئۆز مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا چۆل ئادەملىرىنىڭ مىجەزىمۇ سۇسىز جەزىرىلەردە كۆكلەپ تۇرغان ئاشۇ تىكەنلىك ئوتلارنىڭ تەبىئىتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. راھەتلىك باغلار، شەھەرنىڭ سالقىن سارايلىرىدا يىللاپ ئاپتاپ كۆرمىگەن لەشتەك ئاق چىرايلارنى بۇ يەردە ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. چۆل ئادەملىرىنىڭ چىرايى قۇياشتا چاقناپ مىستەك پارقىراپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ كىيىم كېچەكلىرىنىڭ ئۆڭۈپ ئاشۇ قۇملارنىڭ رەڭگىگە ئوخشاپ قالغان؛ قۇياشنىڭ ئوتتەك قىزىق تەپتى، ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرغان چۆل شاماللىرى جاھىللىق، قوپاللىق، مەردانىلىك، سادىقلىقتەك خىيالەتلەرنى ئۇلارنىڭ قان_قېنىغا سىڭدۈرىۋەتكەن.
شۇنداق، بۇ يەردە تەبىئەت ھېچ بىر ھاياتلىقنى پەپىلىمەيدۇ؛ ھەممە نىمە ئۆزىنىڭ قايتماس، ئېگىلمەس روھىغا تايىنىپلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ!....> شۇڭلاشقا ئۇيغۇر روھى تەكلىماكان قۇملۇقى ئوتتۇرىسىدا بىر خىل ئىچكى مۇناسىۋەت شەكىللەڭەن. بىز بۇ خىل روھى باغلىنىشنى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر»، خالىدە ئىسرائىلنىڭ <قۇملۇقنىڭ چۈشى>، ئەختەم ئۆمەرنىڭ «قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل»، مۇھەممەت باغراشنىڭ «جەزىرە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز. دېمەك، مىللىتىمىز خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئىچكى پىسخىك جۇغلانمىسىنىڭ تەركىبىدە تەكلىماكاندىن ئىبارەت بۇ سىرلىق جەزىرىنىڭ قۇرغاق، ئىنسان بىلەن تەبىئەتتىن تاشقىرى بىر ئىلاھى كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى بادھلىنىشنى ئۆز ئىزدىنىشلىنىڭ مەقسىتى قىلىدىغان مەنىۋى ھالەت ئۆز ئىزلىرىنى چوڭقۇر قالدۇرغان ئە.سۇلايمان
_______ جۇدا تەستىقلىدى
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-06-28 22:01 |
| |