ماڭا دوستلۇق قولىڭىزنى سۇنالامسىز؟
__ ئەيدىز يۇقۇمدارى ئىپار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۇزۇڭ.
سۆھبەت ئۇيۇشتۇرغۇچى : خەنجەر بەگ
ئۇ بىر ياش ئانا .ئۇنىڭ ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن ،ئوماق قىزى بار.يولدىشى مەلۇم سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ھازىر قىزىل كىرىست جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى .
كۈندۇزى جاپالىق ئىشلىسە ،ئاخشاملىرى كومپيۇتېر ئالدىدا چىگىش خىياللارغا پاتقانچە ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئولتۇرۇپ كىتىدۇ....
ئۇ يىقندىن بۇيان مۇنبەرلەردىكى ئەيدىز بىمارلىرى ھەققىدىكى بايانلارنى كۆرۆپ ،بەكمۇ بىئارام
بولدى ۋە بۇ كىسەللىكنى چۇشەنمەيدىغان ،قارىسىغا تەتۇر تەشۋىقات ئىلىپ بىرىۋاتقان قىرىنداشلىرىغا چۇشەنچە بىرىشىنى توغرا تاپتى...
مەن ئۇنىڭ بىلەن خىلى ئۇزۇن پاراڭلاشتىم..ئاخىرىدا ئۇنىڭ قوشولىشى بىلەن بۇ تىمىنى روياپقا چىقاردىم.
ئۇنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ؛ ئىپار (مۇنبەردىكى)
يىشى : 25 ياش
ئۇ دۇستلۇققا ،چۇشىنىشكە،سىردىشىشقا ۋە يەنە نۇرغۇن -نۇرغۇن ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئىشىشى ئۈچۈن بىزنىڭ قوللىشىمىزغا مۇھتاج!
قىنى ئۇنداقتا دوستلار سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن سورايدىغان قانداق سۇئاللىرىڭلار بار،ئۇ ھەتتا
شەخسى تۇرمۇشىغا دائىر سۇئاللارغىمۇ جاۋاپ بىرىشىنى رەت قلمايدىغانلىقىنى بىلدۇردى!
ئەسكەرتىش:
سۆھبەتنىڭ ئىلمىي ئىلىپ برىلىشى ئۈچۈن مەن داۋاملىق نازارەت قىلىمەن،ئايرىم پىكرىڭلار بولسا ماڭا قىسقا ئۇچۇر ياكى مۇڭداشقۇدا ئەۋەتسەڭلار بولىدۇ.
قىنى ئەمىسە سۆھبەت باشلاندى ،سوئال سورىساڭلار بولىدۇ:
[ بۇ يازما خەنجەربەگ تەرپىدىن 2007-06-28 19:13 دە قا ]