kuktulpar
ھالىتى :
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 55
شۆھرەت: 56 نۇمۇر
پۇل: 540 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:57(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-16
|
70 ياشلىق پىشقەدەم ئۇسسۇل پىشۋاسى ئابدۇرازاق قادىر
70 ياشلىق پىشقەدەم ئۇسسۇل پىشۋاسى ئابدۇرازاق قادىر ئالتۇن خوراز مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
6- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو شاڭخەي ئالتۇن خوراز پىشقەدەملەرنىڭ ئۇسسۇل مۇسابىقىسىگە قاتناشىقان شىنجاڭلىق ئۇيغۇر، پىشقەدەم ئۇسسۇل پىشۋاسى ئابدىرازاق قادىرنىڭ ئورۇندىغان ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل «تەنتەنە»، «دولان ئۇسسۇلى»، «كۇچا سەنىمى» نى بىرلەشتۈرۈپ يالغۇز ئورۇنداپ مەملىكەت بويىچە ئالتۇن خوراز مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، شىنجاڭ ۋە كۇچا خەلقىگە چوڭ شان-شەرەپ كەلتۈردى. ئۇ نەق مەيداندا ئورۇندىغان ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. خەلق سەنئەتكارى ئابدۇرازاق قادىر كۇچا ناھىيسىدىن بولۇپ پىشقەدەم مەرھۇم داڭلىق ئۇسسۇل پىشۋاسى قەمبەر خانىمنىڭ تۇنجى شاگىرتى. ئۇ يەنە بۇ يىل 7- ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرلەش بايرىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن شياڭگاڭغا بېرىشقا تاللاندى. بىز بۇ پىشقەدەم خەلق سەنئەتكارىمىزنىڭ ئۆمىرنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى، تىنىنىڭ سالامەت بولىشىنى تىلەيمىز. مەنبەسى: كۆكتۇلپار تورى
____ جۇدا تەستىقلىدى
[ بۇ يازما kuktulpar تەرپىدىن 2007-06-20 21:10 دە قا ]
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-06-20 13:35 |
| |