xayih
ھالىتى :
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 247
شۆھرەت: 248 نۇمۇر
پۇل: 2470 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:66(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-10
|
خىزمەت ۋاقتىدا توردا پاراڭلاشقان قىز
خىزمەت ۋاقتىدا توردا پاراڭلاشقان قىز
خىزمەت ۋاقتىدا توردا پاراڭلاشقان قىز خىزمەتتىن ھەيدەلدى، سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ قىلمىشىدىن «ئېغىر سەۋەنلىك» شەكىللەنمەيدۇ، دەپ قارىدى
جياڭ خانقىز شاڭخەيدىكى مەلۇم كومپيۇتېر شىركىتىدە خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، 2005 – يىل 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 2006 – يىل 3 – ئاينىڭ 31 – كۈنىگىچە توختام تۈزگەنىدى. بۇلتۇر 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى شىركەت ئۇنى خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان ئەمەس، خىزمەت ۋاقتىدا توردا پاراڭلاشقان، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن، دەپ قاراپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلدى. جياڭ خانقىز شىركەت ئۈستىدىن شاڭخەي شەھىرى جىڭئەن رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، شىركەتتىن ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى قاتارلىق تۈرلۈك زىيانلىرىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. جياڭ خانقىز سوتتا مۇنداق دېدى: «خىزمەت ۋاقتىدا تورغا چىقىپ خەۋەر كۆرگەنلىكىم، توردا پاراڭلاشقانلىقىم راست، بىراق ھەرگىزمۇ خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمىدىم. شىركەت قوللانمىسىدىكى ‹خىزمەت ۋاقتىدا تورغا چىقىپ پاراڭلىشىشقا بولمايدۇ› دېگەن بەلگىلىمىنى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىنىشتىن بىر سائەت ئىلگىرىلا كۆردۈم». سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى: «خىزمەت ۋاقتىدا تورغا چىقىپ پاراڭلىشىشقا بولمايدىغانلىقى ھەر بىر ئەمگەكچى بىلىشكە تېگىشلىك ئەقەللىي قائىدە، جياڭ خانقىزنىڭ قىلمىشى ھەقىقەتەن مۇۋاپىق بولمىغان، بىراق ئۇنىڭ قىلمىشىدىن «ئېغىر سەۋەنلىك» شەكىللەنمەيدۇ». سوت مەھكىمىسى يېقىندا مەلۇم كومپيۇتېر شىركىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن توختامنى بىكار قىلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن جياڭ خانقىزغا 3400 يۈەن تولۇقلىما پۇلى بېرىشكە بۇيرۇدى.
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى.
ئارسلان تەستىقلىدى
|
|
[باش يازما]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-06-11 00:31 |
| |