| ||||||||||
-ATAMAN- | [فىلىم]سېھىرلىك ئالما ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
توردىن ماتىريال ئىزدەۋېتىپ «سېھىرلىك ئالما» دىگەن بۇ كونا فىلىمنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم،بۇرۇن قۇياتتى،خېلى ياخشى كىنو،كۆپچىلىك كۆرۈپ بېقىڭلار. ساقلىۋالماقچى بولساڭلار چۈشۈرۋېلىڭلار! چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://d1.c18.56.com/flvdownload/1/27/uyghur123456@56.com_56flv_zhajm_1179716028_838.flv -ئاتامان تەستىقلىدى. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
sabi317 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | مەن بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئۇچۇرتۇپ چۈشۈرىۋالغان ئىدىم ئىككى قېتىم كۆرۈپ چىقتىم .
ناخشىسى ئىسىلدە كاساپەتنىڭ!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
intezar11 ئاللا بىر ! | راست توغرا دەيسەن دوستۇم، بۇنىڭ ناخشسى ياخشى مەن چۈشۈرۋالدىم ئەمىسە!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
119 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | بۇ كىنونى ئۇيغۇرلار ئىشلىگەنمۇ؟؟؟
بۈلدىغانلىرىڭلار بولسا دەپ بەرگەن بولساڭلار...؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Hakim دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | سوۋىت ئىتىپاقى زامىنىدىكى ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن كىنو
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
-ATAMAN- | Quote:بۇ مەزمون 5 جى قەۋەتتىكى Hakim نىڭ 2007-06-10 20:36 دە يوللىغان يازمىسى“”: مىنىڭچە سېۋىىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۆزبەكلەر ئىشلىگەن كىنو مىكىن. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Mu-allime نۇرلۇق شام | مەنمۇ بەك ئامراق ئىدىم بۇ كىنوغا،بىزنىڭ ئۆيدىكى چوڭلارمۇ ھەم شۇنداق ئىدى،مەن چۈشۈرىۋىلىپ ئۇلارغا قويۇپ بىرەي.رەخمەت سىزگە!!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Mu-allime نۇرلۇق شام | Quote:بۇ مەزمون 4 جى قەۋەتتىكى 119 نىڭ 2007-06-10 20:27 دە يوللىغان يازمىسى“”: بۇ قازاقىستاننىڭ كىنوسىغۇ،بەلكىم قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن بولىشى مۇمكىن.مەن باش پېرسوناژ قىزنى مۇرات ئەخمىدىنىڭ سىڭلىسى دەپ ئاڭلىغان. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Hakan دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | ئالدى بىلەن بۇ تېمىنى يوللىغان ئاتامانغا رەھمەت ، مەن بۇ فىلىمنى ئىزدەپ يۈرگىلى خىلى ئۇزاق ۋاقىتلار بولغان ئىدى ، مىنىڭ بۇ ئېھتىياجىمنى قاندىغانلىقىڭىزغا رەھمەت !!!
بۇ فىلىم قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرىگە تەۋە فىلىمدۇر ، بۇ فىلىمنىڭ ئۇيغۇرلانىڭ فىلىمى ئىكەنلىكىدە شەك يوق !!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
eliyar1225 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ قا زاقىستان ( ئۇيغۇر تىياتىرى) 1987-يىلى ئىشلىگەن فىلىم!!! بۇ بىر تىپىك ئۇيغۇر فىلىمى !!! بۇفىلىمدىكى ناخشىلار ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ناخشىچىلىقىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن!!! مەسلەن؛ ئۇلار نىڭ كىيىنىشى يەنى غەرىپ چالغۇلىرى
بىلەن مىللىچە توننى كىيىپ ناخشا ئو رۇنلىشى ،ھەم غەرىپ چالغۇلىرىغا داپ راۋاپ قاتارلىق مىللىچە چالغۇلار نى بىرلەشتۈرۈشى ،ھەم ئۇيغۇرچە خەلىق ناخشىلىرىنى ناھايىتىمۇ نەپىس ئۆزگەرتىپ ئورۇنلىشى قاتارلىقلار!!!! ئۇلارنىڭ مۇزىكا ئاكورتلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ھازىرغىچە بىزگە تەسىر كۆرسەتمەكتە،يەنى ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئورۇنلىغان (راك باياۋان) دا ئابدۇللا ئابدۇرىھىمنىڭ مۇزىكا ئاكورتلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ھەم بۇ ناخشىنىڭ كۆرۈنۈشىدە كەيگەن كىيىم ۋە باشقا مۇزىكانتلارنىڭ كىيىملىرى بولسۇن ئۇلارنىڭ تەسىرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ!!! ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەخمۇت سۇلايمان غىنى سەلەي قاتارلىق ناخشىچى مۇزىكانىتلارنىڭمۇ ئەسەرلىرىدىمۇ كۆرۇنەرلىك ھالدا ئۇلارنىڭ تەسىرىنى بىلىۋالغىنى بولىدۇ!!! مەسلەن؛مەخمۇت سۇلايمان (يۇلتۇزۇم،رىۋايەت) قاتارلىق ناخشىلىرىنىڭ ئاكورتلاشتۇرۇش ئۇسۇلىمۇ پۈتۈنلەي (ياشلىق ئانسامبىلىنىڭ) ئەندىزىسىدە چىلىنغان!!!! ئۇلار بىزگە دەۋىر بۆلگۈچ بىر يولنى كۆرسۈتۈپ بەردى، ئۇ لارنىڭ بۇ تۆھپىسى مەڭگۈ ئۇنتۇلمۇغۇسى!!!!!!!! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
火0997 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | مۇشۇ كىنونىڭ ناخشا مۇزىكىلىرىنى ئورۇندىغۇچىلار كىملەردۇر دەيمەن. بىلىدىغانلار بارما؟
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
boss1 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ فىلىمىنى دەسلەپتە مەن تورغا يوللىغان لىكىن چۈشۈرۈش ئادرىسىنى يوللىيالمغاندىم ... سىزگە رەھمەت
ئاتامان سىز ئوغرى بولمىغاندىكىن www.izdinix.com دىن ئېلىندى دىيشىڭىز كىرەك ئىدى، دىققەت قىلغايسز . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
FIFA007 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئويغۇر ناخشا مۇزىكىللىرىنىڭ سىھرى كۇچى نامايان قىلىنغان فىلىم
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
-ATAMAN- | Quote:بۇ مەزمون 12 جى قەۋەتتىكى boss1 نىڭ 2007-06-11 15:25 دە يوللىغان يازمىسى“”: ئوغىرى بولمىغاندىن كىيىن دىگەن نىمە گەپ؟ مەن بۇنى توردىن ئىزدەپ تاپسام بولمامدىكەن؟ بۇنى بېتىڭىزدىن كىم كۆرۈپتۇ؟ گوگۇلغا كىرىپ sihirlik alma ئالما دەپ يىزىپ بېقىڭە نىمە چىقىدىكەن. ئاغزىڭىزغا بېقىپ سۆزلەڭ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
guldurmama دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەن بۇ كېنونى بەك ياقتۇرۇپ كۆرەتتىم ،سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
taraza دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | مەن بۇ كىنونى نۇرغۇن قېتىم كۆردۈم، ئەمما ھەر قېتىم كۆرگەن چېغىمدا تۇنجى قېتىم كۆرگەندەك ھېس قىلىمەن ،دىمىسىمۇ كىنو ناھايتتى ياخشى ئىشلەنگەن كىنو!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tiger312 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | ئاتامان ئەپەندىم:
بۇ فىلىم چۈشۈرۈش چەكلىنىپتىكەنتۇققۇ؟ | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
tiger312 دەرىجىسى :تىرىشچان ئەزا | بۇ ھەقىقى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن فىلىم، بەزى ناخشىللىرىنى خالىسخان ئېيىتقان.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
eliyar1225 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بۇ كىنونىڭ ناخشا مۇزىكىلىرىنى مۇرات ئەخمىدى باشچىلىغىدىكى (ياشلىق ئانسامبىلى) ئورۇنلىغان!!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
hayrani دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | مەنمۇ بەك ئامراق ئىدىم .ئەپسۇس ،چۈشۈرۈش ئادىرىسى ئېچىلمىدى....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|