>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
 
XabnamBBS -> شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى -> تاشقىننىڭ چەتئەل ساياھىتى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 4109 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : تاشقىننىڭ چەتئەل ساياھىتى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
TAXKINJAN
ئىجاتچان ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 811
شۆھرەت: 990 نۇمۇر
پۇل: 6983 سوم
تۆھپە: 154 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:291(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
تاشقىننىڭ چەتئەل ساياھىتى

تاشقىننىڭ چەتئەل ساياھىتى

ئاپتورى : تاشقىنجان


خىزمەتكە چىققىنىمغا خېلى ئۇزاق بولۇپ قالغان بولسىمۇ ،،نېمشىقىدۇر ئۆز كەسپىمنىڭ ئىچىگە چوڭقۇرلاپ كىرەلمەيۋاتاتتىم،،،بۇ خىل تۇيغۇ باشقىلاردىمۇ بارمۇ بىلمەيمەن .ئەمما ئۆزەمنىڭ خىزمىتىمگە مۇھەببەتىم سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرىۋاتىمەن..نېمشقا دەمسىز؟
ئالغان مائاشنىڭ تايىنى يوق،، قىلىدىغان خىزمەت <قۇدۇقدىن يىڭىنە ئىزلىگەندەك >جاپالىق،،،ئىغىر ،،،مۇشۇنداق چاغلارداقايسى بىر شائىرىمىزنىڭ <ئات_ئىشەكتەك ئىشلسەكمۇ يالجىماي ئۆتتۇق خاراب>دىگەن مىسرالىرىنى ئىختىيارىسىز ئەسكە ئالىمەن. ياش تۇرۇپلا مۇشۇنداق ئايىقى چىقماسى ئىشلار بىلەن جاھاننىڭ راھەتنى كۆرمەي ئۆمرۇم ئۆتۇپ كېتەرمۇ دەپ ئويلايمەن... ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۆز ۋاقتىدا مېنڭدەك ياخشى ئوقۇمىغان بولسىمۇ بۇگۇنكى كۇندە ئۆز ئالدىغا ئىگلىك تىكلەپ ،<ئۆز_ئۆزگە خوجا>بۇلۇپ ياشاۋاتقان ساۋاقداشلىرىمنى ئۇلارنىڭ پوزۇر كىينىپ،،،خوتۇن بالا چاقىلىرىنى ئېلىپ بازار ئايلىنىپ غاديىپ ،شادىيانە يۇرگەنلىرىنى ئويلىسام بۇ ئويلىرىم تېىخىمۇ كۈچىيپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تېخى كىچىك بولسىمۇ شىركەت قۇرغان،،،بەزىلىرى چەتئەللەرگە بېرىپ _كېلىپ تىجارەت قىلىپ راۋرۇس بېيىغان..ئەمما مەنچۇ؟
بىر كۇنى ئىشخانىدا يەنە شۇ خىياللارغا بۆلىنپ ئولتۇرسام ،،خىزمەتدىشىم خوشاللىقىتىن گۇل -قەقەلىرى ئېچلىغان ھالدا كىرىپ كەلدى،،
__ئاداش،،بۇگۇن سېنى بىر مېھما ن قىلايچۇ؟
__ۋوي،،ئابدۇل پىتنىڭمۇ ئاغزىدىن مۇشۇ گەپلەر چىقىدىكەن ھە!
__بىكارغا كەلگەندىكى خەجىلۋەتمسىەك بولمايدۇ،،قارا ماڭا بۇگۇن تەنتەربىيە لاتارىيەسىدىن
200كوي مۇكاپا ت چىقتى..قارا_قارا،،
ئۇنىڭ قولىدىكى لاتارىيە بېلىتىنى كۆرىۋدىم .راستىنلا 200كوي دىگەن خەتنى كۆردۇم...
تاماقتىن قايتىپ كىرىپ خۇددىي كۇچلۇك ئېلھامغا ئىرشىكەن شائىرىدەك،،كاللام پاللىدە يورۇپ كەتتى...__ <ھەجەپ بۇ ئىشنى بۇرۇن ئويلاپ باقماپتىمەن ھە! جاھاندا نى -نى مۆجىزىلەر يۇز بېرىپ تۇردىغۇ! ناۋادا تەلىيىم كېلىپ چوڭراق مۇكاپات چىقىىپ قالسا ،،،،،توغرا بۇگۇندىن باشلاپ مەنمۇ لاتارىيە تارتىپ كۆرەي،،ماڭىمۇ خۇدانىڭ ئاتىغىنى باردۇر.>.
شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشىمغا يىڭى بىر مەزمۇ ن بېسىپ كىردى..ھەر كۇنى ئىشتىن چۇشىمەندە يېقىن ئەتراپتىكى <لاتارىيە بېلىتى سېتىش مەركىزى>دىن كەم دىگەندىمۇ 5دانە بىلەت سېىتىۋالىمەن. ۋە شىرىن خىياللار ئىلىكىدە بېلەت ئېچلىشى كۇنىنىڭ پاتىراق يېىتىپ كېلشىنى تۆت كۆز بولۇپ كۇتىمەن.. ھەر چارشەنبە ،شەنبە كۇنلىرى كەلدىمۇ بولدى،،بارلىق ئىشلرىمنى تاشلاپ شۇ ياققا يۇگۇرەيمەن..ئەپسۇس،،مېنىڭ تاللىغان نومىرىمنىڭ بىرەرىمۇ تىزىملىكتە يوق بولۇپ قالاتتى...لىكىن مەن قىلىچە ئۇمۇدسىزلەنمىدىم ،،ئىچىمدە <ئۇمىتسىزلىك شەيتان>دىگەن سۆزنى خۇددى ئايەت يادلىغان ئادەمدەك تەكرالايتتىم..ئۇنىڭ ئۇستىگە مەن دىگەن تىخى يىڭىدىن ئۇگەنگۇچى،،بۇ يەردە 7-ياشتىن 70ياشىقۇچە ھەممەيلەن بار ئىكەن..مەندەك يىڭى ئۇگەنگۇچى بولغانلاردىن بىر قانچسى ھېسابقا ئالمىغاندا كۆپچىلىكى بىر قانچە يىللار توختاتماي ئىزچىل ئوينا پ كېلىۋاتقانلار ئىكەن.. بۇ يەردىكلەرنىڭ ھەممسىسى دىگۇدەك ماڭا ئوخشاش تۇيۇقسىزلا باي بولۇپ كېتىش شېرىن خىيالىدىكى كشلەر ئوخشايدۇ،،ئەنە ئاۋۋۇ 60ياشىلق ياشانغا كىشى،،،30ياشلىق كېلشكەن خوتون،،،يەنە بىر ئوبدا ن بانكىدا ئشلەيدىغان مۇقىم مۇئاشىلىق خىزمەتچىلەرمۇ پۇلغا تويماي قولغا قەلەم ئېلىپ تامدىكى سۇرەت_بەلگىلەرگە قاراپ ،،ئۆز_ئارا پىچىرلىشپ،،نېمىلەرنىدۇر تەھلىل قىلشماقتا..مەن باشتا بىلمىگەچكە قارىسىغا نۇمىرىنى تاللاپتىمەن،،لىكىن بىر ياش يىگىت بىلەن بولغان سۆھبەتتىن كىيىن بۇ ئىشنىڭمۇ مەلۇم قانۇنىيتى بارلىقىنى بىلپ قالدىم،،،
__ ھەر ئىشنىڭ ئۆزگە چۇشلۇق قانۇنىيتى بار ئاكا،،قارىسام سىز خىيالىڭىزغا كەلگەنىنى تاللاۋاتسىز،،قاراڭ،،بۇ خەرىتىگە،،ئۇ شۇندا دەپ جۇغراپىيە دەرسىلىكىدىكى ھاۋاراي سىزقىغا ئوخشاش بىر دەپتەرنى كۆرسەتتى.___قاراڭ،،سىز ئەڭ ياخشىسى مەلۇم نومىرنى قوغلىشىڭ،،
بىر كۇنى بولمىسا بىر كۇنى تۇتۇۋالسىز،،قاراڭ مانا بۇ نومىرلارغا قايتا_قايتا مۇكاپات چىققان..
مەن ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەلۇم نومىرلارنى خاتىرلىۋالدىم..ھەر قېىتمدا پەقەت ۋە پەقەت شۇ 5نومىرنىلا تاللىدىم...ئەمما يەنىلا ھېچ بىر چىقىدىغاندەك ئەمەس،،نەچچە ئاي شۇنداق ئۆتۇپ كەتتى،،،،ئادەم تەكرار_تەكرار مەغلۇبىيەتكە يولۇقىۋەرسە خېلى ئىرادىسى بولغان بىلەنمۇ بەزىدە شۇ ئىشتىن سەل يالتىىيپ قالىدىكەن..ئەمما قايسى كۇنى كۆرگەن چۇشۇم ماڭا يەنە كۇچلۇك مەدەت بەردى...چۇشۇمدە ماڭا 5مىلىيون چىقىپتۇدەك..ئاسىتمدا ئېسل چەتنىڭ ماشىنسى،،،ماشىندا چىرايلىق ،.ئوماق بىر قىز ،،،مەن ماشىنامنى ھەيدەپ ھەشەمەتلىك داچامغا كىرىگۇدەكمەن..دەرۋازىىنىڭ ئىككى يانىدا فورما كىيگەن قاراۋۇللار ماڭا چاس بەرگۇدەك.مەن بولسام كېنولاردىكى ھېلىقى كاپىتالىستلاردەك ماشىننىڭ ئەينكىدىن سەل ئىڭشىپ ئۆتۇپ كەتتىم...
__تۇرە بالام،خىزمەتكە كېچىكىپ قالىسەن!
ئانامنىڭ قاتتىق توۋلىغان ئاۋازى ،شېرىن چۇشۇمنىڭ بېلىگە تېپىپ ،كەيپىمنى ئۇچۇردى..خەپ ، مۇشۇ نەس باسقۇر خىزمەتنىڭ دەردىدە شېرىن چۇش كۆرگىلىمۇ بولمىغان..ئەمما شۇ كۇندىن بىرى خۇددى ئامەت يېقىنلا يەردە مېنى كۇتۇپ تۇرغاندەك بىلىنپ كەيىپياتىم ۋە قىزغىنلىقىم بىر ھەسسە كۆتۇرلۇپ كەتتى..مانا بۇگۇن قايسى كۇنى ئالغان بېلەتىنى يانچۇقىمىدا چىڭ سىقىمدىغىنمچە مەركەزگە كەلدىم...نومىرىغا قاراپلا ،قاققان قوزۇقدەك تۇرۇپلا قالدىم،،، بېشىم ئايلانغاندەك،،كۆزلىرىم بىر نۇقىغا قېتىپ قالغاندەك بولدۇم..لاتارىيە بىلەتتىكى سانلارنى كۆزۇمنى بىر ھازا ياخشى ئۇگىلىۋېتىپ قايتا ئوقۇپ چىقىتىم...5     12   25   29 32 ئاھ قولۇمدىكى سانلار بىلەن 5مىلىيونلۇق مۇكاپات سوممىسدىكى سانلار ئوپئوخشاش..يۇرىكىم شۇھامان گۇپۇلدەپ سوقۇپ ،،تومۇرلىرىمىدىكى قانلار ئۆركەشلەپ ،مىڭە_چىكلىرىم زىڭلىداپ كەتتى..شۇ تاپتا ئۆزەمىنى تۇتۇۋالالماي،ھاياجانلىنپ كېتۋاتقانلىقىمنى بىلىپ تۇرىۋاتىمەن،،،بۇ چۇشممۇ ئوڭۇم؟ يۇزلىرىمنى چىمداپ بېقىۋىدىم ئاغرىپ كەتتى..دىمەك بۇ رىئاللىق ئىكەندە! شۇ ھامان كاللامغا <بىلەتنى دەرھال يانچۇققا سال! خەق بۇلاپ كەتمىسۇن!>دىگەن خىيال يالىت قلىپ كەچتى..ئۇنى دەرھال يانچۇققا سالدىم دە. خۇددىي ئارقامدىن بىرى قوغلاپ كېلىۋاتقاندەك،،،بىرلىرى بايقاپ قېلىپ كەينمىگە پايلاقچى چۇشكەندەك،،،ھېلىلا بىرى كېلىپ مېنى بۇلاپ كېتىدىغاندەك،،دېلغۇل،،بولۇپ ھېلىدىن _ھېلى ئارقامغا قايرىلىپ قاراپ كېتۋاتىمەن...ماڭە_،ماڭ مەھەلىمىزدىكى ئۆستەڭ بويىغا كېلىپ قالغانىلقىمنى سىزىپ قالدىم،،،،جىددىلىكىمنى پەسەيتىش ئۇچۇن سۇزۇك ئۆستەڭ سۇيدا يۇزلىرىمنى يۇيۇپ باقتىم،،،،بىر -ئىككى ئۇچۇم سۇ مۇ ئىچىپ قويدۇم....شۇنىڭ بىلەن ھەر ھالدا ئەسلىمگە كەلگەندەك قىلدىم...ئۇھ دەپ چوڭقۇر نەپەس ئالدىم....توۋۋا ئادەم ئۇچۇن زىيادە خۇشاللقىمۇ زىيان قىلدىغان ئوخشايدۇ...باياتىن بىرى نېمانچە بولۇپ كەتتىم ھە! ھەي پۇل ئادەملەرنى شۇنچە مەھلىيا قلىسەن،،بىردە كۇلدۇرسەڭ بىردە يىغلىتىسەن،،،،بىرنى خار بىرنى ئەزىز قىلىسەن،،ھە؟ مەن ئۆستەڭ بويىدا ئولتۇرۇپ ھېلىقى چۇشۇمنى ئەسلىدىم،،چۇشنىڭ بىشارىىتگە ئىشنىش كىرەككەن،،،،شۇنداق ئەمدى پېشانەمگە ھوما قۇشى قوندى...مەن ئەمدى بۇرۇنقى مەن ئەمەس...مەن ھازىردىن باشلاپ دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم...مەن ھەممىگە ئېرشىتىم.شۇنداق ئەمدى ھېلىقى سېسىق خىزمىتىنى بېشىمدىن ئايلاندۇرۇپ پىرقىرىتپ تاشلىۋېىتمەن...مەن باي بولدۇم،،،مەن مېليونىر بولدۇم!!!
--تاشقىن ئەپەندى،،نېمانداق ئادەم كۆرمىگەندەك ھاڭۋىقىپ تۇرىسز؟ تېز بېرىپ ئىشىڭىزنى قىلىڭ! باشلىقى مېنىڭ خۇددى ئاكىيۇدەك پۇتلىرىمنى كەڭ كېىرپ ھېلى بىرى بىلەن سوقۇشۇدىغان ئەلپازدا تۇرغىنمغا تېرىكىپ سۆزلىدى..ئەمما مەن يەنىلا ئۇنىڭغا تىكلىپ تۇردۇم..ئۇ شۇنداق يوغانچى ،ئەسكى نېمە،،ھەر يىغىندا بىزلەرنى ئۇنداق_مۇنداق نېمىلار دەپ تىللايدۇ،،،سەل كېچكىسەك ياكى،،بىرەر ئىشنى ۋاقتىدا قىلالمىساق ،،چوڭ_كىچىك باردىمەي تەنقىدلەيدۇ،،بىز بولساق خۇددى باشلانغۇچنىڭ بالىلىرىدەك دەردىمىزنى ئىچىمىزگە يۇتۇپ ئولتۇراتتۇق،ئۇ ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ نوچى دەپ قارىسا كېرەك .لىكىن شۇ تاپتا ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا ھېچنىمە ئەمەس..
___تاشقىنجان،،سارڭ بۇلۇپ قالمىغانسىز،،،سىزگە ياكى بىرەر نەرسە كېرەكمۇ؟
___مانا ساڭا ھەزىلەك،، مەن شۇنداق دەپلا ئۇنى كېلىشتۇرۇپ بىر مۇش قويدۇم،،باشلىق تۇيۇقسىز تەگكەن مۇشتىن ئارقىسىغا پۇلاڭلاپ ئۇچۇپ ،،ئىككى ئىشكاپ ئارىسدىكى بوشلۇققا چۆكۇپ قالدى،__ۋايجان!
ئۇنىڭ ،قولىدىكى ھۆججەتلەر ھاۋادا پۇلاڭلاپ يەرگە چېچىلىدى..ۋاراڭ_چۇرۇڭنى ئاڭلاپ قوشنا بۆلۇمدىكىلەر يۇگۇرشۇپ چىقشىتى.
___ۋېيەي،،باشىلىق !   بەزىلەر ئەتتىگەندىلا <پالۋان >ماركىلىق <زەبىب شەربىتى>نى ئىچىپ كەلگەن ئو خشىمامدۇ،،،نېمانچە قاپ يۇرەكلىك بۇ بەزىلەردىكى،،،
___مانا ساڭا بۇزۇق پاسكىنا! مەن شۇنداق دەپلا كاتىپنىڭ يۇزىگە بىر شاپلاق سالدىم.بايقۇش خۇددى تۇلكىدە چىرقىراپ يۇزىنى قاماللىغىنچە يىغلاپ كەتتى.. بۇ نېمە ھەدېسە باشلىققا بىزنى چاقاتتى..ئۆزى بولسا باشلىق بىلەن ئىش_پەش تارتىپ يۇرۇپ ھازىرقى ئورۇنغا ئېرىشۋالغان ..غەيۋەتتن باشقا قورسىقىدا ئومۇچى يوق نېمە ئىدى...ئاڭغىچە باشقا خىزمەتداشلىرىم مېنى تۇتۇۋالدى،،،
__ زادى نېمە بولدى ئاداش،،،ئەمدى تۇگەشتىڭ،،خىزمەتتىن ئايرىلىدىغان بولدۇڭ!
---توغرا دەيسىلەر،،مەن دەل خىزمەتتىن ئايرلىغىلى كەلدىم. شۇ تاپتا مەن ھېچنىمىدىن قورقمايتتىم،، بۇ ئىش ئۇچۇن مېنى ساقچى تۇتۇپ كەتمەيدۇ. تۇتسىمۇ بەرىبىر پۇل تۆلەپ چىقىۋالالايمەن...مەن بۆلۇمدىن چىقىپ كېتىۋتىپ، خىزمەتداشلىرىمىغا بۇرۇلۇپ دېدىم.
__ماڭا 5 مىليون چىقتى!
پۇلنىڭ گېپنى ئاڭلاپ باشلىق ئورنىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ كەتىتى..كاتىپ يىغلاشتىن شۇ ھامان توختاپ ئاغزىنى يوغان ئېچىپلا قالدى..
__نېمە، ھۆرمەتلىك تاشىقىن ئەپەندى سىزگە راستىنلا شۇ مۇكاپات چىقتىما؟ ئۇلار كۆزلىرى ئالا_چەكمەن بۇلۇپ بىر بىرىگە قاراپ قېلىشتى..
مەن باشلىق ۋە كۆزۇمگە سېغمايدىغان كاتىپنى ئەدەپلەپ پۇخارىمدىن چىقىۋالغاندىن كېيىن ئۆيگە قاراپ ماڭدىم..ئەلۋەتتە،،ئۆيدىكلەرگە،ئاتا_ئانامغا بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۇزسسەم <ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپ >ئۇلارمۇ مەندەك ھوشۇدىن كەتكىلى تاس قالار ھە! شۇ ھامان كاللامدا يەنە باشقىچە بىر ئوي،،،_<ناۋادا ئاتا_ئانام پۇلنىڭ ھەممىنى ئىگەللىېۋلىپ ماڭا ئىگە قلىمسىچۇ! >دىگەن پىكىر يالىت قىلىپ قالدى. ھەي شەيتاننىڭ خىيالى،،ئۇلار ئۆز ئاتا-ئانام تۇرسا، ئەمما ،،لىكىن،،بۇ خەۋەرنى ئاڭلىسا ئۇرۇق _تۇغقانلارمۇ <بىز سىلەرنىڭ ئۇرۇق_تۇغقانلىرىڭىلار بولغاندىن كېيىن بىزنىڭمۇ ھەققىمىز بار>دەپ ئۇيىمىزگە كېلىپ پۇل تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالسىچۇ؟؟ چىگىش خىياللار كاللامدا پىرقىرىماقتا....
___ياق،،بۇ پۇل تەڭرىم ماڭا بەرگەن تەلەي،،ئۇ پەقەت ئۆزەمگىلا خاس..مەن ئەمدى بارلىق ئارزۇلۇرىمىغا يېتىشم كېرەك..توغرا ئەڭ ئاۋۋل پۇلنى ئالاي دە،،چەتئەلگە چىقىپ ،،پۇتۇن دۇنيانى ئايلىنپ كېلەي! شۇ چاغدا ئۆزەمنى كۆكلەردە بىخارامان ئۇچۇۋاتقان قۇشلارغا ئوخشاتتىم،،،شۇنداق مەنمۇ ئۇچۇشىم كېرەك!
مەن ئۆيدىكىلەرگە <كاماندۇرۇپكا>غا چىقىمەن دەپ قويۇپلا بىر چامادان كىيم كېچەكىمنى ئېلىپ يۇشۇرۇن <تىكىۋەتتىم!>
بىرىنچى سەپەر ئۇرۇمچى.
مۇكاپات سوممىسىنى پەقەت ئاپتۇنوم رايوندىلا ئېلشىقا بولىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇمچىگە قاراپ ماڭدىم. بىر كۇندى ئوشۇق مېڭىپ بۇ ئەزىز شەھەرگە چۇشتۇم. پاھ، ئۇرۇمچى ھەقىقەتەن ھەيۋەتلىك شەھەر ئىكەن. ئىگىز_ئىگىز بىنالار،،موكىدەك تىز ئۆتۇشۋاتقان مىخ_مىخ ماشىنلار،،قايناق بازارلار،،<دۆڭگۇرۇكتكى > ئۇيغۇر تۇرمۇشى،،مەن كۆپ ئايلانماي پۇلنى ئېلىش ئۇچۇن بانكىغا كەلدىم. مۇناسىۋەتلىك خادىملار مېنىڭ ئىشمدىن خەۋەر تاپقاندىن كېىين پاتپاراق بولۇشۇپ كەتتى،،ھېلىدىن -ھېلى ھال سوراپ،،چاي قۇيۇپ مېنى ئايرىم بىر بۆلۇمگە باشلىدى. مەن كىملىكىمنى ۋە ئۇنىڭ كۆپەيتلىمە نۇسىخسىنى ئاندىن 2سۇڭلۇق رەسمىمنى بەردىم..ئالاھىزەل بىرەر سائەت ئۆتۇپ كەتكەن بولسىمۇ جىمجىت ئىدى..مەن سەل ھودۇقۇپ قالدىم..ئەمما ماڭا ھەمراھ بولۇپ تۇرغان خادىم :
___خاتىرجەم بولۇڭ! ھېچ ئىش يوق..پەقەت رەسمىيەت باشقا رەسمىيەتلەردىن مۇرەككەپىرەك،،سەل تەخىر قلىڭ.دىگەچكىلا كۆڭلۇم جايىغا چۇشتى..
__ئەپەندىم ،مۇبارەك بولسۇن، سىز مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىشنى خالامسىز؟ دىمەكچى بۇ ئىشنى گېزىت ۋە تەشۋىقات ۋاسىتلىرىدە خەۋەر قىلماقچىتۇق.
__كەچۇرۇڭلار،،مەن ھەرقانداق زىيارەتنى قوبۇل قىلالمايمەن..بىخەتەلىكىم ئۇچۇن بۇ تەلىپىڭلارنى رەت قىلىمەن..
خادىملار،،ماڭا پۇل چېكىنى بەردى.ئاندىن .قول قويۇشقا تېگىشلىك بىر مۇنچە يەرلەرگە بارماق باسقۇزىدى...يائاللا ، ئۆزنىڭ تىگىشلىك ھەققىنى ئالماقمۇ بىر جاپا ئىكەن
قىزىل كىرىست جەمئىيتى تۇتۇۋالىدىغان يەنە بىرمۇنچە پۇللارمۇ بارئىكەن..
ئىشلار پۇتكەندە قارىسام قولۇمغا 4مىلىوندىن ئوشۇق پۇل قاپتۇ..
مەن ئۇرۇمچىنىڭ ئەڭ چوڭ كىيم-كىچەك مەركەزلىرىدىن ئەڭ قىممەت باھالىق كاستۇم _بۇرۇلكا،،چەتئەلنىڭ ئەڭ قىممەت ئاياغىدىن ئشقىلىپ ئۇرۇمچىنىڭ مەن مەن دىگەن بايلىرىمۇ ئالمايدىغان ئېسل كىيملەردىن بىر قانچە قۇر ئالدىم...
دۆڭكۇرۇككە كەلگەن چىغىمدا يايما ئېچىپ پايپاق سېتىۋاتقان بىرى كۆزۇمگە تونۇشتەكلا كۆرۇنىپ كەتتى..مەن ئۇنى تونۇپ قالدىم..
__ۋوي ،ئەسسالامۇ ئەلەيكوم،،بۇ سەن ،،مەشئەلىغۇ! ئادەش
__ۋە ئەلەيكوم ئەسسالام.بىز قۇچاقلىشىپ كۆرۇشتۇق.
ئۇ مېنى يېقىن ئەتراپتىكى <ۋېسال تىز تاماقخانىسى>غا باشلىدى.
بۇ يۇرۇتلۇقىم خېلى ۋاقىتلار بۇرۇن ئالىي مەكتەپتىن ئۆتەلمەي،،،ئاتا_ئانسىنىڭ نەسىھەتلىرىگىمۇ قارىماي سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى.بەزىلەر مەشئەلى ھازىر كاتتا باي بۇلۇپ كېتىپتۇ. چوڭ شەھەردە ئوقەت قىلىپ راسا بېيىپ كېتىپتۇ..دېسە بەزىلەر ،شۇ يەردە بىر باي خوتۇن بىلەن توي قىلپ شۇنىڭ سايىسدا جان بېقىۋېتپتۇ.دېيشەتتى.. بۇ گەپلەرنى قايسىنىڭ راستلىقىغا ئىشنىپ بولمايتتۇق.\
__سېنى ئۇچۇرىتىپ بىر ياقتىن قاتتىق خۇشال بولدۇم..يەنە بىر تەرەپنىن خىجىل بولىۋاتىمەن. راستىنى دېسەم بايا مەنمۇ سېنى تونۇپ بولغانتىم ،لىكىن تونۇمىغانغا سېلىپ باشقا ياققا قاراپ تۇرۋالدىم..كەچۇر،،قارا ھازىر مۇشۇنداق ئۇششاق تىجارەت قىلىپ يۇرىۋاتىمەن
__بۇنىڭ نېمسى يامان. تىجارەتنىڭ چوڭ_كىچكى بولمايدۇ..ھەممە ئىش كىچىتىن باشلىندۇ..
لىكىن ئاڭلىسام ھازىر دۆڭكۇرۇككىمۇ ھەيۋەتلىك بېنالار،سودا سارايلار چۇشۇپ بۇرۇنقى يايما شەكلىدىكى بازارنى ئېچشىقا يول قويمايدىكەنغۇ! سەن قانداق قىلىۋاتىسەن؟
__ باشتا قىچىپ يۇرۇپ ئۇيەر _بۇيەردە سېتىپ يۇردۇق..بازار باشقۇرغۇچىلىرىمۇ ئۇستا،،سىرتتىن كەلگەنلەرنى بوزەك قىلىدۇ. ماللىرىنى بىكاردىن بىكار تارتىۋالىدۇ...لىكىن مەن ئاللىقاچان بۇ يەرگە يەرلىك بولۇپ قالدىم،،شۇڭا ماڭا ئانچە تېگىش قىلالمايدۇ..
___ئۆزەڭچۇ؟بۇ ياقلارغا نېمە ئىش بىلەن كېلىپ قالدىڭ؟
__مەن،،،،مەن شۇ ئىدارىدا ھۆكۇمەتنىڭ خىزمەتىنى قىلىپ ،،مەن شۇ بىر يىغىنغا كەلگەن،،
ئاغىنەمگە شۇ يەردىلا ئۇنىڭغا بىرەر مىليوننى بېرىۋەتمەكچى بولدۇم يۇ،،يەنىلا ئىشلارنىڭ ئاشكارلىىنىپ كېتىشنى ئويلاپ ،ئۆزەمنى بېسىۋالدىم.
__ھازىرمۇ ئانچە_مۇنچە شئىر يېزىۋاتامسىەن؟سوردىم مەن
__يازىمەن بۇ خۇينى تاشلىماق قىينكەن..لىكىن مەتبۇئاتقا ئەۋەتمىدىم.
مەن ئۇنىڭغا شەبنەمنى تونۇشتۇردۇم ۋە ئەزا بولۇپ ئەسەر ئەۋەتىشنى تەۋسىيە قىلىدىم. ئۇ ماقۇل بولدى..تاماقتىن كىيىن
ئۇ مېنى يايمسىنى تاشلاپ ،،ئۇرۇمچىنى ئايلاندۇرۇپ كەلمەكچى بولدى.مەن ئۇنىڭ چىقىم قىلشىنى خالىمىغاچقا خىزمىتىمنىڭ ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ قايتىماقچى بولدۇم...
كەچ كىرىپ كەتكەچكە،،ئۇرۇمچىدىكى ئەڭ قىممەت باھالىق مېھمانخانىغا چۇشۇپ بىر كۇن قونۇپ ئەتسىى بېيجىڭگە قاراپ مېڭىش قاراىغا كەلدىم.. كەچلىك تاماقنى رېستۇراندا يەپ بولۇپ،،،،مېھمانخانىدىكى تورغا چېتىقلىق كومپىيوتىرنى قوزغىتىپ،، بىسىمىللاسىغلا ئۆزەم باشقۇرغۇچىلىق قىلىۋاتقان <شەبنەم>تورىنى ئاچىتىم...تورداشلانىڭ ئەسەرلىرى يىغىلىپ قالغان ئىكەن.تەھرىرخانىغا كىرىپ بىر قانچە ئەسەرنى تەستقىلىدىم،،ياكى ئۆچۇردۇم...شەبنەم ئەپەندى كىيۇ_كىيۇ توپىدا باشقۇرغۇچىلارغا يىغىن ئېىچىۋاتقان ئىكەن...دىلىرۇس ،،جۇدۇن ،،ئەركزات،،قاتارلىق بىر قانچە تورداشلار بىلەن مۇڭداشتىم..شەبنەم ئەپەندىمگە مۇنداق دەپ ئۇچۇر قالدۇردۇم:
___ھۆرمەتلىك شەبنەم ئەپەندى،،،ئالاھىدە خىزمەت سەۋەبلىك مەركەز بېيجىڭىغا بارماقچى بولىۋاتىمەن...بەلكىم ئەتىلا يولغا چىقىشىم مۇمكىن. ئايرۇپىلان ئىستانىسدا مېنى شەبنەم قۇرغۇچىلىرى بىلەن داغداۇغا بىلەن قارشى ئېلشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن.
بىر چاغدا شەبنەم ئەپەندىدىن،: ھا ھا ھا ،،سىز بەك قىززىقىچى جۇمۇ تاشقىنجان دىگەن ئۇچۇر كەلدى..دىمەك ئۇ مېنىڭ سۆزلىرىمگە ئىشەنمگەن پەقەت چاقچاق دەپ قالغان ئىدى.
ئىككنىچى سەپەر:__بېيجىڭ.
كېچىچە ساياھەتنى خىيال قىلىپ، چۇشۇمدىمۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئوخىشمغان ئىرىق ، ھەيۋەتلىك شەھەرلەرنى چۇشەپ تاڭ سەھەردە ئويغاندىم. چۇشكەيىقىن سەپەر تەييارلىقى قىلىپ تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئۇدۇل ئۇرۇمچى ئايرۇپىلان ئىستانسىغا قاراپ ماڭدىم. بېيجىڭغا ئۇچىدىغان تۇنجى نۆۋەت ئايرۇپىلان بېلىتىنى قولۇمغا ئالغاندا شۇنداق ھاياجانلاندىمكى ئىختيارسىز ۋارقىراپ تاشلىغىلى تاسلا قالدىم.. مانا ئايرۇپىلان يەر يۇزىدىن بارا_بارا سۇرئىتىنى تىزلىتىپ ئايرلىماقتا..مانا ئايرۇپىلان كۆككە قاراپ كۆتۇرۇلدى..ئۆمرۇمدە تۇنجى قېتىم ئايرۇپىلاندا ئولتۇرۇشىم بولغاچقا،،،يەنە سەل كۆڭلۇم ئېلشىكەندەكمۇ بولدى.لىكىن بىر ئىككى قەي قىلىپ توختاپ قالدىم..مانا مەن خۇددى تاكسىغا ئولتۇرۇپ باقمىغان سەھرالىقنىڭ ھەمىشە ئەينەكتىن بېشىنى چىقىرۋالغىنىغا ئوخشاش، ئايرۇپىلان ئەينكىدىن بېشىمنى چىقىرىپ تۆۋەنگە قاراپ باققۇم بەك كېلىپ كەتتى .لىكىن ئايرۇپىلاندىن يېڭنەچىلىك تۆشۇك ئېچلشىقىمۇ بولمايدىغانلقىى ئېنىق بولغاچقا بۇنىڭغا ئامال بولمىدى شۇنداقتىمۇ ئاسماننى كۇزۇتۇپ كېتىۋاتىمەن،ئاھ ، ئەنە كۆكتىكى ئاۋۇ بۇلۇتلارمۇ مېنى قارشى ئېلىۋاتقاندەك يېقىنلا يەردە لەيلەپ تۇرغان.،،قۇياش نۇرۇى ئايرۇپىلاننىڭ قېىلىن ئەينكىدىن ئىللىق نۇرىنى چېچىپ ماڭا قۇد تىلەۋاتقاندەك،،،مەن ئايرۇپىلان ئەينكىنىڭ پەرسىنى قايرىپ تۆۋەنگە قارىدىم...پاھ،،زىمىن نەقەدەر كەڭ ھە! ئاسماندا تۇرۇپ زىمىننى كۆرسەڭ ئاجايىپ بولدىكەن..مېنىڭ مايمۇندەك ھېلىدىن ھېلى ئەينەكتىن ماراپ كېتشىلىرىم ئالدىمدا ئولتۇرغان ئىككى چەتئەللىك ئەر_ئايالغا غەلىتە تۇيۇلغان بولسا كېرەك. ئۆزىچە مېنى ئىشرەت قىلغاندەك بىر نېمىلەرنى دەپ كۇسۇرلاشتى.ۋە كۇلۇپ قويۇشتى..
__ھېم سېسىق پەرەڭلەر،ئۆزلىرىڭچە مېنى مەسىخىرە قىلىشۋاتامسەن تېخى! سالاپەتلىك بولىۋالغىنىڭ بىلەن ھەر قايسىڭ مەنچىلىك باي ئەمەس. ئۆز دۆلىتىڭىدە جان باقالماي بىزنىڭ جۇڭگۇغا كېلىپ نوچى بۇلىۋالماقچىمۇ ھىم..مېنىڭ 5مىليونغا يېقىن پۇلىم بارلىقىنى بىلىشسەڭ ،،ئاكاڭ قارىغايغا تازىم قىلشارسەن ھەقىچان،،سېسىق پەرەڭلەر!
مەن بىردىنلا ئۆزەمنى تونۇپ يەتتىمىدە،بايىقىدەك ئەينەكنى ماراپ يۇرمەي،،كىرسىلوغا غادىيپ ئولتۇردۇم،،ئۇرۇمچىدىكى داڭلىق تاماكا مەخسۇس سېتىش مەركىزىدىن ئېلىۋالغان چەتنىڭ <سىگارت> ماركلىق تاماكسىدىن بىرنى تۇتاشتۇردۇم..ۋە ئۇدۇلدكى ئۇستەلگە پۇتلىرىمنى ئالماشتۇرغانچە سۇنۇپ ئولتۇردۇم...قارا كۆز ئەينىكمنى زۆرۇر بولمىسمۇ نېمشقىدۇر تاقىۋالدىم.پەرەڭلەر تېخىمۇ ھەيران بولۇپ ماڭا قاراپ قېتىپ قېلىشتى.شۇ تاپتائۆزەم بەلكى كېنولاردىكى قىمار پادىشاھلىرىغا ياكى كاتتا لوبەنلەرگە ئوخشاپ قالسام كېرەك.
__مەرھابا ئەپەندى،سىزنىڭ ئايرۇپىلانىمىزغا ئولتۇرغانلىقڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. كەچۇرۇڭ، بۇ يەردە تاماكا چىكىشكە بولمايتىتى.ئايرۇپىلاندا مەخسۇس تاماكا چېكىش بۆلۇمچسى بار. ئېغىر كۆرمەي شۇ يەردە چەككەن بولسڭىز .رەھمەت.
تومۇچۇقتەك سۆزلەيدىغان،،كېلشكەن ،چىرايلىق بىر قىز ئالدىمغا كېلىپ ئىگلىپ تۇرۇپ شۇ گەپلەرنى قىلدى.
__بولمامدىغان خان،،سىزدەك ئوماق قىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قويمىساق بولماس ھە.. مەن ئۆزەمچە ئۇنىڭغا پوخۇرلۇق قىلىدىم.
__تونۇشۇپ قالساق بولامدۇ؟ ۋاقتىڭىز بولسا پاراڭلاشساق قانداق؟
__كەچۇرۇڭ ئەپەندى،،بىز يولۇچىلار بىلەن شەخسى پاراڭلارنى قىلىساق بولمايدۇ.رەھمەت!
بۆلۇمچە ئىچى شۇنداق ئازادە ئىكەن. بۇ يەردە مەندەك چىكەرمەنلەر،،ئاق،سېرىق،،يەنە قارا تەنلىك ئىشقىلىپ ھەر خىل مىللەتلەردىن بولغان ئەرلەر پاراڭلاشقاچ تاماكا چىكىۋتىپتۇ. مەن تىل بىلمىگەچكە بىر چەتتە ھېلىقى سېگارتتىن يەنە بىرنى تۇتاشتۇردۇم. بىر چاغدا بۆلۇم ئىچىنى ماڭا تونۇش بىر پۇراق،،ئاچچىق لىكىن مەززىلىك نەشىنىڭ پۇرىقى بىر ئالدى.بۇ نېمە ئىشتىۇ ئەمدى دەپ نېرىغىراق بېرىپ قارىسام ئىككى نەپەر چەتئەللىك بىر بۇلۇڭغا تىقلىشۋلىپ ھەدەپ نەشە چىكىۋاتمامدۇ؟! ئۇلار مېنى بايقاپ ،،سەل ئوڭايسىزلاندى .بىرى ئۇيغۇرچىلاپ چالا سۆزلىدى.\\
__بۇ شىنجاڭنىڭ نەشەسى،بەك ياخشىكەن،،شۇ،،شۇڭا ئېلىۋالغانمىز..شۇڭا ئازىراق چىكىۋاتىمىز..سىلەرنىڭ بۇ تاماكاڭلار بەك بەك نوچىكەن.بىزنىڭ ئامىرىكانىڭ تاماكا بىكار ،،
توۋۋا،ماۋۇ ئىشنى كۆرۇڭ. مەن چەتئەلنىىڭ نوچى دەپ <سىگارت>نى چوڭ بىلىپ چىكىپ يۇرسەم،ئامىرىكلىقلار بىزنىڭ نەشىمىزنى چوڭ بىلىپ يۇرۇپتۇ.ھەقىقەتەن قىززىق، بولاپتۇ،،شۇ تاماكىلىرىمىز بولسىمۇ چەتئەللەرگە تونۇلسۇن! شىىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتىلىرى بازار تاپسىۇن!
مەن دەرھال سىگارتىنى تاشلاپ ،ئۇلار بىلەن بىر _ئىككى قاپاق تارتىپ باقتىم، بىز ئۇچەيلەن شىر كەيىپ بولۇپ قاقاقلاپ كۇلۇپ ئايرۇپىلانغا يولۇچىلار بۆلۇمىگە قايتىپ كىردۇق.
...
داۋامى: ئالاھەزەل ئىككى سائەتتىن ئوشۇق ئۇچتۇقمىكىن،،ئەيتاۋۇر بىر چاغدا مىكىرافوندىن
<ھۆرمەتلىك يولۇچىلار ئايرۇپىلان ھازىر بېيجىڭ ئايرۇدۇرۇمىغا قونىدۇ. بىخەتەرلىك تاسىمسىى تاقاپ ئولتۇرشڭىلارنى تەۋسىيە قىلمىز>دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.دىمەك راستىنلا بېيجڭغا كەلگەن ئىكەنمەن. جۇڭگۇنىڭ بۇ قەدىمىي شەھىرى ۋە دۆلتىمىزنىڭ پايتەختى بولۇش سۇپىتىى بىلەن تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ئىكەن. مەن ئايرۇدۇردمىدىن چىقىپىلا شەبنەم ئەپەندىمگە تېلغون قىلدىم.
___ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ،شەبنەم ياق،،نىجات ئازات ئەپەندىم ياخشىمۇسىز؟
___ھە ،ھە تاشقىنجان ياخشمۇسىز؟قانداق ئەھۋال؟
___ياخشى ، ئېسىڭىزدىمۇ تۇنۇگۇن مەن سىزگە بېيجىڭغا بارىمەن دەپ ئۇچۇر قىلغان. مانا ھازىر كېلىپ بولدۇم.
___نېمە؟سىز،،،راستىنلا بېيجىڭغا كەلدىڭىزما؟ ئۇنداقتا نەدە سىز؟ بەك ھەيران قىلىۋتىمەن
ئۇ مېنىڭ سۆزۇمگە تىخىچە دەر _گۇمان بولىۋاتقان ئىكەن. مەن ئۆزەمنىڭ ئايرۇدۇرۇدمدا ئىكەنلىكىمنى ئېيتىقاندىن كېيىن، ئاندىن
___بولىدۇ ،بولىدۇ سىزنى قىزغىىن قارشى ئالىمەن. ھېچ ياققا مىدىرماي جايىڭىزدا جىم تۇرۇپ تۇرۇڭ،!مەن ھازىرلا بارىمەن.دېدى
تۇنجى قېتىم كۆرۇشۇش بولغاچقا سەل ھاياجانلىنىپ قالدىم. ئىچىمىدە مەن نېمەدىگەن بەخىتلىك دەپ ئويلىدىم.
__كەچۇرۇڭ سىز تاشقىنجان بولامسىز؟ بىرى كەينىمىدىن چاقىرىپ قالدى.
__ئەسسالامۇ ئەلەيكوم نىجات ئەپەندىم،،،ياخشىمۇسىز؟ بىز قۇچاقلىشپ كۆرۇشتۇق. شەبنەم ئەپەندى سۇرەتتىكىدەك كېلشىكەن،سەل سېمىزىراق، ئۇچۇق چىراي،كۇلۇپلا تۇردىغان ئادەمكەن.
___تاشقىن دېسە چوڭلا ئادەممىكىن دەپتىمەن.مانا ياپياشلا بىر بالىكەنسىزغۇ! دېدى ئۇ ماڭا قاراپ كۇلۇپ تۇرۇپ.مەن بولسام ئۇچۇرشىشىتىن ھاسىل بولغان ھاياجان سەۋەبدىنمۇ دەيدىغانغا گەپمۇ تاپالماي قالدىم.
__قېنى ،يولدا كەلگۇچە چارچاپ قالغانسىز،،،ئاۋۋال ئاشخانىغا بېرىپ غىزالىنۋىلىڭ ئاندىن ئۆيگە باشلاي،،بويتاقچلىقتا سىزگە تاماق ئېتىپ بېرىدىغانغا يەڭگىىڭىز يوق ھا ھا ھا قېنى ماشىنغا چىقىڭ!
بىز ئايرۇدۇرۇمدىن ئايرلىپ كەڭ يولغا چىقىتۇق، شەبنەم ئەپەندى تولىمۇ قىزغىن ،پاراڭچى ئىكەن. ئۇ ماڭا يولدىكى مۇھىم جايلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ماڭدى،،،ئۆزىنىڭ ئوقۇشقا يىڭى كەلگەن چاغدىكى كەچۇرمىشلىرىنى قىزىقارلىق قىلىپ ئەسلەپ بەردى.بېيجىڭىدىكى ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەرخىل تۇرمۇشىلىرىنى سۆزلەپ بەردى. بىز ئاخىر قايسى بىر كوچىغا ئەگلىپ كىرىدۇق. ئۇنىڭ دېيشچە مۇشۇ يەردە كۆپىنچە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقانكەن.ئۇيغۇرچە تائاملار باشقا جايدىكلەردىن مۇشۇ يەرنىڭ ئالاھىدە ياخشى ئىكەن، تاكسى ئاخىر <تەڭرىتاغ ئۇيغۇر رېستۇرانى>دەپ ۋېۋسىكا ئېسلىغا ئىككى قەۋەتلىك بېنا ئالدىغا كېلىپ توخـتىدى.
__تاشقىنجان شۇ تاپتا ھەقىچان، بېيجىڭنى تازا بىر ئايلانغۇىڭىز كېلىۋاتقاندۇ ھە! دەپ يەنە قىزىق پارىڭنى باشلىدى شەبنەم ئەپەندى،_جۇرۇڭ،تاماق سىڭدىرۇش ئۇچۇن بولسىمۇ ھازىرلا سىزنى بىر ئايلاندۇراي!
بىز يەنە شۇ تاكسى دىگەن بايقۇشقا چىقىپ قاياققىدۇر ماڭدۇق. تاكىسدا كېتىۋىتىپ بىز <شەبنەم تورى>ھەقىقىدە سۆزلەشتۇق.
__شەبنەم تورىىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ھەر ھالدا ياخشى بولىۋاتىدۇ.لىكىن ساقلانغان مەسىلەرمۇ ئاز ئە مەس.شەبنەم خەلقىئارالىق ئۇيغۇر تور بىكەت .ھەممىمىز بولۇپمۇ سىلەر باشقۇرغۇچىلار كۆپىرەك كۇچ چىقىرشىڭلارنى ئۇمىد قىلمەن.
__راسىت دەيسىز،،شەبنەم ئۆزىنىڭ باشقا تور بىكەتلەردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدۇ. خەلقئارادىمۇ زور شۆھرەت قازىنىۋاتىدۇ...<پارىژ خەلىقى شەبنەمنى قىزغىن تەبرىكلىدى>دىگەن سۇرەتلىك خەۋەرنى قايسى كۇنى كۆرۇدۇم دېىدم.چاقچا ق قىلىپ.
___ھا ھا ھا،تاشقىنجان چاقچاقتىن بىرنى قىلىۋالدىڭىز جۇما! بۇ پەيكارنىڭ قىلغان قىلىقىزە ئەلۋەتتە بۇ مۇ بىر قىززىقچلىق ،،مەنمۇ كۆرۇپ كۈلۇپ كەتتىم.دېدى ئۇ
___شۇنداق قايسى كۇنى ئىزدەن تورىغا كىرسەم بىرى بۇ تېمنى شۇ يەرگىمۇ چاپلاپتۇ. تېخى قايناپ خەيۋەت قىلىغان ئىنكاسلارمۇ باركەن دېدىم مەن
___شۇنداق ،بىزنىڭ ئانچىكى ئىشلىرمىزنى كۆرەلمەي سۆزلەيدىغانلار يوق ئەمەس. شەبنەم تورىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا بولغانلقىنى كۆرەلمەيدىغانلارمۇ بار.
بىز مىڭىپ ئاخىرى سەددىچىن سېپلىنىڭ كىرىش ئىشكىگە كەلدۇق..مانا مەن پەقەت كىتاپلاردىنلا،،تېلىوۇزۇرلاردىنلا كۆرۇپ كەلگەن بۇ قەدىمىي <ئىمارەت>نى تۇنجى قېتىم ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆرۇدۇم .سەددىچىن سېپلىى ھەقىقەتەن ھەيۋەتلىك ۋە ئۇزۇن ئىدى. ئۇنى تاغ ئۇسسىتدە سوزۇلۇپ ياتقان غايەت ئەجدارىھاغا ئوخشتىش مۇمكىن ئىدى.
___پاھ،نېمدىگەن كەڭ،ئۇزۇن،،،ھەيۋەتلىك ھە! مەن ئىختىيارىسز شۇنداق دەپ تاشلاپتىمەن.
__قېنى؟ ئېلھامىڭىز تاشقىنلاپ بىرەر سەددىچىنغا بېغىشلاپ بىرەر شئىر ئوقۇۋىتەمسىز يا؟
__ياقەي،،مەن يا رەسىمىي شائىر بولمىسام يازساممۇ كېىنچە يازارمەن..
___ئەمسىە، مەيلى شەبنەمگە شۇ شئىرىڭىزنى يوللاپ قويۇڭ! ئەسلىمە بولۇپ قالسۇن قانداق؟
مەن ماقۇل بولدۇم. بىز بىر تەرەپتىن ھەرخىل مەسىلىلەر توغرۇلۇق سۆزلەشكەچ يەنە بىر تەرەپتن سەددىچىن سېپلىغا قاراپ ياماشتۇق..يېرىمغا بارغاندا مەن ھېرىپ قالغانلىقىمنى ئېيتتىم.شەبنەم ئەپەندى كۇلۇپ كەتتى ۋە ئارقىدىن:
____قاراڭ ھازىر بىز بۇ سېپىلىدىكى تەييار تاش پەلەمپەيلەردىن مېڭىشتمۇ قېينلىۋاتىمىز. لىكىن مۇشۇ سېپلىنى سېلىشقا ئشلىگەن قانچلىغان قۇللار مۇشۇ ئېغىر تاشلارنى يەلكسى بىلەن كۆتۇرۇپ ئىشلىگەندۇ ھە!
___بۇنىسى رىئال تارىخ. تارىخى خاتىرلەردە بۇنى ھونلارنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنش ئۇچۇن سېلىنغان دىگەن قاراشلارمۇ بار.دېدىم مەن.
كەچكە يېقىن كۆڭۇللۇك ساياھەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتتۇق.مەن شەبنەم ئەپەندىگە 5مىليوننىڭ ئىشنى دىگىلى تاس قالغان بولساممۇ يەنىلا دېمەدىم،ۋە خىزمەت ئېھتىياجىنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ ئۆيدە مېھمان بولۇش تەكلىپنىمۇ چىرايلىقچە رەت قىلدىم..
__ئەپسۇس،ئانا دىياردىن كەلگەن سىزدەك دوستۇمنى قوندۇرۇپ قالالمىدىم.دېدى ئۇ
__ ھېچقىسى يوق،ھېلىمۇ سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلىدىم،رەھمەت،ئاللاھ خالىسا يەنە كۆرۇشەرىمىز.
__خوش،،شەبنەم ئىللىق ئائىلىمىز ،بىز شەبنەمدە كۆكلەيمىز.!
بىز ھېلىقى شۇئارنى توۋلىۋىتىپ خوشلاشتۇق.

داۋامى بار: ئۇچىنچى سەپەر____كورىيە
چەتئەلگە چىقىش ئەڭ مۇھىم نىشانىم بولغاچقا ئەتىسلا ،مۇناسىۋەتلىك پاسپورتلارنى تېزلىكىتە بېجىرىپ كورىيەگە قاراپ ئۇچماقچى بولدۇم..سئولغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلان بېلىتىنى ئالغاندا خۇددى باشقا بىر سەييارىگە كېتىدىغاندەك ،،ئىككىنچىلەپ قايتىپ كېلەلمەيدىغاندەك،،،بىردىنلا يۇرۇتقا بولغان مۇھەببتىم كۇچۇيىپ خۇشاللىقىم ئورنىنى بىر خىل قىيالماسىلىققا ئوخشاش غەلىتە سېزىم ئورىۋالدى..شۇ چاغدا ئابدۇللا ئابدۇرىھىمنىڭ <كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن>ناملىق ناخشىسىنى ئىختىيارسىز ئېيتىپ كېتىپتمەن.....مانا ئايرۇپىلان ئىشكى يېپىلىدى،،،ئەنە ،،ۋەتەن ،خەلىق ئىشقلىپ ماڭا تونۇش ھەممە نەرسىلەر يىراقلاردا قالدى..
كورىيەنىڭ بۇ پايتەختىگە چۇشۇپ خۇددى بىرى مېنى پىرىقىرىتىپ تاشلىۋەتكەندەك ،،باشقىلا بىر يەرگە كەلگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. 5خىل سىزىمىم تۇنجى قېتىم ياد بىر زىمنىدا ئۆزگىچە تۇيغۇرلارغا ئىگە بولماقتا.سئولىنىڭ تۇنجى قېتىم ماڭا بەرگەن تەسىراتى ئۇ نىڭ ھەددىن زىيادە ئازادەۋە پاكىزلىقىدا ئىدى..ھەمشە كۇلۇپلا تۇرىدىغان كورىيەلىكلەرنىڭ ئىڭىشىپ تۇرۇپ ئەدەپ بىلەن سالام قىلىشلىرى بەزىدە ئادەمگە سەل ساختىدەك تۇيۇلسىمۇ لىكىن بىر خىل ئىللقىلىق بېرەتتى..مەن تىل جەھەتتكى جاپالارنى يڭىش ئۇچۇن خەنزۇچىنى راۋان بىلىدىغان بىر كورىيەلىك ياشنى ئۆزەمگە تەرجىمان قىلىپ ياللىۋالدىم.پۇل دىگەن بۇ يايغۇش بولسا ھەممە يەردە ھۆرمەتلىك بولىدىكەنسىز،،ئەجدادلىرىمىز<پۇلۇڭ بولسا جاڭگالدا شورپا>دەپ ھەق ئېيتقان ئىكەن. مانا كورىيەلىك يىگىت ماڭا خۇددى شاتۇتىدەك سۆزلەپ ھەممە يەرلەرنى ،،كورىيەنىڭ تارىخىنى، ئۆرۇپ_ئادەتلىرىدىن تارتىپ مىجەز_خۇلقىغىچە سورىغان سوئاللىرىمغا ھارماي جاۋاب بەرمەكتە...
مەن كورىيە ھەققىدە ۋەتەندىن ئىلىۋالغان<كورىيە>ناملىق قىسقىچە تونۇشتۇرۇش كىتابىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن كورىيە كىنولىرىدىن ھېس قىلغانلىرىمىدىن باشقا ھېچقانداق چۇشەنچىگە ئىگە ئەمەستىم...ئەمەلىيەتتە بىز تەرەپلەردە بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇرلار ئىچىدە يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بىرى كورىيە فىلىملىرىغا ،كورىيە ناخشلىرىغا بولغان قىزغىنلىق كۇچەيگەن ،جاھانننىڭ ئىككى چېتىدىكى بۇ ئىككى مىللەت تۇرمۇشىدىكى يېقىنلىق ۋە ئوخشاشلىق بىزنى قىزىقتۇرغان ئىدى..بۇلۇپمۇ <يەنە بىر كۆرسەم>نامىلىق كۆپ قىسملىق فېلىمى چوڭ _كىچىك ئۇيغۇرلار ئەڭ قىزىقىپ كۆرۇدىغان فىلىم بولۇپ قالغانتى....مەن ھەتتا ئۇرۇمچىدىكى قاتار چاي ئوينايدىغان خۇتۇن _چوكانلارنىڭمۇ <يەنە بىر كۆرسەم>نى كۆرىمىز دەپ چاينى قسىقارتقانلقىنى بەزىلەرنىڭ چاي ئوينمىاس بولۇپ تېلىۋوزۇر ئالدىدا كىنو كۆرۇپ كۇن ئۆتكۇزۋىتىپتۇ دىگەن گەپلەرنمۇ ئاڭلاپ قالغانتىم...شۇڭا قېشىمدىكى تەرجىمان يىگىتكە :
___دوستۇم،،سىلەردە مەدەنىيەت بولۇپمۇ ئەنئەنىۋىي مەدەنيەت ئۆز پىتى ساقلىنپ قالغان ئىكەن. قاراڭ ،سىلەردە مەخسۇس ئۆرۇپ-ئادەتلەر ئۇچۇنلا نەچچە ئونلىغان مۇزىيلار بار ئىكەن. تېخى چەتئەللىك ساياھەتچىلەردىن كۆپىرەك ئۆزەڭلار زىيارەت قىلىسلەركەن،،،بۇ ئىش ماڭا تەسىر قىلىدى دېدىم..كورىياننا يىگىتنىڭ يۇزىدە شۇ ھامان پەخىرلىنش ۋە خۇشاللىق جىلۋە قىلدى.
__شۇندق،،ھۆكۇمەتىمىز زور مەبلەغ سېلىپ غەيرى مەدەنىيەت مىراسىلىرمىزنى قوغدايدۇ.
ئەڭ مۇھىمى خەلقىمىز زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنە ئوتتۇرسىدىكى مۇۋاززىنەتكە دىققەت قىلىدۇ. مېنڭچە بىز كۆپچىلىك كورىيانلارىنىڭ قارشىمىز مۇنداق :خاسىلىقى بولمىغان مىللەت دۇنيادا ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قالالمايدۇ.
---توغرا،دەيسىز،،بىز بۇ جەھەتتە سىلەرنى ئۇلگە قىلساق بولغۇدەك،،دېدىم خىياللار ئىچىدە
مەن ھەر يەرلەرنى كۆرۇپ بولۇپ توساتتىن كاللامغا كەلگەن پىكىرنى ھەمراھىمغا دېدىم
___مېنىڭ شۇ تاپتا،،<يەنە بىر كۆرسەم >دىگەن داڭلىىق فىلىمىڭلاردىكى مۇھىم ئارتىسلارنى بىر كۆرۇگۇم كېلىۋاتىدۇ..سىزچە بۇ مۇمكىنمۇ؟
___ھا ھا ھا كوڭجۇ بىلەن يۇڭجۇنى كۆرگۇڭىز كەپتۇدە....تاشقىنجان ئەپەندى سىزگە دېسەم بىزنىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ تەلىپنى يەردە قويمايدىغان تەرىپىمىز بار.تامامەن بولىدۇ.لىكىن بۇنڭىغىمۇ بەلىگلىك ھەق تۆلەيسز..ئەلۋەتتە
كورىيەدەك ھەممە نەرسە ئىقتسادقا ئايلانغان،،دۆلەتتە بىرەر مەشھۇر شەخسنى ياكى مۇھىم ئادەملەرنى زىيارەت قىلىشمۇ ئۆز نۆۋىتىدە پۇل بىلەن بولىدىكەن. بىزدەك مېھماندۇس خەلىقنىڭ نەزىرىدە بۇ بىر خىل پەسكەشلىك سانىلىدۇ.لىكىن مەن يەنىلا بىر كۆرۇش ئىسىتكىدە ماقۇل بولدۇم.
بىز كورىيەچە ۋە ئىنگلىزچە تىلدا كورىيە مەركىزى كېنو_ تېلىۋوزىيە بىرلەشمىسى دەپ خەتلەر ئويۇلغان بىر چوڭ دەرۋازا ئالدىغا كەلگەندە ماشىندىن چۇشتۇق. بۇ مەركەزنىڭ ئىچى بەك كەڭرى بولۇپ ئادەتتە ماشىنىلارنى خالىغانچە كىرگۇزمەيدىكەن..كورىياننا يىگىت تىزىملاش ئورنىغا كېلىش مەخسىتىمىزنى ئېيتىۋدى،،،بىر كورىيەلىك كىشى ماڭا قاراپ كۇلۇمىسرەپ قويدى،،مەنمۇ ئاڭا قاراپ باش لىڭىشتىپ قويدۇم...
__مەرھابا،،جۇڭگۇلۇق ساياھەتچى دوستىمىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. قېنى ئەركىن زىيارەت قىلىسڭىز بولىدۇ.   مەركىزى زالدا بىرلەشمنىڭ باشلىقى ماڭا شۇ سۆزلەرنى قىلدى،تەرجىمانىم مېنى بىر يەرگە باشلاپ كەلدى.يەنە كىملەر بىلەندۇر ئۆز تىلىدا ۋالاقلىدى..
__مانا بۇ سىز ئىزدىگەن كوڭجۇ_يوڭجۇلارنىڭ ئىشخانسى،ئىكەن. دىدى ئۇ ،،
ئىشخانىدا راستىلا يوڭجۇ ئولتۇرپتۇ. تۇنجى قېتىم كوڭجۇنى كۆرگەشكىمۇ ھاياجانلىنىپ كەتتىم،،ئۇ بەك چىرايلىق ،سۇباتلىق ئىدى.
__سالام سىز ئىشلىگەن كىنولارنى كۆرگەنمەن .ھەقىقەتەن ئۇستا ئەرتسكەنسىز،،،،بىزنىڭ جۇڭگۇدا سىز رول ئالغان <يەنە بىر كۆرسەم>فېلىمى قاتتىق ئالقىشقا ئېرىشتى..جۇملىىدىن بىز ئۇيغۇر كۆرۇرمەنلەرمۇ بۇ فىلىمنى بەك ياقتۇردۇق. يونجۇ كۆزلىرىنى گازىردەك يۇمۇپ كۇلدى...ۋە:
\___رەھمەت فىلمىمىزنىڭ ،جۇڭگۇ خەلقىى ۋە ئۇيغۇرلار كۆرۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرپ كۆرگەنلىكىدىن بەك خۇرسەنمەن.دېدى ئۇ
ئاڭغىچە ئىشخانىغا قۇلىقىغا ئەرجى تاقاپ ،ناخشىغا غىڭشقىنچە بىر قىز كىرىپ كەلدى.
__بۇ ياق،،كوڭجۇ بولىدۇ.دېدى يۇنجۇ.مەن ؛ئۇنىڭغا قارىدىم..كاساپەت راستىنىلا بەك گۇزەل ئىكەن..گۇزەللىك ۋە بەدەن قۇرۇلۇشى جەھەتتە ھەدسى يونجۇنىمۇ بېسپ چۇشىدىكەن..مەن ئۇنىڭغا قانداقلارچە ئۇزاق تىكلىپ قالغانلىقمنى بىلمەي قاپتىمەن
___سالام،،جۇڭگۇلۇق دوستۇم،،ياخشمۇسىز؟ بىزنى زىيارەت قىلىغىلى كەپسىزدە! ھا ھا ھا
كوڭجۇدا تارتىنش دېگەنلەر يوقكەن،،ئۇ شۇنداق دېگەنچە قولىنى ماڭا ئۇزاتتى..قولۇمنى بېرىۋتىپ ئىللىق بىر سىزىم بەدىنىمگە تارقىدىكى تەمتىرەپ قالدىم..

              .



شەبنەم ئۇيغۇر تورى مۇنازىرە مۇنبىرى

[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-05-29 19:11 چوققىغا قايتىش
nabira
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 733
شۆھرەت: 734 نۇمۇر
پۇل: 7330 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:262(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


سىزنى مۇنبەردە نېمىشقا پات-پات كۆرگىلى بولمايدىكى دېسەم ئەسلى مۇنداق ئىشكەندە ، باي بولۇش چۈشىنى چۈشەپ يۈرۈپتىكەنسىز ، ئىلاھىم، شېرىن خياللىرىڭىزىنىڭ پاتراق رېئاللىقا ئايلىنىشىنى تىلەيمەن .

Nurluk elani

ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتى ئېرىشكىنى بىلەن ئەمەس،بەلكى بەخىش ئەتكىنى بىلەن ئۆلچىنىشى كىرەك.
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-05-29 19:52 چوققىغا قايتىش
arislan.
ئالاھىدە تۆھپە

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1225
شۆھرەت: 1271 نۇمۇر
پۇل: 11950 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:410(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


پاھ تاشقىنجان، 5 مىليۇن چىقىپ قىز قوغلاپ يۇرۇپسىزدەە، مۇنداق مۇنبەردىكى بىر قېرىنداشلىرىڭىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ،
ھېكايىڭىزياخشى چىقىپتۇ، چىنلىققا ئىگە ئىكەن خۇددى راست بولغان ئىشتەكلا


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!

تارىخ بۇرمىلانغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار خاتا يېزىلىدۇ.

[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-05-29 20:02 چوققىغا قايتىش
maxali
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 383
شۆھرەت: 415 نۇمۇر
پۇل: 3374 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:129(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تاشقىن مەن ساڭا قوغدۇغۇچى بولاي،مەن ئەركىن مۇشىتلىشىشتا يىشىل بەلۋاققا ئېرىشكەن جۇمۇ.ھا،ھا،ھا، ئوبدان يىزىپسەن.


كىمكى قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۆر تېغىغا دۈچ كىلىدۇ.
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-05-29 20:13 چوققىغا قايتىش
nabira
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 733
شۆھرەت: 734 نۇمۇر
پۇل: 7330 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:262(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تاشقىن ئەجەپ ئىپادە بىلدۈرمەپتا ، قارىغاندا ئۇ سىزنى قۇغدىغۇچى قىلىشىنى خالىمايدىغاندەك قىلدۇ.

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!

ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتى ئېرىشكىنى بىلەن ئەمەس،بەلكى بەخىش ئەتكىنى بىلەن ئۆلچىنىشى كىرەك.
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-05-29 20:50 چوققىغا قايتىش
maxali
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 383
شۆھرەت: 415 نۇمۇر
پۇل: 3374 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:129(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئىپادىسىنى چ،چ دە دەپ بولدى،مۇئاشىم 2500سۇم بولدى(ئايلىقىم جۇمۇ)سۇ تاپانچىسىدىن بىرنى بىرىدىغانغا كېلىشتۇق.ھا،ھا،ھا

Nurluk elani

كىمكى قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۆر تېغىغا دۈچ كىلىدۇ.
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-05-29 21:19 چوققىغا قايتىش
matimatika

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1531
شۆھرەت: 1692 نۇمۇر
پۇل: 15330 سوم
تۆھپە: 164 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:731(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ياخشى ، ياخشى .....
ھىكايىڭىزدە < مەن > نىڭ ئىچكى ھىسسىياتى ياخشى يورۇتۇلۇپتۇ ، پىسخىك تەسۋىرلەر جايىغا چۇشۇپتۇ !
پۇلنى ئىلىپ بولاپسىز ، كىيىملەرنى ئىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇرۇمچىدىكى دوستلارنى يىغىپ بىر مىھمان قىلىۋىتىشنى ئۇنۇتماڭ .
قارىغاندا چەتئەلگىمۇ ساياھەتكە بارىدىغان ئوخشايسىز ، ھەي ، ۋىيزائالالماي ئۇرۇمچىدە جىق تۇرۇپ قالارسىزمىكىن ،ئۇرۇمچىدىكى < ئوخىخو > دوسىتلىرىڭىزمۇ بۇ پۇلغا شىرىك جۇمۇ ؟!
...................
داۋامىنى كۆرۇشكە تەشنامىز ...


Nurluk elani
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-05-29 22:10 چوققىغا قايتىش
TAXKINJAN
ئىجاتچان ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 811
شۆھرەت: 990 نۇمۇر
پۇل: 6983 سوم
تۆھپە: 154 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:291(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ ئەسەرنى يېزىشىتا بەك ئىككلەندىم،،چۇنكى بەزى ئەسەرلەرنى قىزىقارلىق قىلىپ يازىمەن دەپ قاملاشتۇرالمىساق تورداشلار ئالدىدا مازاققا قالىدىغان گەپ. لىكىن مەن يەنىلا يازىۋەردىم..بۇ ھىكايىگە بەك قاتتىق تەلەپ قويالمىدىم،،،شەبنەمدىكى دوستلارنى بىر كۇلدۇرش ياكى خۇشاللىق بېغشىلاش مېنىڭ توردىكى ئىجادىيتىمنىڭ بىر قسىمى. يۇقارىدا ئىنكاس يېزىپ مېنى قوللىغان ۋە مەدەتلەر بەرگەن دوستلىرىمغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. سەپەرىم يەنە داۋام ئەتكۇسى. ..


شەبنەم ئۇيغۇر تورى مۇنازىرە مۇنبىرى

[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-05-29 22:32 چوققىغا قايتىش
halmirat23

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 132
شۆھرەت: 133 نۇمۇر
پۇل: 1320 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:223(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


خۇدايىم بۇيرىسا مەنمۇئەتىدىن باشلاپ لاتاريە ئويناشنى باشلىمىسام .....

[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-05-29 22:35 چوققىغا قايتىش
xabnam
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 338
شۆھرەت: 395 نۇمۇر
پۇل: 1517 سوم
تۆھپە: 1000 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:249(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2005-02-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھا ..ھا... تاشقىنجان تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى ئەمدى سۈرۈپتۇ مانا !
مەن تاشقىنجاننىڭ مۇشۇنداق ھەقىقي تۇرمۇشنى يازغان ھېكايىلىرىنى ياقتۇرىمەن ، جەمئىيەتتىكى كۆپ ئىشلار ئەينەن سۈرەتلەپ بېرىلىپتۇ . ھېلىقى باشلىق ۋە غەيۋەتچى خوتۇننى ئۇرغان يەرلىرىڭىزنى ئوقۇپ ئىختىيارسىز ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ كۈلىۋېتىپتىمەن . يېنىمدىكى دوستۇمنىڭ «ساراڭ بولدۇڭمۇ ؟» دېگىنىگە بىر مۇش قوياي دەپ شۇنداق تەمشىلىپ توختاپ قالدىم ، چۈنكى ماڭا 5 مىليون چىقمىدى - دە ، ھا...ھا...پۇل خېلى قاپ يۈرەك قىلىۋېتىدۇ ھە ئادەمنى ! يەنە بەزى كىشىلەر ھەقىقەتەن مۇشۇنداق مۇكاپات چىقسا دەل مۇشۇ ھېكايىدەك ئاتا-ئانىدىنمۇ يوشۇردىغانلىرى ئېىنقلا بار .
ياپانا ! ئەمما لېكىن ھېكايىنىڭ ئاخىرى تولىمۇ قىززىيدىغاندەك قىلىدۇ ، بەكلا تەقەززا بولدۇق ، تېزراق داۋامىنى كۆرۈشكە تەشنامىز ! ئۈرۈمچىدىن يېنىپ سەپەر قاياققا ؟ ...


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!

شەبنەم ئىللىق ئائىلىمىز ، بىز شەبنەمدە كۆكلەيمىز !

[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-05-29 22:40 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3   4  >>  Pages: ( 1/4 total )

kurbanlik koy


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-16 15:11, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije