ئىراندا باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان قىز قار نىيەتنى ئۆلتۈرۈپ قويغان
بۇ دىلۇ 2005 - يىلى مارتتا يۈز بەرگەن . ئىران ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، دېلو يۈز بەرگەندە ئىرانلىق قىز نازنىن مۇھەببەت فاتىخ ئەمدىلا 17 ياشتا ئىكەن . ئەينى چاغدا ئۇ 16 ياشلىق نەۋرە سىڭلىسى سامىيەھ بىلەن تېھراننىڭ غەرىبىدىكى مەلۇم بىر باغچىدا لايىقى بىلەن ئۇچراشقىلى بارغان . باغچا چەت ھەم تىنىچ بولغاچقا ، ئۇشتۇمتۇت قەيەردىندۇر ئۈچ قارنىيەت چىقىپ كەلگەن ھەم ئۇلارغا جىنسى پارەكەندىچىلىك سالغان . نازنىننىڭ قورقۇنچاق لايىقى قىزلارغا ياردەم بەرمەكتە يوق نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن . قارا نىيەتلەر قىزلارنى تۇتۇۋېلىپ زورلۇق بىلەن باسقۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان ، نازنىن ئۆزىنىڭ پاكلىغىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىۋالغان قەلەمتۇراچنى چىقىرىپ ، بىر قارا نىيەتنىڭ قولىغا تىققان ، ئۇلار قېچىپ كېتىۋاتقاندا ، قارا نىيەتلەر قوغلاپ يېتىشىۋالغان ، مۇشۇنداق ھالقىقىق پەيىتتە نازنىن قارشىلىق كۆرسىتىپ بىر قارا نىيەتنىڭ كۆكرىگىگە پىچاق تىقىۋەتكەن . ساقچىلار دېلودىن خەۋەر تېپىپ يېتىپ كەلگەندە پىچاق يىگەن قار نىيەت جان ئۈزگەن . بۇ تىپىك يوللۇق قوغدىنىشقا كىرىدىغان دېلو بولسىمۇ ، بىراق بۇلتۇر 3 - يانۋار سوت نازنىنغا قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزدى ، دەپ ئۆلۈم جازاسى بەرگەن . ئىران جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 16 - ماددىسىدا : << ئوغۇللارنىڭ يېشى 15 تىن ئاشسا ، قىزلارنىڭ 9 ياشتىن ئاشسا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بولىدۇ >> دىيىلگەن . مەركۈز قانۇننىڭ 14 - مادىسىدا : << يوللۇق قوغدىنىشنى ئېتىبارغا ئېلىشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق >> دىيىلگەن .
ئىراننىڭ مەزكۈر قانۇنىغا ئاساسلانغاندا ، ئادەم ئۆلتۈرگەن قىزغا ئۆلۈم جازاسى بەرسە بولىدىكەن ، بىراق قىزنى ئۆلتۈرگەن قاتىلغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدىكەن ، چۈنكى ئەرنىڭ جېنى قىزلارنىڭكىدىن قىممەتلىك بولىدىكەن . يېقىندا نازنىن قەسەم قىلىپ : كىشىلەرنى ئۆزۈمنى قۇتقۇزۇشقا سەپەرۋەر قىلىمەن ، بۇنىڭدىن قەتتى ۋاز كەچمەيمەن دىگەن . ھازىر 300 مىڭ قۇتغۇزغۇچى ئىران ھۆكىمىتىگە مۇراجىئەت قىلىپ نازنىننى گۇناھسىز ، دەپ قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ، ئىران ھۆكىمىتىگە بېسىم قىلماقتا ئىكەن .
مەنبە : قانۇنچىلىق گېزىتى
تەستىقلىغۇچى: چىن مودەن