QUOTE:
بۇ مەزمون 0 جى قەۋەتتىكى baxkan نىڭ 2007-05-20 14:27 دە يوللىغان يازمىسى“ماڭا ياردەم قىلغۇڭلار بارمۇ؟”:
(1) ھۆرمەتلىك شەبنەم تور بىكىنىڭ كەڭ كۇلۇب ئەزالىرى،ياخشى مۇسىلەر،مەن ئۆتكەندە سىلەرگە ئۆزۈمنىڭ خەنزۇتىلى ئۈگۈنۈش ھەققىدىكى قىينالغان ،ئوي-پىكىر لىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ سىلەردىن ياردەم سورىغان ئىدىم،نۇرغۇنلىغان كۇلۇپ ئەزالىرى مەڭا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە پايدىلىنىش قىممىتى بولغان ئۇسۇل،چارە،ھىسداشلىق سۆزلرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ،مەن بۇنىڭدىن ناھايتى خۇشال بولدۇم،شۇنداقلا مىنىڭ بۇ تىمامنىڭ ناھايتى تىزلا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىدىن ناھايتى خۇشالمەن،گەرچە مەن بۈگۈن خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىنى ياخشى بىرەلمىگەن بولساممۇ لىكىن نۇرغۇنلىغان دوستلارنىڭ تەسەللى سۆزلىرىنى كۆرۈپ ئۆزۈمگە تەسەللى تاپتىم،بولدىلا،ئۈگىنەي،داۋاملىق ئۈگىنەي،چوقۇم نەتىجە قازىنالايمەنغۇ دىگەن ئۈمىدگە كەلدى،ئىشەنچىم بارغانسىرى ئاشىتى،رەھمەت،شۇڭا دوستلارنىڭ بۇ جەھەتتە ماڭا قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ ياردەم بەرگەنلىكىگە،
كەڭ كۇلۇپ ئەزالىرىدىن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالاي،مەن قايسى كۈنى تور غا چىققاندا مەن يوللىغان تىمىلاردىكى خەت نورمال كۆرۈنمەي ،بەكمۇ كەمتەك كۆرۈنۈپ چۈشىنىشكە قولايلىق بولمىدى،مەن تىما يوللاي دىسەم ئۇيغۇرچە خەت يازغىلى بولمايۋاتىدۇ،شۇڭا شەبنەم مۇنازىرىسىدىكى يولداشلاردىن سورايدىغىنىم،ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى مەن تور غا چىققان كومپيۇتېردا بولۇش زۇرۈلمۇ؟ياكى باشقا سەۋەبى بارمۇ؟سەۋەبى بولسا ماڭا ياردەم قىلىپ بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇرۇپ بەرسەڭلار؟
ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ تىنڭلارنىڭ سالامەت،تۇرمۇشىڭلارنىڭ خاتىرجەم،خىزمىتىڭلارنىڭ ئۇتۇغلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن .
(2) مەن 2007-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كومپيۇتېر سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئىدىم،بىراق ھازىرغىچە ئىمتىھان نەتىجەمنى سۈرۈشتۈرەلمەي قالدىم،باشقىلاردىن توردىن سۈرۈشتە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم،لىكىن مەن بىر قانچە كۈن ئۇدا تور غا چىقىپ مۇناسىۋەتلىك تور بەتلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق نەتىجەمنى سۈرۈ شتە قىلالمىدىم،كەڭ كۇلۇب ئەزالىرىنىڭ بىلىدىغانلىرى بولسا ماڭا ياردەم قىلىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
(3) مەن سىلەرنىڭ كۇلۇبىڭلارغا بەشكەن دىگەن ئىسىم بىلەن تىزىملاتقان ئىدىم،لىكىن ھازىر مەن بۇ ئسمىمنى بەشكەن دىيارى دەپ ئۆزگەرتمەكچى ئىدىم،سەۋەبى بەشكەن -مىنىڭ تۇغۇلغان يىرىمنىڭ ئىسمى ئىدى،ئويلاپ باقسام بەشكەن دىسە ھىچقانداق مەنىنى ئىپادىلمەيدىكەن،باشتا ئويلىماپتىمەن،شۇڭا تولۇق قىلىپ بەشكەن دىيارى دەپ ئاتاي دىگەن،شۇڭلاشقا مۇمكىن بولامدۇ-بولمامدۇ؟بولسا ماڭا ئۇسۇلىنى دەپ بەرگەن بولساڭلار؟
.......