| ||||||||||
boraogli دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بۇ نىمىدۇ ئەمدى ؟(چولپانلىرىمىزغا چاقچاق)جۇدا: ۋاي-ۋۇي،يەنە سىزكەنسىزغۇ،ئەستەخپۇرۇللا يەنە ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ.
بۆرە ئوغلى :كەپ قالدۇققۇ جۇداجان بىردەم مۇڭداشقاچ بىر نىمىلەرنى كۆرسىتەي دەپ. جۇدا؛ جۇدالا دەڭە بولدى سوزۇپ جۇداجان دەپ چاقىرماي. بۆرە ئوغلى:سىزمۇ جۇدا دەپ قويىۋالغۇچى چىكىتنى ئۈستىگىلا ئېلىپلا خۇدا دەپ قويىۋالسىڭىز بولمامدۇ. جۇدا:بولدى قىلىڭە يوقىلاڭ گەپنى قىلماي، نىمىتى ئۇ كۆرسىتىدىغان. بۆرە ئوغلى:شېئىر. جۇدا:ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئېتوتلىرى قاتتىق تەسىر قىلدىمۇ سىزگەنىمۇ؟ناخشا ئوقۇسا ،ناخشا ئوقۇيمەن دەپ ،شېىر تەرجىمە قىلسا،شېىر تەرجىمە قىلىمە دەپ ئاۋارە قىلغانتىڭىز ،ئەمدى شېئىر ئوقۇيدىكەنسىز-دە. بۆرە ئوغلى:ۋاي-ۋۇي ئاڭلامسىز-ئاڭلىمامسىز ئاڭلىمىسىڭىزمۇ ئوقۇماي قايتمايمەن. جۇدا:كەچكىچە قاملاشمىغان بىرنىمىلەرنى كۆتۈرۈپ كېلىپ،نىمە توغۇرۇلۇق؟ بۆرە ئوغلى:ئارتىسلارغا ئاتاپ شېئىرىي چاقچاق يېزىۋاتىمەن. جۇدا:ھەي،ئاشۇ قاملاشمىغان نەرسىللىرىڭىز ئۇلارنى تېرىكتۈرپ قويسا قانداق قىلىسىز؟ بۆرە ئوغلى:ۋاي-ۋۇي،ھەممە ئادەم سىزما ئىشىكتىن كىرە-كىرمەستىن تېرىكىپ سۆزلەپلا كېتىدىغان. جۇدا:ئوقۇڭ ئەمسە. بۆرە ئوغلى:كىمگە؟ جۇدا:ئۇنىمۇ مەن دەپ بىرەمدىم؟ بۆرە ئوغلى؛دەۋىرىڭ نەق مەيداندىلا بىر تەرەپ قىلىۋىتىمەن. جۇدا: قېنى ئابدۇللاغا. بۆرە ئوغلى:ئاڭلاڭ ئەمسە، ناخشىسىيۇ -ناخشىسى، ئابدۇللانىڭ ناخشىسى. يەنە بولسا ئاڭلىساق، ناخشىلارنىڭ ياخشىسى. جۇدا:ئابلەت ئابلىكىمگە. بۆرە ئوغلى: كېلىۋىلىپ چوڭ شەگە، ئەمدى يايراپ يۈرەمسىز. بىكار ۋاقىت چىقسىلا، سېرىك ئويناپ تۇرامسىز. جۇدا:خالمۇرات ئۆمەرگە بۆرە ئوغلى: «يوقاپ كەتتىڭ» دەپ قويسا، تېلىقتۇردۇڭ قانغۇچە. ئېلى خولۇق-دە ئۆزۈڭ، تىرنىقىڭدىن قانغىچە. جۇدا: ئادىل مىجىتقا بۆرە ئوغلى: مۇز چىرايمۇ كۆرسىلا، كېلىدىكەن كۈلگىسى. شۇڭا دەيمىز بىز سېنى، ئېتوتچىنىڭ ئۈلگىسى. جۇدا:دىلشات رايىدىنغا بۆرە ئوغلى: يەتتە تىلدا ئېيتقانتىڭ، ھوزۇرلىنىپ ئاڭلىدۇق. ئېيتىپ تۇرغىن داۋاملىق، تېخىچە بىز قانمىدۇق. جۇدا:ئابلىكىم كەلكۈنگە بۆرە ئوغلى: ئۇزۇن بولدى كۆرمىدۇق، «چايخانىدا»يۈرەمسىز. چايخانىدىن زېرىكىپ، مەيخانىدا يۈرەمسىز. جۇدا:ئابدۇكىرىم ئابلىزگە بۆرە ئوغلى: نىمە تولا ھەۋەس بۇ؟ ھەۋىسىڭدىن يانمىغىن. خەلىق مۇھتاج كۈلكىگە، سەھنىلەردىن تانمىغىن. جۇدا:بولدى تورداشلاردىن ئەسەر يېغىپ كەتتى ۋاختىدا بىر تەرەپ قىلمىساق بولمايدۇ،بۈگۈنچە قايتىپ تۇرۇڭ،باشقا كۈنى پاراڭلىشارمىز . بۆرە ئوغلى: خوش ئەمسە ئاۋارە قىلىپ قويدۇم كەچۈرەسىز. فىرقەت تەستىقلىدى | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى : |
SIRDAX0998 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | بولۇپ قويىدىغان چاقچاق بوپتۇ.... تېخىمۇ تىرىشىڭ قېرىندىشىم !
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
HANJAR88 دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | ھاھاھاھاھا نىمىدىگەن ماسلاشقان سۈزلەر بۇ
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
maxali | نىمە دىگەن كەلتۇگەن.ھەممىسىنىڭ مىجەز خۇلقى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۇپتۇ.يانا بولسا يوللاپ تۇرارسىز.
سىز ئارشاڭدىن كىمگە ئۆيلەندىڭىز.29ياشتىن تۆۋەن بولسا تونوماسلىقىم مۇمكىن،لىكىن ئاتا-ئانىسىنى تونۇيمەن.چچ409371018ئالا قىلىشىپ تۇرايلى.ھەي ،ھەي ياشلىغىم گۈزەل ئەسلىمەم قالغان مېھرى ئىسسىق ئارشاڭ. | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
matimatika | بۇ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىڭىز ئۆزگىچە بوپتۇ .......
تىمىڭزنى ئوقۇپ شۇنداق خۇرسەن بولدۇم ، ئىچىمدە بىر ھازا كۇلىپتىمەن ، تەسەۋۇرغا بايكەنسىز ! مۇشۇنداق ياخشى تېمىلىرىڭىزغا تەشنامىز ، رەخمەت ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Biperwa | ۋوي يىڭلىققۇ بۇ ، بۇمۇ بىر ئۇسلۇپ بوپتۇ .....جۇدائەپەندى بىلەن (ئابىدىكىرەم ئابىلىز تۆمۇرخان روزى دەكلا) قاملىشىپسىز..........مەنمۇ كۇلۇپ كىتىپتىمەن ......ھارمىغايسىز ........مەنمۇ ئۇگۇنۋالدىم .....ۋاقىت چىقسا ئوبدان ئولتۇرۇپ تازا قىززىق قىلىپ بىرنى يىزۋەتمىسەم ....
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
haloy8488 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | رەخمەت سىزگە ناھايتى مول مەزمونلۇق بۇلۇپتۇ .باشقىلارنى كۇلدۇرۇش بىلەن شېئىر ئۇسلىبىڭىز ناھايتى ماسلىشىپتۇ .تېخىمۇ تىرىشىڭ ھەمدە بىزگە ئۈلگە كورسىتىڭ .
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
etribe | بەكمۇ قىزىقارلىق ئىكەن!داۋاملىق قىزىقارلىق تېمىلار بىلەن تەمىن ئەتكەيسىز!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ERPAN16 دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | بەك قاملىشىپتۇ ،بولسا داۋاملىق ئەۋەتكەيسىز
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
Juda | ھا...ھا.... بۆرە ئوغلى ئەپەندىم ، سىز ئابدۇكېرىم بولسىڭىز مەن تۆمۈرخان بولۇشقا تەييار جۇمۇڭ !
يېڭى ئۇسلۇپ دېگەن مانا شۇ -دە ! بەكمۇ كەپتۇ چاقچاق! ئوقۇپ تازا بىر ھوزۇرلىنىۋالدىم . تېمىنى قايتا تەھرىرلەپ رەڭ بېرىپمۇ قويدۇم تېخى . قەلەمكەشلەر شەبنەمدىنلا چىقىدۇ زادى ! ئاپىرىن ! شېئىرنى ئېتوت شەكلىدە يازسىمۇ ياخشى چىقىدىكەن مانا ! مۇشۇنداق نادىر تېمىلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ! ھارماي ماسلىشىمەن ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
dil-rus | boraogli
كۈلدۈرگە ئەسىرىڭىزگە رەھمەت . يەنە بولسا داۋاملىق . كىتاپ ساندۇقىدا كۈكۈرۈپ قالىدۇ بولمىسا | ||||
---|---|---|---|---|---|
bir~dil دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | توۋا ،، چولپانلار ئۇۋسى چۇگۇلۇپ كەتىمۇ نىمە ، نەخ ،،..،،..،، داپ كەنسىلەن جۇما ،، بورە .. پورە كۆمۇر تومۇر ،،دىگەنلەرنىڭ جۇدىنى خېلى ئۆرىلەپتۇ ..قىيامەت قايىم بولامدۇ نىمە ،،ھايۋانلار ماددىلار زۇۋانغا كەلگەن بۇ زاماندا ..
ئىجادىيىتىڭىز قىيامەتكىچە چارچاپ قالمسۇن ،قېرىدىشىم ..كىرىشىپ تىرشىڭ شۇ ۋاقىتىلا ئۆزىڭىزنى كۆپكە تونىتالاي سىز ..قېرىندىشىم .ھارماڭ ھە .سوكىلداپ مېڭىم يولدا يولۋاسقا تۇتۇلۇپ قالماڭ يەنە ، دىقەت بىلەن سوكۇلداڭ قېرىندىشىم .ھەر نىمنىڭ قانۇنى بار . | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
kuzyixim دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ياىشى يىزىپ سېز تىخىمۇ تىر شىڭ .ئەزىز قەرىندىشىم
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
uyghurxamili دەرىجىسى :دائىملىق ئەزا | خېلى ياخشى يېزىلىپتۇ ~~~~~~~~~~~` ھارمىغايسىز~~~~~~~~~~~~~~~~`
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
boraoghli دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەبنەم مۇنبىرىدىكى قېرىنداش دوسلىرىم....كەيپىڭلارنى ئۇچۇرۇپ قويۇشنى خالىمايتىم```لېكىن سەل ئاچچىغىم كېلىپ قالدى.......ماۋۇ<بۆرە ئوغلى> دېگەن ئاداشنىڭ كىملىكىنى بىلمەيمەن```لېكىن بۆرە ئوغلى دېگەن نامىنى نېمىشقا ئىشلىتىۋالغانلىقىنى پەقەت بىلمىدىم```بۆرە ئوغلى دېگەن بۇ نامنى تەخەللۇس قىلىپ ئىشلىتىۋاتقىنىمغا بىر نەچچە يىل بولۇپ قالدى،ئۆزۈم ئانچە مۇنچە شئېر يرېزىپ قويغاچقا ئاتا بوۋىلىرىمىنىڭ ئىزىدا ماڭاي دەپ مەنمۇ تەخەللۇس ئويلىشىپ ئاخىرى بۇ ئىسىمنى ئويلاپ تاپقان ئىدىم...لېكىن بۇ ئاداشنىڭ ئىسمىمنى سۈيئىستىمال قىلغىنى پەقەت قاملاشماپتۇ````بەلكىم مېنىڭ ئىسمىمنى بەزى مۇنبەرلەردە كۆرۈپ ياقتۇرۇپ قالغاندۇ```لېكىن قوللىنىش نىيىتى بولغان تەقدىردىمۇ ماڭا ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك ئىدى...ئۆزۈ تولاراق سەلكىن مۇنبىرىدە پائالىيەت قىلىمەن```ئەزىز تورداشلانىڭ توغېا چۈشىنىشىنى تېما ئىگسىنىڭمۇ بولسا ئۆزىگە باشقا ياخشى ئىسىملارنى تېپىسشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمۈد قىلىمەن.ھەممىمىز بىر قەۋىمنىڭ قېرىنداشلىرى بولغاندىن كېيىن بىر بىرىمىزنى توغرا چۈشەنسەك،ئارتۇقچە خاتا چۈشىنىشلەردىن خالى بولسا.`
ئاخىردا ھەرقايسىڭىزلارغا ئاراملىق تىلەپ سۆزىمىنى ئاخىرلاشتۇراي! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
830 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | تىما ئىگىسى (بۆرە ئوغلى )يوقارقى بەتتىكى (بۆرە ئوغلى )ئاكىمىزنىڭ دىگىنىنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ!!بولسا چ چ دا سۆزلىشىڭلار!!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
roxangul2 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | خىلى ياخشى يىزىلىپتۇ، داۋاملىق مۇشۇنداق مەزمۇنلارنى كۆپرەك يوللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
muz512 دەرىجىسى :يېڭى ئۆگەنگۈچى | ئابلكىم ئاكامغا يېزىلغىنى قاملاشماپتۇ.يولىدا چاقچاق قىلىڭ.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gul-sanam توغراق قىزى | تەساۋۇرغا باي ئىكەنسىز .........ياخشى چىقىپتۇ ، يېزىش ئۇسلۇبىڭىزمۇ ئوزگۇچە ئىكەن ،سىزگە رەىمەت ھارمىغايسىز
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
boraogli دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | كەچۈرۈڭ بۇ بىر تاساددىپىلىق ،مەن سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى بىر يەرلەردىن كۆچۈرۈپ ئەككەلۋالغىنىم يوق، مەنمۇ يولداش ئەسەد سۇلايماننىڭ « ئۇغۇرلاردا توتېم مەدىنىيىتى»دىگەن كىتاۋىنى ئوقۇغاندىن كېيىن قوللانغان ئىدىم،مۇشۇ ۋاققا كېلىپ سەلكىنگە كىرىپمۇ باقمىدىم،بۇ بىر ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ . لېكىن سىزنىڭ ئىسمىڭىزدا بىر «خ»ھەرىپى ئارتۇق ئىكەن ،مەن بۇ يىل بىرىنچى ئاينىڭ ئوتۇرلىرىدا ئەزا بولۇپ شەبنەمدە ئانچە-مۇنچە بىر نىمىلەرنى يېزىپ ئىلان قىلىپ كېلىۋاتىمەن،ئەپسۇس شۇ ۋاقىتتلاردا كۆرگەن بولسىڭىز بەكمۇ ياخىشى بولاتتىكەن، ئاخىرىدا سىزدىن تۆۋەنچىلىك ئۆزرىخالىق سورايمەن.
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|