پەرمان
يۇلغۇن
كېلەر ئەتە تەشكۈرۈش يۇل-يوللارنى تازلاڭلار.
ساقال –بۇرۇت ئېلىنسۇن ، چېچىڭلارنى تاراڭلار.
دەرۋازاڭلار ئالدىغا گۈل تىزىڭلار قاتارى،
راست گۈلىڭلار بولمىسا يالغىنىدىن ئېلىڭلار.
تاقىۋالسۇن بوۋايلار يانتىلفۇن ھەم گىلاستۈك،
ئەتىر چېچىپ خۇشپۇراق ،ئوسما قويسۇن مومايلار.
كىرسۇن بايرام تۈسىگە ھەممە ئەتراپ، ھەممە جاي،
كىيىنىڭلار يىپيېڭى ھىجىيىڭلار ،كۈلىڭلار.
تاڭ ئاتقىچە بۇ يەردە بىرمۇ نامرات قالمىسۇن،
كىگىز، پالاس ئورنىغا زىلچا، گېلەم سېلىڭلار.
رۇخسەت يوقتۇر ھەرگىزمۇ كېسەل بولۇپ قېلىشقا،
چۈشكەنلەرمۇ سەكراتقا بىر كۈن ئۆلمەي تۇرىڭلار.
ئەھۋال سورسا باشلىقلار داتلىماڭلار ھەرگىزمۇ،
ئۈگەتكەننى بىرمۇ-بىر شاتۇتىدەك يادلاڭلار.
‹‹كۆرسەتمىگىن داداڭغا ئاناڭنىمۇ پەردازسىز،››
دېگەن ھېكمەت بار بىزدە ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭلار.
تاناۋىڭلار قىرىقگەز چىقارساڭلار چاتاقنى،
تۇخۇم نازۇك تاش بىلەن ھەرگىز سوقاش سالماڭلار.
‹‹سۇ كېتىدۇ تاش قالار،ئوسما ئۆچەر قاش قالار،››
ئۇزاپ كېتەر تەشكۈرىش ،بىز قالىمىز بىلىڭلار.