Quote:
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت gujamniyaz كە 2009-06-21 12:12ئەۋەتىلدى :
خېتىڭىز ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ. تەكلىپ:ئىملاغا ئەھمىيەت بەرسىڭىز.
مەسىلەن:مىۋىسى ئەمەس، مېۋىسى؛ ھەركەت ئەمەس، ھەرىكەت دەپ يېزىلىشى كېرەك ئىدى. (شەخسىي قارىشىم) قالغىنىنى كۆپچىلىك ئايرىسۇن. خاپا بولۇپ قالماڭ يەنە.
شۇنداق، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ئىبارىلەرنى تولىمۇ نەپس ئىپادىلەپسىز! بەدئىي ماھارىتىڭىزگە ئاپىرىن!
ھۆسن خەتتىلا ئەمەس، ئادەتتىكى يازمىلاردىمۇ ئىملاغا دىققەت قىلىش-بىزدىكى يۈكسەك مەسئۇلىيەت! شۇڭا، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ئىملاسىغا يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىڭ!
gujamniyaz كۆرسىتىپ بەرگەندىن باشقا، ‹‹بەركەت››سۆزىمۇ ‹‹بەرىكەت››دەپ يېزىلسا، ئاندىن توغرا بولىدۇ. ئاندىن‹‹مەنىسىز ئۆمۈر-دات باسقان تۆمۈر›› دەپ سىزىقچە ئارقىلىق ئىپادىلەنسە، نۇقسانسىز بولىدۇ! كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي!