ئۇيغۇر خەلقى ئۇزلىرىنىڭ كۆپلىگەن مەشھۇر سىياسونلىرى،ئالىملىرى،مەدەنىيەت ھەم جامائەت ئەربابلىرىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە دۇنياۋى رىكورتلارنى ياراتقان چىمپىيونلارغىمۇ ئىگە!
دارۋازلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەركەت تۈرلىرىنىڭ بىرسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ،ئادىل ھوشور،ئەسقەر قاتارلىق پەخىرلىك ئوغلانلىرى دۇنيا جىنىس رىكورتى يارىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار غا زور شان_شەرەپ ئىلىپ كەلدى!
بۇلاردىن باشقا مىسالغا ئالساق (قۇملۇق مەلىكىسى)زۆھرەگۈل،مارافونچە يۇگۈرۈش چىمپىيونى نۈرگۈل ساۋۇت،بوكىس ماھىرلىرىدىن ئابدۈشكۈر،ئابدۇراھمان،ئەكرەم،ۋاسكىتبول ماھىرى ئادىلجان قاتار لىق ئەلسۆيەر ئوغۇل قىزلىرىمىزمەەملىكىتىمىز ئىچى سىرتىدا مىلەتكە ۋەتەنگە زور شان شۆھرەت كەلتۈردى!
بۇلاردىن سىرىت بىزگە تازا مەلۇم بولمىغان،مەملىكىتىمىز سىرتىدا ياشاپ ئۆتكەن خەم ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزمۇ ھەرزامان ھەر يەردە مىللىتىمىزگە تۆھپە قوشماقتا،بۇلار دىن چامباشچىلىق ماھىرى ھىيتاخۇنۇپ ئامىرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدا چىمپىيون بولغان.زاكىر توختىيىۋ،ئەخمەتچان قاتارلىقلارمۇ بىر قانچە قىتىم تايلاندچە بوكىس دۇنيا چىمپىيونى ئاتالغان،
70-80-يىللاردا بولسا ئابدۇراھمان ئىسىملىك ئۇيغۇر ئوغلى ئۇزۇن مەزگىل سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ چىمپيۇنى بولغان.
ئالاھىدە تىلغا ئىلىشقا تىگىشلىك بولغان كىشى 50-يىللاردا دۇنيا ئولىمپىك چىمپىيونۇ بولغان مەخمۇت ئۆمەرۇپ بولۇپ،ئۇ قارىغا ئىتىش تۈرىدە دۇنيا ئولىمپىك چىمپىيونى بولغان.(مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان تۇنجى ئولىمپىك چىمپىيونىدۇر.)
يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار،قازاقىستان،قىرغىزىستان قاتارلىق يەرلەردىن ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە كىلىپ ئولتۇراقلاشماقتا،بەلگىيەگە كىلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارمۇ خىلى كۆپ بولۇپ يىقىندا بىلگىيە مەتبۇاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە قازاقىستاندىن بىلگىيە گە كىلىپ ئولتۇراقلاشقان17ياشلىق ۇيغۇر يىگىتى رۇسۇل زىياۋىدىنوپ ياشلارنىڭ بوكىس مۇسابىقىسىدە بىلگىيە چىمپىيونى بولغان.
مەنبە:
http://www.anatuprak.com/bbs/read.php?tid=67