سىز بۇ تېمىنىڭ 437 - كۆرۈرمىنى
arzul01
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تېما چولپىنى


UID نۇمۇرى : 32517
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1034
شۆھرەت: 1250 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 28675 سوم
تۆھپە: 40 نۇمۇر
ياخشى باھا: 110 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1893(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 ئۇيغۇرلاردا ئات مەدەنىيىتى


                ئۇيغۇرلاردا ئات مەدەنىيىتى



ئات ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئات ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆندۈرۈلگەن .
ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ئەڭ قەدىمكى خەلقلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلار ئاتنى كۆندۈرگەندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ ماددىي، مەنىۋىي، ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولدى. ئۇلار ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ، ئۇرۇش، قاتناش، ئەدەبىيات - سەنئەت ، تەنتەربىيە قاتارلىق تەرەپلەردە ئاتنىڭ ۋاستىسى بىلەن پارلاق مەدەنىيەت ئىزلىرىنى قالدۇردى. بۇ ئىزلار خەلق ئەپسانە - رىۋايەتلىرىدە، چۆچەك، مەسەللىرىدە، قىياتاش تەسۋىرىي سەنئىتىدە ۋە ئارخېلوگىيىلىك تېپىلمىلاردا ، تارىخىي يازما ىاتىرىلەردە ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى.
شەك - شۈبھىسىزكى، قەدىمكى زاماندىن تارتىپ ئاتنى ئۆزىنىڭ يېقىن ھەمراھى قىلىپ   ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى تارىخى ئات بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان، ئاتقا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان. بۇ مەنىدىن ئالغاندىمۇ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 1000 يىللار ئىلگىرىلا « ئەر قانىتى ئات » دېگەنگە ئوخشاش ماقال - تەمسىللەر ، ئاتقا باغلانغان نۇرغۇن ئەپسانە - رىۋاياتلەر مەيدانغا كەلگەن.جۈملىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇر ئاتلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدا ناھايىتى ئەتىۋارلانغان.
بىز تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن خەزنزۇ شائىرى خۇا رۈي خانىمنىڭ ئوردا ئەھلىنىڭ دېكابىردىكى چىللە سەيلىسىگە چىققانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان « قەسىر بەزمىسى » دېگەن شېئىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

شاھىمىز چىقماقچى چىللە - نەزرە ، ئايەم قىلغىلى،
بىللى چىقماقچى خېنىملار، بەلگىلەندى ئاۋۋىلى.
مىنگىنى ئۇيغۇر ئېتى، ئۇيغۇر لىباسى كىيگىنى،
بۇ لىباستا جىلۋى قىلدى تال - چىۋىقتەك بەللىرى

ئات ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرىپىگە غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلدى.
  ئىنسانلار دەسلەپتە ئوۋچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرگەن. ئاتلىق ئوۋ ئوۋلاش، ئوقيا ئېتىش، ئۇسۇلىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ئوۋچىلىق تۇرمۇشىدا دەۋر بۆلگۈچ ئىش بولدى. قەدىمكى ئۇيغۇرلار ياشىغان رايونلاردا ئوۋچىلىق تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن  قىياش رەسىملىرى خېلى كۆپ.
ئاتقا مېنىش ھۈنىرى كۆچمەن خەلقلەر تۇرمۇشىغا غايەت زور ئىلگىرلەشلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار ئاتقا مېنىپ، نەچچە مىڭ تۇياق مالنى بىمالال باشقۇرالايدىغان بولدى. ئاتنىڭ ئۆزىمۇ ئۆي ھايۋانلىرى تەركىبىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىدى.
ئۇيغۇر خانلىقلىرىمۇ چارۋىچىلىقتا ئات بېقىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان ئىدى. بۇنى تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئوتتۇرسىدا بىر ئەسىر ئەتراپىدا داۋاملاشقان ئات سودىسىدىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ.بۇ سودىدا ئۇيغۇر ىانلىرى ئات، تاڭ سۇلالىسى يىپەك چىقارغان، بۇنى تاڭ شائىرى بەي جۈيى « چوغاي يوللىرى » ناملىق شېئىرىدا مۇنداق تەسۋىرلىگەن:

چوغاي يولى، چوغاي يولى ، بۇ ئۇزۇن يوللار،
قارا دۆڭنىڭ سۈيى ئەلۋەك، بۇلاق قاينايدۇ.
ئۇيغۇر ئەھلى ئات ساتقىلى كەلسە ھەر قېتىم،
بۇ يوللارنىڭ بويلىرىدا گىياھ قالمايدۇ.


ۋاڭ يەندې يازغان « ئۇيغۇر ئىلىگە ساياھەت خاتىرىسى »  ناملىق مەشھۇر كىتابىدا بېشبالىقنىڭ چارۋىچىلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، ئاتلارنىڭ ئايرىم - ئايرىم رەڭ، ئايرىم - ئايرىم جىنىس بويىچە توپلارغا ئايرىلىدىغانلىقىنى ، ھەر كىم ئۆز ئاتلىرىغا شەكلى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان تامغىلارنى باسىدىغانلىقىنى ، بۇ ئاتلار بىر - بىرىگە ئارىلىشىپ كەتسە، تامغىغا قاراپ تونىۋالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە يازىدۇ.
چارۋىچىلىق ئىگىلىكىدە ئاتنى كۆپلەپ بېقىش بىلەن بىللە، ئاتنىڭ ياخشى سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە، ئاتنىڭ نەسلىنى ياخشىلاشقىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنگەن.
« تۈركىي تىللار دىۋانى » دا « ئارغۇن، شالغۇت - ياۋا ئايغىر بىلەن ئۆي بايتىلىدىن تۇغۇلغان ئات . بەيگىدە كۆپىنچە مۇشۇنداق ئاتلار ئۈزۈپ چىقىدۇ » دېگەن مەلۇمات بار. كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە ئات باقىدىغانلار ئۈچۈن ئەمەل - مەنسەپ تەسىس قىلىنىپ، مىراخورلار مەيدانغا كەلگەن。
ئاتنىڭ كۆندۈرىلىشى ئۆز نۆۋىتىدە دېھقانچىلىق تەرەققىياتىغىمۇ تۈرتكە بولدى. نوقۇل ئادەم كۈچىگە تايىنىشتىن ھايۋان كۈچىگە تايىنىشقا يۈزلىنىش دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ئىسلاھات ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىسلاھاتنىڭ تۈرتكىسىدە دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىر - بىرىنى ئىلگخرى سۈرىدىغان بولدى.
گېرمانىيە ئالىمى ئا . ۋ .  گابائىن خانىم ئۆزىنىڭ « قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى » ناملىق ئەسىرىنىڭ ب« ماددىي مەدەنىيەت » بابىدا : » ئۇيغۇرلار ئات بېقىشقا تولىمۇ ھېرىسمەن ئىدى، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئات تۇرىدىغان ئېغىللىرى بولاتتى، ئۆيلىرىنىڭ تېگى تاختايلىق ئىدى، گىلەم سېلىناتتى « دەپ مەلۇمات بېرىدۇ.
ئاتقا مېنىش ماھارىتىنىڭ ئىجات قىلىنىشى بىلەن ئاتنى مېنىشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىگەر - توقۇم ، يۈگەن، قامچا قاتارلىقلارنى ياسايدىغان مەخسۇس ھۈنەر - كەسپ مەيدانغا كەلدى.ھەركىم ئۆزىنىڭ ئېتىنى ھەشەمەتلىك جابدۇشقا تىرىشتى. كېيىنچە ھارۋىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى بىلەن ئاتنى ھارۋىغا قاتقاندا لازىم بولىدىغان بىر بۆلەك جابدۇقلار مەيدانغا كەلدى. بۇ خىل ئەھۋال ئاممىۋى ھۈنەر - كەسىپ ئادەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى。
  ئاتنىڭ جەڭدىكى رولى تېخىمۇ قالتىس بولدى. ئىنسانلارنىڭ ئاتلىق جەڭ قىلىشى ئىنسانلار تارىخىدا زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى، ئاتلىق قوشۇن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇپ قالدى.
ئۇيغۇر خانلىقلىرىنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرىنىڭ باتۇرانە ئۇرۇشلىرى ، ئۆچمەس تۆھپىلىرى ھەققىدە يەنە مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرىدىن ، قوليازما ۋە رىۋايەت، چۆچەكلەردىن نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. ئاتنىڭ ئۇرۇشتىكى ئاجايىپ قۇدرىتى ۋە تۆھپىسىنى تونۇغان ئۇيغۇرلار ئاتنى ئۇرۇش تەڭرىسى سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلغان.
تۈمەنلىگەن قوشۇنلار نەچچە يۈز چاقىرىملىق جايلارغا بېرىپ ئۇرۇش قىلىشتا ۋە ئۇرۇش لازىمەتلىكلىرىنى توشۇشتا يەنىلا ئاتنى قاتناش ۋاستىسى قىلغان. ئمېرىكىلىق ئىساك ئاسىموۋ « قاتناش ئىنقىلابى » ناملىق ماقالىسىدە « ئاتتىن قاتناش قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىش مىلادىيىدىن 2000 يىللار ئىلگىرىلا ئوتتۇرا ئاسىيادا ، بولۇپمۇ شىنجاڭدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، 4000 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى ئات قۇرۇقلۇقتىكى ئاساسىي قاتناش قورالى بولۇپ كەلدى» دەپ يازغان. ئارىلىق ئۆلچەملىرىدە « بىر ئات چاپتۇردۇم » ، « ئاتلىق بىر كۈنلۈك يول » ، « ئاتلىق بىر ئايلىق يول » دېگەندەك ئىبارىلەرنىڭ ھازىرغا قەدەر قوللىنىلىشىمۇ ئاتنىڭ ئىلگىرى ئىنتايىن مۇھىم قاتناش قورالى ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ، دېمىسىمۇ  ئات ھازىرمۇ  ئىشلىتىلىۋاتقان قاتناش قورالىدۇر
ئۇيغۇرلار قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان تەنتەربىيەسى تەركىبىدە ئوقيا ئېتىش، چېلىشىش، دارۋازلىق، جانبازلىق قاتارىدا ئات ئۈستى ماھارىتى ، ئات ئۈستىدە ئوقيا ئېتىش، ئات بەيگىسى، چەۋگەن، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەپ كەلگەن ھەم كەلمەكتە. « قۇتادغۇبىلىگ » داستانىدىمۇ مۇنداق بايان ئۇچرايدۇ:

2635. ئۇ بىلسۇن چەۋگەننى، ئاتار بولسۇن ئوق،
           يەنە قۇشچى ۋە ئوۋدا تەڭدىشى يوق.

« تۈرك قامۇسى » نىڭ 29 - توم 383 - بېتىدە « بۈگۈنكى ئات ئۈستىدە ئوينىلىدىغان چەۋگەن ئويۇنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ     قەدىمكى زاماندىكى ئات ئۈستىدە ئوينايدىغان ئويۇنلىرىنىڭ بىرى ئىدى. چەۋگگەن ئويۇنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھىندىستانغا كىردى، ئۇ يەردە ئىنگلىزلار كۆرۈپ ياۋروپاغا ئاپىرىشتى، ئۇ يەردە > بولۇ < نامى بىلەن دۇنياغا تونۇلدى » دەپ يېزىلغان
ئەدەبىيات - سەنئەت نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، ئاتنى تەسۋىرلەش ناھايىتى يىراق زاماندىن بېرى مەۋجۇت ئىدىقەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ئات ھەممىدىن قىممەتلىك بايلىق ھېسابلانغان. ئات ئىلاھ سۈپىتىدە ئەپسانە - رىۋايەتلەردىن ، چۆچەكلەردىن ، خگلق قوشاقلىرىدىن ئورۇن ئالغان.
     ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قەدىمدىن تاكى ھازىرغىچە « دۇلدۇل »، « تۇلپار » ھەققىدە قىزىقارلىق ئەپسانىلەر ئېقىپ يۈرمەكتە.
   دۇلدۇل ۋە تۇلپار ئاتالغۇسى ئاتنى ئۇلۇغلاش مەنىسىنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ئاتنىڭ دەرىجىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئەركەكلەر ئاتنى ئۆزىنىڭ قانىتى ھېسابلاپ ، ئاتتىن بىر كۈنمۇ ئايرىلمىغان، ئاتنىڭ خۇي - پەيلىنى تولىمۇ پىششىق بىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقى ئۆز تۇرمۇش شارائىتىدا ئاتلارغا ھەر خىل نام بەرگەن. ئالايلى: ئۇيغۇرلار ئاتنىڭ يېشىغا قاراپ قۇلۇن، تايچاق، تاي، ئات دېگەندەك تۈرلەرگە؛ رەڭگىگە قاراپ ئاق بوز ئات، چىپار ئات، چىلان تورۇق، جەدە، قاشقا دېگەن تۈرلەرگە؛ مېڭىش - تۇرىشىغا قاراپ قاشاڭ، يورغا قېتىرغاق ( سوكسوك ) ، ئارغىماق دېگەندەك تۈرلەرگە؛ جىنسىغا قاراپ ئايغىر، بايتالغا؛ كۆندۈرۈلگەن - كۆندۈرۈلمىگەنلىكىگە ئاساسەن  ئاسۋاۋ، توسۇن دېگەن تۈرلەرگە بۆلگەن.
ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئاتقا مۇناسىۋەتلىك ماقال - تەمسىللەر ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن:

* ئىككى ئايغىر تېپىشسە، ئارىدا قالغان ئىشەك ئۆلۇر.
* ئەر قانىتى _ ئات.
* ئارپىسىز ئات داۋان ئاشالماس، ياردەمسىز باتۇر جەڭدە يېڭەلمەس.
* يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس.
* بايتال بەيگىگە يارىماس.
* ئاساۋ ئات ئادەم ئۆلتۈرەر.
* ئاتنىڭ سۆلىتى يالىسىدا، خورازنىڭ سۆلىتى تاجىسىدا.

بۇلاردىن باشقا مەخسۇس ئات ھەققىدىكى قوشاقلارمۇ خېلى كۆپ
  ئۇيغۇر خەلقى ناھايىتى بۇرۇنلا ئاتنىڭ تىبابەتچىلىكتىكى دورىلىق قىممىتىنى تونۇپ يېتىپ، ئاتنىڭ گۆشى، سۈتى ۋە قىمىزى قاتارلىقلاردىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.ئاتنىڭ دورىلىق قىممىتى ھەققىدە ئۇيغۇر تېبابەت رېتسېپلىرىدا مۇنداق خاتىرلەنگەن:
« تەبىئىيىتى : گۆشى 2- ئاينىڭ ئاخىرىدا قۇرۇق ئىسسىقتۇر. خۇسۇسيىتى: غەيرەتلىك قىلىش، يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش، سوغۇق مىجەز كىشىلەرنىڭ مىجەزىنى تەڭشەش، مۇپاسىل، لەقۋۋا، ئەزا تىترەش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى يوقىتىش خۇسۇسيىتىگە ئىگە » .
     ئۇيغۇرلار يىراق قەدىمكى زاماندىن تارتىپ، ئاتنى ئۆزىنىڭ يېقىن ھەمراھى قىلىپ، ئاتنى ھەممىدىن قىممەتلىك بايلىق ھېسابلاپ، يۇقۇرى ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئات ئۇيغۇرلارنىڭ قاتناش، چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا يەنىلا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە




                            (  ئابدۇرېھىم راھمان )            
     تولۇقسىز ئوتتۇرا ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىدىن ئالدىم.

تېما تەستىقلىغۇچى : saadat
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-13, 08:43

 

ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-13 16:06 |
شەبنەم تور رادىئوسى
Ark-zat
ئەمەتجان مۇھەممەت
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 16
يازما سانى : 5649
شۆھرەت: 6064 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 42530 سوم
تۆھپە: 971 نۇمۇر
ياخشى باھا: 625 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1035(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-14

 

بۇ توغرىسىدا مېنىڭ بىر تېمام بولىدىغان
ئات ئەڭ دەسلەپتە ئوتتۇرا ئاسىيادا قولغا كۆندۈرۈلگەن

./read.php?tid-18562-keyword-.html

روزىباقى ھاجىم تىبابەتچىلىكى
شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
قوليازمىلىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
تېمىلىرىمگە قىزىقسىڭىز Ark-zat.Xabnam.com دىن كۆرۈڭ.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 22:08 |
tim0998
گۈزەللىك ئىزدىمە،ئۇ سەندە.
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 61829
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1209
شۆھرەت: 1345 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 330 سوم
تۆھپە: 150 نۇمۇر
ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 510(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15

 

«مەدەنىيەت بوستانى»پىرو گىراممىسىدا ئات ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختالغان،دۇنياغا داڭلىق پىرژاۋىلىسكى ئىتىمۇ دەل دىيارىمىزدىن ئىلىپ چىقىپ كىتىلگەن ئىكەن.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
تۈنۈگۈننى ئۇنۇتما!بۈگۈننى چىڭ تۇت!ئەتىنى ئويلا!
تۈنۈگۈندىن جەۋھەرلەر توپلىشىڭ مومكىن؛
بۈگۈننى چىڭ تۇتساڭ،كېيىن پۇشايمان قىلمايسەن؛
ئەتىكى توغرا نىشاننى كۆزلەپ ماڭساڭ،تاپتىن چىقىپ كەتمەيسەن!

./?u=61829
./?a=tim0998
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 23:17 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
XabnamBBS » پەلسەپە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:04-16 00:43, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ