Quote:
بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىsarkarda-1نىڭ2009-04-01 16:22 دە يوللىغان يازمىسى :
بىر نەچچە كۈن بوپتىكەن ئالدىراشچىلىقتا مۇنبەرگە كىرمىگىلى ، مانا بۈگۈن مۇنۇ شېئىرنى ئۇقۇپ ،بىر نەچچە كۈنلۇك ھاردۇقۇم چىقىپ قالدە! شېئىر دېگەننى مۇشۇ ئۇستازىمىزلا يازسا ! بۇلۇپمۇ ئارۇز ۋەزنىدىكى شېئىرنى ئالامەت يېزىۋېتىدۇ -جۇما ! بۇلۇپمۇ مۇخەممەسلەرنى !(مۇنۇ شېئىرلىرى بولسا ،ئۇستازىمىزنىڭ يېرىم كېچىدە چۈشىدىن ئويغۇنۇپ ،ئەسنىگەچ جىجىلاپ قويغانلىرى بولسا كېرەك !). ھازىر شېئىرىيەت ساھەسىدە پەقەت ۋە پەقەت مۇشۇ ئۇستازىمىزلا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېلىۋاتىدۇ . قالغانلرىنىڭكىنى شېئىر دېگىلى بولامدۇ ؟ بەزىلىرىنىڭ مەزمۇنى، سۆز-جۈملە، قاپيەلىرى ناچار بولسا ،بەزىلىرىنىڭ شەكلى ،قۇرۇلمىسىدىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ !. نەدىن چىقتى ئەركىن شېئىر ،چاچما شېئىر ،نەسىرىي شېئىر دەپ؟ ! شېئىرىيەت ساھەسىنى بولغىۋەتتىغۇ - خالىغانچە يېزىپ!!! مۇشۇنداق ئەخلەتلەر شېئىرىيەت ساھەنىمۇ تۈگەشتۈرىدىغاندەك قېلىدۇ! خۇددى بىر شاتراق كالا قۇتاندىكى ھەممە كالىلارنى شاتراق قىلۋەتكەندەك ! بۇ ئۇستازىمىزنىڭ شېئىرلىرىغا قارايدىغانلا بولساق، شۇ زامانلا بوۋىمىز نەۋائىنىڭ شېئىرلىرىنى كۆرگەندەك بولىمىز ! خۇدايىم مۇھەممەتجان راشىدىن ئۇستازىمىزنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن، تۇرمۇشىنى كۆڭۈللۈك ، تېنىنى ساق-سالامەت ،قەلىمىنى تېخىمۇ ئۆتكۈر ،ئۇچلۇق قىلغاي !!!
بۇ ئىنكاس ماڭا ياقتى،مۇشۇنداق شائىرلارنى نىمىشقا مۇكاپاتلىماي،نەدىكى مىڭ قېتىم ئوقۇسا بىر قېتىم چۈشەنگىلى بولمايدىغان شېئرلارنى يازىدىغان«شائىر»لار ئۇ-بۇ مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ يۈرىدىكىنە،ھازىر خەقلەرنىڭ كاللىسىمۇ ئەبجەش شېئىرلاردەك ئەبجەبلىشىپ كېتىكلىك،قانچە چۈشەنمىسە شۇنچە پەيزى بىلىنىدىغان ئوخشايدۇ....