ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1718 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئىپپەت - نۇمۇس ۋەتەن ساڭا قوغدىمىقىڭ ھەق پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

nurana9
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 56554
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 404
شۆھرەت: 422 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3903 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1075(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

 ئىپپەت - نۇمۇس ۋەتەن ساڭا قوغدىمىقىڭ ھەق

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئۇيغۇرئاي تەرپىدىن (2009-01-28)دە نادىرلاندى
ئىپپەت - نۇمۇس ۋەتەن ساڭا قوغدىمىقىڭ ھەق

(مۇھەممەتجان راشىدىن)

قول سۇنمىسام ئويلاپ قالما قورسىقى توق دەپ ،
گەپ ئاچمىسام ئويلاپ قالما سۆيگۈسى يوق دەپ.
ئويلاپ قالما،كەلمەي يۈرسەم سەندىن ئەيمىنىپ،
سېغىنمايدۇ شۇڭا كېلپ كۆرگۈسى يوق! دەپ .

مەست بولغىنىم شاراپ ئەمەس ،سېنىڭ ۋەجىڭدۇر،
يىغلىغىنىم مەستلىك ئەمەس سېنىڭ دەردىڭدۇر .
ئاختۇرۇپ باق يانچۇقۇڭنى خەتلەر ئاز ئەمەس،
شۇ خەتلەرنىڭ تالايلىرى مېنىڭ ئەرزىمدۇر .

يۇشۇرساممۇ ئۇنى ئەللەر بىلىپ كەتتىغۇ ،
كۆرەلمەسلەر تالاي قېتىم كېلىپ كەتتىغۇ .
تۆت ئېغىز گەپ قىلالماستىن مۇشۇنچىلىكمۇ،
تالاي ئاشىق ھېجران بىلەن ئۆلۈپ كەتتىغۇ.

سېغىنغاندا چىدالماستىن ئۇردۇم تېلىفۇن،
كۈندە ئۇرسام ئون ئىككى رەت ،قېنى ئاڭا پۇل.
ھەر ئۇرغاندە تۈگەمدىغان دىدارسىز گەپ-سۆز،
بولۇپ تۇرسا بۇ يۈرەكنىڭ گويا تىلى ئون.

ئۆزۈم ئەسكى جىمى سەۋەن ئۆزۈمدىن ئۆتكەن ،
ئۆزۈم ئازغۇن،پاراغەتنى شەيتاندىن كۈتكەن.
ئۇلالماستىن يۈرۈپ كەتتىم ئۈزۈلگەن تارنى،
يار كۆڭلىنى ئالماق بەكمۇ مۇشاقەت ئىكەن.

ئۆزگىلەرگە مۈشكۈل ئىدى سېنى ئۇچراتماق،
ئادەت ئىدى ئىككىمىزگە ئايدا ئۇچراشماق.
ئاق قوزىدەك ياۋاشلىقىڭ ئەقلىمنى ئالغان ،
ئارتۇق ئىدى ساڭا سۆزلەپ ئېغىز ئۇپراتماق.

كەم سۆزلىكىڭ كەم تېپىلار ئۆزگە قىزلاردا ،
ئىزىڭدىكى گۈزەللىك يوق ئۆزگە ئىزلاردا.
كۆكسى ئوچۇق تەنتەكلەردە ئۇزلۇق نە قىلسۇن ،
جەلىپكارلىق نىمە قىلسۇن ھاياسىزلاردا.

سۈرەتلىسەم تېنىچ ئاققان دەريا سەن گويا ،
تونۇرىدا ئاق نان پىشقان سەھرا سەن گويا .
يولۇقتۇرساڭ چوڭ- كىچىككە بۇغداي سۆزۈڭ بار،
ساڭا خۇمار بىر كۆرگىلى تاغدا ھەر گىياھ.

قىز بولساڭمۇ قىزىقمايسەن زىبۇ-زىننەتكە،
مۇھەببەتتە قوشمىقىڭ يوق ئالتۇننى شەرتكە.
ۋاپادارلىق يىگىتلەرگە سالغان تويلىقىڭ ،
ۋاپادارلار ئاشىقىنى قويمايدۇ دەرتكە.

پۈتۈن بولۇڭ تۇرار دائىم ھايانى سۆزلەپ ،
ئاشىقىڭنىڭ دەرگاھىدىن تاغ-تاشنى كۆزلەپ.
يۇشۇرمايمەن قالغىنىمنى شۇڭا تەس كۈنگە،
ھوزورىڭدىن نىكاھى يوق ھوزۇرنى كۆزلەپ.

مەنزىلىمىز بولدى بىر كەچ باراڭلىق تەكلىك،
بۇلۇت چىقىپ بولدى ئاسمان قارا پىنجەكلىك.
سېنىڭ ئويۇڭ دالدا ئىزدەش بولسا يامغۇردىن،
مېنىڭ قەستىم تەك ئاستىدا ئويناپ-كۈلمەكلىك.

ئۇنتالمايمەن ئۆمۈر بويى ئاشۇ بىردەمنى،
بىلىپ قالدىڭ چەكتىن ئاشقان مېنىڭ غەلۋەمنى.
قۇچىقىمدىن يۇلقىنغىنىڭ  ئۆزۇڭىنى ئاسىراش.
قوغدىغاندەك قەھرمانلار گويا ۋەتەنىنى،

چىقىپ كەتتىڭ تەك ئاستىدىن پەشنى قاققانچە،
كۆزلىرىڭدىن ئىزلىرىڭغا يامغۇر ياققانچە.
شەيتان نەپسىم سەۋەپ بولدى رەنجىشلىرىڭگە،
تەلۋىلىكنى تەن ئالماسقا ئامالىم قانچە.

سۇغا چۈشتى شۇ كۈن چالمام ئۆلدۇم نۇمۇسقا،
ئوت قويۇلدى شالدىرلىغان گويا قۇمۇشقا.
شۈكىر!دېدىم يەنە سەندە بەختىم بار ئىكەن،
ئىككى ھەپتە يالۋۇرغىنىم كەتمىدى بوشقا .

ھەقلىق ئىدىڭ نىمە قىلساڭ مېنى شۇ كۈنى،
بوزەك كۆرگەن ئىدىم چۈنكى سېنى شۇ كۈنى.
سىلكىگەندە غالىپلارچە ئىپپەت-نۇمۇسىڭ،
قېقىلدىغۇ بۇغدىيىمنىڭ دېنى شۇ كۈنى.

بىلمەپتىمەن نۇمۇسىڭنىڭ ۋەتەنلىكىنى،
تاس قاپتىمەن نۇمۇسىڭنى كېپەنلىگىلى.
ئاشىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋىلى ئەقىل لازىمكەن،
سەندىن كۆردۈم قىزلارنىڭمۇ چېچەنلىكىنى.

ئىپپىت-نۇمۇس ۋەتەن ساڭا قوغدىمىقىڭ ھەق،
شۇ ۋەتەندىن رەززىللەرنى قوغلىمىقىڭ ھەق.
قىز دىگەننىڭ  ئەزىزلىكى ئاشۇ خىسلەتتە،
ئويۇننىمۇ شۇ مىزاندا ئوينىمىقىڭ ھەق.

كەتمىگەچكە ئەتراپىڭدىن غىلجىڭلاپ نېرى،
قايسى كۈنى تەستەك يەپتۇ سېنىڭدىن بىرى.
چۆچۈپ كەتتىم شۇنە ئاڭلاپ ،بولدى شۇنداقلا
يەنە بىر رەت يۇيۇلغاندەك قەلبىمنىڭ كىرى.

ئەلمىساقتىن قىز دىگەننىڭ مىزانى شۇنداق،
تەنتەكلەرنى تەستەكلەيدۇۋىجدانى شۇنداق.
قاقلانمىغان ئاشىقلار ئاز سېنىڭ تەپتىڭگە،
سېنىڭدىكى دىيانەتنىڭ گۈلخانى شۇنداق.

چىرايلىقنىڭ ئەل كۆزىدە ئۇزلىقى بىردۇر،
قانچە قاتتىق تارانسىمۇ قىزلىقى بىردۇر.
كەچۈر گۈلۈم بۇ سۆيگۈدە سېنى رەنجىتكەن،
مېنىڭدىكى ھەددىدىن ئاشقان ئەرلىك كېبىردۇر.


ئوف  ئاران تۇگدى...........

تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-01-26, 12:55

 

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(saadat) ئالقىشلانغا ..
  • تۆھپە:+10(ikin) تەربىيەۋىلى ..
  • تۆھپە:+5(suzuk881) تەربىيى ئەھم ..
  • سۆيمىگەنگە سۈركەلمە .....
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-01-26 20:28 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    سۈزۈك ئاي
    سۈزۈك ئاي
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31902
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1938
    شۆھرەت: 1993 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 9414 سوم
    تۆھپە: 113 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 150 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 270(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-30

     

    رەھمەت ھەدە تېمىڭىزدىن مەنمۇن بولدۇم ... مۇكاپات ئەتە جۇمۇ...

    مال-مۈلكىڭدىن مەغرۇرلانما بارمۇ مەن كەبى ،
    بىر تەتۈر شامال چىقسا سورۇيدۇ خامان كەبى!
    *           *           *             *              *
    تىلىكىم ئەقلىمدىن ئازدۇرما خۇدا،
    قېپ قالماي پوكانغا سەجدە -ئىقتىدا.
    مېھنەتسىز غايىپتىن كەلمىسۇن رىسقىم،
    قىسقىسى ،ھارامدىن ئەيلىگىن جۇدا.
    *           *           *             *              *
    ئاخىرەتلىك ئۈچۈن ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
    دۇنيالىق ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك ئىجتىھات قىل!!!
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-26 21:13 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    سۈزۈك ئاي
    سۈزۈك ئاي
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31902
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1938
    شۆھرەت: 1993 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 9414 سوم
    تۆھپە: 113 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 150 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 270(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-30

     

    ھەزىرتى مۇھەممەد سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم مۇنداق دېگەن <ئەلھايا ئۇ مىنەل ئىمان>.ھايا -ئىماننىڭ جۈملىسىندىندۇر.ھايا قىلىڭلار!!!ئاللاھ ھەممە ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    مال-مۈلكىڭدىن مەغرۇرلانما بارمۇ مەن كەبى ،
    بىر تەتۈر شامال چىقسا سورۇيدۇ خامان كەبى!
    *           *           *             *              *
    تىلىكىم ئەقلىمدىن ئازدۇرما خۇدا،
    قېپ قالماي پوكانغا سەجدە -ئىقتىدا.
    مېھنەتسىز غايىپتىن كەلمىسۇن رىسقىم،
    قىسقىسى ،ھارامدىن ئەيلىگىن جۇدا.
    *           *           *             *              *
    ئاخىرەتلىك ئۈچۈن ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
    دۇنيالىق ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك ئىجتىھات قىل!!!
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-26 21:18 |
    alxiri
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 17564
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 114
    شۆھرەت: 115 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2923 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 205(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

     

    رەھمەت سىزگە، ۋەتەن ئۈچۈن يىگىتلەرنىڭ ۋىجدان سىلكىنىشى كىرەك، ئىپپەت ئۈچۈن قىزلارنىڭ ۋىجدانى تېخىمۇ شۇنداق

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    پۇلى بار گاداي باي،
    پۇلى يوق باي گاداي .
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-26 21:29 |
    alkan310
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 53836
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 47
    شۆھرەت: 48 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 400 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 258(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

     

    بۇ  ھەقىقەتەن  ياخشى شىئىر كەن   ھازىرقى جەمئىيتىمىزدىكى قىزلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ  بەرسۇن  خۇدايىم

    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-26 21:30 |
    sayboyi
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 71447
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 44
    شۆھرەت: 44 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 440 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 76(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    ھەقىقەتەن ياخشى شىئىرلار ئىكەن رەخمەت كۇپ جاپاچىكىپسىز.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-26 21:54 |
    sayboyi
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 71447
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 44
    شۆھرەت: 44 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 440 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 76(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    ھەقىقەتەن ياخشى شىئىرلار ئىكەن رەخمەت كۇپ جاپاچىكىپسىز .

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-26 21:55 |
    nilupar114
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 71928
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 4
    شۆھرەت: 4 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 40 سوم
    تۆھپە: 2 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 28(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-27

     

    ناھايىتى ياخشى يوللاپسىز...........

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-26 21:58 |
    uqkunuygur
    ئۇچقۇن ئۇيغۇر
    ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14519
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 787
    شۆھرەت: 800 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 7880 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 47 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 757(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-04-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-02

     

    ئىپپىت-نۇمۇس ۋەتەن ساڭا قوغدىمىقىڭ ھەق،
    شۇ ۋەتەندىن رەززىللەرنى قوغلىمىقىڭ ھەق.
    قىز دىگەننىڭ  ئەزىزلىكى ئاشۇ خىسلەتتە،
    ئويۇننىمۇ شۇ مىزاندا ئوينىمىقىڭ ھەق.

    ئىپپەت- نومۇس خانىم - قېزلىرىمىزنىڭ ۋەتىنى . ناھايتى ياخشى يېزىلغان تەربىيۋى ئەھمىيەتكە ئىگە شېئركەن بۇ.

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
    تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.
        ئۇچقۇن ئۇيغۇر
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-26 22:17 |
    tayanqimbar
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 39340
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 385
    شۆھرەت: 403 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4265 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 461(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-25

     

            شائىرغا ۋە تېما يوللىغۇچىغا رەھمەت!

    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-27 00:13 |
    ئادولف
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 72071
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 35
    شۆھرەت: 35 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 350 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 24(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-29

     

    پاك بىر قىزىدن تاستەك يەپىسىزدە ، خوپ بوپتۇ ، ئوبدان ئاۋايلاپ ساقلاڭ ، مېنڭىچە ئەققلىق قزىلار بولسا كەچۈرۋېتىدۇ، بىز ئەرخەقلەرنڭ موشۇنداق كاللىمىز قايدىغان چېغىمۇ بار ...

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-27 09:26 |
    murxidi
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11747
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 441
    شۆھرەت: 494 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4440 سوم
    تۆھپە: 46 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 38 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1189(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

     

    پىشقەدەم شائىر مەمەت جان راشىدىن شېئىرنى ھەقىقەتەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ يازىدۇ  تېما ئىگىسىگە رەخمەت داۋاملىق مۇشۇنداق ئسىل تېمىلاردىن بىزلەرنى بەھرىمەن قىلىپ تۇرغايسىز

    تەڭرىتاغ توغراقلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش!
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-27 12:33 |
    layli614
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 69915
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 139
    شۆھرەت: 139 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1390 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 345(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    ھەقىقەتەن ئېسىل شېئېركەن ، ئەجرىڭىزگە رەخمەت . مۇشۇنچىۋالا ئۇزۇن شېئېرنى يوللىغىچە قانچە جاپا تارتقانسىز دوستۇم......
    بولسامۇشۇنداق ئېسىل شېئېرلانى كۆپلەپ يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .

    قەدرىنى قىل ،قەدرىڭ بىلگەننىڭ...
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-28 11:27 |
    kanjiogul
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 58363
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 443
    شۆھرەت: 459 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 4410 سوم
    تۆھپە: 10 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 750(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

     

    شاگىرت بولۇشقا لايىق ئىكەنسىز جۇمۇ! مەزمۇنى ياخشى تىمىنى تاللاپ يوللاپسىز.
    بىراق...... ئىجادىيەتلىرىڭىزنى كۆرگۈم بار ئىدى.

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-28 19:46 |
    ikin
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 10098
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 184
    شۆھرەت: 194 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1880 سوم
    تۆھپە: 60 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1218(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-03

     

    بۇ شىئىرنى دەل بىزنىڭ يادقا ئالىدىغان قانۇندەك ياخشى ئەستە تۇتۇۋېلىشىمىز ئىنتايىن زۈرۈر. بۇلۇپمۇ ھازىرقى روھى چىرىپ كەتكەن . پەسكەش ئامىلنىڭ ئاسارىتىدىن ئۆزىنى تارتالمايۋاتقان ئۇغۇل قىزلىرىمىزنىڭ يادىلاپ ئەمىلىي تۇرمۇشىدا ئۆزىگە كۆرسەتكۈچ قىلىشى ئەك مۇھىم .
    جەمىئەتتىكى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىماق بەك تەس ئەمەس. بۇلۇپمۇ پەسكەشلىكنى قىلماقمۇ ھازىر تەسكە چۈشمەيدىغان بۇلۇپ قالدى. ئادەم ئۆچۈن ئەڭ ئېغىر كىلىدىغىنى ھايۋانىي قىلمىشنىڭ جەريانى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ كىيىنكى ئاسارىتى. بىر خىل پەسكەشلىكنىڭ كىينىدە شۇنچىلىك مۇدھىش بىر خىل قاباھەت باركى ،ئۇنىڭدىن چىقىراپ تۇرۇپمۇ. قاقشاپ تۇرۇپمۇ . يىغلاپ تۇرۇپمۇ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.
    بىراق بىزنىڭ سەل قاراش ئالبۇمىمىز ،شۇنچىلىك رەڭگارەڭ بۇلاپ كەتكەنكى.
    ئۇنىڭ ئىچىدە تامامى بەتقىلىقلار باردەك ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا بىز ئەمىليىتىمىز ئارقىلىق . ئۇغۇللۇق جاسارىتىمىزنى ،قىزلىق پاكلىقىمىزنى قوغدىساق. بەدقىلىقلىق بىزنى چىرمىۋالسا .
    تىما ئىگىسىنىڭ جاپاسىغا رەھمەت. تىمىنىڭ ھەقىقى ئاپتۇرىغا مىڭ تەشەككۈر.

    شەبنەم ئۈچۈن
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-01-28 21:08 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    XabnamBBS » شېئىرىيەت گۈلزارى
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:04-03 13:14, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ