قىزلار يىغلاپ چىققان كېچىلەر
(مۇھەممەتجان راشىدىن)
قىزلار يىغلاپ چىققان كېچىلەر ،
كۆكتە تۈمەن يۇلتۇز كۆزى ياش .
كۆتۈرۈلدى بوران ئىسيانى ،
ئۇرۇپ يەرگە تۈمەن دەرەخ باش .
ئازار يەتتى يېشىل ياپراققا ،
بولدى خازان كۈز كەلمەي تۇرۇپ .
شاۋقۇن سالدى ئەلەمدە دەريا ،
چىقتى تالاي باغلار ئاھ ئۇرۇپ .
قىزلار يىغلاپ چىققان كېچىلەر ،
تەڭ يىغلايدۇ گۈللەر ، سۇمبۇللار .
سايراپ چىقتى دېمەڭ تۈن بويى ،
ھازا ئاچسا يىغلاپ بۇلبۇللار .
قەبرىستاندەك تىمتاس تەبىئەت ،
شۇ كېچىدە غەمنىڭ سىردىشى .
چايقىلىدۇ گىرىمسەن ئورمان ،
ئىرغاڭلايدۇ ھەسرەتتە بېشى .
يىغلاتماڭلار ، دەيدۇ ، قىزلارنى ،
ئانا تىككەن ئاددى قونچاقلار .
قاينىماسقا ئىچىشتى قەسەم ،
جىمى قازان ، جىمى ئوچاقلار .
ئانا بولۇپ تاڭلا شۇ قىزلار ،
چۈنكى ، ئاقار دەرت دەرياسىدا .
تىلىكىدە پەرزەنتلەر بەختى ،
يىغلاپ تۇرار ھەر دۇئاسىدا .
ئەللەيلەيدۇ قوشۇپ تۈننىمۇ ،
بوۋىقىنى ئەللەيلىگەندە .
ئۇرغۇپ چىقار ئاۋۋال كۆز يېشى ،
بالىلاردىن قايغۇ يېگەندە .
گاھ ئۆرتىنەر ئۆلگەندە باغرى ،
گاھ قالىدۇ كەتكەنگە يىغلاپ .
يادىڭدىمۇ چىققىنى تۈندە ،
ساڭا ئاپتاپ ئۆتكەنگە يىغلاپ .
يىغلاتماڭلار قىزلارنى شۇڭا ،
ئارامىنى بۇزماڭلار تۈندە .
قىز چېغىدىن يىغلىسا ئانا ،
قالمامدۇ بۇ ئالەم كەلكۈندە ؟ !
1993_ يىل ، دېكابىر ، غۇلجا .