ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 1758 - كۆرۈرمىنى
Ark-zat
ئەمەتجان مۇھەممەت
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 15
يازما سانى : 5540
شۆھرەت: 5948 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 41375 سوم
تۆھپە: 901 نۇمۇر
ياخشى باھا: 615 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1035(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-14

 ئامېرىكا، جوڭگۇ  ۋە ئىسلام ئەللىرى(2)

ئامېرىكا، جوڭگۇ  ۋە ئىسلام ئەللىرى(2) 
 __ سەموئىل خونتېڭتون نېمە دەيدۇ؟

ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات

             دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە 10 يىل ئىشلەپ دەم ئېلىشقا چىققان مەشھۇر سىياسىئۇن سەموئىل خونتېڭتون يازغان«مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا تۇرغۇزۇلىشى» ناملىق كىتابنى بىر قېتىم ئەمەس بىرقانچە قېتىم ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ.بولۇپمۇ «سەن ئەرەپنىڭ غالچىسى»،«سەن خىرىستىئاننىڭ ئىتى» دىيىشىپ،كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان  بەزى كىشىلەرگە دەيدىغىنىم خىرىستىئان پوپ ـــ سەموئىل خونتېڭتون يازغان بۇ كىتاپنى بىر قېتىم ئوقۇپ قويۇڭ. شۇندىلا سىز بۇنداق ئايىقى چىقماس تالاش-تارتىشتىن ساقلىنىپ، ھازىرقى دۇنيادىكى تۇقۇنۇشلارنىڭ تۈپ مەنبەسىنى چۈشنىۋالىسىز. سەموئىل خونتېڭتون ئىچى ئاچچىق ھالدا ئاخىرىدا ئىسلام مەدەنيىتىنىڭ دۇنيادىكى بارلىق مەدەنىيەتلەر ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغانلىقىنى،ئامېرىكىنىڭ باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن بارا -بارا قالىدىغانلىقىنى،ھەتتا غەرب ئەللىرىمۇ ئامېرىكىغا ئىشەنمەس بولۇپ قالىدىغانلىقىنى،ئىسلام ئەللىرى بىلەن شەرق مەدەنىيىتى (جوڭگۇ، ياپۇن، جەنۇپ-شىمال كورىيە،ۋېيتنام قاتارلىق شەرق ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۇڭزى مەدەنىيىتى) گە تەۋە دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ بارا-بارا قويۇقلىشىپ باردىغانلىقىنى يەكۈنلىگەن.
             ئىسلام مەدەنيىتى بىلەن  شەرق مەدەنىيىتىنىڭ گەرچە يىلتىزى ئوخشىمىسىمۇ، (خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش،كوللىكتىپ مەنپەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش... قاتارلىق )تەشەببۇسلىرى ئوخشاپ قالغاچقا،شۇنداقلا ئامېرىكا باشچىلىغىدىكى غەرب ئەللىرىدىن ئىبارەت كۈچلۈك رەقب ئالدىدا ئىتپاقلىشش زۆرۈر بولغاچقا،ئىسلام ئەللىرى بىلەن كوڭزى مەدەنيىتىگە تەۋە ئەللەر ئۆزائارا پىكىر بىردەكلىكىگە كېلىپ چىقىشىپ ئۆتەلەيدۇ.خۇددى ھازىرقى جوڭگۇ ھۆكۈمىتى بىلەن ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئوخشاش.لېكىن ئىسلام بىلەن خىرىستىئان  بولسا، بىرى بىر خۇدالىق دىندىن شەكىللەنگەن ھەزارەتكە تەۋە بولسا يەنە  بىرى بىر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردىغان دىندىن شەكىللەنگەن ھەزارەتكە تەۋە  بولغاچقا چىقىشىپ ئۆتمىكى بەسى مۈشكۈل.
            ئىسلام ئەللىرىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بولمىغاچقا،بۇ ئەللەرىدىكى شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان نوپۇس غەرب ئەللىرى ئۈچۈن بىر بېسىم بولماقتا. شىددەت بىلەن كۆپەيگەن بۇ نوپۇسلارغا تۇرالغۇ جاي،ئاشلىق، كىيىم –كېچەك(تۇرمۇش) لازىم بولىدۇ. غەرب دۆلەتلىرىدە ئەركىنلىك،دېمگىراتىيە دەپ جار سېلىنغاچقا،مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى كۈنسىرى كۆپىيىۋاتقان بۇ نوپۇسلار دەل غەرب ئەللىرىگە بېرىپ،ئىلغار پەن-تېخنىكىسىغا تاينىپ باياشات تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان خىرىستىئانلار قىلىشنى خالىمىغان «قارا ئىش» لارنى قىلىپ بولسىمۇ تۇرمۇش كەچۈرۈش يولىنى تاللايدۇ. ئىسلامىيەتنى ئىنكار قىلىدىغان غەرب ئەللىرىدە  ياشاۋاتقان بۇ مۇسۇلمان ياشلارنىڭ «كىيىۋالغىنى پادىچىلار ئىشتىنى،ئىچىۋاتقىنى كولا» بولسىمۇ،ئۇلار پۇرسەت تاپسىلا كېتىۋاتقان ماشنىلارنى ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلتىۋېتىشى مۇمكىن.چۈنكى ئۇلارنىڭ خرىستىئانلار بىلەن چامغۇرى پىشمايدۇ.بۇنى ئاللىقاچان بىلگەن غەرب ئەللىرىمۇ بارلىق ئىسلام ئەللىرىنى «تىرورچى»قاتارغا چىقىرىپ بولدى.
             سەموئىل خونتېڭتون تەھلىلىدە،ئامېرىكا مەدىنىيىتىنى ئىچى سېسىق تېشى چىرايلىق ئالمىغا ئوخشىتىدۇ.ئۇ «كۆرنىشى بەكمۇ چىرايلىق،ھەممىنى جەلىپ قىلىدۇ»غان بۇ ئەركىنلىكنىڭ كىشلەرنىڭ ئەخلاقىنى چىرىتپ باردىغانلىقىنى ،ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكىنى دەستەك قىلىپ، ئاتالمىش « دۇنيانىڭ ساقچىسى» بولىۋالغاچقا، ئەتىراپتىكى ئەللەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمىغانلىقتىن،سىياسى ئورنىنىڭ بارغانچە تۆۋەنلەپ بارىدىغانلىقىنى ئىچى ئاچچىق ھالدا ئېتىراپ قىلىدۇ.
             ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيتىدىن قارىغاندا،ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى كىرزىسكە پېتىپ قېلىشى،بوشنىڭ «ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ مەغلۇبىيەتچى،ئۆمرى كۆتە زوڭتۇڭ» دىگەن ناملارغا ئىگە بولۇپ ئامېرىكىنىڭ ئابرويىنى تۆككەنلىكى،ئۇنىڭ ئىراققا قىلغان ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقى، نۆۋەتتە ئامىرىكىنىڭ ئىراق،ئافىغانىستان قاتارلىق جايلاردا ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ،يا ئالدىغا ماڭالماي،يە كەينىگە يانالماي ،شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىدىن ئاستا-ئاستا مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقى،ئىسلام ئەللىرى بىلەن جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بارغانچە يېقىن بولىۋاتقانلىقى،جوڭگۇنىڭ ئاسىيا رايۇنىدىكى ئابرويىنىڭمۇ كۈنسىرى يۇقىرى كۆتىرلىۋاتقانلىقى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسلىلەرنى ئويلىغاندا ئامېرىكىنىڭ ھەقىقەتەن ئاجىزلىغانلىقىنى ھىس قىلالايمىز.بۇ ئاجىزلاش نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئاشكارە ئىپادىلىنىپ چىقمايدۇ.چۈنكى ئامېرىكا تەرەققىياتتا خېلى بەك ئالدىغا كەتكەن بولۇپ،ئۇ ئاجىزلىغان تەغدىردىمۇ نۆۋەتتە باشقىلاردىن خېلىلا كۈچلۈك. لېكىن مۇھىم نەرسە شۇكى ئۇ ئاجىزلاش يۆلىنىشىدە كېتىپ بارماقتا.باشقىلار ئىلگىرلەش يۆلنىشىدە كېتىپ بارماقتا. ئامېرىكا غالجىرلاشقان ۋاقىتتا بەلكىم جىم تۇرغان دۆلەتلەرگىمۇ پەشۋا ئېتىپ قويىشى مۇمكىن.چۈنكى ئۇرۇشقا قانچە كۆپ دۆلەت قاتناشسا  ئامىرىكا شۇنچە كۆپ پايدا ئالىدۇ.ئامېرىكا قەرزدار بولۇپ قالغان دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپلا قالسا  ئامېرىكا قەرز قايتۇرشتىن قۇتۇلىدۇ. شۇڭا ئۇ باشقىلارنى بولۇپمۇ كۈچلۈك دەپ قارالغان دۆلەتلەرنى ئامال قىلىپ ئۇرۇش قاينىمىغا سۆرەپ كىرىشنى خىيال قىلىدۇ.
            ئامېرىكىنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى،جوغلانمىسى ئاجىز بولغاچقا،دۆلەت سىياسى تۈزۈلمىسىدىكى كۆزقاراشلارنىڭ تېز يېڭىلىنىپ بېرىشى،قارىماققا جانلىق دۆلەت سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، تەسەددىپى داۋالغۇش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى.
            بىز ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت جەھەتتە يەنىلا ئىسلام مەدەنيىتىگە تەۋە. ئىسلام مەدەنيىتى خاراپلىشىدىكەن بىزنىڭ تۇرمىشىمىزغىمۇ تۇرلۈك ئۆزگىرىشلەرنىڭ كېلىشى تەبئى. ئىسلام مەدەنيىتى غالىپ كېلىدىكەن ئىسلام مەدەنىيەت كاتىگۇرىيەسىگە تەۋە بولغان ھەرقانداق بىر قەۋمگە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغىمۇ پايدىلىق بولىدۇ ، ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، سىز بۇنىڭغا ئىشىنەمسىز؟ بۇ ھەرگىزمۇ مۇشۇكتىن پەيشەنبىلىك تىلىگەنلىك ئەمەس. ناۋادا ئىسلام مەدەنيىتى ھەقىقەتەن باشقا مەدەنىيەتلەر ئۈستىدىن غالىپ كەلسە دۇنيا قانداق بولىدۇ؟ بۇ گەرچە يېقىن كەلگۈسىدە ئىشقا ئاشمىسىمۇ خانتېڭتۇننىڭ تەھلىلى بويىچە ئېيتقاندا ھامان ئەمەلگە ئاشىدۇ.
___________
2008-يىل11-ئاينىڭ 20-كۈنى يېزىلدى،بۈگۈن تۈزىتىپ تورغا يوللاندى.

ئامېرىكا، جوڭگۇ  ۋە ئىسلام ئەللىرى(1)
./read.php?tid-100652-keyword-.html

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ياخشى باھا:+10(xabnam.com003) ياخشى يېزىلى ..
  • كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
    قوليازمىلىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
    تېمىلىرىمگە قىزىقسىڭىز Ark-zat.Xabnam.com دىن كۆرۈڭ.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-19 10:45 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    azizrosulkam
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 36056
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 182
    شۆھرەت: 183 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1475 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 904(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

       تازا ياخشى تىما يوللاپسىز ،مۇشۇ كىتاپنى ئوقۇماي بولمايدۇ .     

    كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 10:55 |
    شەبنەم تور رادىئوسى
    elturik
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 13224
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 50
    شۆھرەت: 51 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 499 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 270(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    سىز  خونتېڭتوننىڭ   ئەسەلىرىگە  بەكلا  چۇقۇنۇپ   كىتىپسىز

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 11:00 |
    Ark-zat
    ئەمەتجان مۇھەممەت
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : شەبنەم باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 2
    نادىر تېما : 15
    يازما سانى : 5540
    شۆھرەت: 5948 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 41375 سوم
    تۆھپە: 901 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 615 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1035(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-14

     

    Quote:
    بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىelturikنىڭ2009-03-19 11:00 دە يوللىغان يازمىسى   :
    سىز  خونتېڭتوننىڭ   ئەسەلىرىگە  بەكلا  چۇقۇنۇپ   كىتىپسىز

    سىز چوقۇنۇشنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىز؟ بۇ سۆزنى ئالدىراپ ئىشلەتمەڭ، رەھمەت.

    مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
    شائىر دەۋر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ،يار بەرمىگەندە شائىر ياكى لۈكچەك بولىدۇ.
    قوليازمىلىرىمنى رۇخسىتىمسىز ئىشلەتمەڭ!!!
    تېمىلىرىمگە قىزىقسىڭىز Ark-zat.Xabnam.com دىن كۆرۈڭ.
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 11:08 |
    azizrosulkam
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 36056
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 182
    شۆھرەت: 183 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1475 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 904(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    Quote:
    بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىelturikنىڭ2009-03-19 11:00 دە يوللىغان يازمىسى   :
    سىز  خونتېڭتوننىڭ   ئەسەلىرىگە  بەكلا  چۇقۇنۇپ   كىتىپسىز

    سىز سىياسىئۇن ئوخشىمامسىز؟         

    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 11:25 |
    X_Uyghur
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 61403
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 93
    شۆھرەت: 94 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 854 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 467(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    ناۋادا ئىسلام مەدەنيىتى ھەقىقەتەن باشقا مەدەنىيەتلەر ئۈستىدىن غالىپ كەلسە دۇنيا قانداق بولىدۇ؟ بۇ گەرچە يېقىن كەلگۈسىدە ئىشقا ئاشمىسىمۇ خانتېڭتۇننىڭ تەھلىلى بويىچە ئېيتقاندا ھامان ئەمەلگە ئاشىدۇ.
    _________________
    بىراق بۇ ئۇمۇمىي جەھەتتىكى غەلىبە بۇلۇپ ،يەنىلا بىر قىسىم ئىسلام مەدەنىيەت دائىرىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەنپەتى قۇربان قىلىۋېتىلىشى مۇمكىن .مەسىلەن.............سىلەر قىياس قىلىپ بولدىڭلار ھەقىچان     
    ئەرەب ئەللىرى مەنپەت ئۇچۇن ھەرگىزمۇ ئىراننى ئويلىشىپ تۇرمايدۇ ،مۇشىنىڭغا ئوخشاش گەپ

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    ئۇيغۇرمەن!
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 11:40 |
    azizrosulkam
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 36056
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 182
    شۆھرەت: 183 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1475 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 904(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    ئەرەب ئەللىرى مەنپەت ئۇچۇن ھەرگىزمۇ ئىراننى ئويلىشىپ تۇرمايدۇ ،مۇشىنىڭغا ئوخشاش گەپ
      توپ-تۇغرا،،،،،،،،،،،،

    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 11:45 |
    elturik
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 13224
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 50
    شۆھرەت: 51 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 499 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 270(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    مەن  سىياسۇن   ئەمەس   شۇنى  بىلىش  كىرەكە     دۇنيانىڭ  بۇندىن  كىيىنكى  تەقدىرى  خۇنتېڭتۇنىڭ <دۇنيانىڭ  يىڭى  تەرتىپى> دىگەندەك  بولماستىن بەلكى  جانابى  ئاللانىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى  بۇيۇنچە  بۇلڭدۇ   سىز  ئەتە نىمە  ئىش  قىلىشنى  بىلەمسىز    ھەرگىز  بىلمەيسىز      چۇنكى  ئەتە  بىزگە  تەۋە  ئەمەس

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 11:56 |
    tursun88
    دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


    UID نۇمۇرى : 73780
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 119
    شۆھرەت: 119 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 1190 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 48(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    شۇنداق بۇ كىتابنى مەنمۇ ئۇقىغان ئۇنىڭ تەسەۋۋرلىرى خېلى توغرا چىقىۋاتىدۇ ...................ماڭا بۇ كىتابتىكى ئابدۇقادىر جالالىدىن يازغان كېرىش سۆز قىسمى بەك تەسىر قىلغان........

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 13:15 |
    yarxarilik
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 16331
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 8
    شۆھرەت: 9 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 80 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-05-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-19

     

    بىز مۇسۇلمانلار ياكى باشقا  دۇنيا خەلىقى ئەجابا مەدىنيەتلەر توقۇنۇشىغا مۇھتاجمۇ؟
    رەھمەتلىك خانتىڭتوننىڭ بۇ كىتابى ھەقىقەتەن <<ياخشى>> يېزىلغان ئىسىل كىتاب،لىكىن دۇنيانىڭ ئىشلىرغا نۇقۇل مەدىنيەت نۇقىسدىن باھا بەرسەك،ياكى مەدىنيەتلەر تۇقۇنۇشى دىگەن ئۇقۇم توغرا دەپ قارىساق يازغۇچى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى تاپشۇرغان ۋەزىپىنى تۇللۇق ئورۇنلىغان بولىدۇ.

    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 15:22 |
    kutluk0991
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 72457
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 26
    شۆھرەت: 26 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 260 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 116(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     

    ئىسلام ئەللىرى بىلەن جۇڭگو يىقىنلاشسا ئەمىسە ھۆكۈمىتىمىز نىمە ئۈچۈن دىنى پائالىيەتلەرگە چەك قويىدۇ‘بۇ ئەمەلگە ئاشمىغان كومىنىزىمغا ئوخشاش قۇرۇق غايە خالاس。

    شىنجاڭ تور مەكتىپى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-19 16:32 |
    uyghurjan
    ئۈمىدۋار بولۇش يېرىم ئۇتۇق
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 10631
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2960
    شۆھرەت: 3018 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 25230 سوم
    تۆھپە: 248 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 372(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-12-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

     

    شائىر دەۋىر يار بەرسە سىياسىئون بولىدۇ . يار بەرمىگەندە لۈكچەك ...

    ئەرىكزات ئەپەندى .خىلى يېتىشىپ قاپتۇ...


    چىمبۇلاق مۇنبىرى
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 18:07 |
    umedlik2008
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 36412
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 30
    شۆھرەت: 31 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 250 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-21

     





    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 19:29 |
    ئوباما
    دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


    UID نۇمۇرى : 63611
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 83
    شۆھرەت: 84 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 754 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-22

     

    يۇقۇرقى رەسىم نىمە رەسىم ئۇ ؟

    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 20:26 |
    ziyaratqi007
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 72640
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 303
    شۆھرەت: 303 نۇمۇر
    شەبنەم پۇلى: 2030 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
    توردىكى ۋاقتى : 282(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-22

     

    www.ensar.cn  ئەنسەر تورى ئىچىلدى
    قەدەم تەشرىپ قىلىڭ

    ئانىنىڭ بىرتىمىم سۈتى ھەققىگە .
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 23:43 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    XabnamBBS » بەس-بەس مۇنازىرە
     يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
    ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
    بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
    شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

    Time now is:03-22 10:09, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
    增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
    بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ