ئامېرىكا، جوڭگۇ ۋە ئىسلام ئەللىرى
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
ئامېرىكا باشچىلىغىدىكى غەرب ئەللىرى بىلەن ئىسلام ئەللىرى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك(جوڭگۇ) نىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا قانۇنلۇق ھالدا پىكىر بايان قىلىپ باقايلى:
ئامېرىكا سىياسى پاناھلىق تىلەپ بارغان پۇقرالارنى نېمىشقا تۇتۇپ بەرمەيدۇ؟ سەۋەبى ئامېركىغا پىچكا كېرەك، كوزۇر كېرەك.ئامېرىكا سىياسى پاناھلىق تىلەپ بارغان ھەرقانداق ئادەمدىن پايدىلىنىپ سىياسى پاناھلىق تىلىگۈچىنىڭ ئەسلى دۆلىتى ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىدۇ.ئامېرىكا «ئەركىنلىكنى قوغدىغۇچى» بايرىغىنى كۆتىرىۋېلىپ،سىياسى پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاخىرقى مەقسىدى يەنىلا ئۇلارنى كوزۇر قىلىپ، باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىش،كوزۇرلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت.شۇ سەۋەپتىن ئامېرىكا ھەرقانداق سىياسى پاناھلىق تىلىگۈچىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىىش سىياسىتىنى قوللانغان.ئامېرىكا كىشلىك ھوقۇقنى ھە دەپ تەشەببۇس قىلىپ،شەخسنىڭ مەنپەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدۇ.ئىسلام ئەقىدىسى ۋە كومپارتىيە ئىدىيىسى بولسا ئومۇمنىڭ مەنپەتىنى ،خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ.شۇڭا ئامېرىكا بىلەن ئىسلام ئەللىرى ۋە جوڭگۇ مەدەنيىتىنىڭ كۆز قارىشى چىقىشالمايدۇ. ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ تەشەببۇسلىرى ئوخشاپ كەتكەچە بۇلار ئارىسىدا پىكىر بىردەكلىگى بولىدۇ. ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيتىدىن قارىغاندىمۇ ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەمكارلىغى ناھايتى ياخشى كېتىپ بارغانلىقى سىر ئەمەس.ئامېرىكا ئىسلام دۆلەتلىرىگە «تىرورلۇق»،«يادرو قورالىنى توسۇش»،«كىشلىك ھوقۇق» قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ ھۇجۇم قىلىپ كىردى.ئاخىرىدا ئىسلام دۆلەتلىرىدە جۈملىدىن ئىراقتا تىرورلۇق تۈگىدىمۇ؟ ئىراقتىن يادىرو قورالىنى تاپالىدىمۇ؟ ئۇلارغا كىشلىك ھوقۇق بېرەلىدىمۇ؟ ھىچقايسىسى ئەمەلگە ئاشمىدى.ئەكسىچە ئىراقنىڭ نىفىتى زور كۆلەمدە ئېچىلدى(بۇلاڭ –تالاڭ قىلىندى).ئىراق پۇقرالىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنىپ،تۈرمىلەرگە تاشلاندى.ئىراق قورچاق ھۆكۈمىتى تەرپىدىن نۇرغۇن پۇقرا تەقىپ ئاستىغا ئېلىندى.پارتىلتىشلار بېسىقمىدى. ئامېرىكا بۇنى تىنجىتىشنى باھانە قىلىپ ئەسكەر يۆتكەپ كىرىپ ئىراق زېمىنىدا خالىغانچە ھەركەت ئېلىپ باردى.ئىراقلىقلار يات ئەلنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ،ئۇلارنىڭ بەتلەگلىك قورالى ئاستىدا بىللە ياشىدى.ئامېرىكىنىڭ ئىراقلىقلارغا بەرمەكچى بولغان ئەركىنلىكى مۇشۇمۇ؟
ئۇندىن باشقا،ئامېرىكا كۇۋەيتنى ئىراقتىن ئايرىپ چىقىپ، ئايرىم دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ بەردى، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى ئېنىقكى كۇۋەيتتىن نېفىت چىقىدۇ،ئامېركىغا نەپ چىقىدۇ. ئامېرىكا پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەزەلدىن قوللاپ باقمىدى،پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىسرائىلىيە يەھۇدىلىرى تەرپىدىن قىرغىن قىلنىشىغا ئىرەنسىز قاراپ كەلدى. سەۋەبى ئېنىقكى پەلەستىندىن ئامېركىغا نەپ چىقمايدۇ. ئامېرىكا ئەگەر پەلەستىن مۇستەقىللىقىنى قوللىسا ئامېركىغا نەپ بىرىۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەتى زىيانغا ئۇچىرايدۇ.شۇ سەۋەپتىن ئامېرىكا پەلەستىنلىكلەرنىڭ قىرغىن قىلىنىشىغا ئىزچىل سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولدى.
ئەمدى ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك،جوڭگۇدىن سىياسى پاناھلىق تىلەپ بارغان ھەرقانداق كىشىنى(جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىمۇ) ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قوينىغا ئېلىۋالىدۇ.بۇنىڭدىكى بىرلا مەقسەت: جوڭگۇنىڭ بالدۇرراق پارچىلنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.ئۇ دەسلەپكى قەدەمدە سېۋىت ئىتتىپاقىنى پارچىلاش مەقسىدىگە يەتتى. ئاندىن ئاستا-ئاستا نېفىت بايلىقى مول بولغان ئىسلام دۆلەتلىرىگە كۆز قىزارتىپ،ھەرخىل باھانىلەر بىلەن تىغ ئۇچىنى نېفىت توپلاشقا قاراتتى.سېۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ،جوڭگۇ ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ ،تەجىربە توپلاپ،ئۆز تەرەققىياتىنى تەكشى قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈردى.ئامېرىكا بىرقانچە قېتىم جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ چىشىغا تىگىپ،مۇرەككەپ سىياسى ئويۇن چەمبىرىكىگە،ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىشكە «تەكلىپ قىلغان» بولسىمۇ، جوڭگۇ ھۆكۈمىتى تەمكىنلىك بىلەن ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ،مەۋقەنى ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشكە، پەن-تېخنىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا قاراتتى.ھازىرقى ئەھۋالدا ئامېرىكا دۆلىتى ئىقتىسادى جەھەتتىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان،جوڭگۇ قاتارلىق دۆلەتلەرگە نۇرغۇن ئىقتىسادى قەرزگە بوغۇلغان مۇشۇنداق پەيتتە، ئامېرىكا بىلەن ياپۇنىيە بىرلىشىپ تېنچ ئوكياندا يادرو كۈچى بىلەن ماڭىدىغان «جورجى ۋاشىنگىتۇن»ناملىق ئاۋياماتكىسىنى ئىشلىتىپ مەشىق ئۆتكۈزدى (ئەمىلىيەتتە بۇ بىر قېتىملىق ھەربى مانۋېر ئىدى).ئارقىدىنلا جوڭگۇ ئەتىراپىدىكى ھىندىستان،تايلاند قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردە بىر يۈرۈش تىرورلۇق،پارتىلتىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى. دېمەك ھەرخىل تەھدىت جوڭگۇ ئەتىراپىغا يېقىنلاپ قالدى.بۇنىڭغا قارىتا ئىراننىڭ فىرىزدىنتى ئەھمەدى نىجاد جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنى سەگەك بولۇشقا ئاگاھلاندۇردى. دېگەندەك بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا جوڭگۇ ھۆكۈمىتى بىلەن ھىندىستان ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ، «تىرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەربى مانۋېرى» ئۆتكۈزدى
(مەنبە:
http://news.xinhuanet.com/mil/2008-12/06/content_10465104.htm).
بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ تىنچ ئوكياندا «باشقۇرۇلدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىنىقى » ئېلىپ بادرى. جوڭگۇ ھۆكۈمىتى :«ئامېركىنىڭ بۇ سىنىقى مەغلۇب بولدى» دېدى.
(مەنبە:
http://news.xinhuanet.com/mil/2006-12/08/content_5455614.htm ).
ئامېرىكا يەنە :«تەيۋەن مۇستەققىللىغى ئۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ،ئەگەر تەيۋەن مۇستەققىلىقنى جاكارلىسا ئامېرىكا بۇ ئۇرشقا كىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ» دېدى.
(مەنبە:
http://ido.thethirdmedia.com/article/frame.aspx?turl=http%3a//ido.3mt.com.cn/article/200605/show370903c32p1.ibod&rurl=&title=%u6700%u65B0%u56FD%u9645%u4FE1%u606F%uFF1A%u7F8E%u56FD%u516C%u5F00%u8868%u660E%u4ECB%u5165%u53F0%u6D77%u6218%u4E89%20%u652F%u6301%u53F0%u72EC%uFF0C%u63D0%u524D%u5BF9%u534E%u52A8%u6B66_%u4E00%u672C%u63CF%u5199%u300A2009%u5E74%uFF0C%u53F0%u6D77%u6218%u4E89%u300B%u7684%u4E66%20%u8F6C%u53D1%20---%20ido.3mt.com.cn. )
ئۇندىن باشقا:« ئەگەر ئامېرىكا بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ قالسا ئۇرۇش پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ كېتىشى مۇمكىن» دەپ قارالدى. (مەنبە:
http://bbs.newssc.org/dispbbs.asp?boardID=95&ID=691053&page=16).
ئىسرائىلىيە پەلەستىننى بومباردىمان قىلىشنى توختاتمىغان پەيتتە جوڭگۇ ھۆكۈمىتى پەلەستىن مىللى ھوقۇقلۇق ئورگىنىغا 1 مىليۇن دوللارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
(مەنبە:
http://news.qq.com/a/20081230/002435.htm?qq=0&ADUIN=524415616&ADSESSION=1230689734&ADTAG=CLIENT.QQ.1811_SvrPush_Url.0 )
دېمەك، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى،جوڭگۇ ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇشۇنداق داۋام قىلماقتا. زىددىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىشى،يېقىن مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ يېقىنلىشىشى ھازىرقى دۇنيا ئەللىرى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى بولسا كېرەك.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
2008-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى يېزىلدى، بۈگۈن تۈزىتىپ تورغا يوللاندى.