ئابلەت ئابلىكىم بىلەن شەبنەمدە سۆھبەت


« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سىز بۇ تېمىنىڭ 379 - كۆرۈرمىنى
بۇ بەتتىكى تېما: ئەركىن سىدىق-يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل- 4-قىسىم پىرىنتىرلەش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما

volkanuygur
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 59051
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 27 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 244 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 76(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 ئەركىن سىدىق-يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل- 4-قىسىم

«شەبنەم تورداشلار سۆھبەت توپلىمى» نى چۈشۈرۋىلىڭ
خەلقئارالىق مۇتەخەسىسلەر نەزىرىدىكى

يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل


4-قىسىم

ئەركىن سىدىق

2009-يىلى 3-ئاينىڭ 15- كۈنى

(بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.)
www.meripet.com     www.meripet.org
  
      مەن ئۇشبۇ يازمامدا كەڭگېس (Kangas) خانىم قاتارلىق 4 نەپەر دۇنياغا تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەر تەييارلاپ، 2008-يىلى 21-ئاپرىلدىن 2-مايغىچە ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ «يەرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى 7-نوۋەتلىك دائىمىي سۆھبەت يىغىنى» دا دوكلات قىلغان 30 بەتلىك ئىنگلىزچە «مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى» نىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن.  

            4. ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت

      
      «ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت» دېگەن سۆز 1915-يىلى باشلانغان ئوسمانىيلار ئىمپراتورلىقى مەزگىلىدىكى تۈركلەر بىلەن ئەرمىنىيلەر ئارىسىدىكى قىرغىنچىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. گەرچە بۇ سۆز ئۇزۇن مۇددەت ھەربىي توقۇنۇشلارغا قارىتا ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، ھازىر ئۇنداق ئەمەس. ھازىر ئومۇمىيۈزلۈك قوبۇل قىلىنغان بىر ئەھۋال شۇكى، بۇ سۆزنى تىنچلىق مەزگىلىدىكى ئەھۋاللارغا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. «ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت» نىڭ نىمىلەردىن تەشكىل تاپىدىغانلىغى 1998-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۇنىدىكى «رىم خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى قانۇنى» (ئىنگلىزچە «Rome Statute of the International Criminal Court»، قىسقارتمىسى «ICC Statute» بولۇپ، تۆۋەندە مەن ئۇنى «رىم قانۇنى» دەپ ئالىمەن) دا ئەڭ تولۇق تەسۋىرلەنگەن. رىم قانۇنىنىڭ 7-ماددا 1-ئابزاسىدا «ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت» كە مۇنداق ئېنىقلىما بېرىلگەن: ئۆزىنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرۇپ، مەلۇم بىر قۇرالسىز پۇقرالار نوپۇسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان بەلگىلىك ساندىكى، كەڭ كۆلەملىك ياكى سېستىمىلىق ھۇجۇمدىن ئىبارەت. ئاشۇ پاراگرافتا بۇ سۆزنىڭ مەنىسى يەنە «بىر دۆلەت ھاكىميىتى ياكى بىر تەشكىلات ئۆز سىياسىتى ئارقىلىق مەلۇم بىر پۇقرالار نوپۇسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان بىر قاتار ھۇجۇملار» دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇنداق ئىش بىر سىياسەت ھېساپلىنىشى ئۈچۈن، بىر دۆلەت ھۆكۈمىتى ياكى بىر تەشكىلات ئاشۇنداق ھۇجۇمنى ئاكتىپلىق بىلەن ئېلىپ بېرىشى ياكى باشقىلارنى ئۇنى ئېلىپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئەڭ مۇھىم يېرى شۇكى، بۇنداق ھەرىكەت بىر ھەربىي ھۇجۇم بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ.

بىرىنچى قېتىملىق مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي ماقالىمىزدا بايان قىلغان يەرلىك مىللەت بالىلىرى مائارىپىنىڭ شەكلى يۇقىرىدىكى «ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت» نىڭ تەلەپلىرىگە تولۇق چۈشىدۇ، دەپ قاراشقا پۈتۈنلەي بولىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرچە بۇ خىل مائارىپ شەكلى رىم قانۇنى 7-ماددا 1-پاراگراف ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەركەتلەرنىڭ بىرسى، دەپ قارىساق، بۇ جىنايەت ئەلۋەتتە كۆپ خىلدىكى نەرسىلەرگە ئاساسلىنىپ ئۆتكۈزۈلگەن. شۇنداقلا مائارىپ دېگەن دۆلەت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئىش بولغاچقا، بۇنداق سىياسەتنى چوڭقۇرلاپ يۈرگۈزۈشكە دۆلەت ھاكىميىتى كۈچىمىگەن، دىيىش ناھايىتى تەس. بۇنداق ھەرىكەت چوقۇم كەڭ-كولەملىك ۋە سېستىمىلىق بولۇپ، پۈتۈن مائارىپ سېستىمىسىنى مۇشۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇ.

رىم قانۇنى تۆۋەندىكى ئىش-ھەركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:
(ئا) قاتىللىق
(ب) قىرغىنچىلىق
(چ) قۇل قىلىش
(ف) قىيىن-قىستاق قىلىش
(گ) باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە جىنسىي جەھەتتىكى باشقا ئەشەددىيلىكلەر
(ئى) تەشكىللىك ھالدا بەزى كىشىلەرنى يوق قىلىۋېتىش
(ج) ئىرقىي ئايرىمىچىلىق جىنايىتى

رىم قانۇنىدا ئۇشبۇ ماقالە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككى كىچىك پاراگراف بار. ئۇنىڭ بىرسى (h) پاراگراف بولۇپ، ئۇنىڭدا «مەلۇم بىر  گۇرۇپپا كىشىلەرنى مىللىتى، ئېتنىكلىگى، مەدىنىيىتى ۋە دىنى قاتارلىقلارنىڭ ئاساسىدا جازالاش». بۇ قانۇندا «جازالاش» دېگەن سۆزگە بېرىلگەن ئېنىقلىما مۇنداق: خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا، مىللىي كىملىكى سەۋەبىدىن بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىدىن قەستەن ۋە ئېغىر دەرىجىدە مەھرۇم قىلىش. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىككى پارچە ماقالىمىزدا يەرلىك مىللەت بالىلىرىنىڭ مائارىپ ھوقۇقىنىڭ ماھىيىتىنى ئانا تىلدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەكتەپ تەربىيىسى بىلەن باغلاپ تۇرۇپ تەكشۈرۈپ چىقتۇق. ھەمدە يەرلىك مىللەت بالىلىرىنىڭ مەكتەپ تەربىيىسىنى ئۆز ئانا تىلىدا ئېلىپ بارماسلىق مائارىپ شەكلى يەرلىك مىللەت بالىلىرىنىڭ مائارىپ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، مۇشۇنداق مائارىپ ھوقۇقى رىم قانۇنىدا تەسۋىرلەنگەن ئاساسلىق ھوقۇقلارنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مۇشۇنداق ئاساسىي ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قالدۇرۇشتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەر ئىنتايىن يامان بولۇپ، مۇشۇنداق سىياسەتلەر مەقسەتلىك ھالدا يولغا قويۇلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر دۆلەت ھۆكۈمىتى يولغا قويغان يەرلىك مىللەت بالىلىرىنىڭ مەكتەپ تەربىيىسىنى ئۆز ئانا تىلىدا ئېلىپ بارماسلىق مائارىپ سىياسىتىنى رىم قانۇنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «جازالاش» بىلەن ئوخشاش، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

رىم قانۇنىدىكى ئۇشبۇ ماقالە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككىنچى كىچىك پاراگراف (K) پاراگراف بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەرىكەت ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، باشقىلارغا زور ئازاپ-ئوقۇبەت، ياكى ئادەم بەدىنىگە، روھىي ياكى جىسمانىي سالامەتلىگىگە ئېغىر زەخمە ئېلىپ كېلىدىغان ھەرىكەتلەردىن ئىبارەت. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىككى پارچە ماقالىمىزدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، يەرلىك مىللەت بالىلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇيالماسلىغى ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر ۋە مەڭگۈلۈك روھىي زەخمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك جىسمانىي سالامەتلىكىگىمۇ ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭلاشقا بىز ئاشۇنداق مائارىپ سىياسىتى يەرلىك مىللەت بالىلىرىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىپلا قالماستىن، ئاشۇنداق مائارىپ سىياسىتى ئارقىلىق روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى زور ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى «ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھەرىكەت» دەپ قاراشقا بولىدۇ، دەپ ھېساپلايمىز.

5. خۇلاسە

ناھايىتى روشەنكى، يەرلىك مىللەت بالىلىرى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ۋە ھازىرمۇ كەچۈرۈۋاتقان ھەر خىل شەكىلدىكى كېمەيتمە مائارىپ ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن يامان ۋە مەڭگۈلۈق روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى زەخمىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق مائارىپ شەكىللىرى زورلۇق كۈچى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار يېقىن ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ 1-قېتىملىق ماقالىمىزدا مۇھاكىمە قىلغىنىمىزدەك، بۇنداق مائارىپ سىياسىتى بىر قاتار كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە خىلاپ بولۇپ، بىزنىڭ قارىشىمىزچە ئۇلار ھازىرمۇ بالىلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق مائارىپ سىياسىتى يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاسمىلاتسىيە قىلىش تۈسىنى ئالغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ ھازىرقى زاماندىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنىڭ ئاساسى بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش ئۆلچەملىرىگە زىت كېلىدۇ.

بىز ئۇشبۇ ماقالىدا يەرلىك مىللەت بالىلىرىنى ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇتماسلىق مائارىپ سىياسىتى قانداق دەرىجىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت بولىدىغانلىغى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردۇق. گەرچە كېڭىشىش ۋە خۇلاسىلاش جەريانىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق كېلىشىمى» نىڭ دائىرىسى تارايتىلغان بولسىمۇ، بۇ كېلىشىم كېمەيتمە مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئوبىكتى قىلىنغان يەرلىك مىللەت بالىلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى مەزمۇن قىلغان ھەرىكەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىغىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۇق. بولۇپمۇ بىز بۇ خىلدىكى مائارىپ «ناھايىتى ئېغىر روھىي زەخمىلەر» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىغىنى، «ناھايىتى ئېغىر جىسمانىي زەخمىلەر» بىلەن ئورتاق مەۋجۇت بولىدىغانلىغىنى، ھەمدە يەرلىك مىللەت بالىلىرىنى باشقا بىر مىللەتكە مەجبۇرى ھالدا ئۆزگەرتىۋېتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىغىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۇق. ئەمما، تا ھازىرغىچە مۇشۇنداق ھەركەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇپ ھېساپلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان روھىي ئېلېمېنتلار بىر مىللەتنى فىزىكىلىق ۋە پىسخولوگىيىلىك جەھەتتىن ۋەيران قىلىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش غەرىزى بىلەن چەكلىنىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ چەكلەنمە ئاشۇنداق مائارىپ سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى بىر خىل ئېرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ھېساپلاشقا زور دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىپ كەلدى. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، «ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت» دېگەن ئۇقۇمنىڭ چەكلىمىسى جىق ئاجىز بولۇپ، ئۇنى ھېلىقىدەك كېمەيتمە مائارىپ سىياسىتىگىمۇ قوللىنىشقا بولىدۇ. بىراق، كېمەيتمە مائارىپ بىلەن ئەڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان جىنايى ئىشلار كاتىگورىيىسىنىڭ توغرا قانۇنىي مەزمۇنلىرى تېخىچە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، بۇ كاتىگورىيىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، كېمەيتمە مائارىپنىڭ يالغۇز يەرلىك مىللەت تىلى ۋە مەدىنىيىتىگىلا ئەمەس، يەرلىك مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ كەلتۈرىدىغان ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئاقىۋەتلىرى ھازىر پۈتۈنلەي ئايدىڭلىشىپ بولدى . ئەمىليەتتە بۇ ئىشنىڭ ئايدىڭلىشىپ بولغىنىغا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولدى. باشقا بارلىق قانۇن-پەرمانلارغا ئوخشاش، خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇنىمۇ ئاشۇ قانۇننىڭ ئىچىدىكى ئىشلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىپ ماڭىدۇ. «ئىنسانىيەت ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت» ئۇقۇمىمۇ ئاشۇنداق تەرەققىياتنىڭ بىر ياخشى ئاساسى بولالايدىغان بولۇپ، مۇشۇنداق تەرەققىيات ئەڭ ئاخىرىدا كېمەيتمە مائارىپ پائالىيەتلىرى ۋە سىياسەتلىرىنىڭ بىر خىل جىنايەت بولۇپ ھېساپلىنىشىغا ئېلىپ بارىدۇ. بىز ب د ت نىڭ يەرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى دائىمىي سۆھبەت يىغىنىدىن مۇشۇ ئاساستا بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئىش كۆرۈش مەسىلىسىدە ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

(ئەسلىدىكى 30 بەتلىك ماقالىنىڭ مەزمۇنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.)

ئاخىرقى سۆز

مەن كەڭگېس خانىم قاتارلىق 4 نەپەر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ 2004-يىلىدىكى 1-قېتىملىق «مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى» نىمۇ تېپىپ، ئۇنىڭ تور بەت ئادرىسىنى مۇشۇ يازمىنىڭ ئەڭ ئاستىغا يېزىپ قويدۇم. ئىنگلىزچىنى بىلىدىغان ھەمدە يەرلىك مىللەت مائاارىپى ۋە ئانا تىل ھەققىدە تېخىمۇ كەڭ بىلىمگە ئېرىشىشنى ئىستەيدىغان قېرىنداشلارنىڭ ئۇ ماقالىنىمۇ بىر قېتىم كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن كەڭگېس خانىمنىڭ 800 بەتلىك ئىنگلىزچە كىتاۋىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى بىرەر قۇر ۋاراقلاپ چىقتىم. ئۇ كىتاپتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلار ھېلىقى ئىككى پارچە «مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى» دىكى مەزمۇنلار بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى، يەرلىك مىللەت تىللىرى، ئۇ تىللارنىڭ يوقىلىش ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ ناھايىتى تەپسىلىي مەزمۇنلار بار ئىكەن. لېكىن يەرلىك مىللەت مائاارىپى ۋە ئانا تىل مەسىلىلىرىدە ھازىرغىچە بايان قىلىنمىغان مەزمۇنلار بولمىغاچقا، مەن ئۇ كىتاپ توغرىسىدا باشقا ئايرىم يازما تەييارلىماسلىقنى قارار قىلدىم.

ب د ت نىڭ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدە 2007-ماقۇللانغان بىر باياننامىسى بار بولۇپ، ئۇنى «توپباغ» ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىز ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىپتۇ. مەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر بىز ۋە مەرىپەتتىكى تور بەت ئادرىسىنى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاخىرىسىغا كىرگۈزۈپ قويدۇم. مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ باياننامىنىمۇ بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

مەن يېقىندا تور ئارىلاۋېتىپ، «بىر دېھقاننىڭ مائارىپ نازارىتىگە يازغان خېتى» دېگەن بىر يازمىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ دېھقان قېرىندىشىمىز ناھايىتى ئەتراپلىق پىكىر قىلغان بولۇپ، قىزىققۇچلار ئۇنى بىر قېتىم كۆرۈپ باقسا بولىدىكەن. ئۇ خەتنىڭ تور بەت ئادرىسىمۇ مۇشۇ يازمىنىڭ ئەڭ ئاخىرىسىدا بار.

ئامرىكىلىق مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مارتىن لۇسېر كىڭ (Martin Luther King ) مۇنداق دەيدۇ: «مەلۇم بىر ئىش ئۈچۈن ئۆلۈشنى خالىمايدىغان ئادەم ياشاشقا لاياقەتلىك ئەمەس» (ئىنگلىزچە «A man who won't die for something is not fit to live»). مېنىڭچە ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسى ۋە ھەر بىر غورۇر ئىگىسى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئانا تىلى ۋە مىللىي مەدىنىيىتى مارتىن لۇسېر كىڭ كۆزدە تۇتقان ھېلىقىدەك «بىر ئىش» بولالايدۇ. چۇنكى خۇددى ۋېنگىرىيەلىك يازغۇچى ئاندراس سۈتو (Andras Süto ) ئەيتقىنىدەك، «ئۆز ئانا تىلىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرى بولغان ئىنسان ئۆز ھاياتىنىڭ مەنىسىدىنمۇ ئايرىلىدۇ». مەن ئالدىنقى يازمامدا كوۋەي (Covey) ئەپەندىنىڭ «پرىنسىپ» نىڭ نىمە ئىكەنلىگى ھەققىدىكى بايانلىرىدىن ئازراقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. مەن ئۇنىڭدىن بۇ يەرگە يەنە ئازراق قوشۇپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم:

ئوخشىمىغان كىشىلەر ئۆز ھاياتى ئۈچۈن ئوخشىمىغان نەرسىلەرنى مەركەز قىلىپ تاللايدۇ. مەسىلەن، ئائىلە، پۇل، خىزمەت، كەسىپ، ھوقۇق، دوست، دىن، دۈشمەن، ئويۇن-تاماشا، ئۆز-ئۆزى ۋە پرىنسىپ قاتارلىقلار. ئۆزىڭىز ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر ئېنىق مەركەزنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، سىز ئىزچىل تۇردە ئۆز ھاياتىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مۇنداق يۇقىرى دەرىجىلىك تۆت ئامىلغا ئىگە بولالايسىز: بىخەتەرلىك، يول باشچىلىق، ئەقىل ۋە كۈچ-قۇدرەت. بولۇپمۇ، ئەگەر سىز ئۆز ھاياتىڭىز ئۈچۈن پرىنسىپنى مەركەز قىلىپ تۇرغۇزسىڭىز، يوقۇرىقى تۆت ئامىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس ھازىرلىيالايسىز. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەپ، نەرسىلەر داۋاملىق توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. لېكىن، توغرا پرىنسىپ مەڭڭۇ ئۆزگەرمەيدىغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭدىن ھەر ۋاقىت پايدىلىنالايمىز. پرىنسىپ ھىچ قانداق نەرسىگە بېقىنمايدۇ. ئۇ خاپا بولۇپ قالمايدۇ، ھەمدە بىزگە ھەر خىل مۇئامىلىدە بولمايدۇ. ئۇ باشقىلارنىڭ ھەركىتىگە ياكى مۇھىتقا بېقىنمايدۇ. ئۇ مەڭگۇ ئۆلمەيدۇ. ئۇ بۈگۈن بار بولۇپ، ئەتە يوق بولۇپ قالمايدۇ. ئۇنى ئوت ياكى يەر تەۋرەش ۋەيران قىلالمايدۇ. ياكى ئۇنى ئوغرى ئوغرىلاپ كېتەلمەيدۇ. پرىنسىپنى مەركەز قىلغان ھايات بىلەن بىللە مەۋجۇت بولىدىغان يول باشلامچى بىلەن ئەقىل توغرا يول خەرىتىسىدىن، ئىشلارنىڭ قانداق يۈرۈشىدىغانلىغىدىن، بۇرۇن قانداق يۈرۈشكەنلىگىدىن، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن قانداق يۈرۈشىدىغانلىغىدىن ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. توغرا يول خەرىتىسى بىزنىڭ قايسى مەنزىلگە يەتمەكچى ئىكەنلىگىمىز ۋە ئۇ مەنزىلگە قانداق يېتىدىغانلىغىمىزنى ئېنىق چۈشىنىۋېلىشىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. بىز ئەمىلىلەشتۈرگىلى بولىدىغان ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق سان-سېفىرلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرى توغرىسىدا توغرا قارار ئالالايمىز. بىزنىڭ ئۆز ھەركىتىمىزنى تاللاش ئەركىنلىگىمىز بار، لېكىن ئۆز ھەركىمىزنىڭ نەتىجىسىنى بەلگىلەش ئەركىنلىگىمىز يوق. ھەر بىر پرىنسىپ ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان مەلۇم تەبىئى ئاقىۋەتلەر بىلەن بىللە مەۋجۇت بولىدۇ. بىز پرىنسىپ بىلەن ماسلاشقاندا ئۇنىڭدىن ئىجابىي نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ. بىز پرىنسىپنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ئىش تۇتساق، ئۇنىڭدىن سەلبىي ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. ئەمما پرىنسىپلار ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۇلاردىن خەۋىرى بولۇش-بولماسلىغىدىن قەتئىينەزەر ھەممە كىشىلەر ئۈچۈن ئورتاق بولغاچقا، بۇ خىل چەكلىمە ئۇنىۋېرسال بولىدۇ. بىز توغرا پرىنسىپلارنى قانچە كۆپ بىلسەك، بىزنىڭ ئاقىلانە ئىش كۆرۈشتىكى شەخسىي ئەركىنلىگىمىزمۇ شۇنچە زور بولىدۇ. بىز ئۆز ھاياتىمىزنى دەۋىر بىلەن مۇناسىۋەتسىز، مەڭگۇ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلارغا مەركەزلەشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىمىزنىڭ ئۈنۈملۇك ياشىشى ئۈچۈن يول ئاچالايمىز. قىسقىسى، پرىنسىپ باشقا بارلىق مەركەزلەرنى توغرا ئورۇنغا قويۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم مەركەزدىن ئىبارەتتۇر.

كەڭگېس (Kangas) خانىم قاتارلىق بۇ 4 مۇتەخەسسىس ئۆزلىرىنىڭ ئىككى پارچە «مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى» دا ئوتتۇرىغا قويغىنى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى 150 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە يۇز بەرگەن يەرلىك مىللەت ماارىپى ۋە ئانا تىل ساھەسىدىكى تارىخىي ئىشلار ئارقىلىق تولۇق ئىسپاتلانغان توغرا پرىنسىپ ياكى تەبىئى قانۇنىيەتلەردىن ئىبارەتتۇر. شۇڭلاشقا ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلى ۋە مىلللىي مەدىنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بىز ئۇيغۇر دىيارىدا چوقۇم ئۆز ئانا تىلىمىزدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەكتەپ تەربىيىسىنى يولغا قويۇشىمىز، «قوش تىللىق مائارىپ» تۈزۈمىنىمۇ چوقۇم ئۇنىڭ ئەسلى مەنىسى بويىچە يولغا قويۇشىمىز كېرەك. ئۇنداق قىلماسلىق بىر مىللەتنى چوقۇم زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىدۇ. مەن بارلىق ئۇيغۇر ئەمەلدارلار ۋە ئۇيغۇر مائارىپچىلىرىنىڭ بۇ ئىشتىن تولۇق خەۋەر تېپىشىنى، ھەمدە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ھازىرقى تۇيۇق يولدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمۈت قىلىمەن.

     مەن بۇ يازمامنى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ مۇنۇ سوزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن (مەنبەسى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاستىدا): «ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كشىلەر نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى سۈكۈت ئىچىدە قولدىن بېرىپ قويماقتا! مەن ئېيتىمەنكى، ھەر بىر كىشى، ھەر بىر مىللەت ئىززەت-ئابروي ساھىبىدۇر. جۇڭگونىڭ قانۇنى جۇڭگو پۇخرالىرى مىللەت، جىنس، دىن… ئايرىماستىن، بارلىق ھوقۇقلاردا باپ-باراۋەر، دەپ ئېنىق بەلگىلىگەن. بىراق، رېئال تۇرمۇشتا، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەەتلىرى ئۈزلۈكسىز دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماقتا، ھەتتا بەزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمۇ ھاماقەتلەرچە بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنى كەمسىتمەكتە!! ھەي، ئۇيغۇرلار! سىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەەتلىرىڭلار دەخل-تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، كانىيىڭلارنى قويۇۋېتىپ ئۆز ئاۋازىڭلارنى ئاڭلىتىڭلار! ئاۋامنىڭ نادانلىقى ھاكىمىيەتنىڭ ئۇياتسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھاكىمىيەتنىڭ ئۇياتسىزلىقى ئاۋامنى نادان ھالەتتە قالدۇرىدۇ.»


تەھرىرلىگۈچى: مەرىپەت تورى (www.meripet.org   www.meripet.com) دىن ئۇيغۇر

بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تور ئادرىسلىرى توپلىمى:

1)  2004-يىلى ئېلان قىلىنغان 1-قېتىملىق «مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى» (ئىنگلىزچە):  
http://www.tove-skutnabb-kangas.org/pdf/PFII_Expert_paper_1_Education_final.pdf    
2)  يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقوقى ھەققىدىكى ب د ت باياناتنامىسى (لاتىن يېزىغى):
http://www.uighurbiz.cn/forum/viewthread.php?tid=1195&extra=page%3D1
http://www.meripet.com/Academy/ 2009a0_bdt.htm  

3)  ئۇشبۇ يازمىنىڭ ئالدىنقى 3 قىسمى  ئېلان قىلىنغان باشقا تور بەت ئادرىسلىرى (كونا يېزىق):
1-qisim: http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-54612-fpage-0-toread--page-1.html
2-qisim: http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-60320.html
3-qisim: http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-62748.html  
4) «بىر دېھقاننىڭ مائارىپ نازارىتىگە يازغان خېتى»:  
./read.php?tid-98236.html  

5) ئۇشبۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان «مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي ماقالىسى»: http://www.un.org/esa/socdev/unpfii/documents/E_C19_2008_7.pdf 6) يەرلىك مىللەت تىلى ھەققىدىكى خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر يىغىنلىرى:
http://www.un.org/esa/socdev/unpfii/en/EGM_IL.html  
7) ئىلھام توختى: «بېيجىڭ ئايرۇدرۇمىدىن فرانسىيە گائۇللې ئايرۇدرۇمىغىچە»:
http://www.uighurbiz.cn/forum/viewthread.php?tid=1178&extra=page%3D1  


ئەگەر ئۇلانمىلار توغرا ئېچىلمىسا ئەسەرنىڭ مەنبەسى بولغان مەرىپەت تورىدىكى ئۇيغۇرچە ۋە لاتىنچىسىدىن ئاچسىڭىز توغرا ئېچىلىدۇ.

مەنبەسى- www.meripet.org

تېما تەستىقلىغۇچى : xabnam.com001
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-17, 09:47

 

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-17 17:22 |
شەبنەم تور رادىئوسى
UYGHURAAA
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 62532
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 953
شۆھرەت: 1483 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 8714 سوم
تۆھپە: 17 نۇمۇر
ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 439(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-10-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

مۇشۇنداق تىمىلارنى شەبنەم بەك قوللىسا ياخشى بولاتتى.   

كومپاس تىل تەربىيلەش مەكتىپى
ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 17:52 |
شەبنەم تور رادىئوسى
anwareli
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 73674
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 94(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

رەخمەت سېزگە مېللەتنېڭ ئاتېسې.

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 18:31 |
oygak2005
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 17045
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 120
شۆھرەت: 121 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1190 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 524(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

ئەركىن سىدىقكامنىڭ  ماقالىرنى   بەك  ياختۇرۇمەن   ،،،،ئېنكاس  يىزپ  ساقلىۋالاي،،،،ۋاقىت  چىقىرىپ  ئوقۇي!!!

مۇئەللىم ئېلكتىرونلۇق لۇغىتى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 18:43 |
shebnem.com
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 67878
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 160 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 38(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

ياخشى يازما ئىكەن، رەھمەت سىزگە!!!!

چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 19:04 |
Maslatchi
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 73542
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 90
شۆھرەت: 700 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 290 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 64(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-17

 

مەن ئۇيغۇر  دىگەن كىشلەر  بىر قىتتىم ئوقۇيدىغان  تىمىكەن ياشاپ كىتىڭ  ئەركىن سىدىق  ئاكا   سىز  بىز ئۇيغۇر مىللىتىنى  ئانا تىلىنى دۇنيادىكى ئورۇننى كۇچەيتىۋاتىسىز .  ئاللا قىلغان ئىشلىرىڭىزغا بەركەت
ئاتا قىلسۇن  ئامىن ........

شىنجاڭ تور مەكتىپى
http://blog.9saray.com/2828
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 19:19 |
mamatjan0997
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 70462
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
شۆھرەت: 61 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 610 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 67(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

رەخمەت سېزگە مېللەتنېڭ ئاتېسې.ئەركىن سىدىقكامنىڭ  ماقالىرنى   بەك  ياختۇرۇمەن  

چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 19:28 |
@otkax
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 68824
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 305
شۆھرەت: 310 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 3045 سوم
تۆھپە: 9 نۇمۇر
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

بۇ تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر تىما بوپتۇ! ئەركىن سىدىق ئاكنىڭ ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن! ...ھارمىغايسىز!...

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 19:39 |
sarkarda-1
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 41843
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 107
شۆھرەت: 108 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1070 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 216(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

بۇ  گەپ( «مېللەتنېڭ ئاتېسې»  )سەل  ئارتۇق  كەتتىمۇ-قانداق؟!!!
توغرا ، ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ مىللىتىمىز ئۈچۈن قالغان جاپالىق ئەجىر-تۆھپىلىرى ھەقىقەتەن كۆپ ،بۇنىڭغا كۆز يۇمۇپ  تۇرالمايمىز ،لىكىن «مىللەتنىڭ ئاتىسى» دىگەن ئاتىدەك  بولىدۇ ، ئۇنداق« ئاسمىنى كەڭرى» يەرگە چىقىۋېلىپ  بېر نېمە دىگەن بېلەن  ھېچ ئىش ھاسىل بولمايدۇ .  مېللەتنىڭ ئاتىسى دېگەن پەلەستىن مىللىي ھۇقۇق ئورگېنىنىڭ سابىق رەھبىرى  مەرھۇم  ئەرافاد تەك بولىدۇ. مانا . ئۇ كىشى بىر ئۆمۈر ئانا ۋەتىنىدە ئۆز خەلقى بىرلىكتە  كۆرەش قىلغان ،ھەرگىزمۇ ۋەتەننى تاشلاپ قاچقان ئەمەس،مانا شۇ كىشىلا بۇ نامغا مۇناسىپ!

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 19:43 |
atom
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 12698
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 301
شۆھرەت: 376 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2913 سوم
تۆھپە: 116 نۇمۇر
ياخشى باھا: 86 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 549(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

يوۋ پانا. بۇرۇن تۈرمىدىن قېچىش چىقىدۇ دەپ ھەر سەيشەنبە كۈنى كۆزۈم تۆت بولاتتى، ئەمدى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ يېڭى يازمىللىرى چىقىپ قالامدىكى دەپ دۈشەنبىدىن يەكشەنبىگەچە كۆزۈم توردىلا بولۇپ قالىدىغان بولدى!  بۇنى بېسىپ چىقىرىپ كۆرەي جۇمۇ، كومپيۇتېردا كۆرسە سەل «غۇۋا» كۆرۈپ قالىدۇ ئادەم.
ئەركىن سىدىق ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت!

تالاشماڭلار خالايىق، قالىدىكەن بۇ دۇنيا!
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 19:46 |
volkanuygur
دەرىجىسى : يېڭى ئۆگەنگۈچى


UID نۇمۇرى : 59051
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 26
شۆھرەت: 27 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 244 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 76(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

sarkarda-1  دىمىزنىڭ ئىنكاسىغا ئىنكاس
ھۆرمەتلىك سەركەردە جانابلىرى، ئەركىن سىدىقنى مىللەتنىڭ ئاتسى دىگەن دوستىمىز بەلكى ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ دۇنيا پەن-تېخنىكا ساھەسىگە ئىنسان سۈپىتىدە قوشۇۋاتقان تۆھپىسىدىن مەمنۇنىيەت ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا ئېرىشكەنلىكىدىن شۇنداق سۆزلىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما سىزنىڭ نادانلارچە بىلجىرلىشىڭىزغا سەۋەپ بولغۇدەك بىر ئىش ئۇنىڭ ئىنكاسىدا.
شۇنداق، ئەركىن سىدىق ئاكىمىز بىزنىڭ ۋەتەن دەپ بىلىدىغان تار دائىرىدىكى ۋەتەن چىگرىمىزنىڭ سىرتىدا، ئەمما بىر ئىنسان ئاللاھ ياراتقان ئەقىل پاراسىتىنى نەدە ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسان ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تۆھپە قوشالىسا ئۇ ھەقىقىي ئىنساندۇر، ۋە تۆھپە قوشقان ساھەنىڭ ئاتىسىدۇر. ئەركىن سىدىق ئاكىمىز گەرچە بىز سىزىۋالغان ۋەتەن چىگرىسىنىڭ سىرتىغا «قېچىپ چىققان» بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇرنىڭ كۆڭۈل دۇنياسىدىكى «ۋەتەن» دە ئىنساندەك ياشاش ئۈچۈن كۈچىنىڭ بېرىچە تىرىشىۋاتىدۇ.  بەلكىم سىز شۇ ۋەتەننىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن، قېنى سۆزلەپ بېىقىڭ، سىز شۇ تىلغا ئېلىۋاتقان «ۋەتەن» ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىپ باقتىڭىز؟ ۋەتەننىڭ تۇپراقلىرىغا دەسسەپ تۇرۇپ، شۇ تۇپراقتىن چىققاننى يەپ، ۋەتەن ئۈچۈن، مىللىتىمىز ئۈچۈن ھىچبىر ئىش قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە ۋەتەن خەلقىنى ئۆز -ئۆزىدىن بىزار قىلغۇدەك رۇھى بۇزغۇنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزىۋاتقان شەرمەندىلەرنى دىېيىش كېرەك ئىكەندە مىللەت ئاتىسى دەپ؟  

دوپپىڭىز بولسا ئالدىڭىزغا قويۇپ قويۇپ تۇرۇپ، بىر ئىنسان، بىر ئۇيغۇر سۈپىتىدە ئەستاھىدىل بىر ئويلىنىپ بېقىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن.  ھەر بىرىمىزنىڭ بۇ ئىنسانلىق ئالىمىدە قانداق ھەق-ھوقۇقىمىز ۋە ئىنسانىي بۇرچىمىز بار؟ سىز بىر ئىنسان سۈپىتىدە نىمە ئىش قىلىپ باقتىڭىز بۇ دۇنيا ئۈچۈن، مىللىتىمىز ئۈچۈن؟ ئەگەر بۇ مىللەت ئۈچۈن  پايدىلىق بىر ئىش قىلىپ باققان ئىنسان دەپ ھىس قىلسىڭىز، مەسىلىلەرگە ئىلمىي، ئىنسانلارنىڭ رۇھىيىتىگە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ! «مىىلەت ئاتىسى» دىگەن ئادەم ئەركىن سىدىقنىڭ ماقالىسىنىڭ بىر يەرلىرىدىن بەلكى ئۆزىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن بۈيۈك بىر ئىلھام ئالغان بولۇشى مۇمكىن ئەمەسمۇ سىزچە؟ ئەگەر سىز بىزگە شۇنچىلىك بىر رۇھى ئىلھام ئاتا قىلالىسىڭىز مەنمۇ سىزنى «مىللەت ئاتىسى» بولۇشقا لايىق ئىنسان سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشىم مۇمكىن.

بۇ دۇنيادا ھەر ئىنسان «مىللەتنىڭ ئاتىسى» «خەلىقنىڭ ئاتىسى» ياكى ھىچبولمىغاندا بالىسىنىڭ بولسىمۇ ئاتىسى بولۇش ئىقتىدارى بىلەن يارىتىلغان. سىزنىڭ كىمنىڭ ئاتىسى بولۇشىڭىز ئۆزىڭىزنى بۇلارنىڭ قايسىسىنى بولۇشقا ئاتىشىڭىزغا باغلىق ئەلۋەتتە.  ئەگەر سىز ئۆزىڭىزى باشقىلارنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇش ئۈچۈن يارىتىلغان مەۋجۇدات دەپ قارىسىڭىز ، ئەلۋەتتە ئۇنداق بولۇشمۇ سىزنىڭ ئىمكانىڭىز ۋە ھوقۇقىڭىز، ئەمما بىزنىڭ «بىز» دىن كۈتىدىغان ئۆمىدىمىز مىللەتكە ئاتا ياكى ساھىب چىقىشتۇر.
بەزى گەپلەر ئىغىر كەتكەن بولسا تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن ئەمما سىزدىن ئۆمىدىم شۇكى، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئورنىغا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىشىڭىزدۇر.

پۈتۈن تورداشلارغا ئامانلىق تىلەيمەن.

ۋولقان ئۇيغۇر

شىنجاڭ تور مەكتىپى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 20:17 |
qqopp
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 21610
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 755
شۆھرەت: 786 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 7495 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 1224(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

بىزگە مانا مۇشۇنداق ئويغاتقۇچىلار كىرەك !!!

چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 20:19 |
Abduqopal315
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 71569
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 219
شۆھرەت: 219 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2140 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 169(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

بىلىپ تۇرۇپ تۆشۇككە پۇتىمىزنى تىقىۋاتىمىز

چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 20:24 |
azhar888
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 17569
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 632
شۆھرەت: 633 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 1068 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 293(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

ماۋۇ  تېمىنى  ئىنكاس  يىزىپ  20 نەچچە  بەتكە  چىقىرالمايمىز ،  لىكىن   نەدىكى  يۇقۇلاڭ  تېمىلاردا     بىر- بىرمىزنى  تىللاپ  30  بەتكە   چىقىرۋىتىمىز

چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 20:43 |
yiganneroh
دەرىجىسى : شەبنەم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 33062
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 218
شۆھرەت: 219 نۇمۇر
شەبنەم پۇلى: 2133 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى : 632(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-18

 

بۇ بىزگە كۈچ قۇۋەت ئاتا قىلىدىغان تېما ئىكەن!!!!

چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-17 21:32 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
XabnamBBS » ئۆزىمىزگە نەزەر
 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە    تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە
ئەسكەرتىش : تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرخىل قائىدە سىياسەتلىرىگە خىلاپ ماقالىلەر ۋە يوللانمىلارنى ، سۈرەتلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ .
بۆلگۈنچىلىك ، قۇتراتقۇلۇق خارەكتىردىكى تېما ، ماقالىلەرنى يوللىغان ئاپتورلار ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ .تور بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ .
شەبنەم تور بېكىتىمىز ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن مەزمۇنى ساغلام تېما - ئىنكاسلارنى يوللىشىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز !

Time now is:03-18 23:39, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Code © 2003-08 PHPWind.com Corporation
增值电信业务经营许可证 新B2-20080018号  -  互联网电子公告(BBS)服务资质
بېكەت ھەققىدە شان ـ شەرەپلەر ئەسەرلىرىمىز خېرىدارلىرىمىز ھەمكارلىشىڭ ئېلان بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ