جوڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقوق ھەركەت پىلانى يولغا قويۇلدى.ھەممە ساھە ئورتاق ھىمايە قىلايلى !
مائارىپىمىزدا ئىلمى تەرەقىيات كۆز قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرايلى !
بۈگۈن "شەبنەم" تورىنى ئارىلاۋېتىپ مائارىپ نازارىتىنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىدىن پىكىر ئېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرىشىنى كۆرۈپ قالدىم. كۆرۈپ يۇقۇرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىدىكى كەسپى ئورۇنلارنىلا ئەمەس بەلكى كەڭ خەلىقنىمۇ ئاساس قىلىشقا ئۆتكەنلىكىدىن، مەركەزنىڭ ئىلمى تەرەقىيات كۆز قارىشىنىڭ مائارىپىمىزدىمۇ ئوموملىشىش يولىغا قەدەم قويۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.
قانداقلا بولىشىدىن قەتئىنەزەر بىر مىللى رايونغا نېسبەتەن بۇنداق شەكىلدە پىكىر ئېلىش سەل مۇۋاپىق ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ تورداشلارنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ قويغان تىزىسى ئاساسىدا 36 نۇقتىغا تولۇق پىكىر بېرىشكە تىرىشتىم. ئېنىقكى تەپەككۈر قۇرۇلمام بىلىملىك زىيالىيلار توپىغا قارىغاندا كۆپ تۆۋەن بولسىمۇ بىراق مۇھەببەت-نەپرىتىم ئۇلاردىن زور دەرىجىدە پەرقلىندىغانلىقى سەۋەبى بىلەن بۇ چاقىرىققا نورمالنى بولغان پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقتىم. مىللى مائارىپنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بۇ توپنىڭ يەنىلا قول قوشتۇرۇپ سۈكۈتتە تۇرۋېلىشى ھەرگىزمۇ سەمىمىلىك ياكى قىزغىن قوللاشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. پەقەت مۇنازىرە ۋە سۆھبەتلا ھەممە تەرەپلەردە چۈشىنىش ۋە ئۆز-ئارا قول تۇتۇشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ساقلىنىپ قالىدىغان مەسىلىلەرگە ئورۇن قالدۇرمايدۇ. بەلكىم يېرىم كۈن ۋاقىتتا ئالدىراش يېزىپ چىققانلىقىم سەۋەبى بىلەن نۇرغۇن كەمتۈكلىكلەر بولىشى مۇقەرەر.نازارەتتىكى يولداشلارنىڭ كەمچىلىكلەرنى كۆرسۈتۈپ توغرىۋېلىشىمغا ياردەمدە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.ئەسلىدە بىۋاستە مائارىپ تورىڭىزلارغا يوللاي دەپ ئويلىغان بىراق مەندەك خەنزۇ تىلى بىلمەيدىغان ئادەمگە بۇ ئىمكانىيەت بولمايدىكەن.شۇڭا بىۋاستە قېرىنداش ئۇيغۇر بېكەتلەرگە يوللىدىم.ھەممىسىلا دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ئىشىنى نازارەت قىلىشقا ھەمكارلىشىۋاتقان ئورۇنلار ئەمەسمۇ.
تۆۋەندىكى بەزى نۇقتىلار توغرىلىق يەنىمۇ تەپسىلى توختالغان يەنە بىر ماقالەم بار ئىدى. پايدىلىنارسىزلەر.
./read.php?tid-86605-keyword-.htmlبولدىلا ھاياجىنىمنى بېسىۋېلىپ نازارەتنىڭ پىكىر ئېلىشتىكى مۇھىم نۇقتىلىرىغا قارىتاي.
1- نۇقتا. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىكى مائارىپ جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي تەجرىبىلەر؛
30 يىللىق ئۇتۇقلارنى بايان قىلىشقا كەلسەك ئازاتلىقتىن ئىلگىركى ساۋاتسىزلىق نېسبىتى بىلەن ئازاتلىقتىن كېيىنكى ساۋاتسىزلىق نېسبىتى ئوتتۇرىسىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بىر مەھەلىدە بىر نەچچە ساۋاتلىقنىڭ بولىشىدىن بۈگۈنكى كۈندىكى ئومومى خەلق ساۋاتلىق بولىشىدىن ئىبارەت پارلاق مەنزىرە بارلىققا كەلدى.ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ۋە ماس قەدەمدە يانداشقان مەجبۇرى مائارىپ سىياسەتلىرى رايونىمىزنىڭ ئومومى مائارىپ قۇرۇلمىسىنى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك زامانىۋىلاشقان كۆلەمگە ئىگە قىلدى.
يۇقۇرقى مائارىپ يۆلىنىشىدىكى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك تەجرىبىلەر يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مائارىپ سېلىنمىسىنى ھەممە سېلىنمىنىڭ ئالدىغا قويۇش ،مائارىپنى يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ ئىجرا بولۇش سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك تەجرىبىلەردىن ئىبارەت.
2- نۇقتا .ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى.رايونىمىز مائارىپ سېستىمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلىشى ھازىرقى كۈندە زور سالماق بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.پارتىيە قۇرۇلىشىنىڭ يەنە قايسى نۇقتىلار بىلەن ئېلىپ بېرىلسا ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مەندەك تېخىچە ئىتىپاق ئەزاسىمۇ بولالماي پىئونېر ھالەتتە تۇرۇپ قالغان ئادەم بىلەلمەسلىكى ئېنىق. بىراق ماڭا ئېنىقى شۇكى مائارىپ تەبىئىتىدىنلا ئەڭ دېمكىراتىك بولغان شەكىل.ئۇ ئىنساننىڭ تولۇق ھەم ئەتراپلىق تەبىيلىنىشى ئۈچۈن زۆرۆر بولغان ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.ھەرگىزمۇ ئادەم مائارىپنىڭ يېتەكلىشىگە چۈشۈپ قالماسىلىقى بەلكى ئۇنىڭدىن ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلالىشى كېرەك. رايونىمىز مائارىپ سېستىمىسىدا نوقۇل پارتىيە قۇرۇلىشىنىلا چىڭ تۇتۇش، مائارىپنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا پايدىلىق ئامىل بولسىمۇ بىراق كەڭ خەلق ئاممىسى ئىچىدىكى ئەنئەنىۋى مائارىپ ئۆرنەكلىرىدىن پايدىلىنىشقا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپ قويماسلىقى كېرەك.ئىشىنىمىزكى ئۇزۇن يىللىق مائارىپ تارىخى بولغان بىر خەلىقنىڭ بۇ جەرياندا يېتىشتۈرگەن پايدىلىنىشقا تېگىشلىك تەجرىبىلىرى بولىدۇ ئەلۋەتتە. مائارىپتا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ساغلام تەربىيلىنىشىگە پايدىلىق تەسىر كۆرسەتىدۇ. پارتىيىسىز كەڭ خەلق ئىچىدىكى ئىجابى ئورنەكلەرنى مائارىپ ئىسلاھاتى داۋامىدا ، نازارەت قىلىشقا ، تەكلىپ بېرىشكە ۋە ھەمكارلىشىپ مائارىپىمىزنى ئورتاق تەرەقىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىش لازىم. پارتىيىلىك زاتلار مائارىپنىڭ تېنچ-ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلسا ، خەلق ئارىسىدىكى پايدىلىنىشقا تېگىشلىك ئۆرنەكلەر بىر تەرەپلىمە ئىسلاھات لايىھىسى تۈزەپ يولغا قويىدىغان زىيانلىق ئامىللارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇندىلا پارتىيىمىز بىلەن خەلىقنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى ھەمكارلاشقان،بىرلىكتە گۈللەندۈرگەن مائارىپ قوشۇنى بارلىققا كېلىدۇ.
3-نۇقتا. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى يۆنىلىشى ۋە ئىستراتېگىيىلىك نىشانى؛رايونىمىز مائارىپىنىڭ يېتەكچى يۆلىنىشى ۋە ئىستىراتىگىيىلىك نىشانى چوقۇمكى ئۇزۇن يىللىق مۇقىم نىشان ۋە تەربىيلەنگۈچىلەرگە ھەقىقى مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساس قىلىش كېرەك. ئېسىمىزدا بولىشى مۈمكىن. ئازاتلىقتىن بۈگۈنگە قەدەر مائارىپىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەخسەت قىلغان نۇرغۇن ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلدى.بۇ ئىسلاھاتلار قانداقتۇ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ياكى تەربىيلىنىش دائىرىسىنى ئاساس قىلىشقا قارىغاندا بەكرەك مائارىپىمىزدا شەكىل ئۆزگەرتىشنى ئاساس قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويدى. ماھىيەتتىن بولغان ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرەلمىدى. ئىلگىركى بىر دەۋر ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا بۈگۈنكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپا-سۈپەت جەھەتتىكى پەرقى بۇ مەسىلىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.بىزنىڭ دەۋرىمىزگە قارىغاندا بۈگۈنكىلەرنىڭ مائارىپقا بولغان مۇھەببىتى زور پەرقلىنىدۇ. بۇ ئىككى ئەۋلات ئوتتۇرىسىدىكى مائارىپ كۆز قارىشى ئەمەلىيەتتە مائارىپنىڭ تەدرىجى تەرەقىيات جەريانىدا تەربىيلەنگۈچىلەرگە بېغىشلىغان خىزمىتىنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. دىمەك ناچار ئەۋلات بولمايدۇ.پەقەت مۇھىت ۋە مائارىپنىڭ ماسلىشالماسلىقى ھەقىقى مەنىدىكى دىېمكىراتىك تەربىيلىنىش پۇرسىتىنىڭ بولماسلىقىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپقا بولغان مۇھەببىتىنى سۇسلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپ ئىسلاھاتى رايونىمىزدا ھەقىقى مەنىسىنى تېپىشتا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بەرمىسە بولمايدۇ.قىسقىسى ئىسلاھات بايرىقىنى كۆتۈرۋېلىپ تەربىيلەنگۈچىلەرنى تەجرىبە بۇيىمى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.
4.ساپا مائارىپىنىڭ ئاساسىي نىشانى ۋە ئىجرا قىلىش يوللىرى؛ بۇ نۇقتىنىڭ مەزمۇنىمۇ يۇقۇرقى مەزمۇن بىلەن ئوخشىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇنىڭ جاۋابىنى يەنىلا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا قالدۇردۇق.
5-نۇقتا. ئەخلاق، ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە ۋە مائارىپ سىستېمىسىدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاشتا ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان تۈزۈلمە تەتقىقاتى؛رايونىمىزنىڭ ئالاھىدە ئورنى ۋە مەزمۇنى بىزنى دۆلىتىمىزنىڭ باشقا ئۆلكە-رايونلار بىلەن سىياسى ۋە مۇقىملىقتىن ئىبارەت ئالاھىدە ئۇقۇم بىلەن پەرقلەندۈرگەن. بۇ نۇقتىلارنى تەكىتلەش رايونىمىز مائارىپىدىكى زۆرۆر دەرسلىكلەرنىڭ بىرى. ئەمما مائارىپنىڭ ئومومى مەخسىتى ئەمەس.شۇڭلاشقا مائارىپىمىزدا ئىجابىلىققا ئىگە بولغان پايدىلىق ئۇسۇل-چارىلەرنى يۈرەكلىك يولغا قويۇش ئارقىلىق دكلەتنىڭ پۈتۈنلىكىدىن ئىبارەت يادرولۇق نىشاننىڭ ئۈنۈمىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. ۋاڭلېچۇەن ئېيتقاندەك پايدىلىق ئۆرنەكلەرنى مائارىپىمىزغا خىزمەت قىلدۈرىشىمىز كېرەك. ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان ئىلمىلىككە زىت بولغان كونسىرۋاتىپلىقتىن ساقلىنىش نۆۋەتتىكى مىللى مائارىپىمىز دۇچ كەلگەن مۇھىم مەسىلىلەر.
مۇقىملىق، بۆلگۈنچىلىك ئاتالغۇلىرى بىزنىڭ زور سانلىق ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېسبەتەن تونۇش بولغان مەزمۇنلاردۇر.
بۆلگۈنچىلىك خاھىشى مەلۇم سىياسى مەخسەتنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ خىل سىياسى مەخسەت ئۆسۈپ يېتىلىدىغان مۇنبەت زىمىن چوقۇمكى ئادالەتسىزلىك بىلەن سۈغۈرۈلغان بولىدۇ. ئەلۋەتتە خەلقنىڭ تەربىيلىنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان مائارىپ ساھەيىمىزدە بۇنداق تۇپراققا ئورۇن تېپىلمايدۇ دەپ قارايمەن.قىسقىسى بۇ قېتىمقى پىكىر ئېلىش لايىھەسىنىڭ ئۆزىلا رايونىمىز مائارىپ تارماقلىرىدىكى دېمكىراتىك ئۇقۇمنىڭ دەلىلى.شۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپ تارماقلىرىمىز بۆلگۈنچىلىك خاھىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا زۆرۈر قولىنىشقا تېگىشلىك بولغان تەربىيە بىلەن ماس قەدەمدە ھازىرقى مائارىپ سېستىمىمىزدىكى ئەۋزەللىكنى،ئاسانلىقچە ئېرىشكىلى بولمايدىغان تەربىيلىنىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.تەربىيلەنگۈچىلەردە ھەق-بىلەن ناھەقنى پەرىقلەندۈرەلەيدىغان ئەقىلنى يېتىلدۈرىدىغان شارائىت ۋە ئىمكانىيەتنى مەرتلىك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.شۇندىلا مائارىپتىكى بۆلگۈنچىلىك خاھىشىغا ئومومى خەلق بىرلىكتە قارشى تۇرىدىغان كەيپىيات شەكىللىنىدۇ.
6-نۇقتا: ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس يۈكىنى يەڭگىللىتىش؛ ئىختىساس ئىگىسىنى يېتىلدۈرۈش يەنىلا مائارىپتىكى دېمكىراتىك قوللاش ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىش بىلەن ھەقىقى تۈردە ئەمەلگە ئاشىدۇ. كۆز ئالدىمىزدىكى ئىختىساسلىق مائارىپچىلار بىلەن شارائىت ياكى باشقا نامەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى نامايەن بولالمايۋاتقان يەنە بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بارلىقىنى بىلىمىز. قىسقىسى ھېس قىلىۋاتىمىز.بۇ بەزى مائارىپ تارماقلىرىمىزنىڭ يەنىمۇ يىراققا ،تېخىمۇ چوڭقۇرغا نەزەر سالالمايۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا بەزى مائارىپ رەھبەرلىرىنىڭ ھەقىقى مائارىپچىلىق سالاھىيىتىگە قارىغاندا رەھبەرلىك كىبرىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا يۇقۇرقى ئەندىزىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشنىڭ بىردىن-بىر ئامالى مائارىپ تارماقلىرىغا كەسپى مائارىپ تەجرىبىسىگە ئىگە ئادەملەرنى قويۇشتىن ئىبارەت.
باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش بولسۇن ياكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش بولسۇن خېلىدىن بېرى بىزنىڭ مائارىپ ساھەيىمىزدە توۋلىنىۋاتقان يالتىراق شوئار .ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى قانداق يەڭگىللىتىش،قايسى تارماقلاردىن قول سېلىشتەك ئەمەلىي ھەركەت تېخى ئۈنۈملۈك ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ئەمىلىلەشمىدى.
ئۇنۋېرسال تەربىيلەش،مۇكەممەل ئوقۇتۇش،تاپشۇرۇق ئىشلەش بىلەن دەرس مەزمۇنىنى پىششىقلاش،ھەتتاكى تەتىل مەزگىلىدىمۇ كۇرس ياكى كۈچەيتىش نامىدىكى ئوقۇتۇشقا قىززىقتۇرۇش ئۇلارنى دۇنيادا پەقەت ئوقۇشتىن باشقا ھېچنىمە يوقتەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويماقتا.ئەمەلىيەتتە بارلىق مائارىپچىلار شۇنداق قارىسىمۇ بىز ئۇنداق قارىمايمىز.چۈنكى ئەتراپىمىزدا ھەر قانداق مائارىپمۇ بېرەلمەيدىغان باشقا نۇرغۇنلىغان جانلىق بىلىملەر بار. شۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپ تارماقلىرى كۆنۈككەن شوئارۋاز خۇيىنى ئەمدى توختىتىپ ئەمەلىي بولغان سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقى تەبىئەتتىن، كەڭرى بوشلۇق بولغان جەمىيەتتىن ئايرىۋېتىدىغان يۇقۇرقىدەك قىلمىشلارغا ئۈنۈملۈك تەدبىر كۆرىشى كېرەك. بۇ تەدبىر چوقۇمكى ئالدى بىلەن مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرىدىن باشلانسا ھەقىقى مەخسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.
7-نۇقتا. ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇشقا دائىر تەدبىر ۋە تۈزۈملەر؛ بۇ نۇقتىمۇ يۇقۇرقى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بىلەن تولۇقلىنىپ كېتىدۇ.يەنە توختىلىپ تۇرۇشنىڭ ئورنى يوق.
8-نۇقتا. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛مەجبۇرىيەت مائارىپى ئۆز نۆۋىتىدە خەلىقنىڭ مەجبۇرى مائارىپ سىياسىتىگە ئاۋاز قوشۇپ بۇ پىلاننىڭ ئۈنۈملۈك ئورۇنلىنىشىغا ئاۋاز قوشۇشىغا تۈرتكە بولسا ،يەنە دۆلەتنىڭمۇ مەجبۇرىيەت مائارىپى يېشىدىكى تەربىيلەنگۈچىلەرنىڭ تەربىيلىنىش يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىشىدىكى مەجبۇرىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
قانداقلا بولىشىدىن قەتئىنەزەر مەجبۇرىيەت مائارىپى خەلقىمىز ئارىسىدا ئۈنۈملۈك قوللاشقا ئېرىشىپ بېرىۋاتىدۇ.بۇ خىل ياخشى سىياسەت ۋە نەتىجىنىڭ تۈرتكىسىدە بۇندىن كېيىنكى يۇقۇرى كۆتۈرۈش دولقۇنىمۇ ئەلۋەتتە مۇۋاپىقىيەتلىك ئەۋجىگە چىقىدۇ.
9-نۇقتا، "قوش تىللىق ئوقۇتۇش"نى ئومۇملاشتۇرۇش تەتقىقاتى؛"قوش تىللىق" ئوقۇتۇشنى ئومولاشتۇرۇش نۆۋەتتە مىللى مائارىپىمىزدا ئەڭ زور سالماق ۋە سىياسەت-ئىقتىساد بىلەن يولغا قويۇلىۋاتىدۇ.بۇ خىل ئوقۇتۇش ئەلۋەتتە مىللى رايونلاردىكى مىللى ئوقۇغۇچىلار نىشان قىلىنىدۇ. سەۋەپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلەۋاتقان دۇنياغا ماس قەدەمدە يېتىشىپ مېڭىش ،جاھان يېڭىلىقلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ مېڭىشنى مەخسەت قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل ئىجابى ئامىلنىڭ كەينىگە خەلقىمىز ئارىسىدا "ئۇيغۇر تىلى يوقۇلۇپ كېتەرمۇ؟!" دەيدىغان ئەندىشە بولىۋاتىدۇ.بەلكىم باشقىلاردا بولمىسا شەخسەن مەندىلا بولىۋاتقان ئوخشايدۇ. بۇ خىل ئوقۇتۇشنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشنىڭ چارىسى بۇ خىل ئوقۇتۇش ئېلىپ كېلىدىغان ناچار تەسىرگىمۇ چوقۇمكى ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاز سانلىق مىللەت يېزىق-تىلىدىكى نەشىر ئەپكارلىرىغا ئىلگىركىگە قارىغاندىمۇ زور مەبلەغ سېلىنىشى لازىم.ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىنىڭ جەمىيەتتە ۋە خىزمەتتە قوللىنىش سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ،خەلقىمىز ئارىسىدا ئۆز يېزىقىدىن پەخىرلىنىش ۋە خاتىرلەش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇشقا شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. شۇندىلا بۇ يېڭى ئىسلاھاتنىڭ خەلقىمىز تەرىپىدىن تېخىمۇ قىزغىنلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن..
10.-نۇقتا. يەسلى مائارىپىدا "قوش تىللىق ئوقۇتۇش"نى ئومۇملاشتۇرۇش تەتقىقاتى؛يەسلى مائارىپى دىگەندىن چىقىپلا تۇرۇپتىكى بۇ گۆدەكلەرنىڭ تاشقى دۇنياغا بولغان دەسلەپكى چۈشىنىشىنى شەكىللەندۈرىدىغان تۇنجى مائارىپ.
بۇ مەزمۇن توغرىلىق توختىلىشتىن ئىلگىرى بىزنىڭ ئائىلىدە يۈز بەرگەن بىر زىدىيەتنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتەي.
مېنىڭ ئوغلۇم بەش ياشقا كىردى. ئالدىنقى مەۋسۈم مىللىچە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يەسلىسىگە بەرگەن ئىدۇق.بۇ مەۋسۈمدە مەن مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن سىرتتا بولغانلىقىم ئۈچۈن ئايالىم باشقا نەۋرىلەر بىلەن بىللە ئوقۇسا نۇرغۇن جەھەتلەردىن قولايلىق بولىدىكەن دىگەن ئوي بىلەن ۋىلايىتىمىزدىكى بىر نوپۇزلۇق يەسلىگە تىزىملىتىپتۇ. مەن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن بالىنى ئەسلىدىكى مىللىچە مەكتەپتە قەتئى ئوقۇتىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردۈم . بەلكىم بىزنىڭ مائارىپ سىياسىتىمىزدە مېنىڭ بۇ قىلمىشىم سەل چەكتىن ئېشىپ بالىنىڭ تەربىيلىنىش ھوقوقىنى تارتىۋېلىش بولۇپ قېلىشى مۈمكىن. ئەمما بالىغا نېسبەتەنمۇ مېنىڭ مەلۇم ئىدارە قىلىش ھوقوقۇم بولىدۇ ئەلۋەتتە.شۇڭا كەسكىن ھالدا "ئەگەر باشقا مەكتەپتە ئوقۇسا مېنىڭ فامىلەمنى ئىشلەتمىسۇن،بۇندىن كېيىن مېنىڭ تەسىر دائىرەمدىن چىقىپ كەتسۇن "دەپ پوپۇزا قىلدىم.شۇنىڭ بىلەن بۇ زىدىيەت مېنىڭ غەلبە قىلىشىم بىلەن بېسىققان بولدى. مېنىڭ ئەندىشە قىلغىنىم ئوغلۇم باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش،شۇنداقلا تاشقى دۇنياغا بولغان دەسلەپكى چۈشەنچىنى ھاسىل قىلىش جەريانىدا چوقۇمكى مىللى مۇھىتتىن ئايرىلىپ قالماسلىقى كېرەك. ئۇ مەن قانداق چوڭ بولغان بولسام ئۇمۇ شۇنداق مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلىشى كېرەك. بۇ بىز ئىككى ئەۋلات ئوتتۇرىسىدا كەلگۈسىدە كۆرۈلدىغان زىدىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ب د ت غەيرى-ماددى مەدەنىيەت دىگەن بىرنىمىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. توغرا يوقالغان نەرسىلەر توغرىلىق جار سېلىش تولىمۇ كۆڭۈللۈك .باشقىلارغا خۇددى قەھرىماندەك تۇيغۇ بەرگىلى بولىدۇ. ئەمما يوقۇلۇشتىن ساقلىماق تولىمۇ مۈشكۈل.بىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمىزنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە تېتىقسىز ب د ت تەرىپىدىن غەيرى ماددى...........بىرنىمە دەپ قوغدىشىنى ئۈمۈت قىلمايمەن.مەن، دادام، بوۋام، ئەجدادىمغىچە قەدەر ئوخشاش پىسخىكا ۋە تۇرمۇش قائىدە-يوسونى ئىچىدە ياشاپ كەلدۇق.كىشىشلەر ئارا مۇناسىۋەتتىمۇ ئوخشاش ئۇدۇمغا ئەمەل قىلىمىز. ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە ئوغلۇمغا مۇشۇنداق مۇھىت بىلەن دەسلەپكى چۈشەنچىنى ھازىرلاپ بېرەلمىسەم قىسقىسى شۇنداق مۇھىتقا يېتەكلەپ كىرەلمىسەم مەن زادى نىمە بولۇپ قالىمەن.مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ كەلگۈسىدە قانچىلىك ئالىم ياكى نادان بولىشىغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيمەن.قىسقىسى ئۆزەمگە شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن.ئەمما مېنىڭ قۇچۇغۇمدىن چۈشۈپلا قانداق مۇھىتقا مېڭىشىنى چوقۇم مەن بەلگىلەيمەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن يەسلى مائارىپىدا قوش تىللىقنى يولغا قويۇشتا چوقۇمكى مىللى بالىلارنىڭ دەسلەپكى ئانا تىلىنىدىن ساۋادىنىڭ چىقىپ بولىشىنى ئاندىن قوشۇمچە تىلدىن دەرس بېرىشنى باشلاش كېرەك دەپ قارايمەن. ئۆزۈممۈ قانداقلا ئوقۇتقۇچى ياكى مائارىپچى چۈشەندۈرىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇنىڭ ئانا تىل ساۋادى چىقماي تۇرۇپ باشقا تىلنى ئۈگىنىشىگە پاسسىپلىق بىلەن ھەمكارلىشىمەن.شۇڭلاشقا مائارىپ تارماقلىرى سىياسەت بەلگىلەشتە چوقۇمكى بىزنىڭمۇ پىكرىمىزنى ئويلىشىپ بېقىشى كېرەك .دۆلەتنىڭ قانۇنچىلىق قۇرۇلىشىدىكى نۇقتىلارغا شۇنداقلا ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى مۇھىم مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا سالام قىلىپ قويىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
11-نۇقتا. تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدا؛ ھازىرقى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىكى ئاساسلىق مەخسىتى جەمىيەتتە بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئېرىشىپ،مۇقىم كىرىملىك خىزمەتكە ئورۇنلىشىش.
بۈگۈنكى رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىدىكى جىددىلىك مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردا بولسۇن ياكى ئاتا-ئانىلاردا بولسۇن كەلگۈسىدە مائارىپتىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى ئۇلغايتىدۇ.سەۋەپ نەچچە يىللىق ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش يۈكىنى كۆتۈرگەن بۇ توپ چوقۇمكى كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدۇ. چۈنكى ئاۋام يىراقنى ئەمەس بەلكى بۈگۈننى يەنى يېقىننى ئاساس قىلىدۇ. بۇنى ئۇلارنىڭ رىئاللىقى مەنبە قىلغان.
تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى ئومولاشتۇرۇش بىلەن بىرگە زور كۈچ بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنىمۇ يارىتىپ بېرىش كېرەك. ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى پۈتتۈرگەن بولسۇن ياكى ئالى مەكتەپ مائارىپىنى ئومولاشتۇرۇشتا بولسۇن ماس قەدەملىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىسا ئاۋامغا مائارىپنىڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھەرقانچە ھەسەل سۈرتۈپ سۆزلىسەكمۇ ئومولاشتۇرۇش قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلالمايمىز. بۈگۈن ۋاڭلېچۇەننىڭ شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىدە چوقۇمكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ 50٪ دىن كەم بولماسلىقى توغرىسىدىكى يوليورىقىنى ئوقۇپ كەلگۈسىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىرىدىكى ئېتىۋارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم ھەسسىلەپ ئاشتى.
بۇنداق ئېتىۋار سىياسەتلىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى بىلەن مائارىپىمىزنىڭ جەمىيەت بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى ئوموملاشتۇرۇشتا تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەت يارىتىلىدۇ.
12-نۇقتا. يەسلى مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى؛يەسلى مائارىپى ياكى باشلانغۇچ مائارىپ ۋە ياكى ئوتتۇرا ،ئالى مەكتەپ مائارىپلىرى بولسۇن بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ.بۇ پەرىقلىنىش تەربىيلەش ئۇسۇلىدىكى پەرىق.
بىزنىڭ يەسلى مائارىپ دەۋرى باشقا يۇقۇرى مائارىپ دەۋىرلىرىدىنمۇ بەك مۇكەممەلىككە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. ئەسلىدىكى پەقەت بىر يىللا ھېساپلىنىدىغان يەسلى دەۋرى ھازىر ئۈچ ھەتتا بەزى رايونلاردا تۆتكە قەدەر ئۇزارتىلدى. قىسقىسى بۇ خۇددى ئۆزىنىڭ گىرىم بۇيىمىنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك سېتىلىشى ئۈچۈن،ئەتتىگەنلىكى، چۈشلۈكى ۋە كەچلىكى ئىشلىتىدىغىنى دەپ ئېلان بېرىدىغان گىرىم زاۋۇتلىرىدەكلا ئىجاتچانلىق بولۇپ قالدى.
يەسلى مائارىپىدا يەتمەكچى بولغان نىشان زادى نىمە ؟!
يەسلى مائارىپى ئەسلىدە يېڭىدىن تەربىيە باسقۇچىغا كىرگەن بالىلارغا قەتئى مەجبۇرلاش ئۇسۇلى قوللىنىلماي تۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئەركىن پائالىيەت ھوقوقىنى تارتىۋالماي كەلگۈسىدىكى مۇنتىزىم تەربىيلىنىش باسقۇچىغا نېسبەتەن ماسلاشتۇرۇش دەپ ئويلايمەن.
ئەمما بىزدىكى يەسلى ئوقۇغۇچىلىرى باشلانغۇچ ياكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن قىلچە پەرقسىز ھالدا تولۇق دەرس ئۆتىدۇ.ئائىلىدە تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ.ئوخشاش ۋاقىتتا ئورنىدىن تۇرۇپ مەكتەپكە ماڭىدۇ." ئىسىت بىچارىلەر "دەپ قالىمەن بەزىدە. مەن ئىككى قېتىملىق چەتئەلگە چىقىش پۇرسىتىنى رەت قىلغانلىقىم ئۈچۈن باشقا تەرەقىي قىلغان ئەللەر يەسلى مائارىپىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزۈم بىلەن كۆرۈش ئورنىغا پەقەت ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كۆرۈپ تۇرىمەن.
ئېنىقكى ئۇلارنىڭ يەسلى مائارىپى خۇددى يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكەندەك بالىلىق دەۋرىنى تارتىۋالماسلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ئۇنداقتا بىز يەنە نىمە ئۈچۈن بالىلىرىمىزنىڭ مۇكەممەل تەربىيلىنىش دەۋرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىشقا مەپتۇن بولىمىز.؟! ئۇلارنى بالىلىق ئويۇنلىرى ئارىسىدىن يۇلۇپ چىقىپ ئىككى خىل ھەتتاكى ئۈچ خىل تىلدا تەربىيلەش مەخسىتىدە ئالدىراپ چاپىمىز. ؟!
ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك !.
13-نۇقتا. ئالاھىدە مائارىپنىڭ تەرەققىياتى؛ئالاھىدە مائارىپ دىگەنلىكنىڭ نىمىلىكى ماڭا تازا ئېنىق ئەمەس.ئىسمىدىن پۇراپ تۇرۇپتۇ بەلكىم ئوقۇتۇش ئەسلىھەسى دەۋرى، ۋە مەزمۇنى قاتارلىقلاردا ھازىرقى مائارىپقا قارىغاندا تېخىمۇ پەرىقلىق بولىشى ئېھتىمال. قانداقلا بولمىسۇن بۇ خىل مائارىپ يۇقۇرىدا كاسىلداپ ئۆتكەن مەزمۇنلارغا ئوڭ تاناسىپ كېلەمدۇ ياكى تەتۈر تاناسىپ كېلەمدۇ .بۇنى كېيىنچە كۆرەرەمىز. بەلكىم ئىجابىلىق بولار.
14-نۇقتا. يېزا مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرى تەربىيىسى؛يېزا مائارىپ ئورۇنلىرى بىزنىڭ شەھەرلەردىكى مائارىپ ئورۇنلىرىغا قارىغاندا يەنىلا سىياسەت ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاش سالمىقى جەھەتتە باراۋەر بولالمايدۇ. شەھەرلەردىكى مەكتەپلەرگە يېڭى كومپىيوتور سەپلەنسە ئۇلارنىڭ كونا كومپىيوتورلىرى يېزىلارغا ئاندىن يولغا چىقىدۇ.
ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ زور سانلىق نوپوسى يېزىلاردا.بىز دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ھەقىقى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز دەيدىكەنمىز.چوقۇمكى سېلىنمىنى ئالدى بىلەن يېزىلاردىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.
شەھەرلىكلەر مەيلى ئاخبارات ۋاستىسى ياكى باشقا مەدەنىي-ئىجتىمائى پائالىيەتلەر بىلەنمۇ قىسمەن تەربىيلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ تۇرىدۇ. ئەمما يېزىلاردا بولسا بۇ خىل ئىمكانىيەت شەھەرلەردىن ئاز بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە يېزىلارنىڭ ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچى شەھەرلەرگە قارىغاندا خېلىلا كەينىدە .دىمەك مائارىپ سېلىنمىسىنى يېزىلارغا كۆپرەك سېلىش بىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ زۆرۆر تەقەززاسى.شەھەرلەرنىڭ ھەقىقى تەرەقىياتى يېزىلارنىڭ تەرەقىياتىنى ئاسا قىلىدۇ.
ھازىر دېھقان ئىشلەمچىلەر مەسىلىسى كۈنسايىن ئومومى ئۇقۇمغا ئايلىنىپ بېرىۋاتىدۇ. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بۈگۈنكى قۇرۇلۇش-ئېچىش ئىشلىرىمىدىكى رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەي ئامالىمىز يوق. ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ پەرزەنتىلىرىنىڭ تەربىيلىنىش مەسىلىسىمۇ ئوخشاشلا مۇھىم نۇقتا. بۇندىن كېيىن بۇ قوشۇن تېخىمۇ كېڭىيىدۇ. بىز بۇ مەسىلىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرغانسېرى ئۇ تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ.
15-نۇقتا. كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتى؛كەسپى مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆلەملىشىشى ئالى مەكتەپ ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى قىسقارتسا جەمىيەتتىكى ئىش ئورنى مەسىلىسىنى يېنىكلىتىدۇ.
16-نۇقتا. كەسپىي مائارىپ تۈزۈلمىسى ۋە تەربىيىلەش ئەندىزىسى ئىسلاھاتى.بۇ نۇقتا يۇقۇرىدىكى بەزى بايانلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە دەپ ئويلايمىز.
17-نۇقتا. ئالىي مائارىپ تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھاتى؛كۆپ سانلىق ئالىي مائارىپ ئورۇنلىرى پەقەت ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلسا قارا-قويۇق تەربىيلەش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش رولىنى ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئالىي مائارىپ كۆپ سانلىق خەلقىمىزنىڭ نەزىرىدىكىدەك جەمىيەتكە ئوڭۇشلۇق چىقىشنىڭ دەرۋازىسى بولالمايدۇ.شۇنداقلا كۆزىمىز كۆرۈپ تۇرغاندەك ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرلا ئىقتىدارلىق بولالمايدۇ.
بەلكىم جەمىيەت مائارىپى نۇرغۇن ھاللاردا بىزنىڭ ئالىي مائارىپ ئورۇنلىرىدىن ئەمىلىيرەك تەربىيلەش پۇرسىتىنى ھازىرلاۋاتىدۇ. بۇنىڭغا باشلانغۇچ مەلۇماتتىكى نۇرغۇن خوجايىنلارنىڭ قولىدا ئىشلەپ جان بېقىۋاتقان دوكتۇر-ماگىستىرلار مىسال بولالايدۇ.
چەتئەلدىكى داڭلىق ئالىي مائارىپ ئورۇنلىرىمۇ يەڭگىللىك بىلەن ھۆددە قىلالمايدىغان بۇنداق ئىمتىيازنى بىزدىكى ئالىي مائارىپ ئورۇنلىرىغا كىم بەردى. ؟!
بۇنىڭغا ئۇزۇن يىللىق مائارىپ ئۇسۇلىمىز ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىمىزدىكى دىپلوم ئۆتكىلىمىز سەۋەپ بولسا جەمىيەتتىكى ئالىي مائارىپنى بىردىن-بىر ئۆتكەل سانايدىغان تەپەككۈر ئەندىزىمىز تۈرتكە بولغان.
ئالىي مائارىپ پەقەت قاچانكى يەككە شەكىلدىكى ئەركىن بىلىم بېرىش قۇرۇلمىسىنى ھازىرلىيالىسا ئاندىن ئۆز ئورنىنى تاپقان بولىدۇ.
18.ئالىي مائارىپنىڭ ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛بۇ كونا شوئار بولسىمۇ مەركەزنىڭ ئىلمى تەرەقىيات كۆز قارىشى بىلەن يېڭىچە ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
19.ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھاتى؛ئىشقىلىپ مەن نەچچە تال پايدىسىنى كۆگەن ئاسپىرانتتىن باشقا بۇ توپنىڭ ئوقۇشتىن كېيىن يىگىلەپ كېتىۋاتقان ھاياتىي كۈچىنى بايقاپ قالدىم. كۆپ ھاللاردا جەمىيەتكە چىقىپ بېشى ئۈزىۋېتىلگەن چىۋىندەك نىشانسىز ئۇچۇپ يۈرگەن بۇ توپقا ئىچىم ئاغرىپ قالىدۇ.