كېنتاكى ئەنگلىيەدە ئاڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن زەنجىرسىمان تېز تاماقخانا، ئەنگلىيەدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر مىنۇتتا 400 پارچە توخۇ گۆشى سېتىلىدۇ. شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە، ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى (BBC) بىر پارچە ھۆججەتلىك فىلىمنى قويغان بولۇپ، كېنتاكى تەمىنلەش سودىگىرىنىڭ توخۇ بېقىش مەيدانىدىكى مەنزىرە تۇنجى قېتىم كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولغان. 34 مىڭ توخۇ دېرىزىسى يوق چوڭ كاتەكتە پەقەت 35 كۈنلا بېقىلغاندىن كېيىن، زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلۈپ ئاندىن پارچىلىنىدىكەن.
ھۆججەتلىك فىلىمدە كۆرسىتىلىشىچە، بېقىش ئۆيى ئىچىدىكى توخۇلار ئۆزىنىڭ چىقىرىندىلىرى ئىچىدە ياشايدىغان بولۇپ، گەندە-سۈيدۈكلەرنى ھەممىلا جايدا كۆرگىلى بولىدىكەن. كاتەك ئىچىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ھەرە كېپىكى دۆۋىلەپ قويۇلغان بولۇپ، قارىماققا ئەزەلدىن تازىلىنىپ باقمىغان ئەخلەت دۆۋىسىگە ئوخشايدىكەن.
لېكىن بۇ مەسىلە توغرىسىدا سورالغاندا، تەمىنلەش سودىگىرى قايتا-قايتا ئىنكار قىلىپ: «بۇ ھېچقانچە مەسىلە ئەمەس، چۈنكى سىز كۆرگەن بۇ ھەرە كېپەكلىرىنى بىز كاتەك ئىچىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىمىز» دېگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بېقىلغان بۇ چۈجىلەر يېتەرلىك چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار زەھەرلىك گاز پۈركۈش ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلىدىكەن، ئاندىن بوغۇزلىنىپ پارچىلىنىدىكەن، ئاندىن ئامبارغا يۆتكىلىپ، ئاخىرىدا ھەرقايسى تارماق دۇكانلارغا يەتكۈزۈلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، «زەھەرلىك گاز ئارقىلىق توخۇ ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى» ئاشخانا ساھەسىدە بۇرۇنلا قوللىنىلغان. ئامېرىكا ھايۋاناتلارنى قوغداش جەمئىيىتى ئىلگىرى بۇ ھەقتە، توخۇلارنى زەھەرلىك گاز ئارقىلىق ئۆلتۈرۈش ئۇلارنىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى ئازابىنى نۆلگە چۈشۈرەلەيدۇ ۋە توخۇ بىلەن بىر تەرەپ قىلغۇچى خادىملارنىڭ ئۇچرىشىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۆش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، دېگەن.
«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ھايۋاناتلار ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كېنتاكىنى ئەيىبلەپ بېقىلىدىغان چۈجىلەرنىڭ زىيادە قىستا-قىستاڭ مۇھىتتا تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ھايۋاناتلارنى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى مۇنداق دېگەن، «بۇ توخۇلارنىڭ ھاياتىدىكى بارچە نەرسە تارتىۋېلىنغان، ئۇلار دېرىزىسى يوق سېسىق ۋە دىمىق مۇھىتتا قىستىلىپ ياشايدۇ، نۇرغۇن توخۇلار سۇسىزلىنىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ، دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى تەخمىنەن 900 مىليون چۈجە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 30 مىليون چۈجە كاتەك ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن، كۆپ قىسىم چۈجىلەر چوڭ بولغاندىن كېيىن ئىشچىلار تەرىپىدىن پۇتىدىن سۆرۈلۈپ ياغاچ ساندۇققا تىقىلىدۇ، بوغۇزلاش مەيدانىغا بارغۇچە نۇرغۇن توخۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرى سۇنۇپ كېتىدۇ.
BBC نىڭ بىر نەپەر باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تاراتقۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم كېنتاكى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىش رۇخسىتىگە ئېرىشىشى ئىكەن. مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم كۆپ سانلىق خېرىدارلارنىڭ كېنتاكىنى ئىچكىرىلەپ چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.