• ئۈزۈپ تاشلاپ ئاش

    2009-04-25

    تەۋە تۈرى:سۇيۇق تائاملار

    مۇناسېۋەتلىك فىلىم

    قوينىڭ لوق گۆشى 500 گرام، پەمىدۇر ئىككى تال، ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ياغ 140 گرام، يۇمغاقسۈت ئازراق، سامساق بىر باش، قارىمۇچ ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، زەنجىۋىل ئازراق، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا.

    خېمىرنى لەڭمەن خېمىرىدەك يۇغۇرۇپ تەييارلىغاندىن كېيىن، سۇ يېغى سۈركەپ، نەم رەخت يېپىپ 10 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ. ئاندىن 35 گرامدىن  زوۋۇلا ئۈزۈپ پىلتە قىلىپ، لېگەن ياكى ئاشتاختىغا تىزىپ، ئاستى - ئۈستىنى ياغلاپ، يۆگەپ قويۇلىدۇ. 
    2. گۆشنى نېپىز ياپىلاق، سۇڭپىيازنى يانتۇ، پەمىدۇر، ياڭيۇ چاقماق شەكىلدە توغرىلىدۇ (ياڭيۇ ئورنىغا چامغۇر ياكى تۇرۇب ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. چامغۇر ئىشلەتكەندە، چامغۇر قورۇلماي سۈيىگە سېلىنىدۇ). سامساق ئۇششاق چانىلىدۇ. 
    3. ياغ قىزىغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ قىزارتىپ، سۇڭپىيازنى سېلىپ، بىر - ئىككى قورۇپ، ئاندىن پەمىدۇرنى سېلىپ ياخشى قىزارتىپ قورۇلىدۇ، ئارقىدىن ياڭيۇنى سېلىپ يەنە قورۇپ، تۇز، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىدىن مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، تەمىنى تەڭشەپ تەييارلىنىدۇ. 
    4. تىندۇرۇلغان پىلتە خېمىرنى بېسىپ نېپىزلىتىپ، ئۇزۇنچاق سوزۇپ قازانغا تىرناقتەك ئۇششاق ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. ئاندىن 3-2 مىنۇت قاينىتىپ، يۇمغاقسۈت، سامساقلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپلا قاچىغا ئۇسۇلىدۇ. 
    ئاشنىڭ سۈيىگە بىر نەچچە تۇخۇمنى چېقىپ پۈتۈن پىشۇرۇپ ئېلىپ، ھەربىر قاچا ئاشقا بىردىن تۇخۇم سېلىنسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.