• كەسمە چۆپ

    2009-04-25

    تەۋە تۈرى:سۇيۇق تائاملار

    مۇناسېۋەتلىك فىلىم

     گومەن ئىككى بولاق (بىر كىلوگرام)، پەمىدۇر ئىككى تال، قوي گۆشى 500 گرام، تۇرۇپ ياكى چامغۇر ئىككى باش، لازا بىر شوخ، ياغ 70 گرام، يۇمغاقسۈت ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، زەنجىۋىل ياكى سۈيى مۇۋاپىق، سامساق بىر باش، تېتىتقۇ بىر چىمدىم.
    1. گۆش ۋە سۇڭپىيازنى ئىنچىكە، ئۇزۇنچاق، پەمىدۇرنى ئۇششاق، تۇرۇپ ياكى چامغۇر ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغرىلىدۇ. سامساق ئۇششاق چانىلىدۇ، ئاش كۆكى، لازىلارنى ئۇششاق توغرىلىدۇ. 
    2. قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ، گۆش قىزارغاندا سۇڭپىيازنى سېلىپ سارغايتىپ، لازا، تۇز، زەنجىۋىل سۈيى
    قايناق سۇ قۇيۇپ، توغرالغان پەمىدۇر، چامغۇر ياكى تۇرۇپنى سېلىپ پىشۇرۇپ شورپا تەييارلىنىدۇ. شورپىسىنىڭ تۇزىنى كەمرەك قىلىپ تەڭشەش لازىم. چۈنكى گومەن سېلىنغاندا تەڭشىلىپ كېتىدۇ. 
    3. باشقا قازانغا قايناق سۇ قۇيۇپ، گومەننى سېلىپ 5~3 مىنۇت قاينىتىپ، پىشۇرۇپ سۈزۈپ ئېلىپ سوغۇق سۇ بىلەن چايقاپ شورپىغا سېلىپ، قايناپ چىققاندا سامساق ۋە يۇمغاقسۈتنى سېلىپ قازاننى چۈشۈرۈپ، ئۈچ مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن ئاشنى قاچىلارغا ئۇسۇلىدۇ.