• قۇشقاچ تىلى ئاش

    2009-04-25

    تەۋە تۈرى:سۇيۇق تائاملار

    مۇناسېۋەتلىك فىلىم

    [خۇرۇچى]
        ئۇن200گرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،سۆڭەكلىك قوي گۆشى500گرام،قارىمۇچ ئازراق،ياغ70گرام،زەنجىۋىل ئازراق،سۇڭپىياز بىر تال،كاۋاۋىچىن ئازراق،ياڭيۇ ئىككى تال،يۇمغاقسۈت ئازراق،پەمىدۇر ئىككى تال،سامساق بىر باش.
    [ئېتىش ئۇسۇلى]
        1.ئۈگرە ئاشقا تەييارلىغاندەك خېمىر تەييارلاپ يېيىپ،ئۇنى ئۈچ بۇرجەك قىلىپ كېسىپ،ئۈستىگە ئۇن سېپىپ قويۇلىدۇ.
        2.گۆشنى جىگدىدەك چوڭلۇقتا،سۇڭپىيازنى ياپىلاق،پەمىدۇرنى قاقتەك چوڭلۇقتا ياپىلاق،ياڭيۇنى چاقماق قىلىپ،يۇمغاقسۈتنى ئۇششاق توغرىلىدۇ.سامساق ئۇششاق چانىلىدۇ.
        3.ياغ داغلانغاندىن كېيىن گۆشنى سېلىپ،بىر،ئىككى قېتىم قورۇپلا ئۈستىدىن پەمىدۇر،ياڭيۇنى سېلىپ10مىنۇت تېز قورۇپ تۇز،لازا،زەنجىۋىل،كاۋاۋىچىن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ،ئاندىن سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ،تۇز تەمىنى تەڭشەپ،ماتىرىياللار ئاساسەن پىشقاندا،كېسىلگەن  خېمىرنى سېلىپ،بىر،ئىككى قاينىتىپ،ئۇنىڭدىن كېيىن يۇمغاقسۈت،سامساقلانى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ،دەرھال قاچىلارغا ئۇسۇلىدۇ،ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا ئاش قۇيۇلۇپ قالىدۇ.ئاچچىقسۇ،ياغ لازىلار ئايرىم كەلتۈرۈلىدۇ.
    [ئالاھىدىلىكى]
        ئاش سۈيى سۈزۈك،ئىچىشلىك،رەڭدار بولىدۇ.