• سېرىق ئاش

    2009-04-23

    تەۋە تۈرى:لەڭمەنلەر

    مۇناسېۋەتلىك فىلىم

    ئاق ئۇن بەش كىلوگرام، سوققان لازا ئازراق، تۇخۇم سەككىز دانە، ئاچچىقسۇ بىر كىلوگرام، پۇرچاق ئۇنى 140 گرام، سامساق ئۈچ باش، شولتا ئازراق، كۈدە 175 گرام، شاخار ئازراق، شېكەر رېڭى ئازراق، ئۇششاق بەسەي بىر يېرىم كىلوگرام، كۈنجۈت يېغى ئازراق، پالەك ياكى تەرخەمەك 500 رام، كۈنجۈت (زىما) 140 گرام

    1 . تۇزنى كەمرەك قىلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ، بىر سائەت تىندۇرغاندىن كېيىن، خېمىرنى تۇز، شولتا، شاخار بېرىپ يەنە ئىشلەيدۇ. 
    2. پىشقان خېمىرنى ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ، ھەربىر بۆلەكنى ئۇزۇنچاق يوغان يۇمىلاقلاپ، بىر قېتىم ئوڭ، بىر قېتىم تەتۈر تولغاپ، توم - ئىنچىكىلىكى ئىنچىكە بارماقچە چىققۇدەك
    تەكشى ھالەتتە كەلگەندە ئۈستىگە قۇرغۇن سېپىپ، ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ يۈرەكلىك ھالدا سوزۇپ، بىر غۇلاچ بولغاندا ئوتتۇرىسىدىن قاتلاپ سوزۇپ، چاچتەك ئىنچىكە سوزۇلغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى بېشىدىكى توم خېمىرنى كېسىۋېتىپ، سوزۇلغان قىسمىنى قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ بەش مىنۇت قاينىتىپ، پىشقاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ
    سوغۇق سۇدا ئىككى قېتىم چايقاپ ئېلىپ، كۈنجۈت يېغىدا ياغلاپ قويۇلىدۇ. 
    3. قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، توغرالغان يېسىۋىلەك (بەسەي) ياكى تۇرۇپنى سېلىپ قاينىتىپ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تۇز سېلىپ، تۇخۇمنى چېقىپ ئارىلاشتۇرۇپ، شېكەر رېڭى، پالەك سېلىپ قويۇق پىششىق شورپا تەييارلىنىدۇ. 
    4. سوققان لازا، ئۇششاق چانالغان سامساقنى قىزىق ياغقا سېلىپ قورۇپ، ئازراق ئاچچىقسۇ ئارىلاشتۇرۇپ، سۇيۇق ياغ لازا تەييارلىنىدۇ. كۈنجۈت بوتقىسى سوغۇق سۇدا سۇيۇلدۇر
    ۇلىدۇ. كۈدىنى قايناق سۇغا بېسىپ ئېلىپ قىسقا - قىسقا توغرىلىنىدۇ. 
    5. ئاشنى چوڭقۇر تەخسە ياكى چىنىگە ئېلىپ، ئۈستىگە پىششىق شورپا، ئاچچىقسۇ، ياغ لازا، كۈنجۈت بوتقىسى ۋە توغرالغان كۈدە سالسا بولىدۇ.