«

»

تۈركىيىدە ئوقۇش پۇرسىتى

تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تۈركىيەدە ئوقۇش پۇرسىتى

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 1992-يىلىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، بالقان، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ۋە  ياۋروپا قاتارلىق رايون ۋە دۆلەتلەردىكى تۈرك ۋە قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا تۈركىيىدە ئوقۇش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدە تۈركىيە بىلەن بۇ رايون ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللىق كۆپ تەرەپلىك مائارىپ ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇپ، ئىزچىل تۈردە ئورۇنلاپ كەلمەكتە. بۇ مائارىپ ھەمكارلىقىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى تۈركىيە باش مىنىستىرلىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار كومىتىتى ۋە تۈركىيە ئالىي مائارىپ كومىتېتى تور سەھىپىلىرىنى زىيارەت قىلىپ بىلەلەيسىز.

http://yodb.ytb.gov.tr/
http://www.yok.gov.tr/yabanci/Türki.htm

ئا. تەلەپ قىلىنىدىغان ماتېرىياللار

تۈركىيىدىكى بۇ ئوقۇشقا ئۇيغۇر ديىارىدىكى ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز ۋە سالىر قاتارلىق تۈركىي مىللەت ئېرقىغا مەنسۇپ ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىلتىماس قىلالايدۇ. بۇ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئېنىق شەرتلىرى تۆۋەندىكىدەك:

1. كىشىلىكى (ئەخلاقى-پەزىلىتى)

تۈركىيىدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچى چوقۇم ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلگەن، تىرىشچان، غايىلىك ۋە توغرا دۇنيا قاراشقا ئىگە، ئۆز مىللىتى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز ۋە سالىر ياشلىرىدىن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

2. كىملىكتە ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز ۋە سالىر

سالاھىيەت كىملىكى بولۇشى ۋە سالاھىيەت كىملىكىدە مىللىتى چوقۇم ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز ۋە سالىر دەپ ئېنىق يېزىلغان بولۇشى كېرەك.

3. پاسپورت

پاسپورت بېجىرىپ قولىغا ئالغان بولىشى كىرەك. ئەگەر پاسپورت بېجىرمىگەن بولسا، ئاۋۋال ئىلتىماس قىلىپ تۇرۇپ، 3- ئايدىن بۇرۇن بېجىرىپ ئېلىپ ئەۋەتسىمۇ بولىدۇ.

پاسپورتتا، ئالىي مەكتەپتە تولۇق كۇرستا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچلارنىڭ يېشى 23 تىن، ماگىستېرلىقتا (ئاسپىرانتلىقتا) ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى 28 دىن، دوكتورلۇقتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى 33 تىن ئاشمىغان بولۇشى كىرەك.

مەسلىھەت:

ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن، پاسپورت بېجىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرىشى كېرەك. تەكلىپنامە بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئاۋۋال سىناپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. تەكلىپنامە تەلەپ قىلىنىپ، پەقەت ئامال بولمىسا،  تۈركىيىدىكى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى بىرەر ئالىي مەكتەپنىڭ تىل بۆلۈمىدىن تەكلىپنامە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەكتەپلەر بۇ تەكلىپنامىگە 100 دوللار ئەتراپىدا تەلەپ قىلىدۇ.

4. ئىلتىماس جەدىۋېلى

تۆۋەندىكى تۈركىيە ئوقۇشىنىڭ ئىلتىماس جەدۋىلىنى بېسىپ چىقىرىپ، ئۇنى ئىنگلىز تىلىدا تولدۇرۇڭ. تەييار بولغان جەدىۋەلنى سكەن(扫描) قىلىپ، قالغان ماتېرىياللار بىلەن ماتېرىيال ئەۋەتىش ئۇسۇلى بويىچە ئەۋەتىپ بېرىڭ:

ئىلتىماس جەدىۋېلى [Word]

5. ئوقۇش نەتىجىسى، سەۋىيە كىنىشكىسى، دىپلوم ۋە ئۇنۋان

(1) ئالىي مەكتەپ تۇلۇق كۇرستا ئوقۇش ئۈچۈن:

1) تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دىپلومى كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتمىسى ۋە ئۇنىڭ جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئوتكەن ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى بولۇشى كېرەك. ھازىر تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپ ئىلتىماس قىلىدىغانلار تۇلۇق ئوتتۇرا دىپلومىسىنى 6-ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن ئىلتىماسى ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەمما دىپلۇم بېرىلدىغانلىقى ھەققىدە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىدىن ئىسپات ئېلىپ بىزگە كۆپەيتىلمىسىنى سكەن قىلىپ ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

2) تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدىكى خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسى بولۇشى كېرەك. خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 3 پەندىن B، باشقا پەنلەردىن A بولىشى كېرەك. بۇ ئەڭ مۇھىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىنىڭ تاللىنىش-تاللانماسلىقى خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىلىرىگە باغلىق. ھازىر تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپ ئىلتىماس قىلىدىغانلار خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسىنى 6-ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن ئىلتىماسى ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

3) ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ راسلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكە نۇمۇرىنى يوللاپ بېرىشى كېرەك.

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ شۇ يىللىق 2 – تۈركۈم نۇمۇر سىزىقىدىن يۇقىرى بولىشى كېرەك. ھازىر تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپ ئىلتىماس قىلىدىغانلار خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكە نۇمۇرىنى 6-ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن ئىلتىماسى ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.  بۇ ئەڭ مۇھىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىنىڭ تاللىنىش-تاللانماسلىقى ئاشۇ نەتىجىلىرىگە باغلىق.

تۈركىيىدە ئالىي مەكتەپ تۇلۇق كۇرىسى 4 + 2 يىل بۇلۇپ، تاللانغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىل تۈركچە تىل ئىمتىھانىدىن غەلبىلىك ئۆتكەندىن كېيىن، نەتىجىسى ۋە ئارزۇسىغا قاراپ تۈركىيىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەرخىل كەسىپلىرىگە قوبۇل قىلىنىدۇ. بىر يىل ئىنگلىزچە تىل ئۆگىنىپ، ئىنگىلىزچە تىل ئىمتىھانىدىن غەلبىلىك ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن تۇلۇق كۇرس كەسپى ئوقۇشىنى باشلىيالايدۇ.

(2) ماگىستىرلىق (ئاسپىرانتلىق)تا ئوقۇش ئۈچۈن:

1) ئالىي مەكتەپ تۇلۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈش دىپلومى ۋە دۆلەت بىر تۇتاش تارقاتقان ئۇنۋان كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتمىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئوتكەن ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىلىرى بولۇشى كېرەك. ھازىر ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپ ئىلتىماس قىلىدىغانلار دىپلوم بىلەن ئۇنۋاننى 7-ئايدىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن ئىلتىماس ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەمما دىپلۇم ۋە ئۇنۋان بېرىلدىغانلىقى ھەققىدە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىدىن ئىسپات ئېلىپ بىزگە كۆپەيتىلمىسىنى سكەن قىلىپ ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

2) ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدىكى پۈتۈن دەرسلەرنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئۇنىڭ مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسىدىن چىقىرىپ بەرگەن ئىنگلىزچە تەرجىمىسى بولۇشى كېرەك. ئەگەر شۇ ئوقۇش يىلى پۈتتۈرمەكچى بولسا 3 يېرىم يىللىق ئوقۇش نەتىجىلىرىنى ئەۋەتىپ تۇرۇشى كېرەك.  GPA = 2.8(ئومۇمى نەتىجىسى) ئەڭ ئاز 70 بۇلىشى كېرەك. بۇ ئەڭ مۇھىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىنىڭ تاللىنىش-تاللانماسلىقى ئاشۇ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىغا، ئوقۇغان مەكتىپىگە ۋە كەسپىگە باغلىق.

3) دۆلەت بىر تۇتاش ئالغان ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلىدىن 4-دەرىجە ياكى 6-دەرىجە (CET-4,-6) سەۋىيە ئىمتىھانىنىڭ لاياقەتلىك كىنىشكىسى بولۇشى كېرەك.

تۈركىيىدە ماگىستىرلىق 2+1 يىل. تاللانغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىل تۈركچە تىل ئۆگىنىپ، تۈركچە ئىمتىھانىدىن غەلبىلىك ئۆتكەندىن كېيىن، نەتىجىسى ۋە ئارزۇسىغا قاراپ تۈركىيىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلىرىگە ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان كەسىپلەرگە ماگىستىرلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. مەكتەپلەرگە رەسمى قۇبۇل قىلىنىشتىن بۇرۇن، ھەرقايسى مەكتەپ ۋە كەسپلەرگە بېكىتىلگەن ئىنگلىزچە سەۋىيە ئۆلچىمىگە يەتكەن ئىنگىلىزچە خەلقئارالىق لاياقەتلىك كىنىشكىسى ( TOEFLياكى IELTS) بولسا، بىر يىل ئېنگىلىزچە تىل تەييارلىقى ئالمايلا كەسپى ئوقۇشىنى باشلىيالايدۇ. ئىنگلىزچە نەتىجىسى يېتەرلىك بولمىغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىللىق ئىنگلىزچە تەييارلىقتىن كېيىن، ئىنگلىزچە تىل ئىمتىھانى بېرىپ، لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن كەسپى ئوقۇشىنى باشلىيالايدۇ.

(3) دوكتورلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن:

1) ماگىستىرلىقنى (ئاسپىرانتلىقنى) پۈتتۈرگەن دوكتورلۇقتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماگىستىرلىق دىپلومى ۋە ئۇنۋانى (مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسى ياكى جامائەت گۇۋاھلىق ئورگانلىرىدىن تەرجىمە قىلىپ بېرىلگەن ئىنگلىزچە تەرجىمىسى قوشۇپ ئەۋەتىلىدۇ) بولۇشى كېرەك.

2) ماگىستىرلىق ئوقۇشىدىكى دەرس نەتىجىسى (مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ بېرىلگەن ئىنگلىزچە تەرجىمىسى قوشۇپ ئەۋەتىلىدۇ) بولۇشى كېرەك. ئەگەر بۇ ئوقۇش يىلى پۈتتۈرمەكچى بولسا دىپلومىنى ۋە ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى 6- ياكى 7-ئايدا ئالغاندىن كېيىن تېزدىن ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

GPA = 3.0(ئومۇمى نەتىجىسى) ئەڭ ئاز 75 بۇلىشى كېرەك. بۇ ئەڭ مۇھىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىنىڭ تاللىنىش-تاللانماسلىقى ئاشۇ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىغا، ئوقۇغان مەكتىپىگە ۋە كەسپىگە باغلىق.

3) دۆلەت بىر تۇتاش ئالغان ئالىي مەكتەپ ئىنگلىزچىدىن 6- دەرىجە (CET-6) سەۋىيە كىنىشكىسى بولۇشى كېرەك.

تۈركىيىدە دوكتورلۇق ئوقۇشى 3 يىلدىن 6 يىلغىچە. تاللانغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىل تۈركچە تىل ئۆگىنىپ، تۈركچە ئىمتىھانىدىن غەلبىلىك ئۆتكەندىن كېيىن، نەتىجىسى ۋە ئارزۇسىغا قاراپ تۈركىيىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلىرىگە ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان كەسىپلەرگە دوكتورلۇققا قوبۇل قىلىنىدۇ. مەكتەپلەرگە رەسمى قۇبۇل قىلىنىشتىن بۇرۇن، ھەرقايسى مەكتەپ ۋە كەسپلەرگە بېكىتىلگەن ئىنگلىزچە سەۋىيە ئۆلچىمىگە يەتكەن ئىنگىلىزچە خەلقئارالىق لاياقەتلىك كىنىشكىسى ( TOEFL ياكى IELTS) بولسا، بىر يىل ئېنگىلىزچە تىل تەييارلىقى ئالمايلا كەسپى ئوقۇشىنى باشلىيالايدۇ. ئىنگلىزچە نەتىجىسى يېتەرلىك بولمىغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىللىق ئىنگلىزچە تەييارلىقتىن كېيىن، ئىنگلىزچە تىل ئىمتىھانى بېرىپ، لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن كەسپى ئوقۇشىنى باشلىيالايدۇ.

ئەسكەرتىش:

نەتىجە ، دىپلوم، ئۇنۋان ۋە سەۋىيە كىنىشكىلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئورگان ۋە تور بەتلىرىدىن تەكشۈرۈلۈپ راست-يالغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا يالغانچىلىق قىلىشتىن ئالاھىدە ساقلىنىش كېرەك.

6. ئۆز-ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش (CV) ۋە ئىلتىماس خەتلىرى (Personal Statement)

1) بىر پارچە ئۆز-ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ يازغان تونۇشتۇرۇش خېتى بولۇشى كېرەك.

2) بىر پارچە تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇش توغرىسىدىكى ئىلتىماسنامە بولۇشى كېرەك.

ئىلتىماسنامە ۋە ئۆزىنى- ئائىلىسىنى تونۇشتۇرۇش خەتلىرى ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا تەپسىلىي ۋە رەتلىك يېزىلىشى ھەم ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنىشى شەرت. ئۆز-ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئىلتىماسنامىلەرنى چوقۇم ئۆزى ئەتراپلىق ئويلىنىپ مۇستەقىل يېزىشى ۋە ئىنگلىزچە ئەتراپلىق تەييارلىنىشى كېرەك. ئىنگلىزچە نۇسخىسى بولمىغان تونۇشتۇرۇشنامە ۋە ئىلتىماسنامە قوبۇل قىلىنمايدۇ.

7. ئوقۇتقۇچى ۋە كەسىپ ئەھلىنىڭ تەۋسىيىنامىسى

ۋەتەندە تولۇق كۇرسنى ۋە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن ۋە پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزىگە دەرس بەرگەن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ (ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇر بولسا، ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە، ئوقۇتقۇچى خەنزۇ بولسا، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە ) يۈزىپ بەرگەن تەۋسىيىنامىسى (رەچوممەنداتىئون لەتتەرس) ۋە ئۆزىنى ئوبدان بىلىدىغان ئۆز كەسپىگە ئالاقىدار ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى بىر ئۇيغۇر كەسىپ ئەھلىنىڭ ئۇيغۇرچە يازغان تەۋسىيىنامىسى بولۇشى ئالاھىدە تەشەببۇس قىلىنىدۇ، ئەمما چۇقۇم شەرت ئەمەس. ئۆزىگە تەۋسىيىنامە يېزىپ بەرگەن يۇقىرىدىكى 2 شەخسنىڭ ئالاقىلىشىش پوچتا ئادرېسى، ئېلخەت ئادرېسى ۋە تېلېفون نومۇرىنى قوشۇپ ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغانلار كۆپ، رىقابەت كۈچلۈك بولۇپ كەتسە، بۇ تەۋسىيىنامىلەرگە ئالاھىدە قارىلىپ تاللىنىدۇ.

تەلەپلەر يۇقىرىقىدەك. بۇ تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغانلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن. ئەمما ئىلتىماس قىلىپ سىناپ باقسا بولىدۇ. باھالاشتىن ئۆتۈپ قالسا ئەجەب ئەمەس. بارلىق ماتېرىياللارنى ئەستايىدىل تەييارلاشنىڭ تاللىنىشقا جىق پايدىسى بولىدۇ. شۇڭا سەل قارىماڭ!

8. كاپالەتنامە: ئەگەر بۇ ئوقۇش ھەل بولسا، چوقۇم ئوقۇشقا چىقىدىغانلىقى ۋە ۋاز كەچكەن تەقدىردە پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ كاپالەتنامىسى بولىشى كىرەك.

9. ئىلتىماس ھەققى 50 دوللار (ئىلتىماس ھەققىنى بىكاردىن بىكار تۆلىمەسلىك ئۈچۈن، يۇقارىقى 8 تۈرلۈك  تەلەپلەرگە قاراپ، ئۆزىنىڭىزنىڭ تەلەپكە لايىق ۋە لايىق ئەمەسلىكىڭىزنى دەڭسەپ ئاندىن ئىلتىماس قىلىشىنىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز).

ئالاقە ۋە مەسلىھەت:  تۈركىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى

Telfon : 0090 – 212 589 76 67,  Yanfun: 0090 – 538 202 49 45

E-mail  : uyguroku@gmail.com

ب.  ماتېرىيال ئەۋەتىش ئۇسۇلى:

يۇقىرىدا تەلەپ قىلىنغان پۈتۈن ماتېرىياللارنى سكەن (扫描) قىلىپ، رەت تەرتىپ بويىچە ئىسىم قويۇپ (مەسىلەن: ئىلتىماس جەدىۋېلى، پاسپورت، كىملىك، دىپلوم، ئۇنۋان، دەرىجە كىنىشكىسى، ئۆز-ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش خېتى، ئائىلىنى تونۇشتۇرۇش خېتى، كاپالەتنامە، تەۋسىيىنامە دېگەندەك خاس ئىسىملار) يۇقىرىقى ئېلخەت ساندۇقىغا يوللاپ بېرىڭ. يېزىق شەكلىنى تونۇماسلىقتىن كېلىپ چىققان ئاۋارىچىلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بارلىق كومپيۇتېردا يېزىلغان ماتېياللارنى PDF(ئاكروبات) ھۆججىتى ياكى رەسىم (JPEG) شەكلىدە ئەۋەتىپ بېرىڭ. مۇمكىن بولسا ئىلتىماس ماتېرياللىرىنى ئەڭ ياخشىسى كومپيۇتېردا يېزىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. بارلىق ماتېرىياللارنى تولۇق تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن، بىرلا ۋاقىتتا تولۇق ئەۋەتىپ بېرىڭ (ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا بىر قانچە قېتىم ئەۋەتىپ ۋە كۆپ سۇئال سوراپ سىزگە ياردەم قىلغۇچى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خادىملىرىنى ھارغۇزۇپ قويماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز). تۈركىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىكى خادىملار شەرتى توشقانلارغا كېيىنكى قەدەمدە نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئېنىق يول كۆرسىتىدۇ.

ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى، بۇ يولنى مېڭىپ بېرىمەن دېگۈچىلەرگە پۇل بەرسىڭىز، سىز پۈتۈنلەي ئالدانغان بولىسىز. شۇڭا ئالدى بىلەن تۈركىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىكى خادىملار بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز، ئۇلار سىزنىڭ ماتېرىيالىڭىزنى كۆرۈپ، رەسمىي لاياقەتلىك ئىكەنلىكىڭىزگە ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، سىزنىڭ تۈركىيىگە بېرىپ ئوقۇشىڭىزغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. تۈركىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىكى خادىملار بەك ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئاڭلىق ۋە سەۋىرچان بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

س.  ئىلتىماس قوبۇل قىلىش مەزگىلى:

تۈركىيىدە ئۇقۇشقا ئىلتىماس قوبۇل قىلىش مەزگىلى ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە.

TOEFL IELTE, ۋە GRE نەتىجىلىرى بولمىغان ۋە تۇركىيەدە 1 يىل تۈركچە، ئىنگلىزچە TOEFL IELTS, ۋە GRE ئىمتىھان تەييارلىقىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولغان،كەسپىدە بىر قەدەر پىششىق بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، تۈركچە، TOEFL IELTE, ۋە GRE ئىمتىھان تەييارلىقلىرىغا ئستانبۇلدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئېچىلغان ئەڭ تۇۋەن باھادىكى كۇرسلار ئارقىلىق ياردەم بېرىلىدۇ.

د. ئوقۇش پۇلى توغرىسىدا:

ئوقۇش نەتىجىسى ئەڭ ياخشى ۋە ئونۋېرسال باھالاشتا يوقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ باھالانغان 50 ئوقۇغۇچى تۇنجى يىلىدىكى تۈركچە تەييارلىق ئوقۇشىنى غەلبىلىك پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىدىن بەھرىمەن بۇلالايدۇ. بۇ سانغا كىرەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆز خىراجىتىگە ۋە تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي جەمىئىيەتلەرنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا تايىنىپ ئوقۇيدۇ.

نۇرمالدا، تۈركىيە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئالىي مەكتەپ تۇلۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشىدا،  تۇركىيەلىك ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش پۇلىنى ھەسسىلەپ ئالىدۇ، ئەمما تۈركىيە ئويغۇر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا تۈركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇش نەتىجىسى ئەڭ ياخشى 50 ئوقۇغۇچىغا تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا تۇركىيەلىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئوقۇش پۇلىنى تۆۋەنلىتىپ بېرىشكە ياردەمدە بولالايمىز. ئوقۇش پۇلى مەكتەپلەر ۋە كەسىپلەرگە قاراپ ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بىر يىللىق ئەڭ ئاز 250 دوللاردىن ئەڭ كۆپ 500 دوللارغىچە بولىدۇ. ئالىي مەكتەپ تۇلۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇققا كىرەلىگەن ئوقۇغۇچىلار تۇركىيەدىكى فوندى جەمىئىيەتلەردىن تەسىس قىلىنغان ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى ئالالايدۇ.

ھەر يىلى تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇش پۇلى تۆلىمەيدۇ ۋە ئايدا ئوقۇش ۋە تۇرمۇشغا يەتكۈدەك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىدۇ.

ئى. تۈركىيە ۋىزىسى توغىرىسىدا:

تۈركىيە ئويغۇر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا تۈركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىپ، قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارھەر يىلى 9-ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىدىن ئوقۇش ۋىزىسىنى ئالىدۇ. ۋىزا خەۋىرى تۈركىيە ئويغۇر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى تەرىپىدىن، 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە تاللانغان ئوقۇغۇچىغا بىۋاستە ئۇختۇرىلىدۇ.

تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى تور ئادىرىسى: http://beijing.emb.mfa.gov.tr/

ئوقۇغۇچىلار ۋىزىسىغا قويغان تەلەپلەر (تۆۋەندىكى تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللار تۇلۇق بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ئوقۇغۇچىلار بىر ھەپتە ئىچىدە ئوقۇش ۋىزىسىى ئالالايدۇ):

学习签证

http://beijing.emb.mfa.gov.tr/ShowInfoNotes.aspx?ID=1079

外国人只有在土耳其大学,学校或语言培训班注册报名之后方可申请学习签证。学习签证的停留期一般为一年,一次入境

前往土耳其大学学习的学生需要提供的签证材料

第一: 有效护照及护照的复印件

第二:签证申请表

第三:一张申请人的二寸彩色证件照片

第四:土耳其大学的正式录取通知书

第五:学历证书

第六:健康证明

第七:签证费

第八:如果申请人不是中国公民,还需要提供其在中国的有效居留证

تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي ئۆز ئىمكانى بىلەن تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلمەكچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇشى پۇرسىتى توغرىسىدا:

بۇ تۈردىكى ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپنىڭ تىل چاقىرىقى ئۈچۈن 100$ ئەتراپىدا پۇلنى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا ئەۋەتكەندىن كېيىن، تىل مەكتىپىنىڭ چاقىرىقى ئارقىلىق بەيجىڭدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىدۇ. ۋىزىنى ئېلىپ تۇركىيەگە بارغاندىن كىيىن، ئالدى بىلەن مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپكە تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن تىزىملىتىپ تۇرۇشلۇق كىنىشكە(ئىقامەت) ئېلىشى كېرەك، بىر يىللىق ئىقامەت ئۈچۈن مەكتەپكە 350 دوللاردىن 700 دوللارغىچە ئوقۇش پۇلى تۈلەپ تۈركچە كۇرستا ئوقۇيدۇ. تۈركچە تەييارلىقنى تۆگىتىپ، ئالىي مەكتەپ تۇلۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ياكى دوكتورلۇق ئوقۇشىغا رەسمىي كىرگەندىن كىيىن، ئەگەر ئوقۇش نەتىجىسى ئەڭ ياخشى 50 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىگە كىرەلىسە، تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەيدۇ، بولمىسا باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئوقۇش پۇلى تۆلەيدۇ ۋە تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي جەمىئىيەتلەردىن ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ.

ئۆز ئىمكانى بىلەن تۈركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ۋىزىغا قويغان تەلەپلەر (تۆۋەندىكى تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللىرىڭىز تۇلۇق بولغان ئەھۋال ئاستىدا 2-3 ئاي ئىچىدە ۋىزىنى ئالالايسىز):

学习签证

http://beijing.emb.mfa.gov.tr/ShowInfoNotes.aspx?ID=1079

参加土耳其语言培训班的学生需要提供的签证材料

作为先决条件,语言培训班应该被土耳其教育部所认可

第一:签证申请表

第二:一张申请人的二寸彩色证件照片

第三:语言培训班的录取通知书原件和复印件

第四:学历证书原件和复印件或者公证件

第五:已交过培训班费用的银行回单或培训班报名费收据复印件

第六:申请人或者其父母的银行存款证明原件和复印件

第七:英文经济担保公证书 – 申请人的亲友在中国公证处办理

第八:申请人的无犯罪记录公证书

第九:健康证明原件和复印件

第十:签证费

此类签证允许持有人进入土耳其并申请居留许可证。持学习签证的人必须在抵达土耳其之后30天 内到当地的安全局外籍人员处(Emniyet Müdürlügü Yabancilar Subesi)申请居留许可证。一旦取得土耳其居留许可证,该人在居留证有效期内可多次进入土耳其,无需再次申请土耳其的入境签证。如果需要延期居留许可 证,应该在到期前及时办理延期或更新手续。如果居留许可证即将到期或已经到期,离开土耳其之前需要延期居留许可证

ئەسكەرتىش:

1. تۇركىيەدە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئايلىق تۇرمۇش خىراجىتى تەخمىنەن ئوتتۇرا ھېسابتا 150 – 250 دوللار ئەتراپىدا. ھەر ئىھتىمالغا قارشى تۇنجى يىلى تۇرمۇش ۋە ئوقۇشتا قىينىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن تۇركىيەدە ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز ۋە سالىر ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ تۇنجى يىللىق  ئوقۇش ۋە تۇرمۇش چىقىملىرىنى تولۇق تەييارلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

2. بۇ ئوقۇشقا مەسلىھەت ئېلىشقا ۋە تاللىنىش ئۈچۈن كېرەكلىك رەسمىيەتلەرگە تىزىملاش ھەققى 50 دوللاردىن باشقا ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلىنمايدۇ.

بىز پەقەت ئەڭ ياخشى ئوقۇغان ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز ۋە سالىر ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ ماتېرىيالىلىرىنى كۆرۈپ، ھەقىقەتەن ئوقۇشقا مۇۋاپىق بولسا، تۈركىيە دۆلىتىگە ۋاكالىتەن بۇ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىگە ياردەم قىلغۇچىمىز.

تۈركىيە تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز، سېرىق ئۇيغۇر ۋە سالىر قاتارلىق تۈرك ئېرقىدىكى قېرىنداش خەلقلەر ئۈچۈن يات بىر ماكان ئەمەس. تۈرك تىلى ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز ۋە سالىر تىللىرىغا 70% تامامەن ئوخشاش بولۇپ قېرىنداش تىلدۇر. كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەنسىڭىز 4 ئايدا خىلىلا ياخشى دەرىجىدە تۈركچە ئۆگىنەلەيسىز.

تۇركىيەدە ئوقۇسىڭىز نۇرغۇن پەننىي بىلىم ئىگىلەپلا قالماستىن، بەلكى تۇرمۇشىڭىزدا سىزگە كېرەكلىك مەدىنىيەت-تۇرمۇش بىلىملىرىگىمۇ ئىگە بولالايسىز.

3.تۇركىيەدە ئوقۇش پۈتۈنلەي قانۇنلۇق بولۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ ھەمكارلىقى ئاستىدا، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە بىرلىكتە گۈللىنىشنى نىشان قىلغان.

تۇركىيەدە، ئوقۇشتىن سىرت تەتىل كۈنلىرىدە خەنزۇچە – تۈركچە تەرجىمانلىق قىلىپمۇ تۇرمۇش پۇلىڭىزنى ۋە تەتىلدىكى ۋەتەنگە بېرىپ-كېلىش ئايروپىلان بېلىتى پۇلىنىمۇ تاپالايسىز. ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا ئۇتۇق تىلەيمىز!

تۈركىيە

تۈركىيە ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش ئۈچۈن تېز ئىسلاھات قىلىۋاتىدۇ. تۈركىيە ياۋروپا ۋە ئاسىيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىدە كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئويناۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تىز ئۆزگىرىۋاتدۇ.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھەر يىلى يوقارىقى رايون ۋە دۆلەتلەردىكى تۈرك ۋە قېرىنداش خەلقلەردىن نەچچە مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچدە ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز، سېرىق ئۇيغۇر ۋە سالىرلارغىمۇ مەلۇم ساندا ئوقۇش ئىمكانىيىتى بېرىلگەن. شۇڭا بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ!

تۈركىيە توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە ۋە بىلىمگە ئىگە بۇلاي دېسىڭىز تۆۋەندىكى تور سەھىپىللىرىنى زىيارەت قىلىڭ!

http://en.wikipedia.org/wiki/Turkey

بۇ ئىنگلىزچە تور بېتىدە تۈركىيە توغرىسىدا ناھايىتى مول ئۇچۇرلار بار. http://www.tourismturkey.org/

بۇ ئىنگلىزچە تور بەتتىن تۈركىيە مەدەنىيەت-سەنئىتى، تارىخى ۋە ساياھەت جەھەتلەردىكى مول ئۇچۇرلارغا ئىرشەلەيسىز!

 

تۈركىيەدىكى ئەڭ داڭلىق 10 ئالىي مەكتەپ

تۇركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تور ئادرېسلىرى :

http://web.inonu.edu.tr/~hturkay/universite.htm

1.ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا بىلىگيۇرتى (Middle East Technical University)، ئەنقەرەدە

http://www.metu.edu.tr/
http://www.odtu.edu.tr/

2. بوغازىچى بىلىگيۇرتى

(Bosphorus University)، ئىستانبۇلدا.

http://www.boun.edu.tr./index_eng.html
http://www.boun.edu.tr./

3.ئىستانبۇل تېخنىكا بىلىگيۇرتى

(Istanbul Technical University)، ئىستانبۇلدا

http://www.itu.edu.tr/e/
http://www.itu.edu.tr/

4.بىلكەنت بىلىگيۇرتى

(Bilkent University، شەخسى ئالىي مەكتەپ)، ئەنقەردە

http://www.bilkent.edu.tr./
http://www.bilkent.edu.tr/bilkent-tr/index.html

5. ھاجىتەپە بىلىگيۇرتى

(Hacettepe University)، ئەنقەرەدە . http://www.hun.edu.tr/english/
http://www.hun.edu.tr/

6. يۇلتۇز تېخنىكا بىلىگيۇرتى

(Yildiz Technical University)، ئىستانبۇلدا

http://www.ytu.edu.tr/
http://www.yildiz.edu.tr/english/index2.php

7. ئىستانبۇل بىلىگيۇرتى

(Istanbul University)، ئىستانبۇلدا.

http://www.istanbul.edu.tr/
http://www.istanbul.edu.tr/english/

8. مەرمەرە بىلىگيۇرتى

(Marmara University)، ئىستانبۇلدا.

http://www.marmara.edu.tr/
http://www.marmara.edu.tr/index_en.php

9. ئەنقەرە بىلىگيۇرتى

(Ankara University)، ئەنقەرەدە.

http://www.ankara.edu.tr/english/
http://www.ankara.edu.tr/

10. غازى بىلىگيۇرتى

(Gazi University)، ئەنقەرەدە.

http://www.gazi.edu.tr/english/indexeng.php
http://www.gazi.edu.tr/

يۇقىرىدىكىسى تۈركىيەنىڭ 10 داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرىدۇر. بۇلارنىڭ ئالدىنقى 5 ئالىي مەكتەپ ئۇقۇتۇشىنى ئاساسەن ئىنگلىزچە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن قېلىشمايدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشى ئوقۇغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تۈركىيەدە ئوقۇشىنى قارشى ئالىمىز! پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويماڭ! سىزگە ئۇتۇق تىلەيمىز.

تۈركىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى

Telfon : 0090 – 212 589 76 67,  Yanfun: 0090 – 538 202 49 45

E-mail  : uyguroku@gmail.com

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 09 May 2011
ئاپتۇر: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

Leave a Reply

Your email address will not be published.

You may use these HTML tags and attributes: