تۈركىيىدە ئوقۇش پۇرسىتى

تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تۈركىيەدە ئوقۇش پۇرسىتى

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 1992-يىلىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، بالقان، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ۋە  ياۋروپا قاتارلىق رايون ۋە دۆلەتلەردىكى تۈرك ۋە قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا تۈركىيىدە ئوقۇش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدە تۈركىيە بىلەن بۇ رايون ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللىق كۆپ تەرەپلىك مائارىپ ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇپ، ئىزچىل تۈردە ئورۇنلاپ كەلمەكتە. بۇ مائارىپ ھەمكارلىقىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى تۈركىيە باش مىنىستىرلىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار كومىتىتى ۋە تۈركىيە ئالىي مائارىپ كومىتېتى تور سەھىپىلىرىنى زىيارەت قىلىپ بىلەلەيسىز.

http://yodb.ytb.gov.tr/
http://www.yok.gov.tr/yabanci/Türki.htm

ئا. تەلەپ قىلىنىدىغان ماتېرىياللار

تۈركىيىدىكى بۇ ئوقۇشقا ئۇيغۇر ديىارىدىكى ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز ۋە سالىر قاتارلىق تۈركىي مىللەت ئېرقىغا مەنسۇپ ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىلتىماس قىلالايدۇ. بۇ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئېنىق شەرتلىرى تۆۋەندىكىدەك:

1. كىشىلىكى (ئەخلاقى-پەزىلىتى)

تۈركىيىدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچى چوقۇم ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلگەن، تىرىشچان، غايىلىك ۋە توغرا دۇنيا قاراشقا ئىگە، ئۆز مىللىتى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز ۋە سالىر ياشلىرىدىن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

2. كىملىكتە ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز ۋە سالىر

سالاھىيەت كىملىكى بولۇشى ۋە سالاھىيەت كىملىكىدە مىللىتى چوقۇم ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز ۋە سالىر دەپ ئېنىق يېزىلغان بولۇشى كېرەك.

3. پاسپورت

پاسپورت بېجىرىپ قولىغا ئالغان بولىشى كىرەك. ئەگەر پاسپورت بېجىرمىگەن بولسا، ئاۋۋال ئىلتىماس قىلىپ تۇرۇپ، 3- ئايدىن بۇرۇن بېجىرىپ ئېلىپ ئەۋەتسىمۇ بولىدۇ.

پاسپورتتا، ئالىي مەكتەپتە تولۇق كۇرستا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچلارنىڭ يېشى 23 تىن، ماگىستېرلىقتا (ئاسپىرانتلىقتا) ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى 28 دىن، دوكتورلۇقتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى 33 تىن ئاشمىغان بولۇشى كىرەك.

مەسلىھەت:

ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن، پاسپورت بېجىرىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرىشى كېرەك. تەكلىپنامە بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئاۋۋال سىناپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. تەكلىپنامە تەلەپ قىلىنىپ، پەقەت ئامال بولمىسا،  تۈركىيىدىكى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى بىرەر ئالىي مەكتەپنىڭ تىل بۆلۈمىدىن تەكلىپنامە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەكتەپلەر بۇ تەكلىپنامىگە 100 دوللار ئەتراپىدا تەلەپ قىلىدۇ.

4. ئىلتىماس جەدىۋېلى

تۆۋەندىكى تۈركىيە ئوقۇشىنىڭ ئىلتىماس جەدۋىلىنى بېسىپ چىقىرىپ، ئۇنى ئىنگلىز تىلىدا تولدۇرۇڭ. تەييار بولغان جەدىۋەلنى سكەن(扫描) قىلىپ، قالغان ماتېرىياللار بىلەن ماتېرىيال ئەۋەتىش ئۇسۇلى بويىچە ئەۋەتىپ بېرىڭ:

ئىلتىماس جەدىۋېلى [Word]

5. ئوقۇش نەتىجىسى، سەۋىيە كىنىشكىسى، دىپلوم ۋە ئۇنۋان

(1) ئالىي مەكتەپ تۇلۇق كۇرستا ئوقۇش ئۈچۈن:

1) تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دىپلومى كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتمىسى ۋە ئۇنىڭ جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئوتكەن ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى بولۇشى كېرەك. ھازىر تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپ ئىلتىماس قىلىدىغانلار تۇلۇق ئوتتۇرا دىپلومىسىنى 6-ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن ئىلتىماسى ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەمما دىپلۇم بېرىلدىغانلىقى ھەققىدە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىدىن ئىسپات ئېلىپ بىزگە كۆپەيتىلمىسىنى سكەن قىلىپ ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

2) تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدىكى خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسى بولۇشى كېرەك. خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 3 پەندىن B، باشقا پەنلەردىن A بولىشى كېرەك. بۇ ئەڭ مۇھىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىنىڭ تاللىنىش-تاللانماسلىقى خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىلىرىگە باغلىق. ھازىر تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپ ئىلتىماس قىلىدىغانلار خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسىنى 6-ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن ئىلتىماسى ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

3) ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ راسلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكە نۇمۇرىنى يوللاپ بېرىشى كېرەك.

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ شۇ يىللىق 2 – تۈركۈم نۇمۇر سىزىقىدىن يۇقىرى بولىشى كېرەك. ھازىر تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپ ئىلتىماس قىلىدىغانلار خۇلاسە ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكە نۇمۇرىنى 6-ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن ئىلتىماسى ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.  بۇ ئەڭ مۇھىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىنىڭ تاللىنىش-تاللانماسلىقى ئاشۇ نەتىجىلىرىگە باغلىق.

تۈركىيىدە ئالىي مەكتەپ تۇلۇق كۇرىسى 4 + 2 يىل بۇلۇپ، تاللانغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىل تۈركچە تىل ئىمتىھانىدىن غەلبىلىك ئۆتكەندىن كېيىن، نەتىجىسى ۋە ئارزۇسىغا قاراپ تۈركىيىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەرخىل كەسىپلىرىگە قوبۇل قىلىنىدۇ. بىر يىل ئىنگلىزچە تىل ئۆگىنىپ، ئىنگىلىزچە تىل ئىمتىھانىدىن غەلبىلىك ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن تۇلۇق كۇرس كەسپى ئوقۇشىنى باشلىيالايدۇ.

(2) ماگىستىرلىق (ئاسپىرانتلىق)تا ئوقۇش ئۈچۈن:

1) ئالىي مەكتەپ تۇلۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈش دىپلومى ۋە دۆلەت بىر تۇتاش تارقاتقان ئۇنۋان كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتمىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئوتكەن ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىلىرى بولۇشى كېرەك. ھازىر ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋېتىپ ئىلتىماس قىلىدىغانلار دىپلوم بىلەن ئۇنۋاننى 7-ئايدىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن ئىلتىماس ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەمما دىپلۇم ۋە ئۇنۋان بېرىلدىغانلىقى ھەققىدە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىدىن ئىسپات ئېلىپ بىزگە كۆپەيتىلمىسىنى سكەن قىلىپ ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

2) ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدىكى پۈتۈن دەرسلەرنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئۇنىڭ مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسىدىن چىقىرىپ بەرگەن ئىنگلىزچە تەرجىمىسى بولۇشى كېرەك. ئەگەر شۇ ئوقۇش يىلى پۈتتۈرمەكچى بولسا 3 يېرىم يىللىق ئوقۇش نەتىجىلىرىنى ئەۋەتىپ تۇرۇشى كېرەك.  GPA = 2.8(ئومۇمى نەتىجىسى) ئەڭ ئاز 70 بۇلىشى كېرەك. بۇ ئەڭ مۇھىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىنىڭ تاللىنىش-تاللانماسلىقى ئاشۇ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىغا، ئوقۇغان مەكتىپىگە ۋە كەسپىگە باغلىق.

3) دۆلەت بىر تۇتاش ئالغان ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلىدىن 4-دەرىجە ياكى 6-دەرىجە (CET-4,-6) سەۋىيە ئىمتىھانىنىڭ لاياقەتلىك كىنىشكىسى بولۇشى كېرەك.

تۈركىيىدە ماگىستىرلىق 2+1 يىل. تاللانغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىل تۈركچە تىل ئۆگىنىپ، تۈركچە ئىمتىھانىدىن غەلبىلىك ئۆتكەندىن كېيىن، نەتىجىسى ۋە ئارزۇسىغا قاراپ تۈركىيىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلىرىگە ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان كەسىپلەرگە ماگىستىرلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. مەكتەپلەرگە رەسمى قۇبۇل قىلىنىشتىن بۇرۇن، ھەرقايسى مەكتەپ ۋە كەسپلەرگە بېكىتىلگەن ئىنگلىزچە سەۋىيە ئۆلچىمىگە يەتكەن ئىنگىلىزچە خەلقئارالىق لاياقەتلىك كىنىشكىسى ( TOEFLياكى IELTS) بولسا، بىر يىل ئېنگىلىزچە تىل تەييارلىقى ئالمايلا كەسپى ئوقۇشىنى باشلىيالايدۇ. ئىنگلىزچە نەتىجىسى يېتەرلىك بولمىغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىللىق ئىنگلىزچە تەييارلىقتىن كېيىن، ئىنگلىزچە تىل ئىمتىھانى بېرىپ، لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن كەسپى ئوقۇشىنى باشلىيالايدۇ.

(3) دوكتورلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن:

1) ماگىستىرلىقنى (ئاسپىرانتلىقنى) پۈتتۈرگەن دوكتورلۇقتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماگىستىرلىق دىپلومى ۋە ئۇنۋانى (مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسى ياكى جامائەت گۇۋاھلىق ئورگانلىرىدىن تەرجىمە قىلىپ بېرىلگەن ئىنگلىزچە تەرجىمىسى قوشۇپ ئەۋەتىلىدۇ) بولۇشى كېرەك.

2) ماگىستىرلىق ئوقۇشىدىكى دەرس نەتىجىسى (مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ بېرىلگەن ئىنگلىزچە تەرجىمىسى قوشۇپ ئەۋەتىلىدۇ) بولۇشى كېرەك. ئەگەر بۇ ئوقۇش يىلى پۈتتۈرمەكچى بولسا دىپلومىنى ۋە ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى 6- ياكى 7-ئايدا ئالغاندىن كېيىن تېزدىن ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

GPA = 3.0(ئومۇمى نەتىجىسى) ئەڭ ئاز 75 بۇلىشى كېرەك. بۇ ئەڭ مۇھىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىنىڭ تاللىنىش-تاللانماسلىقى ئاشۇ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىغا، ئوقۇغان مەكتىپىگە ۋە كەسپىگە باغلىق.

3) دۆلەت بىر تۇتاش ئالغان ئالىي مەكتەپ ئىنگلىزچىدىن 6- دەرىجە (CET-6) سەۋىيە كىنىشكىسى بولۇشى كېرەك.

تۈركىيىدە دوكتورلۇق ئوقۇشى 3 يىلدىن 6 يىلغىچە. تاللانغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىل تۈركچە تىل ئۆگىنىپ، تۈركچە ئىمتىھانىدىن غەلبىلىك ئۆتكەندىن كېيىن، نەتىجىسى ۋە ئارزۇسىغا قاراپ تۈركىيىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلىرىگە ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان كەسىپلەرگە دوكتورلۇققا قوبۇل قىلىنىدۇ. مەكتەپلەرگە رەسمى قۇبۇل قىلىنىشتىن بۇرۇن، ھەرقايسى مەكتەپ ۋە كەسپلەرگە بېكىتىلگەن ئىنگلىزچە سەۋىيە ئۆلچىمىگە يەتكەن ئىنگىلىزچە خەلقئارالىق لاياقەتلىك كىنىشكىسى ( TOEFL ياكى IELTS) بولسا، بىر يىل ئېنگىلىزچە تىل تەييارلىقى ئالمايلا كەسپى ئوقۇشىنى باشلىيالايدۇ. ئىنگلىزچە نەتىجىسى يېتەرلىك بولمىغان ئوقۇغۇچىلار بىر يىللىق ئىنگلىزچە تەييارلىقتىن كېيىن، ئىنگلىزچە تىل ئىمتىھانى بېرىپ، لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن كەسپى ئوقۇشىنى باشلىيالايدۇ.

ئەسكەرتىش:

نەتىجە ، دىپلوم، ئۇنۋان ۋە سەۋىيە كىنىشكىلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئورگان ۋە تور بەتلىرىدىن تەكشۈرۈلۈپ راست-يالغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا يالغانچىلىق قىلىشتىن ئالاھىدە ساقلىنىش كېرەك.

6. ئۆز-ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش (CV) ۋە ئىلتىماس خەتلىرى (Personal Statement)

1) بىر پارچە ئۆز-ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ يازغان تونۇشتۇرۇش خېتى بولۇشى كېرەك.

2) بىر پارچە تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇش توغرىسىدىكى ئىلتىماسنامە بولۇشى كېرەك.

ئىلتىماسنامە ۋە ئۆزىنى- ئائىلىسىنى تونۇشتۇرۇش خەتلىرى ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا تەپسىلىي ۋە رەتلىك يېزىلىشى ھەم ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنىشى شەرت. ئۆز-ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئىلتىماسنامىلەرنى چوقۇم ئۆزى ئەتراپلىق ئويلىنىپ مۇستەقىل يېزىشى ۋە ئىنگلىزچە ئەتراپلىق تەييارلىنىشى كېرەك. ئىنگلىزچە نۇسخىسى بولمىغان تونۇشتۇرۇشنامە ۋە ئىلتىماسنامە قوبۇل قىلىنمايدۇ.

7. ئوقۇتقۇچى ۋە كەسىپ ئەھلىنىڭ تەۋسىيىنامىسى

ۋەتەندە تولۇق كۇرسنى ۋە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن ۋە پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزىگە دەرس بەرگەن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ (ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇر بولسا، ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە، ئوقۇتقۇچى خەنزۇ بولسا، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە ) يۈزىپ بەرگەن تەۋسىيىنامىسى (رەچوممەنداتىئون لەتتەرس) ۋە ئۆزىنى ئوبدان بىلىدىغان ئۆز كەسپىگە ئالاقىدار ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى بىر ئۇيغۇر كەسىپ ئەھلىنىڭ ئۇيغۇرچە يازغان تەۋسىيىنامىسى بولۇشى ئالاھىدە تەشەببۇس قىلىنىدۇ، ئەمما چۇقۇم شەرت ئەمەس. ئۆزىگە تەۋسىيىنامە يېزىپ بەرگەن يۇقىرىدىكى 2 شەخسنىڭ ئالاقىلىشىش پوچتا ئادرېسى، ئېلخەت ئادرېسى ۋە تېلېفون نومۇرىنى قوشۇپ ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغانلار كۆپ، رىقابەت كۈچلۈك بولۇپ كەتسە، بۇ تەۋسىيىنامىلەرگە ئالاھىدە قارىلىپ تاللىنىدۇ.

تەلەپلەر يۇقىرىقىدەك. بۇ تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغانلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن. ئەمما ئىلتىماس قىلىپ سىناپ باقسا بولىدۇ. باھالاشتىن ئۆتۈپ قالسا ئەجەب ئەمەس. بارلىق ماتېرىياللارنى ئەستايىدىل تەييارلاشنىڭ تاللىنىشقا جىق پايدىسى بولىدۇ. شۇڭا سەل قارىماڭ!

8. كاپالەتنامە: ئەگەر بۇ ئوقۇش ھەل بولسا، چوقۇم ئوقۇشقا چىقىدىغانلىقى ۋە ۋاز كەچكەن تەقدىردە پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ كاپالەتنامىسى بولىشى كىرەك.

9. ئىلتىماس ھەققى 50 دوللار (ئىلتىماس ھەققىنى بىكاردىن بىكار تۆلىمەسلىك ئۈچۈن، يۇقارىقى 8 تۈرلۈك  تەلەپلەرگە قاراپ، ئۆزىنىڭىزنىڭ تەلەپكە لايىق ۋە لايىق ئەمەسلىكىڭىزنى دەڭسەپ ئاندىن ئىلتىماس قىلىشىنىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز).

ئالاقە ۋە مەسلىھەت:  تۈركىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى

Leave a Reply

Your email address will not be published.

You may use these HTML tags and attributes: