•  مەمتىلى ئەپەندى 1901-يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە توختاجى ئىسىملىك يىتىشكەن تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز زامانىسىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرىدىن بولۇپ، ئائىلىسى مەرىپەتنى، ئېلىم پەننى ھىمايە قىلغۇچى ئائىلە ئىدى. مەمتىلى ئەپەندى دۇنياغا كۆزئاچقان يىللار ھەممە يەرنى زۇلۇم قاپلىغان، ئىستىئېدات چەككە چىققان، خەلق نادانلىق ۋە قالاقلىق قوينىدا ئېغىر ھالسىراۋاتقان قاراڭغۇ دەۋر بولغاچقا، توختاجى تېۋىپ ئوغلىنىڭمۇ نادان، قالاق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن گۆدەك مەمتىلىنى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىدۇ. يېڭىچە پەننىي مەكتەپتە ئوقۇش، ئۇستازلىرىنىڭ ئەستايىدىل تەربىيىسى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىلغار دۇنيا قاراش شەكىللەندۈرۈشىدەك تۈرتكىلىك رول ئوينىدى . مەمتىلى ئەپەندى مەكتىپىدىكى ئوقۇشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن 1920-1921- يىللىرى دادىسى توختاجى بىلەن بىرگە ئىلى، بورتالا ۋە چۆچەك قاتارلىق جايلارغا بارىدۇ.ئۇيەرلەردە كۈزى تېخىمۇ ئېچىلىپ جاھالەت ۋە نادانلىق ئىسكەنجىسىدىكى خەلقنىڭ ھاياتى بىلەن كەڭ تۈردە ئۇچىرشىدۇ؛ تېخىمۇ تىرىشىپ .ئۆگىنىپ ،كەڭ دائىرىدە ئېلىم تەھسىل قىلىپ ، خەلقنى بىلىم بىلەن ئويغىتىش ئىرادىسىنى تىكلەيدۇ، ئۇچۆچەكتە كۆپ تەرەپلىمە مەلۇمەتلىق دىنىي زات، مەرىپەت ئۈچۈن .ئۆزىنى ئاتىغان بۇ جاسارەتلىك يىگىتكە مېھرى چۈشۈپ قالىدۇ ھەم ئۇنى تەربىيىلەيدۇ.ئەپەندى »ناملىق كىتاب

  • خالمۇرات غۇپۇر— 1960–يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ئۇ كىچىكىدىن خەنزۇتىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان . 1982–يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شاڭخەي جۇڭيى ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن . مەكتەپ تەشكىلى ئۇنى مەكتەپكە ئېلىپ قېلىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ قان – قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئانا يۇرت سۆيگۈسى، شىنجاڭ بىلەن شاڭخەي ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت ، ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردىكى چوڭ پەرىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۇ يەنىلا ئۆز يۇرتىغا — تەڭرىتاغ ئېتىكىگە قايتىپ كەلدى.
         خالمۇرات غوپۇر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تەشكىلنىڭ تەقسىماتىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ ، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتى. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئەمدىلا چىقىپ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ شاۋقۇنلۇق دەرياغا شوڭغۇغان خالمۇرات غوپۇر ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. خىزمەت داۋامىدا ئۇ بىلىم سەۋەيىسىنى داۋاملىق يېڭىلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ 1985–يىلى شىنجاڭ تىببىي ئىنىستىتوتى غەرپچە داۋالاش نەپەس يولى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئاسپىرانتلققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى. ئوقۇش جەريانىدا ئۇ ئىنگلىزتىلى ۋە روس تىلىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەندى..

  •    بۈيۈك شائىر مۇتەپەككۇر نىزامىدىن ئەلىشىر ناۋائىي مىلادى 1441 – يىلى 2-ئاينىڭ9-كۈنى ھېرات (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى بىر شەھەر ) شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى تۆمۈرىيىلەر سارىيىغا يېقىن كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن بارلاسمۇ خۇراسان شاھى ئۇبۇلقاسىم بابۇر سارىيىدا ھەربىي ئەمەلدار بولغان ئىدى .
    ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 500مىڭ مىسرا ئەتراپىدا بولۇپ شەرق ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس دۇنيا ئەدەبىياتىدىمۇ ھىچكىم تېخى بۇنچىلىك جىق ۋە ئىسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ باققان ئەمەس. ناۋائى ھىراتتا تۇغۇلغان ۋە شۇ يەردە ياشاپ ئۆتكەن بولسىمۇ نەسەبنامىسىدە ئېنىق قىلىپ«ئەلىشىرنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن كىچىك ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن ئىدى» دىيىلگەن. ئۇيغۇر خەلقى نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئەلىشىر ناۋائىنى ئۆز شائىرى دەپ بىلىپ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى مۇقام ناخشىلار بىلەن بىللە ئوقۇپ، مەدرىسلەردە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇپ كەلگەن.
    ئەلىشىر ناۋائىي باشلانغۇچ بىلىمىنى ھېراتتا ئالغان. ئۇنىڭ ئاجايىپ تالانتى ۋە قابىلىيىتى مەكتەپ يېشىدىكى يىللاردىلا نامايان بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئەلىشىر 10- 12 ياشلىرىدا يازغان شېئىرلارنى ئۇستازى لۇتفخغا كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ ئستىداتىدىن مەمنۇن بولغان مەۋلانا لۇتفى ئەلىشىرنىڭ :
    ئارەزىن ياپقاچ، كۆزۈمدىن ساچىلۇر ھەرلەھزە ياش،
    بۇيلەكىم، پەيدا بولۇر يۇلدۇز، نىھان بولغاچ قۇياش.

  •  فارابىنىڭ ھاياتى: فارابى قاراخانىلار خانلىقى زامانىدا ياشىغان. فارابىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد، فامىلىسى ئەبۇ ناسىر، تەخەللۇسى فارابى، لەقىمى «ئىككىنچى ئۇستاز». فارابىنىڭ «ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشى ـ ئۇنىڭ پەلسەپە ساھەسىدىكى گەۋدىلىك ئورنى ۋە كۆپ مىقداردىكى ئەسەرلىرى سەۋەبىدىن، ئارىستوتىل تەلىملىرىگە پىششىقلىقىدىن، ئارىستوتىل ئەسەرلىرىگە شەرھى يازغىنىدىن ھەم ئۇنىڭ ئارىستوتىلدىن كېيىنكى بۈيۈك پەيلاسوپ بولغانلىقىدىندۇر. شۇنداقلا ئارىستوتىل تەلىماتلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر تاراتقۇچىسى بولغانلىقىدىندۇر. ئارىستوتىل «بىرىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتالغاچقا، فارابى ئۇنىڭ ۋارىسى ھەم تەلىماتلىرىنىڭ تاراتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئىككىنچى ئۇستاز» دىيىلدى.  فارابى دىگەن بۇ نام ئۇنىڭ يۇرتى فارابدىن كەلگەن بولوپ، بۇ ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسى بويىغا جايلاشقان بىر يەر ئىدى. بەزىلەر فارابى سىر دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ۋاسىچ كەنتىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئەسلى يۇرتى ۋاسىچ كەنتى تەۋە بولغان فاراب ۋىلايىتى دىيىشكە مايىل. فاراب نامىدا باشقا شەھەرلەرمۇ بار. بىرى تۈركىستاندا. يەنە بىرى پىرسىيەدە.ئىبن خەللىكان ۋە بەزى تارىخچىلار فارابى تۈركىستاننىڭ فاراب شەھرىدە تۇغۇلغان دەيدۇ. ئىبنى نادىم ئۆزىنىڭ فارابى ئالەمدىن ئۆتۈپ 38 يىلدىن كېيىن يازغان «كىتابلار مەجمۇئەسى» دە: فارابىنىڭ يۇرتى پىرسىيەنىڭ فاراب شەھىرى، ئۇنىڭ ئاتىسى پارىس، ئانىسى تۈرك. دەيدۇ. فارابى 870-يىلى تۇغۇلۇپ، 950-يىلى ۋاپات بولغان.

  • ﺗﺎﻻنتلىق ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ 1901- ﻳﯩﻠﻰ 2 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 – ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺷﻪھىرىدە ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻧﯧﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 5 ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻼ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 12 ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﻪﺭﻩﭖ، ﭘﺎﺭس ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮىنى ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ . 1916- ﻳﯩﻠﻰﭼﻮﯓ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻣﯩﺠﯩﺖ ﮬﺎﺟﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻣﯘ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻣﻪﻱ(ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﻤﭙﯩﻼﺗﻨﯩﺴﻜﻰ) ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻞ- ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺷﯚﺗﺎﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯜﻧﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﻪﻻ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻳﺪﯗ . ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴ, ﯩﺪﯨﻤﯘﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺳﺎﯞﺍﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩﺋﯘ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ « ﺳﯘ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ » ،

  •     ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯚﺳﯜﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻡﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯚﮬﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖﺋﻪﺩﯨﺐ، ﺗﯚﮬﭙﯩﻜﺎﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﭽﻰ  ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﻤﯩﻦ 1933-ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﯩﮭﻪﺩﻛﻪ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺑﺎﻏﺌﺮﯨﻖ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩﺋﯩﻤﯩﻦﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ كېيىن، 1950- ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ  ﻧﻪﺯﻩﺭ- ﺑﺎﻏﺪﯨﻜﻰ  ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪﺍ 4ﻳﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ. 1950-ﻳﯩﻠﻰ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﻳﺎﺷﻼﺭﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻐﺎ ﯞﻩﻛﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ

  • بۇ ئېنگىلىزچە ئىمتىھان تۈرلىرىنى بىلىۋېلىڭ

       ئىنگلىزچە ئىمتىھان تۈرلىرىمۇ كومپيۇتېر ئىمتىھانلىرىغا ئوخشايدۇ. مەسىلەن، 新疆维吾尔自治区计算机等级考试, 全国计算机等级考试, Microsoft Certified System Administrator ... قاتارلىقلاردەك.

    CET-4&nb...
  • ھەر كۈنى ئۈزىڭىزگە بىر قېتىم «مەن يارايمەن!»دەڭ.
    .2 ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.
    .3قۇياشقا يۈزلىنىڭ شۇندىلا ئۈمۈتسىزلىكنىڭ سايىسى كۆز ئالدىڭىزدىن يۇقىلىدۇ.
     .4سىز ھاۋارايىنى ئۆزگەرتەلمەيسى...
مەن ھەققىدە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، كەسپىم كومپيوتېر ئەمەس، تور بەت ياساشقا قىزىقىمەن، لېكىن بىلىدىغىنىم بەكلا ئاز.
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى |