ئوقۇماسلىق گۇناھ
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
ئۈرۈمچىدە دۆڭكۆۋرۈككە ھەپتىدە بىر بېرىپ تۈرمىسام ئۈرۈمچىدە ياشىمايۋاتقاندەك، بەلكى بىر خىتاي شەھرىدە ياشاپ مۇساپىرلىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاندەك تۇيغۇدا بولاتتىم. تۈركىيەدە قەيسەرى ماڭا ئۈرۈمچەمدىكى دۆڭكۆۋرۈكنىڭ ئۆزىدەك بىلىنىدۇ. ئۇيغۇرسىراپ كەتكەنلىرىمدە بەش سائەتتىن ئارتۇق ئاپتوبۇستا ئولتۇرۇپ، يولدا قوراللىق ساقچىلارنىڭ ئانچە مۇنچە كىملىك تەكشۈرۈشلىرىدىن قەشقەردىكى قىسمەتلەر ئەسكە كېلىۋېلىپ قىينىلىپ دېگەندەك ئاران دېگەندە ئۇيغۇر ئەڭ كۆپ بۇ شەھەرگە بارىمەن. نەچچە قېتىم بارغىنىم ئېسىمدە يوق، ئەممار بارغۇم كېلىپلا تۇرىدۇ. ھەر قېتىم بارسام ئۇيغۇرنى قايتىدىن تونىغاندەك بولىمەن.
قەيسەرىدە يېڭىدىن بەرپا بولغان بىر ۋاقىتلىق ئۇيغۇر قوراسى ۋە بۇندىن يېرىم ئەسىر بۇرۇن كەلگەن ئۇيغۇرلار قۇرغان بىر كۆجۈم ئۇيغۇر مەھەللىسى بار. ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ سالغان مەسچىتى ۋە بىر ھويلىلىق تەشكىلات بار. بۇ يازدا ئۆرۈك پىشىقىدا بارغىنىمدا تەشكىلات ھويلىسىدىكى ئۇيغۇر تىككەن ئۆرۈكنى ئۆز قولۇم بىلەن ئېغىتىپ باقتىم. ئۆرۈكنى ۋەتەنداش دوستلار بىلەن بىللە، غۇلجا چاقچاقلىرىغا جۆر بولۇپ يىگىنىمىز ئۈچۈن، گەرچە كۇچانىڭ ياكى يېڭىسارنىڭ ئۆرۈكلىرگە يەتمىسىمۇ تۈركىيە بازارلىرىدا سېتىلىدىغان ھەرقانداق ئۆرۈكتىن تەملىك بىلىنگەن ئىدى.
قۇربان ھېيىتتا دادا قۇچىقىدا يايراپ، ئانا مىھرىگە قانالمىغان، ئاتا-ئانىلىرى خىتاي تۈرمىلىرىگە بەنت قىلىنغان يېتىم بالىلارنى يوقلاش ئۈچۈن قەدىناس دوستۇم ئابدۇكېرىم، ژورنالىست ئەركىن تارىم ۋە مىركامىلجانلار بىلەن قەيسەرىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. يول بويى قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق تەۋەككۈلچىلىك ۋە مۇشەققەتلەر بىلەن تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەنلىكى، تايلاند ئورمانلىقىدىكى ۋە تۈرمىلەردىكى ئاياللار دۇچ كەلگەن پاجىئەلەر، دېڭىزغا چۆكۈپ، ئىسسىقتا ئاغرىپ، سەپەردە يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن بالىلار ھەققىدە پاراڭلار بولدى. ئازاپتىن نېرۋىسىدىن ئاداشقان بىر ئايالنىڭ كەچمىشى يۈرەكلەرنى ئەزدى. بىر مىللەت خورلانغان ۋاقىتتا ئەڭ دەھشەت خورلۇققا، ئۇۋالچىلىققا ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغىنى ئاياللار ۋە بالىلار بولىدىكەن. ئەرلەر ئۆلىدىكەن، ئۆلتۈرىدىكەن. ئۇلار خۇددى ئاياللارنى تاللىغاندەك ياشاشنىمۇ، ئۆلۈمنىمۇ ئۆزى تاللىيالايدىكەن. ئەمما بىچارە ئاياللار قۇچاقتىكى بالىسىغا، پېشىغا ئېسىلىپ يىغلاۋاتقان يۈرەك پارلىرىغا چىدىماي بېشىغا نېمە خورلۇق كەلسۇن، قانچىلىك دەپسەندە قىلىنسۇن ياشاشنى تاللايدىكەن. ئەرلەر باتۇرانە ئۆلۈمگە كەتكەن بىلەن ئاياللار ۋە بالىلار ئاجىزانە تۇرمۇشقا تۇتقۇن بولىدىكەن.
بالىلارغا ھېيىتلىق تارقىتىدىغانلىقىمىز ھەققىدىكى خەۋەر ئويغۇر قوراسىنى تىرىلدۈردى. مۇڭلۇق قورا بىر دەمدە بالىلارنىڭ ۋاراڭ چۇرۇڭلىرى بىلەن كۈلدى. ئەركىن ئاكىمىز بالىلارنى زىيارەت قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بالىلاردىن چوڭ بولغاندىكى غايىسى سورالغاندا كۆپىنچىسى دوختۇر بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىچىمدە، ئەلھەمدۇلىللاھ دېدىم. مەن 2015-يىلى كەلگىنىمدە بۇ بالىلارنىڭ خېلى كۆپ بىر قىسمى «مۇجاھىد بولۇپ كاپىرلارنى يوقىتىمىز» دېيىشكەن ئىدى. بالىلارنىڭ مۇجاھىد بولىمەن دېگىنى ئۆلىمەن دېگىنى، دوختۇر بولىمەن دېگىنى ياشايمەن، ئاجىزلار ۋە بىمارلارغا ھاياتلىق يول ئاچىمەن دېگىنى ئىدى. جاھاندا ئەڭ تېز قۇتۇلىدىغان ئىش ۋە تاللاشنىڭ ئەڭ ئاسىنى مەيدىگە قورالنى تېڭىپ ئۆلۈش ۋە ئۆلتۈرۈش، ئەمما قولغا كىتاپ ئېلىش ئەقىل، جاسارەت ۋە جاپا تەلەپ قىلىدىغان ئۇزۇن مۇساپە، بۇنداق ياشاش ۋە ياشىتىش يولىنى داۋام قىلىش نۇرغۇن ئادەمگە ئېغىر كېلىدۇ. بالىلارنىڭ مۇجاھىتلىقتىن ئىبارەت ھايات مەسئۇلىيەتلىرىدىن قۇتۇلۇش يولىنى ئەمەس، دوختۇرلۇقتىن ئىبارەت ئۆلۈم خەۋىپىدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىنى تاللىغىنى مېنى سۆيۈندۈردى.
ھېيىتلىق تارقىتىشتا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارغا ئاۋۋال تارقىتىش بەلگىلەندى. كۆڭلۈمنى يېرىم قىلغىنى بىر ئۆيگە لىققىدە تولۇپ ئولتۇرۇشقان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇمايدىغانلار چىقىپ قالدى. ئونغا يېقىن ئوقۇۋاتقان بالىلارغا 50 لىرادىن ھېيىتلىق تارقىتىپ بەردۇق. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئاداشلار ۋاتسئاپ توپىدا مودىل ۋە رەسىمدە داڭق چىقارغان بىلالنى ئالاھىدە مۇكاپاتلىدىم. ئۇنىڭ ياسىغان ئايرۇپىلان مودىلى ماڭا ھېلىلا بىلالنى ئېلىپ تەڭرىتاغلىرىدا پەرۋاز قىلىدىغاندەك تۇيۇلدى.
ئوقۇمىغانلارغا ئىلھام بولسۇن ئۈچۈن بىرەر قۇر قۇرئان ئوقۇتتۇق ۋە ئايەتلەرنى تەجۋىتلىك ئوقۇپ بەرگەنلەرگە ئالاھىدىرەك مۇئامىلە قىلدۇق. شۇ ئەسنادا بىر ئوغلىمىز مۇڭلۇق قىرائىتى بىلەن ھەممەيلەننىڭ قەلبىنى تىترەتتى. ھېيىتلىق نۆۋىتى ئۇنىڭغا كەلگەندە مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇمايدىغانلىقىنى سورىدىم. بالا بىپەرۋا بىر قىياپەتتە «ئوقۇمايمەن!» دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇنىڭ قىرائىتىنى بىرەر قۇر ماختىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ھېيىتلىقنى ئازراق قىسقارتتىم ۋە مەكتەپكە كىرگەندە مۇكاپاتقا قوشۇپ تولۇقلاپ بېرىدىغانلىقىم ھەققىدە ۋەدە بەردىم. كۈتۈلمىگەندە بالا ماڭا قاراپ ۋارقىرىدى.-ئېلىڭە بۇنداق پۇلىڭىزنى، مەكتەپتە ئوقۇمايمەن مەن، قۇرئان ئوقۇيمەن. مەكتەپتە ئوقۇماسلىق گۇناھ ئەمەس، قۇرئان ئوقۇماسلىق گۇناھ! بالا شۇنداق دېگىنىچە قولىدىكى پۇل ئۈستەلگە ئاتتى ۋە يىغلىغان پېتى چىقىپ كەتتى. بىر ئەپسۇسلۇق، بىر ئاچچىق ئازاپ قانلىرىمنى مۇزلاتتى. 21-ئەسىردە، مەكتەپلەردە ئايرىم دىن دەرسى ۋە مەخسۇس قۇرئان دەرسى ئۆتۈلىدىغان تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر پەرزەنتى ئاللىقاچان قۇرئان ئوقۇشنى مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ قارشىسىغا قويۇپ بولغان ئىدى.
ئالدىمغا كەلگەن بالىلارغا ھېيىتلىق تارقاتقاچ توختىماي مەكتەپتە ئوقۇش ھەققىدە نەسىھەت قىلاتتىم. ئوقۇشقا قوشۇلغانلارغا بىر ئاز پۇل قوشۇپ بېرەتتىم. بالىلارغا ھېيىتلىق تارقىتىپ بولۇپ كۆزۈم باشتىن ئاياق قاپقارا ئورانغان بىر توپقا چۈشتى. ئەسلى بىز بالىلارغا ھېيىتلىق تارقىتىدىغان بولغان ئىدۇق. خاتالىق بولغان ئوخشايدۇ، دەپ سورىسام ئۇلارمۇ بالىلار ئىكەن. لېكىن مەن ھىچ يېرىنى كۆرەلمىگەچكە ئۇلار بالىمۇ ئەمەسمۇ ئۇقالمىدىم، بويىدىن قارىسام بالىدەك، ئەمما ئىككىسىنىڭ قولىدا بۆۋەك بالا. دوستۇم ئابدۇكېرىم «بەلكىم ئۇكىلىرى بولسا كېرەك» دېدى. بالا كۆتۈرىۋالغان ھېلىقى ئىككى قىز ئالدىمغا كەلگەندە سورىسام بالىسى ئىكەن. بىرى توي قىلىپ ئاجرىشىپ كېتىپتۇ. بىرىنىڭ بالىسى 20 كۈنلۈك. ئابدۇكېرىم بىلەن ئىككىمىز تەڭلا ئۇلارنىڭ پۇل ئېلىۋاتقان، يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە بىردىن بىر ئاشكارە ئىسپات بولۇپ تۇرغان كىچىككىنە قوللىرىغا قارىدۇق. بۇ قوللار تېخى قورچاق ئويناپ قانمىغان، ئاجىز، كىچىككىنە قوللار ئىدى. ئەكرەم نىيازنىڭ «سىڭلىمغا» دېگەن ناخشىسى ئېسىمگە كەلدى. قالغان قارا ئورانغان قىزلاردىن سورىدىم، ياشلىرى 11، 12 لەردە…ئوقۇشسىز…
بالىلارغا ھېيىتلىق تارقىتىپ بولۇپ ھېلىقى ئوقۇشنى رەت قىلغان بالىنى ئىزدىدۇق. باشقا بالىلاردىن ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ ئاخىرى تاپتۇق. دوستۇم ئابدۇكېرىم ئۇنى ئايرىم چاقىرىپ قۇرئان ئوقۇش بىلەن مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ زىت ئەمەسلىكى، مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇسا قۇرئاننى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدىغانلىقى، كىتاپ ئوقۇمىغان ئادەمنىڭ قۇرئاننى ھەرقانچە ئوقۇسىمۇ چۈشەنمەيدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇ بالىنىڭ باشلىرىنى سىلاپ،«قارا ئوغلۇم، قۇرئان ئوقۇش ساۋاپ، ئەمما مەكتەپتە ئوقۇماسلىق گۇناھ، ئوقۇماسلىق سېنى بىر ئۆمۈر پۇلسىز، يولسىز، ئاڭسىز ئادەم قىلىپ قويىدىغان ئەڭ چوڭ گۇناھ، بۇنى ئۇنۇتما!» دەپ ئۇنىڭغا ئەڭ كۆپ ھېيىتلىق بەردى.
يازما ھوقۇقى: LUE
يازما ئادىرىسى: ئوقۇماسلىق گۇناھ