-
26 – ماي ، گروزىيە مۇستەقىللىق كۈنىنى خاتىرىلىدى . ھەر قايسى ئۆكتىچىلەر گۇرۇھىدىكىلەر مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تبىلىسقا يىغىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ ، زۇڭتۇڭ ساكاشۋىلىنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى . بۇ 2008 –يىلى 8 –ئايدا گروزىيە بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن بۇيان ، ئۆكتىچىلەر گۇرۇھى ئېلىپ بارغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ ، ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ .