ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!..
  • ئاياللارنىڭ چوڭ دۈشمىنى -قەۋزىيەت - [تىبابەت ۋە سالامەتلىك]

    خەتكۈچ: قەۋزىيەت

    ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ!

     ئاياللارنىڭ چوڭ دۈشمىنى -قەۋزىيەت

    قەۋزىيەت كۆپ ساندىكى ئاياللارنى بەكمۇ تەڭلىكتە قويىدىغان كېسەللىكتۇر.قەۋزىيەتنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنى بىلسەكلا ،نىمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئىنتايىن ئاسانلا قەۋزىيەتكە گىرىپتار بولىدىغانلىغىنى چۈشۈنىشىمىز ئاسان بولىدۇ.
    ئاياللارنىڭ قورساق مۇسكۇلى ئەرلەرنىڭكىدىن ئاجىز بولۇپ ،گەندىنى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا سىرىتقا چىقىرىۋىتەلمەيدىغانلىقى ئۇلارنىڭ ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشىدىكى ئالدىنقى سەۋەپتۇر.  

    بەزى چاغلاردا ،ئۇلار ئەتتىگەندە ئورنىدى تۇرۇپلا بەزى ئۇششاق -چۈششەك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ،چوڭ تەرەت قىلىشنىڭ مۇۋاپىق پەيتىنى ئۆتكۈزىۋېتىپ قالىدۇ. ناھايىتى تەسلىكتە چوڭ تەرەت قىلىش ئىستىكى پەيدا بولسىمۇ ،ئەمما ھاجەتخانىغا كىرسە كۆپ ۋاقىتنىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ-دە،تەرەت قىلماي چىداپ تۇرىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.بەزى ئاياللار بولسائۇزۇن مەزگىل ئورۇقلىماقچى بولۇپ يۈرگەنلىكتىن ،بەدەندە گەندە شەكىللەندۇردىغان ماددىلار ئازىيىپ كېتىدۇ، بۇمۇ قەۋزىيەت پەيدا بولۇشتىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرىدۇر.  ئىلگىرى قەۋزىيەت بولۇش ھادىسسى كۆرۈلگەن بولسا،ناھايىتى ئاسانلا ئادەت خاراكتىرلىك قەۋزىيەت پەيدا بولۇدۇ. ئۇزۇن مەزگىل سۈرگە دورىسى ئىشلىتپ تەرەت چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرگەندە ،دورا ئىشلىتىش مىقدارى بارغانسېرى چوڭ بولىدۇ،ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ، ئۈچەيدە مەزكۇر دورىغا نىسبەتەن كۆنىكىش  پەيدا بولۇپ تەرەت چىقىرىشقاياردەم بېرىش ئۈنۈمى كۆرۈلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

    داۋالاشتا : تەركىۋىدە تالا بار مىۋە --چىۋىلەر،كۆكتات، موگو قاتارلىقلار بىلەن كۆپىراق ئوزۇقلىنىڭ.  كۈندۈلۈك غىزالىرىڭىزغا چامغۇر، پالەك،قىزىلچا ،تاتلىق ياڭيۇ،  ھەسەل سۈيى، ياڭاق مىغىزى،ئارلاشتۇرۇپ تۇرۇڭ.

    1. بەش دانە تاتلىق بادام مېغىزىنى قارا  شىكەر ياكى ھەسەل سۈيى بىلەن ئىستىمال قىلىپ بەرسە چوڭ تەرەتنى يۇشىتىدۇ.
    2.شىكەر قومۇچىنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىپ بەرسىمۇ چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىدۇ.

    3.ياڭاق مىغىزىدىن 200گىرمنى يۇمشاق ئېزىپ 600گىرام ھەسەلگە ئارلاشتۇرۇپ كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماختىن بۇرۇن 15گىرامدىن ئىستىمال قىلىپ بېرىڭ. قەۋزىيەتنى داۋالاشتا رىتسىپلار كۆپ بولسىمۇ تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ ئۈنۈملۈك ،پايدىلىنىش قىممىتى بار  داۋالاش ئۇسۇلىنى سىلەرگە يولللۇدۇم ،ئۈنۈملۈك پايدىلىنارسىلەر.  ھەممىڭلارگە سالاماتلىك يار بولسۇن.


    历史上的今天:





    ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!
  • ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ!
يېزىق ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Internet Explorer دا Ctrl+k نى Google Chrome دا Ctrl+S نى بىسىڭ