-
ئۇيقۇسىزلىققا ياخشى بىر قانچە.... - [تىبابەت ۋە سالامەتلىك]
ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ! ئۇيقۇسىزلىققا ياخشى بىر قانچە مەخپى رىتىسىپ
ئۇسۇڭ ئۇرۇقىدىن ياغ چىقىرىپ بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە ياكى باشقا سۈركەپ بەرسە، ئۇيقۇنى كەلتۈرىدۇ .
قاپاقنى قىرىپ باشقا تېڭىپ بەرسە ،ئۇيقىنى كەلتۈرىدۇ .
يۇمغاقسۈتنى سىقىپ، سۈيىنى ئېچىتىپ، شاراب قىلىپ ئىچىپ بەرسە،ئۇيقۇنى كەلتۈرىدۇ .
كاللەكبەسەينى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ بۇرنىغا تېمىتىپ بەرسە تېز ئۇخلىتىدۇ .
تەرخەمەكنى پۇراپ بەرسە ياكى پوستىنى سويۇپ پىشانىگە قويۇپ بەرسە، ئۇيقۇنى كەلتۈرىدۇ .
كۆكنار پوستى ۋە بىنەپشىدىن 15 گرامدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا دورا تەمى تولۇق چىققۇچە قاينىتىپ ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ سۈيىدە باشنى يۇيسا، دەرھال ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئارقا مېڭە تەرەپنى يەنى باشنىڭ كەينى تەرىپىنى يۇيۇشقا بولمايدۇ .
ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر بىر تال سۇڭپىيازنى ئاقلاپ بىرنەچچە پارچە قىلىپ ئۇخلااشتىن ئىلگىرى ياستۇقنىڭ يېنىغا قويۇپ قويسا تېزلا ئۇخلىتىدۇ .
