ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت!..
  • ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسى (2) - [ھېكـايە، نەسىـر، شېئىر]


    ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ!

    ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسى

    تەرجىمان: نىدا
    2- باب تۆت تەرەپتىن كەلگەن دەرد-ئەلەم

    1-باپ 

    2009- يىلى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، بولۇپمۇ 2006- يىلى، سۈپەتسىز قۇرۇلۇش بولۇپ قالغانلىقتىن بېيجىڭ يەرئاستى تۆمۈر يولىنى ئۆڭتۈرىلىپ كېتىپ، 104 ئادەم ئۆلۈپ 300 نەچچە ئادەم يارىلانغانلىقىدەك ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى «قىزىل ئىنقىلاپ» ناملىق چىرىكلىككە قارشى ئۇرۇشنى قوزغىدى، بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە زور تۈركۈمدە چىرىك ئۇنسۇرلار تۇتۇلدى، يېزا - بازارلىق ھۆكۈمەتتىن تارتىپ مەركىزىي ھۆكۈمەتكىچە بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە 728 ئادەم ئېتىلدى. پۈتۈن دۇنيا بۇ ئىشتىن ھەيران بولدى! بۇ قېتىملىق تۈزەشتىن كېيىن جۇڭگونىڭ پارىخورلۇق مەسىلىسى كۆرۈنەرلىك ھەل قىلىندى، جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى زور تۈركۈم كۆپۈكچىلەرنى تازىلاپ، ئىقتىسادنى تېز ھەم مۇقىم تەرەققىي قىلدۇردى دېيىشكە بولىدۇ. زور تۈركۈم چەتئەل مەبلىغى كىرگۈزۈلدى، تاشقى سودا ئېكىسپورت كەسپى خەلق ئىگىلىكىنىڭ 38% ىنى ئىگىلىدى، خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 3 تىرلىيون 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تارىخىي رېكوردنى ياراتتى. جۇڭگو دۇنيادىكى ئامېرىكا ۋە ياپونىيىدىن قالسىلا ئۈچىنچى چوڭ ئىقتىسادىي دۆلەتكە ئايلاندى.
    بىراق خەلقئارادا جۇڭگو يەنىلا مۇستەقىل قامال ھالىتىدە تۇراتتى، بولۇپمۇ دۇنيادىكى 3- چوڭ ئىقتىسادىي دۆلەت بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا جۇڭگوغا بولغان قامال قىلىشنى كۈچەيتتى، كۆرۈنۈشتە جۇڭگونىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قوللىغاندەك قىلغان بىلەن، ئاستىرىتتىن يادرو بومبىسى بىلەن ئاۋىئاماتكىدىن باشقا ھەرقانداق قوراللارنى تەيۋەنگە سېتىپ بېرىپ، تەيۋەننى تېزراق مۇستەقىل بولۇشقا كۈشكۈرتتى. ياپونىيىنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى (藤泽雄次) تېڭزې شيۇڭيى (نېمە دەپ تەرجىمە قىلىشنى بىلەلمىدىم، بىلىدىغانلار ئۇچۇر بېرىۋېتەرسىلەر، نىدادىن) تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئاستىرىتتىن قوللىشى ئاستىدا تەلۋىلەرچە ئەسكەر كۆپەيتىپ، دياۋيۈ ئارىلى بولغان مۇداخىلىسىنى بارغانسېرى كۈچەيتتى، تەيۋەن مەسىلىسىدىمۇ ئامېرىكا تەرەپتە تۇردى. فىلىپپىنمۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پىسەنت قىلماي، نۇرغۇن نەنشا ئاراللىرىنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالدى، ئۆز مەيلىچە خەلقئارا نېفىت گورۇھى بىلەن توختام ئىمزالاپ، مەملىكىتىمىزنىڭ دېڭىزدىكى نېفىتلىرىنى تەلۋىلەرچە بۇلاپ قازدى. ۋېيتنام ۋەتىنىمىز بىلەن جۇڭگو - ۋېيتنام قۇرۇقلۇق چېگرا سىزىقى توختامنامىسىنى ئىمزالىغىنى بىلەن، باشتىن - ئاياغ دېڭىز چېگرا توختامنامىسىنى ئىمزالىغىلى ئۇنىماي، ئۈزلۈكسىز ھالدا دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىسىنى كېڭەيتىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ دېڭىز كان مەھسۇلاتلىرىنى بۇلاش مەقسىتىدە بولدى. جۇڭگونىڭ ياپونىيە ۋە ئامېرىكىدىن باشقا يەنە بىر چوڭ دۈشمىنى ھىندىستان بولۇپ، ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ زور زېمىنىنى قانۇنسىز بېسىۋېلىپلا قالماستىن، يەنە دالاي لامانى كۈشكۈرتۈپ، شىزاڭ مۇستەقىلىقىنى كۆتۈرۈپ چىقتى، بولۇپمۇ 1998- يىلى يادرو بومبىسىنى ياسىغاندىن كېيىن، تېخىمۇ ھاكاۋۇرلىشىپ كەتتى. ھىندىستان - پاكىستان چېگرىسىدا ئۈزۈلدۈرمەي توقۇنۇش پەيدا قىلدى، بۇندىن بىرنەچچە يىل بۇرۇن ئاۋىئاماتكىسىنى سۇغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ھەربىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئامېرىكا ۋە ياپونىيىدىن قالسىلا، مەملىكىتىمىزگە تەھدىتى ئەڭ زور بولغان دۆلەت بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ مەملىكىتىمىز تۆت ئەتراپتىن غەم قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى.
    ھالبۇكى جۇڭگونىڭ بۇ ئىشلارغا بولغان پوزىتسىيىسى ئىلمان بولدى، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ قاتتىق ئاگەاھلاندۇرۇش ۋە نازارىلىق بىلدۈرۈش بولدى، خالاس. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگونىڭ تاشقى دېپلوماتىيىسىدە يۇمشاقلىق كۆرۈلدى. توردا بولسا، جۇڭگو تور خۇمارلىرى جۇڭگونىڭ يېقىنقى ئىقتىساد جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتمىغان بولسا، ئاللىقاچان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى تىللاپ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋەتكەن بولاتتى. ھازىر دۇنيا بويىچە 3- ئىقتىسادىي دۆلەت بولۇپ قالغان جۇڭگونىڭ ھەربىي جەھەتتە بولسا بىچارە ھالەتتە ئىدى، ئادەم كۆپتە! شۇنداق، جۇڭگونىڭ ئارمىيىسىنىڭ ئادەم سانى كۆپ!! ھەربىي چىقىمى 460 مىليارت ئەتراپىدا بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ 960 مىليارت، ياپونىيىنىڭ 740 مىليارت، ھەتتا تەيۋەننىڭمۇ 600 مىليارت ئىدى. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلىرى (ئاخبارات ۋاسىتىلىرى) جۇڭگونى تېشى پال - پال، ئىچى غال - غال دەپ مەسخىرە قىلىشتى! 3 - ئىقتىسادىي دۆلەت تۇرۇپمۇ ئۆزىنىڭ بىرەر تال ئاۋىئاماتكىسى يوق، ھەربىي چىقىمىمۇ ئاز بولغانلىقتىن، ئۆزلۈكسىز ئادەم قىسقارتىۋاتىدۇ، جۇڭگونىڭ پۇلى زادى نەگە كېتىۋاتقاندۇ!! بەزى تاراتقۇلار ھەتتا :«جۇڭگو بىلەن ئۇرۇشۇش ئىنتايىن ئاسان، پەقەت جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ ئارمىيىلىرىنى قىسقارتىپ بولۇشىنى كۈتسىلا كۇپايە!» دېيىشتى.
    2008- يىلى ھەم خۇشاللىنارلىق ھەم قايغۇلۇق بىر يىل بولدى، جۇڭگو بۇ يىلدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئەڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزدى ھەمدە 43 ئالتۇن مېدال، 36 كۈمۈش مېدال، 27 مىس مېدال بىلەن دۇنيا بويىچە 1- لىكنى ئالدى، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن جۇڭگو خەلقى خۇشاللىق ھېس قىلالمىدى، چۈنكى مۇشۇ يىلى تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلغۇچى ئۇنسۇر چېن شۈيبيەن جۇڭگونىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزىۋاتقان ۋاقىتتا تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى، «تەيۋەن دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكىمۇ ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، «تەيۋەن دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيىتى» ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، تەيۋەنگە زور تۈركۈمدە ئىلغار قوراللارنى سېتىپ بەردى، ھەمدە TNND باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ئورناتتى، ب د ت دىن تەيۋەننى قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلدى! بۇ ئىش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جۇڭگونىڭ «قىزىل خاككېر»لىرى ئاچچىقىدا تەيۋەن ۋە ئامېرىكىنىڭ تور بېكەتلىرىنى قالايمىقان قىلىپ بۇزىۋەتتى (ئۇنتۇپ قالماڭ، جۇڭگولۇقلار كومپيۇتېر سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىش جەھەتتە دۇنيادا تەڭداشسىز! بولمىسا نەدىمۇ بۇنداق جىق ئويۇنلارنىڭ ساختىلىق قىلغۇچىسى بولسۇن!). تەيۋەن ۋە ئامېرىكىنىڭ خاككېرلىرىمۇ بوش كەلمىدى، ئىككى تەرەپ قاتتىق جەڭ قىلىشتى، ئەمما جۇڭگو تەرەپنىڭ چىقىمى تەيۋەن ۋە ئامېرىكىنىڭكىدىن ئاز بولدى! ھالبۇكى جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى قىسقىلا قىلىپ مۇنداق بايانات ئېلان قىلدى:« بىز تەيۋەننىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز، قارىغاندا ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بىر تۇتۇشمىسا بولمايدىغان ئوخشايدۇ. بىز ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەزگىلىدە جەڭ قىلمايمىز، بولمىسا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مۇقەددەسلىكى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ كۆپرەك ئويلىشىپ، بۇ ئىشنى دېپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز! شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خاتا يولدا داۋاملىق ئىچكىرىلەپ مېڭىۋەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز!»
    جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ باياناتى ھەقىقەتەنمۇ ئامېرىكا ۋە تەيۋەننىڭ پەرىزىدەك چىقمىغان ئىدى! ئۇلار جۇڭگونى چوقۇم ھەربىي خىراجەتنى جىددىي كۆپەيتىپ، ھەربىي قوشۇننى كېڭەيتىپ، تەيۋەنگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ «جۇڭگو تەھدىتى نەزەرىيىسى»نى كۆتۈرۈپ چىقىپ، جۇڭگوغا ئىقتىسادىي ئىمبارگۇ يۈرگۈزۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادى ۋەيران بولغاندىن كېيىن، جۇڭگوغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغايمىز دەپ ئويلاشقان ئىدى، ئەمما جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ باياناتى بۇ پىلاننى سۇغا چىلىۋەتتى! ئامېرىكا ئامالسىز بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ كەڭ قورساقلىقىنى ماختىدى، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرگەنلىكىنى پەقەت تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغدىشى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ، باشقا مەقسىتى يوقلۇقىنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى! بۇ چاغدا ب د ت دېمىنى رۇسلىۋېلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، دېپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى! ياپونىيىدە بولسا، جۇڭگونىڭ بۇ خىل ئادەمنى ئەجەپلەندۈرىدىغان سەۋر قىلىش پوزىتسىيىسى بىر قىسىم ئارمىيەپەرەس تەلۋىلەرنى تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتتى، ياپونىيىدىكى تەلۋە ياشلار كۆپ قېتىم دياۋيۈ ئارىلىغا چىقىپ، دياۋيۈ ئارىلىنىڭ ياپونىيىنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى، جۇڭگولۇقلارنىڭ ياپونىيىنىڭ مۇقەددەس زېمېنىدىن چىقىپ كېتىشىنى جاكارلىدى
    2009- يىلى 13- يانۋار، جۇڭنەنخەي جۈخۇا سارىيى مەجلىسخانىسى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قوشۇمچە ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى گېنرال جوۋتيەنخۇا قاقشىماقتا:
    ــ بۇ نېمە قىلىق؟ پەقەت ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە تەيۋەنلا ئەمەس، ھەتتا فىلىپپىنمۇ بوينىمىزغا مىنگىلى تۇردى، دۆلىتىمىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىزىدا كۆپ قېتىم بېلىقچىلىرىمىزنى يارىلاندۇردى! ئەجەبا بىز ئېتىراز بىلدۈرۈشتىن باشقىنى بىلمەمدۇق؟
    رەئىس لى شياڭ تەمكىنلىك بىلەن:
    ــ لاۋ جوۋ، سىز ئاۋال ئولتۇرۇپ، سەل تېنچلىنىۋېلىڭ!ــ دېدى. جوۋتيەنخۇا ئاڭلىغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئاچچىقلاپ:
    ــ تېنچلىنىۋېلىڭ؟؟ بۇ ۋاقىتتا مەن قانداق تېنچلىنىمەن؟؟ ھازىر باشقىلار بىزنىڭ گەجگىمىزگە مىنىپ چىچىپ قويغىلى تۇردى! ئۆتكەن يىلى تەيۋەن مۇستەقىللىق ئېلان قىلغاندا، بىزنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ باياناتى ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىش قىلىپ كۈچ كۆرسىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى! سىزنى تاس قالدى ۋەتەن ساتقۇچ خائىن دەپ تىللىغىلى! سىزنىڭچە مەن يەنە ئۆزەمنى قانداق بېسىۋالىمەن؟ــ دېدى. لى رەئىس بىر خۇرسىنىپ قويغاندىن كېيىن:
    ــ سىزنىڭچە قانداق قىلىمىز؟ــ دېدى. جوۋتيەنخۇا ئاچىىقلانغان ھالدا:
    ــ ھەربىي خىراجەتنى كۆپەيتىپ، ئارمىيىنى كېڭەيتىپ، تەيۋەنگە جەڭ ئېلان قىلىمىز!
    لى رەئىس كۈلۈپ قويۇپ:
    ــ باشقىلار ئاللىقاچان TNND سىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدى، تۆت ئەتراپتا ئامېرىكا ۋە ياپونىيە بار، سىزنىڭ بۇنداق قىلغىنىڭىز ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنلىكقۇ؟ــ دېدى. جوۋتيەنخۇا:
    ــ ئىشقىلىپ بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۆلۈمنى كۈتكەندىن ياخشىراق، ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئامېرىكىلىق ۋە ياپونىيىكلەرگە جۇڭگو قوشۇنىنىڭ يامانلىقىنى كۆرسىتىپ قويىمەن!
    لى رەئىس بوشقىنە:
    ــ سىزنىڭچە مەن بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۆلۈمىمنى كۈتىۋېتىپتىمەن - دە؟ ھازىرچە پەقەت پۇرسەت پىشىپ يېتىلمىدى!ــ دېدى. جوۋتيەنخۇا قايتۇرۇپ سورىدى:
    ــ ئۇنداقتا قاچان پىشىدۇ؟
    لى رەئىس جوۋتيەنخۇاغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش رەئىسى چېن رۈيجيېگە ئىشارەت قىلدى، چېن رۈيجيې ئورنىدىن تۇرۇپ ئوقۇشقا باشلىدى:«جوۋتيەنخۇا، ئەر، خەنزۇ، سىچۈەن چېڭدۇ شەھىرىدىن، 1962- يىلى 1-ئاۋغۇست تۇغۇلغان، ھازىر 47 ياش، 1984- يىلى پارتىيىگە كىرگەن، ھازىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ، قىزىل ئىنقىلاپ ھەرىكىتىدە زور تۆھپە قوشقان، گەرچە مىجەزى قوپال بولسىمۇ، لېكىن تۈز، ئاقكۆڭۈل، دىيانەتلىك، پارتىيىنى، خەلقنى قىزغىن سۆيىدۇ، باشتىن - ئاياغ مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى بولۇپ باھالىنىپ كېلىۋاتىدۇ.» جوۋتيەنخۇا ھەيرانلىق بىلەن سورىدى:
    ــ سىز بۇلارنى دەپ نېمە قىلىسىز؟
    لى رەئىس ئورنىدىن تۇرۇپ ئولتۇرغان ھەممەيلەنگە:
    ــ كۆپچىلىك، گېنرال جوۋتيەنخۇانىڭ سالاھىيىتى بارمىكەن؟ــ دېدى. ئازاتلىق ئارمىيە باش شتاب باشلىقى گېنرال دېڭ جيەنگو:
    ــ ئاشۇ جۈملە سۆز بويىچە، ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئامېرىكىلىق ۋە ياپونىيىكلەرگە جۇڭگو قوشۇنىنىڭ يامانلىقىنى كۆرسىتىپ قويىمەن! مېنىڭچە ئۇنىڭ سالاھىيىتى توشىدۇ، جوۋ گېنرالنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئىپادىسىنى دېمىسەممۇ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە ئايان!ــ دېدى. كۆپچىلىك بىردەم مۇنازىرىلەشكەندىن كېيىن، ھەممىسى باش لىڭىشتىشتى، لى رەئىس بۇنى كۆرگەندىن كېيىن:
    ــ ياخشى! جوۋتيەنخۇا مەن سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ بىر پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىڭىز بىلەن قەسەم بېرىشىڭىزنى، بۇ ئىشنى چوقۇم مەخپىي تۇتۇشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن، شۇندىلا سىزگە زادى قاچان پۇرسەتنىڭ پىشىپ يېتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويىمەن!ــ دېدى. جوۋتيەنخۇا ھەيرانلىق بىلەن كۆپچىلىككە قارىۋەتكەندىن كېيىن:
    ــ سىز ماڭا نېمە ئىشلىقىنى بىلدۈرۈپ قويارسىز؟ــ دېدى. لى رەئىس بېشىنى چايقاپ:
    ــ بولمايدۇ، بۇ دېگەن دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەخپىيەتلىكى! سىز ماڭا قانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر بۇ مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا كاپالەت بېرەلىسىڭىزلا بولىدۇ.ــ دېدى. جوۋتيەنخۇا بىر تىنىۋالغاندىن كېيىن:
    ــ بولىدۇ! مەن جوۋ فامىلىلىك قانداق چوڭ ئىشلارنى كۆرمىگەن؟ مەن ئۆزەمنىڭ پارتىيە ئەزاسىلىق شەرەپلىك سالاھىيىتىم بىلەن قەسەم بېرىمەنكى، مەيلى قانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر، مەن جوۋتيەنخۇا چوقۇم دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەخپىيەتلىكىنى چوقۇم ساقلايمەن، قىلچىلىك شەپىسىنىمۇ ئاشكارىلىمايمەن!!ــ دېدى. لى رەئىس بېشىنى لىڭىشتىپ تۇرۇپ:
    ــ ناھايىتى ياخشى! ئايروپىلان تەييارلاڭلار، مەن جوۋتيەنخۇاغا ھەمراھ بولۇپ، شىنجاڭغا بىر بېرىپ كېلەي! ئۇنىڭغا بىزنىڭ پىلانىمىزنى كۆرسىتىپ قوياي!ــ دېدى، ئاندىن تاماكىسىنى بىر شورىۋەتكەندىن كېيىن:
    ــ 1985- يىلى مەملىكىتىمىزدە يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ بىر ئىش ئېسىڭىزدىمۇ؟ــ دەپ سورىدى. جوۋتيەنخۇا بىردەم ئويلىنىۋەتكەندىن كېيىن:
    ــ ئاشۇ قېتىمدىكى رەئىس خۇياۋباڭنىڭ تۆمۈر كېنى تاپتۇق دەپ، 40 مىليوننى شىنجاڭ گېئولوگىيلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتىگە بېرىپ، ئاقىۋەتتە ھېچنىمە تاپالمىغان ئىشقۇ! ئاشۇ ئىشتا خەلقئارادا دۆلىتىمىز تازا مەسخىرىگە ئۇچرىدى، ئامېرىكا بىر مەزگىل تازا كۆرەڭلەپ كەتكەن ئىدى!ــ دېدى. لى رەئىس بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
    ــ شۇنداق! تۆمۈر كېنى تېپىلمىغىنى بىلەن تۆمۈر كېنىدىنمۇ قىممەتلىك باھاسىز گۆھەر تېپىلدى، ئەمەسمۇ!ــ دېدى. جوۋتيەنخۇا ئاڭلىغاندىن كېيىن ھاياجانلىنىپ، ئالدىراش سورىدى:
    ــ نېمە نەرسە ئۇ؟
    رەئىس لى كۈلۈپ تۇرۇپ:
    ــ نېمە ئالدىرايسىز؟ بىردەم تۇرۇپ كۆرگەندە ئايلىنىپ قالماڭ، جۇمۇ!ــ دېدى.
    بۇ ۋاقىتتا ئايروپىلان تارىم ئويمانلىقىغا قاراپ تۆۋەنلىگەن ئىدى، تۇيۇقسىز يەر يۈزىدىن ناھايىتى كەڭ بىر ئېغىز ئېچىلىپ، قونۇش يولى يەر ئاستىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىشقا باشلىدى، ئايروپىلان قونۇش يولىغا قونۇۋالغاندىن كېيىن، يولنىڭ باش تەرىپىدىكى بىر ئۆڭكۈرگە كىرىپ كەتتى! قونۇش يولىمۇ يەر ئاستىغا كىرىپ كەتتى، يەر يۈزىمۇ ئەسلى ھالەتكە قايتىپ، سىرتتىن قارىغاندا ھېچقانداق ئالامەتنى كۆرگىلى بولمايتتى.
    ئايروپىلان توختاش بىلەنلا، غەلىتە كىيىنگەن بىر ئەترەت ئەسكەر ئايروپىلاننى قورشاپ تۇردى، لى رەئىس تېخىغىچە ھاڭۋېقىپ تۇرغان جوۋتيەنخۇانى تارتىپ:
    ــ ھاڭۋېقىپ تۇرىۋەرمەي، تېز ئايروپىلاندىن چۈشۈڭ!ــ دېدى. ئىككىيلەن ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن، گېنرال جوۋتيەنخۇا بۇ ئۆڭكۈرگە ئون نەچچە بوئىن ئايروپىلاننىڭ قونۇقلۇق تۇرغانلىقىنى بايقىدى، بىر نەچچە ھەربىي ئاپتوموبىلمۇ بۇ چاغدا بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى، بىر ئەسكەر ماشىنىدىن چۈشۈپ:
    ــ لى رەئىس، جوۋ گېنرال ماشىنىغا چىقىڭلار!ــ دېدى. يول بويى يەرئاستى بازىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق قوغدىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. ماشىنا بىر تامنىڭ بېشىدا توختىدى، ئىككى ئەسكەر ئىككى كارتىنى تامنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ماشىنىغا سالدى - دە، بىرلا ۋاقىتتا مەخپىي شىفىر كىرگۈزدى، تام ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. لى رەئىس تېخىغىچە ئېسىگە كېلەلمەيۋاتقان جوۋتيەنخۇانىڭ قولىنى تارتىپ تۇرۇپ:
    ــ نېمانداق ئەس - ھۇشىڭىزنى يوقىتىپ كېتىسىز، كەينىدە تېخىمۇ كۆپ تېخى!ــ دېدى. تۆت نەپەر قوغدىغۇچىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىككىيلەن لېفىتقا ئولتۇرۇپ ئاستىنقى قەۋەتكە چۈشۈپ، زاۋۇتقا ئوخشايدىغان بىر چوڭ زالغا كىرىشتى. جوۋتيەنخۇا ساراڭدەك ھاڭۋېقىپ قالدى، قوراللىق بەش تېرورچىغا يالغۇز قارشى تۇرۇپ، قىلچىمۇ قورقمىغان، بەدىنىگە يەتتە يەرگە ئوق تەگكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۈچىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئىككىسىنى تىرىك تۇتقان ئالاھىدە دەرىجىلىك جەڭ قەھرىمانى ئاشۇ جايدا ھاڭۋېقىپ تۇرغىنىچە مىدىراپمۇ قويمايتتى، پەقەت كۆزلىرىنى يوغان ئاچقىنىچە ئالدىدىكى بارلىق نەرسىلەرگە قاراپ قالغانىدى. كۆز ئالدىدىكى ماشىنا غايەت زور زاپچاسلارنى بىر - بىرلەپ ناھايىتى تېزلىكتە فانتازىيە فىلىملىرىدىكىدەك ماشىنا ئادەم قىلىپ قۇراشتۇرۇپ چىقىۋاتاتتى. قوللىرىغا غايەت زور قورال تۇتقان ماشىنا ئادەملەر يەتكۈزۈش تاسمىسىدا باشقا بىر ئۆيگە يۆتكىلىۋاتاتتى! لى رەئىس پەقەت جىمجىتقىنە قاراپ قويغاندىن كېيىن، ئاۋازمۇ چىقارمىدى! بىردەمدىن كېيىن جوۋتيەنخۇانى تارتىپ:
    ــ ماڭايلى! يەنە بىر جايغا بېرىپ كۆرەيلى! بۇ يەردە تۇرۇۋەرمەڭ!ــ دېدى.
    يول بويى بۇنداق زاۋۇتلاردىن بىر نەچچىسى ئۇچرىدى، ھەممىسى دەقىقىمۇ توختىماي ئىشلەۋاتاتتى، بىردەمدىن كېيىن ئۇلار بىر كەڭرى ئۆيگە كىرىشتى، ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا بايىقى زاۋۇتتا ئىشلەنگەن ماشىنا ئادەمدىن بىرى تۇراتتى، بىر چەتتىكى قوماندانلىق مۇنارىدا بىر نەچچە ئالىم ماشىنا ئادەمنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى سىناۋاتاتتى. «لى رەئىس، جوۋ گېنرال، ياخشىمۇسىلەر!» ئوفېتسېرلاردەك كىيىنىۋالغان بىرەيلەن ئىككىيلەنگە ئۆلچەملىك چاس بەردى.جوۋتيەنخۇا قايتۇرۇپ چاس بەرگەندىن كېيىن، رەئىس لى شياڭ ئوفېتسېرغا قاراپ:
    ــ باشلىساڭلار بولىدۇ!ــ دېدى. مەيدانغا تۆت تانكا كىردى. جوۋتيەنخۇا قاراپلا بۇلارنىڭ ئامېرىكا ئەمدىلا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئەڭ ئىلغار «ئەبلامۇس II» تىپلىق جەڭ تانكىسى ئىكەنلىكىنى تونۇۋالدى، بۇ تانكىنىڭ سىرتقى قوغداش قەۋىتى ئەڭ يېڭى چابام تىپلىق بىرىكمە برونە ئىدى. قوراللىرى بولسا 140 مىللىمېتىرلىق سېيرىلغۇچى زەمبىرەكتىن بىر، 7.62 مىللىمېتىرلىق ئوقداش پىلىموتتىن ئىككى، 12.7 مىللىمېتىرلىق ۋە 7.62 مىللىمېتىرلىق ھاۋا مۇداپىئە پىلىموتىدىن بىردىن، ئىس-تۈتەك قويغۇچتىن ئىككى(زەمبىرەكنىڭ ئىككى يېنىدا بىردىن)، گېنراتورلۇق ئىس-تۈتەك قويغۇچ سىستېمىسىدىن بىرسى بار ئىدى. ماشىنا ئادەمنىڭ قولىدىكى تانكا ئاتارغا ئوخشاش يوغان مىلتىق ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى قارىغا ئالدى. بۇ چاغدا رادىئو كانىيىدىن دىكتورنىڭ تونۇشتۇرغان ئاۋازى ئاڭلاندى:
    ــ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان غايەت زور تىپلىق برونىۋىك «كېڭەيگۈچى»نى سىناش باشلاندى، ھازىرقى قورالى «ھاماقەت ئالۋاستى مىناميوتى».
    ياندىكى ئوفېتسېرنىڭ «ئېتىڭلار!» دېگەن بۇيرۇقى بىلەن تۆت تانكا بىلەن كېڭەيگۈچى تەڭلا ئوق ئېتىشتى، گۈمبۈرلىگەن ئاۋازدىن كېيىن، تۆت دانە ئەبلامۇس تانكىدىن بىر دانىسى ئاللىقاچان پارچە-پۇرات تۆمۈر دۆۋىسىگە ئايلانغان ئىدى، كېڭەيگۈچى قىلچىمۇ زىيان -زەخمەتكە ئۇچرىمىغان ئىدى. «ھازىر سىنىلىدىغىنى <ئوۋچى> پىلىموتى»، ئاۋاز ئاخىرلىشىپ بولغۇچە، كېڭەيگۈچى دۈمبىسىدىن يەنە بىر قورالنى چىقاردى، ئېشىپ قالغان ئۈچ دانە تانكا بىر تۈز سىزىق ھاسىل قىلغانىدى، «ئېتىڭلار!» دېيىش بىلەنلا، قورالدىن ئوق ئېتىلىشقا باشلىدى، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئۈچ دانە تانكا ھەرە ئۇۋىسىدەك ئۆتمە-تۆشۈك بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئەڭ يېڭى چابام تىپلىق بىرىكمە برونەمۇ بۇ قورالنىڭ ئالدىدا نېپىز قەغەزگە ئوخشاپ قالغانىدى!
    سىناق ئۆيىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن جوۋتيەنخۇا زادىلا چىداپ تۇرالماي، لى رەئىستىن بىرمۇنچە سۇئاللارنى سورىۋەتتى:
    ــ بۇ... بۇ نەرسىلەرنى قاچاندىن باشلاپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان؟ نېمىشقا مەن بىلمەيمەن؟ بۇ زادى نېمە ئىش؟
    رەئىس جاۋاپ بەرمىدى، بىللە كەلگەنلەر بىلەن كىيىم يۆتكەش ئۆيىگە كىرگەندىن كېيىن:
    ــ كىيىم ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، مەن سىزنى باشلاپ بېرىپ بىر نەرسىنى كۆرسىتىمەن، شۇندىلا سىزگە ھەممە ئىشنى دەپ بېرىمەن.
    ئىككىيلەن يېرىم سائەت تېز سۈرئەتلىك لېفىتتا ماڭغاندىن كېيىن، يەر ئاستىدىكى بىر كەڭ ئۆڭكۈرگە يېتىپ كەلدى، ئۆڭكۈرنىڭ تېمپراتۇرىسى ئىنتايىن تۆۋەن، كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى كىشىنى ھەيران قىلاتتى. بۇ يەر بىر چوڭ ھەربىي بازىغا ئوخشاش بولۇپ، تۆت ئەتراپتا تەجرىبە بىنالىرى بار ئىدى، ئۇ يەرگە نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار كىرىپ - چىقىپ تۇرۇشاتتى. ھەممە ناھايىتى ئالدىراش ئىدى! ئىككىيلەن بىر تىك ئۇچارغا ئولتۇرغاندىن كېيىن، يىراقتىكى غايەت زور قارا سايىگە قاراپ ئۇچۇپ كېتىشتى. لى رەئىس ھاياجانلانغان ھالدا:
    ــ باياتىن بېرى سىزگە بۇلارنى كۆرسىتىشىم سىزنىڭ بىردەم تۇرۇپ ئايلىنىپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن ــ دېدى. قارا سايىگە يېقىنلاشقانسېرى، گېنرال جوۋتيەنخۇا ئۆزىنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى زادىلا كونترول قىلالمىدى، پۈتۈن بەدىنى ھاياجاندىن تىترەيتتى، ھەتتا كۆز ياشلىرىمۇ تاراملاپ ئېقىشقا باشلىدى. يورۇتۇش چىرىقىنىڭ يورۇقىدا ھېلىقى قارا سايە ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ئاشكارىلىدى!! جەڭ كېمىسى!! جەڭ كېمىسى!! فانتازىيە كىنولىرىدىدەك غايەت زور بىر جەڭ كېمىسى يەر يۈزىدە ياتاتتى!! پۈركۈش ئېغىزىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەڭ كېمىسىنىڭ قۇيرۇقىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىشتى، كۆز ئالدى قاپقارا سايە ئىدى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، خاسىيەتلىك ئەجدىھانىڭ قۇيرۇقىنى كۆرۈپ بېشىنى كۆرگىلى بولمايتتى(مۇۋاپىق تەمسىل تاپالمىدىم، بولمىسا بۇ جۈملىنىمۇ راۋۇرۇس تەرجىمە قىلىپ قوياتتىم، نىدادىن)!! تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن بۇ جەڭ كېمىسى خۇددى بوئىن 747 بىلەن چىۋىن بىر يەرگە كەلگەندەك كۆرۈنەتتى! لى رەئىس ئۇنىڭ ھاياجانلانغان ھالىتىگە قاراپ بىر تىنىۋالغاندىن كېيىن، كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
    ــ بولدى، ئەمدى مەن سىزگە بارلىق ئىشلارنىڭ تېگى - تەكتىنى دەپ بېرەي
    !





    ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!
  • ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ!
يېزىق ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Internet Explorer دا Ctrl+k نى Google Chrome دا Ctrl+S نى بىسىڭ