-
ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسى (1) - [ھېكـايە، نەسىـر، شېئىر]
ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ! ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسى
(فانتازىيىلىك ھەربىي ئىشلار رومانى)
ئاپتورى: غەزەپلەنگەن ئەجدىھانىڭ گۈركىرىشى
تەرجىمان: نىدا
بۇ رومانى نىدا ئەپەندىم (بىلىك كۇلۇبىدىكى) تەرجىمە قىلغان. بۇ فانتازىيىلىك رومان بەكلا يارىغان ئىدى، شۇڭا باشقىلار كۆرۇپ باقسۇن ھەم كۆپ مەنبەلەشسۇن دەپ بۇ بلوگقا چاپلاپ قويۇدۇم بىر باپ بىر باپتىن يوللىنىدۇ.
مۇقەددىمە
بور دەۋرى، قويۇق ئورمانلىقتا بىر غايەت زور برونتوزاۋور يۇمران يوپۇرماقلارنى ئىشتاھا بىلەن يەۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرلا باشقىلارنىڭ بىر ۋاخ ئېسىل غىزاسىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى قىلچىمۇ سەزمىگەندەك قىلاتتى. بىرنەچچە تراننوزاۋور ئېتىلىپ بېرىپ، تازا بىر تويۇنۇپ غىزالانماقچى بولۇۋاتقاندا، قاپقاراڭغۇ كېچە ئاسمىنى توساتتىن يالتتىدە يورۇپ كەتتى. قاتتىق گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز ئۇلارنى ئاسمانغا قاراشقا مەجبۇر قىلدى، ئاسماندا غايەت زور بىر ئوت شارى قۇياشتىنمۇ كۈچلۈك يورۇقلۇق چىقىرىپ ئۇلارغا قاراپ ئېتىلىپ كەلمەكتە ئىدى.
يۇقىرى ھارارەت بۇ بىر نەچچە نەس باسقان دىنوزاۋور ۋە ئەتراپتىكى ئورمانلىقنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە كۈلگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئوت شارىنىڭ يەر يۈزىگە سوقۇلۇشىدىن چاچرىغان ئۇچقۇننى ئاي شارىدا تۇرۇپمۇ كۆرگىلى بولاتتى. بىر دەمدىلا، بارلىق يانار تاغلار شىددەت بىلەن تەڭ پارتلاشقا باشلىدى، ئېتىلىپ چىققان ماگمىلار بىردەمدە ئوت شارى يەرگە سوقۇلغاندا پەيدا بولغان ئازگالنى تىندۇرۇپ قويدى.
ۋاقىت ئاستا - ئاستا ئۆتۈپ، شۇ قېتىملىق ئاپەتنىڭ ئىزنالىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلىغان ئىدى. شۇ قېتىملىق ئاپەتنىڭ باش سەۋەپچىسىمۇ يەر ئاستىدا نەچچە ئون مىڭ يىللىق ئۇيقۇغا غەرق بولغان ئىدى.
1 - باب ئەڭ ئەڭ ئەڭ يۇقىرى مەخپىيەتلىك1984 - يىلى 8 - سېنتەبىر شىنجاڭدىكى بىر گېئولوگىيىلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ چېدىرى. 50 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى كۆزەينەكلىك بىر پروفېسسور ھاياجانلانغان ھالدا سۆزلىمەكتە:
ــــ كۆپچىلىك، ئەگەر ماتېرىيالىمىزدا نۇقسان بولمىسا، پۇتىمىزنىڭ ئاستىدا ئىنتايىن مول تۆمۈر كان بايلىقى كۆمۈلۈپ ياتماقتا! زاپىسى جەھەتتە پۈتۈن مەملىكىتىمىز، ياق، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ!
ئوخشاش ھاياجانلانغان ئەمما چىرايىدا چىرايىدا ئانچە - مۇنچە تەشۋىش ئىپادىلىنىپ تۇرغان بىر ياش ئورنىدىن سۆزلەشكە باشلىدى:
ــــ ليۇ پروفېسسور، بۇ يەرنىڭ تۆمۈر زاپىسىنى دۇنيا بويىچە بىرىنچى دېيىشكە بولىدۇ، 1200 مېتر يەر ئاستىدا كۆمۈكلۈك تۇرسا، ئېچىپ پايدىلىنىش بەك تەسمىكىن!
يەنە بىر ئەر گۇمانلانغان ھالدا:
ــــ شياۋ جاڭنىڭ دېگىنى پۈتۈنلەي توغرا، ئەمما مەن يەنە بىر مەسىلىنى ئېيتاي، نېمىشقا بۇ تومۈر كانى شۇنچە چوڭقۇرغا كۆمۈلگەن؟ بىز تەسادىپىي كولاپ چىقارغان قەدىمىي جانلىقلارنىڭ تاش قاتمىسىمۇ بۇنچە چوڭقۇرغا كۆمۈلمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەكشۈرۈش ئەسۋابى ناھايىتى ئاجىز رادىئاستىيىنى سەزدى. شۇڭا بۇنداق ئالدىراپ خۇلاسە چىقارمىساق ياخشى بولاتتى!
ليۇ پروفېسسور بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
ــ لاۋلى، مېنىڭچە بىز تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە ئەۋرىشكىنى ئالدى بىلەن يۇقىرىغا يوللاپ تۇرايلى، بۇ ئىشقا دۆلەت چوقۇم مەبلەغ سالىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە بىز ئۈزۈل - كېسىل تەكشۈرۈپ چىقايلى.
كۆپچىلىك بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، بىردەك:
ــ بولىدۇ، بۇ ئىش مۇشۇنداق بولسۇن،ــ دېيىشتى.
1984 - يىلى 10 سېنتەبىر، جۇڭنەنخەي يىغىن زالى. بىر نۇسخا شىنجاڭ رايونىنىڭ كان بايلىقلىرى تەكشۈرۈش دوكلاتى خۇ رەئىسنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئىدى! دوكلاتنى بىردەم ئوقۇغاندىن كېيىن، خۇ رەئىس سۆز باشلىدى:
ــ كۆپچىلىك، ئەگەر دوكلاتتا خاتالىق بولمىسا، بىز پولات - تۆمۈر بايلىقىمىز كەمچىل بولۇشتەك مۈشكۈل شارائىتتىن دەرھال قۇتۇلۇپ، تۆمۈر ماتېرىياللىرىنى ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتتىن تۆمۈر ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلىنالايمىز! ئەمما تېخى بېكىتكىلى بولمايدۇ، بۇ 64 مىليون پۇلنى بىز ئاجرىتامدۇق - قانداق؟
مۇنازىرە قىزغىن باشلىنىپ كەتتى، بەزىلەر:« بۇ پۇلنى ئىسراپ قىلغانلىق! 1200 نەچچە مېتىر! ! بۇنى قانداق قازىمىز؟ ئەگەر خاتا بولۇپ قالغان بولسىچۇ؟» دېيىشتى، يەنە بەزىلەر:«دوكلاتنى يوللىغانلار ئۆزىنىڭ نامىنى چىقىرىش ياكى پۇل ئۈندۈرىۋېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىمەنە دوكلاتنى يوللىغان» دېيىشتى. بىراق يەنە خېلى نۇرغۇنلار مەبلەغ ئاجرىتىشقا قوشۇلدى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تۆمۈر كان بايلىقى تۇرسا، كىمنىڭمۇ ئالغىىسى يوق دەيسىز؟!
رەئىس ئۈستەلگە پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ:
ــ بولدى، تالاشماڭلار. بىز بېلەت تاشلاپ قارار قىلايلى! 1- بېلەتنى مەن تاشلاي، مەن ئۇلارنىڭ خاتالاشمىغانلىقىغا دو تىكىمەن! ــ دېدى.
ئەڭ ئاخىرىدا، بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ھۆكۈم چىقرىلدى: 23 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 14 ئاۋازنىڭ قارشىلىقى، 4 ئاۋازنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى بىلەن 43 مىليون مەبلەغ ئاجرىتىلدى.
1984 - يىلى 13 - نويابىر، شىنجاڭ گېئولوگىيىلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئىشخانىسى (مۇئەللىپتىن: 43 مىليون، ھەر قانچە دېگەندىمۇ يەنىلا چېدىردا ياتماس!). 50 نەچچە ياشلاردىكى ھېلىقى ليۇ پروفېسسور سۈرلۈك قىياپەتتە سۆزلىمەكتە:
ــ تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە يەر ئاستىدا غايەت زور بىر ئۆڭكۈر بار ئىكەن! تەبىئىي شەكىللەنگەندەك قىلمايدۇ، قارىغاندا مېتروئىتنىڭ سوقۇلىشىدىن شەكىللەنگەندەك قىلىدۇ. ھازىرقى ئۆلچەشلەرگە قارىغاندا ئۆڭكۈرنىڭ ئېگىزلىكى 700 مېتىر، چوڭلۇقى 30 نەچچە پۇتبول مەيدانىدەك كېلىدىكەن، بۇ پەقەت ھازىرچە ئېگىلىگەن سانلىق مەلۇمات، ئەمەلىي چوڭلۇقى قانچىلىك بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس.
بىر ياش ئالىم ئىشەنمىگەن ھالدا:
ــ 7~~700 نەچچە مېتىر؟ 30 نەچچە پۇتبول مەيدانىچىلىك؟ بۇ مۇمكىن ئەمەستۇ؟ يەرئاستىدا 1200 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا، فىزىكا ئىلمىگە ئاساسلانغاندا، يەر يۈزىنىڭ ئېغىرلىقى ئۆڭكۈرنى بېسىپ تىندۇرىۋېتىدىغان تۇرسا! ــ دېدى.
پروفېسسور چۈشەندۈرۈپ:
ــ ئۆڭكۈرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشمەسلىكىدىكى سەۋەپ ئۆڭكۈردىكى نۇرغۇن جايلارنىڭ سۈنئىي ھالدا كۆتۈرۈلۈپ، ئۆڭكۈرنى كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىدا. ــ دېدى.
بىر ئايال پروفېسسور :
ــ سۈنئىي ھالدا كۆتۈرۈلۈپ؟
پروفېسسور:
ــ شۇنداق، نۇرغۇنلىغان كۆتۈرۈلۈپ چىققان جايلار ئۆلچەملىك كۋادرات شەكىلدە ئىكەن، ئازراق رادىئاتسىيە ۋە كاشىلا ئېلېكتىر دولقۇنى بولغانلىقتىن، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مۇمكىن بولمىدى.
ــ كاشىلا ئېلېكتىر دولقۇنى؟؟؟؟ سىزنىڭچە 1200 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئېلېكتىر دولقۇنى بارمىكەن؟ خاتالاشمىغانسىز؟ــ كۆپچىلىك تەئەججۈپ بىلەن پروفېسسورغا قارىدى. پروفېسسور ۋەزمىنلىك بىلەن:
ــ قەتئىي خاتا ئەمەس! ــ دېدى. ئۆي ئىچى بىردىنلا چىۋىن ئۇچسا ئاڭلانغۇدەك جىمىپ كەتتى. بۇ جىمجىتلىقنى ئاخىرى ھېلىقى ئايال پروفېسسور بۇزدى:
ــ ليۇ پروفېسسور، سىزدىن سوراپ باقاي، بىزنىڭ يەنە قانچىلىك مەبلىغىمىز قالدى؟
ــ جىق قالمىدى، 10 مىليوندەك قالدى. يۇقىرىدىن بىزدىن دوكلاتنى سۈيلەۋاتىدۇ، سىزنىڭ قانداق ئامالىڭىز بار؟
ئايال پروفېسسور بىر ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ:
ــ بىز مۇشۇ پۇل بىلەن ئاشۇ ئۆڭكۈرگە بارىدىغان بىر تونېل قېزىپ، ئۇ يەردە زادى نېمە بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
ليۇ پروفېسسور ھايرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ:
ــ نېمە دېدىڭىز؟ تونېل قازىمىزما؟ 1200 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا تۇرسا! ئەگەر ھېچنىېمە تاپالمىساق قانداق قىلىمىز؟
ــ ھازىر يەنە داۋاملىق تەكشۈرۈشكە ئامال يوق تۇرسا، بىز مۇشۇنداق ساقلاۋېرەمدۇق؟ مۆھلەت توشۇشقا يەنە بىر يىل قالدى، سىزنىڭ باشقىچىرەك بىرەر ياخشى ئامالىڭىز بارمۇ - يا؟
بىر ئاز جىمجىتلىقتىن كېيىن ليۇ پروفېسسور كۆپچىلىككە :
ــ سىلەر قوشۇلامسىلەر؟ــ دېدى. چېچى بىر ئاز قالايمىقان بىر ئەر:
ــ بولىدۇ، بۇ يەردە ئۆلگەندىن ياخشىراق!ــ دېدى. 20 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز ئوقۇغۇچى:
ــ مەنمۇ قوشۇلىمەن. يەر ئاستىدا زادى قانداق مەخپىيەتلىك بار، مەن كۆرۈپ باقاي ــ دېدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ھەممەيلەن قوشۇلدى. ليۇ پروفېسسور (بۇندىن كېيىن ليۇ پ دەپ ئالاي، نىدا):
ــ لاۋ تاڭ، بىر دەم تۇرۇپ مەن سىزگە بىر پارچە خەت يېزىپ بېرەي، سىز ئۇنى خۇ رەئىسنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ، بۇنى ليۇ خەييۈەن يازغان دەپ تاپشۇرۇپ بېرىڭ.
لاۋتاڭ ئۇنىڭغا ھەيران بولغان ھالدا قاراپ، مۇنداق دېدى:
ــ ليۇ پ، سىز رەئىسنى تونۇيدىغاندەك قىلىسىز - ھە!
ــ 32 يىل ئاۋال بىز ساۋاقداش ئىدۇق. ئويلىمغانكەنمەن، سىنىپتىكى نەتىجىسى ئەڭ ناچار ئۇ گۇي رەئىس بولۇپ كەتتى! سىنىپ باشلىقى بولغان مەن بۇ يەرگە «سەرسان» بولۇپ كېلىپ قالدىم!
1984 - يىلى 15 - نويابىر، جۇڭنەنخەيدىكى ئىشخانا. خۇ رەئىس 40 نەچچە يىل ئاۋالقى كونا ساۋاقدىشىنىڭ خېتىنى ئوقۇماقتا. خەتتە مۇنداق يېزىلغان ئىدى:« لاۋخۇ، مەن ئالدىنقى قېتىم شىنجاڭنى تەكشۈرۈشكە يۆتكىۋېتىلگەندىن بۇيانقى 13 يىلدا سىزگە خەت يېزىپ باقمىغانلىقىم ھېلىمۇ ئېسىڭىزدىمۇ، ئۇزۇن گەپنى قىسقا قىلاي. بۇ قېتىملىق شىنجاڭنى گىئولوگىيىلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈشكە سىزنى 43 مىليون مەبلەغ ئاجراتقۇزدۇم. ئەسلىدە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۆمۈر كېنىنى بايقىدۇق، بۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلىيالايمىز دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئەمما بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئوخشايدۇ. بەلكىم سىزمۇ مېنى ساراپ بوپتۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، يەر ئاستىغا 1200 مېتىرلىق بىر تونېلنى قازماقچىمەن، مەن بۇ دونى تىكىپ قويدۇم، بۇ دو بەكمۇ چوڭ بولۇپ كەتتى. ئەگەر ئۇتتۇرۇپ قويسام، پارتىيىدىن قوغلانساممۇ، تۈرمىدە ياتساممۇ، ھەتتا ئېتىلىپ كەتسەممۇ مەن رازى! ئەگەر يېڭىۋالسام، مەن شۇنى ھۆددە قىلالايمەنكى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۆمۈر كېنىدىنمۇ قىممەتلىكرەك بىر نەرسىنى بايقىغان بولىمىز! لاۋخۇ، مەن سىزنىڭ ماڭا ياردەم قىلىپ، ۋاقىتنى بىر ئاز كېچىكتۈرۈپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مەن چوقۇم سىزنى رازى قىلارلىق جاۋاپتىن بىرنى بېرىمەن. مەن سىزگە ئۆزەمنىڭ كومپارتىيە ئەزاسىلىق شەرەپلىك نامىمدىن كاپالەت بېرىمەن. ھۆرمەت بىلەن: ليۇ خەييۈەن»
كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، خۇ رەئىسنىڭ كۆز چاناقلىرى قىزىرىپ كەتتى. 32 يىل ئاۋال ھەر ئىككىلىسىنىڭ تازا قىران ۋاقىتلىرى ئىدى، ئۇ چاغ جۇڭگو ئازات بولغاندىن كېيىنكى ئەڭ قىيىنچىلىق مەزگىللىرى ئىدى! ھەتتا يەيدىغان نەرسىلەرمۇ نورمىلىق تەمىنلىنەتتى، دائىم ئەتىگەنگە تاپسا كەچكە يوق بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە چاشيەن ئۇرۇشى پارتلاپ بۇ قىيىنچىلىقنى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋەتتى. ئۇ ئىككىسى شۇ چاغدىلا دۆلىتىمىزنى قودرەت تاپقۇزۇشقا، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراتماسلىققا بەل باغلاشقان ئىدى. ئۇ ھۆكۈمەت ئىشلىرى بىلەن ھەپىلىشىشكە، ليۇ خەييۈەن بولسا ۋەتىنىمىزگە زور مىقداردا كان بايلىقى تېپىپ بېرىشكە ئىرادە تىكلىگەنىدى. ھەش - پەش دېگۈچە 32 يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئۆزى دۆلەت رەئىسى بوپتۇ، ئۇ بولسا جۇڭگو گېئولوگىيە ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى بوپتۇ. داۋاملىق سىرتتا ئايلىنىپ يۈرىدىغان، 50 نەچچىگە كىرسىمۇ تېخى توي قىلمىغان بۇ قېرى يىگىت زادى نېمىنى كۆزلەيدۇ؟ ئۇنىڭ قىلغانلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئەمەسمۇ!
1985 - يىلى 25 -دېكابىر، جۇڭنەنخەيدىكى ئىشخانا.
ــ رەئىس!رەئىس! شى... شى...شىنجاڭ گېئولوگىيىلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىن مەخپىي تېلېگرامما كەلدى!ــ دېدى ئاتمىش ياشلار چامىسىدىكى بىر گېنرال ھاسىرىغىنىچە يۈگۈرۈپ كىرىپ. ئەمدىلا خىزمەتنى تۈگىتىپ، ئارام ئېلىپ چاي ئىچىۋاتقان خۇ رەئىس ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ:
ــ نېمە ئىش سىزنى بۇنداق ئالدىرىتىۋەتتى؟ ئالدىرىماي سۆزلەڭ.ــ دېدى.گېنرال ھاسىرىغىنىچە:
ــ ئۆ...ئۆزىڭىز ئوقۇڭە!ــ دېدى. رەئىس قولىغا ئېلىپ، بىر ئاز ئوقۇغاندىن كېيىن، نەپىسى بارغانسېرى تېزلەشكەن ھالدا:
ــ ۋاي خۇدايىم! خۇدايىم توۋا! مۇمكىن ئەمەس! دەرھال ئايروپىلان تەييارلاڭلار، مەن شىنجاڭغا بېرىپ كېلەي، تېز!ــ دېدى.كاتىپ:
ــ رەئىس، ئەتە سىز يەنە باۋگاڭ پولات ماتېرىياللىرى زاۋۇتىغا تەكشۈرۈشكە بارىدىغان تۇرسىڭىز!ــ دېدى. رەئىس كىيىملىرىنى كەيگەچ، تاقەتسىزلەنگەن ھالدا:
ــ قالدۇرىۋېتىڭ! قالدۇرىۋېتىڭ! مېنى زۆرۈر ئىشى چىقىپ قالدى دەڭ!ئىشقىلىپ يالغاندىن بىرنى توقۇڭ! ھە راست، مېنىڭ شىنجاڭغا بارىدىغان ئىشىمنى مۇتلەق مەخپىي تۇتۇڭ،ئىنسى - جىن بىلىپ قالمىسۇن! بىلدىڭىزمۇ؟ــ دېدى. كاتىپ دەرھال:
ــ بولىدۇ، خوپ!ــ دېگەچ، «رەئىسنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقىنىمغىمۇ 10 نەچچە يىل بولۇپ قاپتۇ، ئالدىنقى قېتىم رەئىس كونا ساۋاقدىشى يازغان خەتنى ئوقۇپ ئازراق ھاياجانلانغاندىن باشقا، ئەزەلدىن مۇنداق ھاياجانلىنىپ باقمىغان ئىدىغۇ!» دەپ ھەيران بولدى.
شىنجاڭغا مەخپىي ئۇچقان ئايروپىلاندا خۇ رەئىس تېلېگراممىنى قايتا ئوقۇپ چىقىپ، يەنە بىر قېتىم :
ــ گېنرال جاڭ جىڭتاۋ، مەخپىيەتلىك خىزمىتى قانداقراق ئىشلەندى؟ــ دېدى.
ــ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىم ئالدىن بېرىپ بارلىق خەۋەرنى قامال قىلدى، مەن ئۇ يەرگە 4 گورۇپپىۋوي ئارمىيىنى مەخپىي يۆتكىدىم! بارلىق تېلېگرامما، تېلېفون، خەت - چەكلەرنىڭ ھەممىسى مەخپىي شېفىرلەشتۈرۈلدى. ئۈرۈمچى ئايروپورتىمۇ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى باھانە قىلىپ تاقىۋېتىلدى. رەئىس، بۇ تېلگرامما ئىشەنچىلىكمۇ؟ بۇ ئىش بەك تۇيۇقسىز بولدى، مەن ھازىرمۇ ئازراق ئىشىنەلمەيۋاتىمەن.
رەئىس بىر تىنىۋالغاندىن كېيىن:
ــ خاتاسى يوق، ليۇ خەييۈەن مېنىڭ كونا ساۋاقدىشىم، ئۇ ھەرگىزمۇ يالغان مەلۇمات يوللىمايدۇ، بۇ ئىشتا ئۇمۇ يالغان ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ! ھە راست، ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن، سىز بۇ تېلېگراممىنى دەرھال كۆيدۈرىۋېتىڭ! ھەي، لاۋليۇ! لاۋليۇ! سىز ھەقىقەتەن مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىدىڭىز!ــ دېگىنىچە تېلېگراممىنى چىڭڭىدە بىرنى سۆيۈپ قويدى.
تاڭ سەھەر 2:30دا غايەت زور يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى. ئۇ يەردە ئون نەچچە ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە يەتتە ھەربىي تىك ئۇچار ساقلاپ تۇرغان ئىدى. بىر پولكوۋنىك ئالدىغا چىقىپ:
ــ خۇ رەئىس، مەن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى پولكوۋنىك ۋاڭ چېڭخۇ! بىز جىددىي بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى قامال قىلدۇق، ھېچقانداق خەۋەر سىرتقا چىقىپ كەتمىدى!ــ دېدى. رەئىس ئالمان - تالمان:
ــ ياخشى! ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۈگۈنكى ئىشنى قەتئىي مەخپىي تۇتۇڭ!چۈشەندىڭىزمۇ؟ــ دېدى. مەيداندىكى بارلىق ھەربىيلەر بىردەك:
ــ خوپ!
ئۈچ سائەتتىن كېيىن يەتتە تىك ئۇچارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدىكى ۋاقىتلىق قۇرۇلغان ھەربىي بازىغا قوندى. بۇيەرگە ئاللىقاچان نۇرغۇن ھەربىي قىسىم ۋە تەتقىقاتچى خادىملار يىغىلغان بولۇپ، ھەر خىل لازىمەتلىكلەر ھەربىي ماشىنىلاردا ئۈزۈلمەي توشۇپ كېلىنىۋاتاتتى. «يول بېرىڭلار، يول بېرىڭلار، رەئىس كەلدى». رەئىس ئالتە قوغدىغۇچىسى ۋە گېنرال جاڭ جىڭتاۋنىڭ ھەمرالىقىدا غايەت زور بىر يەرئاستى ئۆيىگە كىردى! سان - ساناقسىز تەتقىقاتچىلار بۇ يەردە كىرىپ - چىقىپ يۈرۈشىۋاتاتتى. ھەممىسىنىڭ ئاغزىدا:«راستىنلا ئىشەنگىلى بولمايدۇ، ۋاي خۇدايىم» دېگەندەك گەپلەر ئىدى.بۇ تەتقىقاتچىلار گويا يېنىدا دۆلەت رەئىسى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشقان ئىدى. بۇ يەردە رەئىس ئايرىلغىلى 32 يىل بولغان ساۋاقدىشى ليۇ خەييۈەننى كۆردى.رەئىس ھاياجانلانغان ھالدا:
ــ لاۋليۇ! لاۋليۇ! سىزنى كۆپ ساقلىتىۋەتتىم!
ليۇ خەييۈەن رەئىسنى كۆرۈپ، كۆز ياشلىرىنى ئاققۇزغىنىچە، رەئىسنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ، ھاياجانلانغان ھالدا:
ــ رەئىس، پېقىر ليۇ سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىگەندىمەن! بۇ دودا مەن ئۇتتۇم!
ــ نېمە ئۇ رەئىس، پەئىس دېگەن! لاۋليۇ، بۇ ئىش راستمۇ؟
ــ ئەلۋەتتە راست، بومىسا مەن سىزنى بۇ يەرگە دەرھال كېلىڭ دەپ نېمە قىلاتتىم! ھە راست، بۇ ياق كىم بولىدۇ؟
خۇ رەئىس ئۆزىنىڭ جاڭ جىڭتاۋ گېنرالنى چەتكە قايرىپ قويغىنىنى ھېس قىلىپ، دەرھال:
ــ ھوي، بۇ ياق ھازىرقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنرال جاڭ جىڭتاۋ، جاڭ گېنرال، بۇ ياق جۇڭگو گېئولوگىيە تەتقىقات ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى ليۇ خەييۈەن پروفېسسور.
ــ ليۇ خەييۈەن پروفېسسور ياخشىمۇسىز!ــ جاڭ گېنرال ئۆلچەملىك ھەربىيچە سالام بەرگەندىن كېيىن، دوستانە قولىنى ئۇزاتتى.ليۇ خەييۈەن دەرھال جاڭ جىڭتاۋنىڭ قولىنى سىقىپ:
جاڭ جىڭتاۋ گېنرال، ياخشىمۇسىز!ــ دېدى. رەئىس:
ــ خەييۈەن، بىزنى دەرھال سىزنىڭ زور بايقىشىڭىزنى كۆرسەتكىلى ئاپىرىڭە!
ــ ماقۇل، قېنى بۇ ئارقامدىن مېڭىڭلار.
كۆپچىلىك بىر كىيىم يۆتكەش ئۆيىگە كىرىشتى. خۇ رەئىس ھەيران بولغان ھالدا:
ــ سىز بىزنى بۇ يەرگە باشلاپ كېلىپ نېمە قىلىسىز؟
ليۇ خەييۈەن بىر تەرەپتىن كىيىم يەڭگۈشلىگەچ:
ــ كىيىم يەڭگۈشلىۋېلىڭلار! يەر ئاستىدىكى ھېلىقى ئۆكڭۈرنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسىمۇ نۆلدىن تۆۋەن 43 گرادۇس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوكسىگېنمۇ يوق، شۇڭا ئوكسېگىنلىق نىقاپ تاقاپ، ئىسسىق ساقلاش كىيىمى كىيگەندىلا ئۇ يەرگە بارغىلى بولىدۇ.
بىر ئازدىن كېيىن كۆپچىلىك كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، بىر مەخپىي لېفىتنىڭ ئىچىگە كىرىشتى، لېفىتنىڭ ئاستىدىكى تونېلنىڭ تېگىنى كۆرگىلى بولمايتتى، خۇددى دوزاققا سوزۇلۇپ باردىغاندەك قىلاتتى! كۆپچىلىك پەقەت لېفىتتىلابىر يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئاران تېگىگە چۈشتى. لېفىت ئىشىكى ئېچىلىش بىلەنلا بىر سوغۇق ئېقىم يۈزگە گۆپپىدە ئۇرۇلدى، كۆپچىلىك چۈشكۈرۈپ كېتىشتى. بوئىن تىپلىق ئايروپىلان پاتقۇدەك كەڭ بىر تونېلدىن ئۆتكەندىن كېيىن، پۈتكۈل ئۆڭكۈر توساتتىن ئالاھىدە چوڭىيىپ كەتكەندەك بىلىندى. گەرچە يورۇتۇش چىرىقى يورۇتۇلغان بولسىمۇ، ئۆڭكۈر تورۇسىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايتتى.يىراققا قارىغاندا پەقەت نۇرغۇنلىغان ئاجىز يورۇق نۇقتىلاردىن شەكىللەنگەن بىر تۈز سىزىقنى كۆرگىلى بولاتتى، تۈز سىزىقنىڭ بېشىدا يوغان بىر تاغقا ئوخشاش قارا كۆلەڭگىنى كۆرگىلى بولاتتى!
جاڭ جىڭتاۋ ھەيران بولغان ھالدا:
ــ يەر ئاستىدا تاغ باردەك قىلامدۇ - نېمە؟
ليۇخەييۈەن سىرلىق قىلىپ:
ــ بۈگۈن مەن سىلەرنى مۇشۇ تاغنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەكەلگەن! قېنى ماشىنىغا چىقىڭلار!ــ دېدى.رەئىس ھەربىي ئاپتوموبىلنى كۆرسەتكىنىچە:
ــ لاۋليۇ، سىز بىزنى مۇشۇ ماشىنىغا چىقىرامسىز؟ــ دېدى. ليۇ خەييۈەن:
ــ كەچۈرۈڭلار، بۇنىڭ ئاستىدا مۇشۇنداق يۈك ئاپتوموبىلىدىن باشقا ماشىنا يوق، سىلەرنى قىيناپ قويىدىغان بولدۇم!
كۆپچىلىك ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغىنىچە تاغ تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كېتىشتى. تاغقا يېقىنلاشقانسېرى ئەتراپنىڭ ھاۋاسى مۇزلاشقا باشلىدى. ئىسسىق ساقلاش كىيىمى كىيىۋالغانلارمۇ سوغۇقتىن تىترەپ، چىشلىرى كاسىلداشقا باشلىدى. تاغ قاپتىلىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، بۇ يەردە نۇرغۇن قۇرۇلۇش قىسمى ۋە يەر كولاش ماشىنىسىنىڭ تۇرۇپ كەتكىنى كۆرۈشتى، تۆت ئەتراپتىكى يورۇتۇش چىراقلىرى بۇ يەرنى ئاپئاق يورۇتىۋەتكەنىدى. ئاز بولمىغان ئەسكەرلەر تىترەشكىنىچە قوراللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇشاتتى، بەزىلىرى ھەتتا قوراللىرىنىڭ چۈشۈپ كەتكىنىنىمۇ تۇيۇشمىغان ئىدى.
ماشىنىدىن چۈشۈش بىلەنلا ليۇخەييۈەن ھاياجانلانغان ھالدا قوللىرىنى شىلتىپ سۆزلەشكە باشلىدى:
ــ كۆپچىلىك قاراڭلار! مانا بۇ بىز ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ ئەڭ قالتىس زور بايقاش!
ئۇ ماشىندىكى بىللە كەلگەنلەرنىڭ ئاللىقاچان كۆز ئالدىدىكى نەرسىگە قاراپ ھاڭۋېقىپ قالغانلىقىنى قىلچىمۇ سەزمىگەن ئىدى. نۇرغۇن جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جاڭ جىڭتاۋنىڭ ئېچىلغان ئاغزىغا ئىككى تۇخۇم بولسىمۇ پېتىپ كېتەتتى، پالاققىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن بىللە كەلگەن ئالتە قوغدىغۇچىنىڭ ئىككى ھۇشىدىن كېتىپ يەرگە يىقىلدى! گەرچە تېلېگراممىدا خەۋىرىنى بىلگەن بولسىمۇ خۇ رەئىس يەنىلا ھاياجاندىن توختىماي تىترەيتتى، نەپىسىمۇ بارغانسېرى تېزلىشىپ كەتكەن ئىدى! پالاققىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇمۇ يەرگە يىقىلدى.
1985- يىلى 27- دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئون، جۇڭنەنخەيدىكى مەخپىي يىغىن زالىنىڭ سىرتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەركىزىي قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ خادىملىرى توشۇپ كەتكەنىدى. ھەر ئۈچ قەدەمدە بىر پوست، ئون قەدەمدە بىر قاراۋۇلخانا تەسىس قىلىنغانىدى! ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا رەتلىك تىزىلغان ماشىنىلار 16 قېتىم بىخەتەرلىك تەكشۈرىشىدىن ئۆتكۈزۈلدى، تۆت ئەتراپ يەنە ئېلېكترونلۇق كاشىلا قىلغۇچ بىلەن يىغىن مەيدانى قورشالدى! بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مۇھىملىقى تولۇق ئىپادىلەنگەن ئىدى! ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قوغدىغۇچىلار پەقەت بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ جىددىي مەخپىي ئېچىلىدىغانلىقىنى، يىغىن مەزمۇنىنىڭ مەخپىيلىكىنىلا بىلەتتى،ھەمدە مەخپىي ئېچىلغان بۇ يىغىننى قەتئىي مەخپىي تۇتۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا بۇيرۇق تاپشۇرىۋالغان ئىدى. يىغىن مەيدانىدا دۆلەت رەئىسى، ج ك پ باش سېكىرتارى خۇياۋباڭ، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنرال جاڭ جىڭتاۋ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى(ھۆكۈمەت رەئىسى) ۋاڭ جىشياڭ، سىياسىي كېڭەش رەئىسى چېن رۈيجيې، خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسى جياڭ خەي ھەمدە ئازاتلىق ئارمىيە باش شتاب باشلىقى گېنرال دېڭ جيەنگو قاتارلىق ئالتىلا ئادەم بار ئىدى.
يىغىن باشلىنىش بىلەنلا ھۆكۈمەت رەئىسى ۋاڭ جىشياڭ ۋالاقشىدى:
ــ رەئىس! سىز بۈگۈن باۋگاڭغا تەكشۈرۈشكە بارماي، بىزنى بۇ يەرگە تۇيۇقسىز چاقىرتىپ نېمە قىلىسىز؟
رەئىس ۋەزمىن ھالدا:
ــ ئالدى بىلەن كۆپچىلىكتىن سوراپ باقاي، ھەر قايسىڭلارنىڭ يۈرىكىڭلاردا چاتاق بارمۇ - يوق؟ــ دېدى. رەئىسنىڭ بۇ گېپىدىن ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ھەيرانلىق ھېس قىلىشتى. شتاب باشلىقى دېڭ جيەنگو ھەيرانلىق بىلەن:
ــ رەئىس، گېپىڭىز بولسا تۈز دېمەمسىز! خاتىرجەم بولۇڭ، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ بىزنى قورقىتالمايدۇ!ــ دېدى. جياڭ خەي:
ــ شىنجاڭ گېئولوگىيىلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىشى ئەمەستۇ؟ــ دېدى. رەئىس بېشىنى لىڭىشتىپ:
ــ سىز تېپىۋالدىڭىز!
جياڭ خەي:
ــ نېمە؟ تېپىلدىما؟
رەئىس بېشىنى لىڭىشتتى، جياڭ خەي خۇشاللىق بىلەن چاۋاك چېلىپ قويۇپ دېدى:
ــ ھەي، بالدۇرراق دېمەمسىز، نېمانچە سىرلىقلاشتۇرىۋېتىسىز! مەن تېخى قانداق چوڭ ئىشكىن دەپتىمەن!
بۇ چاغدا خۇ رەئىس سۈرلۈك ھالدا:
ــ ھەر قايسىڭلار جۇڭگونىڭ تۈۋرۈكلىرى، ھەممىڭلارنىڭ دۆلەتنى سۆيىدىغان سادىق بىر تال يۈرىڭىڭلار بار، پۈتۈن پارتىيە ئىچىدە مەن ئەڭ ئىشىنىدىغان ئادەملەر! ماڭا جاۋاب بېرىڭلار، بۇ ئىشتا سىلەر ھەممىڭلار مەخپىيەتلىكنى چوقۇم ياخشى ساقلاڭلار، ماقۇلمۇ؟ــ دېدى. بىرنەچچەيلەن ھەيرانلىق بىلەن رەئىسكە قاراپ چوقۇم چوڭ بىر ئىش چىققىنىنى بىلىپ سوراشتى:
ــ رەئىس، سىز بۈگۈن نېمە بولدىڭىز؟ بۇ گەپلەرنى دەپ نېمە قىلىسىز؟
ــ شىنجاڭ گېئولوگىيىلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى ھەقىقەتەنمۇ پۇل سەرپ قىلدى، تاپقىنى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تۆمۈر كېنى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق تۆمۈر كانلىرىنىڭ قىممىتىدىن تۈمەن ھەسسە قىممەتلىك نەرسە!!! كۆپچىلىك، مەن ھەرقايسىڭلارغا بىر پارچىدىن ماتېرىيال تارقىتىپ بېرىمەن، بۇ ماتېرىيال پۈتۈن دۆلەت بويىچە ئاران ئالتە نۇسخا، بۇنى پەقەت ئۆزۈڭلار كۆرۈڭلار!ــ دېدى رەئىس ئېغىر بېسىقلىق بىلەن.
يېرىم سائەت ئۆتۈپ كەتتى، بىر سائەت ئۆتۈپ كەتتى. پۈتكۈل يىغىن زالى يەرگە يىڭنە چۈشۈپ كەتسە ئاڭلانغۇدەك جىمىپ كەتكەن ئىدى، خۇ رەئىس ئاستاغىنە سورىدى:
ــ كۆپچىلىك كۆرۈپ بولدۇڭلارمۇ؟
ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى. رەئىس يەنە ئۈنلۈك ئاۋازدا سورىدى:
ــ كۆپچىلىك كۆرۈپ بولدۇڭلارمۇ؟
يەنە ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى. ئەڭ ئاخىرىدا گېنرال جاڭ جىڭتاۋ ئەڭ زور كۈچى بىلەن ۋارقىرىدى:
ــ سىلەر ھوشۇڭلارنى يىغىڭلار!
بۇ ۋارقىراش بىلەن كۆپچىلىك ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى! دېڭ جيەنگو ھاسىرىغىنىچە:
ــ كە...كەچۈرۈڭ...رەئىس، بۇ...بۇ راستما؟
رەئىس كۈلۈمسىرىگەن ھالدا:
ــ ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە، شۇنداقمۇ؟ مەنمۇ خەۋەرنى يېڭى بىلگەن چاغدا ئىشەنمىگەن ئىدىم! ئەمما مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، بۇ ھەقىقەتەنمۇ راست!ــ دېدى. چېن رۈيجيې كېكەشلىگەن ھالدا:
ــ مە...مە...مەن ھازىرلا شىنجاڭغا بىر بېرىپ كېلەي!ــ دېدى. رەئىس ئۇنىڭغا قاراپ:
ــ ھازىر بولمايدۇ! بىز ئالتىمىز ھازىرلا شىنجاڭغا ماڭساق، چوقۇم باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويىمىز! مەن چوقۇم ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىمەن، ئالتىمىز شىنجاڭغا مەخپىي بېرىپ كېلىمىز! بۇ قېتىم مەن ئالدى بىلەن 200مىليارد پۇل ئاجرىتىپ تەتقىقات مەبلىغى قىلىمەن! بۇندىن كېيىن داۋاملىق كۆپەيتىمەن! كۆپچىلىك سىلەرچە قانداق؟
خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسى جياڭ خەي ئورنىدىن تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا:
ــ ھېلىغۇ 200 مىلياردكەن، 100 تىرليۇن بولسىمۇ مەن قوشۇلىمەن!ــ دېدى. ھەممەيلەن توختىماستىن باش لىڭىشتىشتى. رەئىس بۇنى كۆرگەندىن كېيىن، تېخىمۇ سۈرلۈك قىلىپ:
ــ بولىدۇ، بۇ ئىشنى مۇشۇنداق بېكىتەيلى! تەپسىلىي تەتقىقات پىلانىنى كېيىنچە يەنە سۆزلىشەرمىز. بۇ ئىش بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان چوڭ ئىش! ھازىرچە كۆپ ئاشكارىلىمايلى! مەخپىي قىلايلى! بىلدىڭلارمۇ؟ــ دېدى. بەشەيلەن بىرلىكتە:
ــ خوپ! بىلدۇق!ــ دېيىشتى. رەئىس مەمنۇنىيەت بىلەن بېشىنى لىڭىشتىپ مۇنداق دېدى:
ــ بولىدۇ! بۇ ئىشنى دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى! ياق، ئەڭ ئەڭ ئەڭ يۇقىرى مەخپىيەتلىكى قىلىپ بېكىتەيلى!
