قاش ئارقىلىق سىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىڭىزنى بىلگىلى بولىدۇ.
قاشنىڭ قۇرغاقلىشىشى ئۆپكىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
ئەگەر قىزلارنىڭ قىشنىڭ ئۇچى تىك ھەم قۇرغاق بولۇپ قالسا،بۇ ھەيىز قالايمىقانلىشىشنىڭ ئىپادىسى،ئوغۇللار بولسا نىرۋا سېسىتىمېسى كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقنىڭ ئىپادىسى.بەزى كىچىك بالىلار ئوزۇقلۇق يىتىشمىگەندە قاش سارغىيىش ۋە ئۆپكە ئاجىزلىشىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.
قاشنىڭ تۆۋەنگە قاراپ قىلىشى
قاشنىڭ تۆۋەنگە قاراپ قىلىشى كۆپ ۋاقىتلاردا تىرە نىرۋىسىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن كۆرىلىدۇ.ئەگەر يان تەرىپى تۆۋەنگە قاراپ قالسا ،شۇ يان تەرەپ تىرە نىرۋىنىڭ ئاجزلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، قاش پەسكە قاراپ قىلىپ ئۈستىگە كۆتىرىلمەيدۇ. بەزى چاغدا قاپاقنىڭ پەسكە ساڭگىلىشى بىلەن شۇ تەرەپ قاش ئىگىز كۆرىنىدۇ.
قاشنىڭ توم ۋە قىسقا بولىشى
قىشى قويۇق كىشىلەرنىڭ بەدەن ساپاسى يۇقىرى ،كۈچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.لىكىن قىزلارنىڭ قىشى قويۇق ھەم قارا بولسا بۇ بەلكىم بۆرەك ئۈستى بىزى پوسىت توقۇلمىسى ئىقتىدارىنىڭ ئىشىپ كەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قىشى توم ۋە قىسقا كىشىلەر ئوڭاي ئاچچىغلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ،شۇڭا بۇ خىل كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك.
قاشنىڭ چۈشۈپ كىتىشى
قىشى سۇس شالاڭ كىشىلەردە قان ئاجىزلىق بەدەن ئاجىزلىق كىسەللىكلىرى كۆرىلىدۇ.بۇخىل كىشىلەرىڭ پۇت قولى ئاسان مۇزلايدۇ،ۋە بۆرەك قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كىتىدۇ.قالقان بەز ئىقتىدارى ئاجىزلاشقان كىشىلەرنىڭ ھەم مىڭە ئاستى بەز ئالدى ياپرىقى ئىقتىدارى چىكىنگەن كىشىلەرنىڭ قىشى دائىم چۈشۈپ كىتىدۇ.بولۇپمۇ سىرىتقى 3\1 ئەتىراپىدا ئىغىر بولىدۇ.ماخاۋ كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى ئالدىنقى باسقۇچقا ئۆزگىرىش ۋاقتىدا يان تەرەپ قاش تىرىسى قىلىنلاپ،قاش چۈشۈپ كىتىدۇ.تەڭگە تاز كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرمۇ قاش چۈشۈش ئەھۋالغا ئۇچىرايدۇ.راك،سىفىلىس،ئىغىر قان ئاجىزلىق كىسەللىكلىرىمۇ قاش چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بەزى راككا قارشى ،ئانرىمېتابولت قارشى دورىلارنىڭمۇ ئەكىس تەسىرى بار.
قاشنىڭ تۆكۈلىشى
كىسەللىك ئەھۋالى ئىغىرلاشقان كىشىلەردە بۇ خىل ئەھۋال كۆرىلىدۇ.
قاشنىڭ تىك تۇرشى
قاشنىڭ تىك تۇرىشى بولسا كىسەللىكنىڭ ئىغىرلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى.شۇڭا بۇخىل كىشىلەر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ داۋالىنىشى كىرەك.
شۇنى ئەسكەرتىمىزكى ،ئۇستىدە يىزىلغانلار پەقەتلا سىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىڭىزدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر،ئەگەر مۇشۇلاردىن پايدىلىنىپ ياخشى داۋالانسىڭىزلا ساغلام ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز. |