|
مەن تۇغۇلغاندا دادام يۆگەكتىكى مىنى كۆرۈپ ئاپامغا ھاياجان ئىچىدە ۋارقىراپتۇ:
-خوتۇن،مۇشۇ بالا مىنىڭ ئوغلۇممۇ؟!!
ئاپام:
-ھەئە،ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئوغلىڭىز!
دادام:
-ئاھ،مۇشۇ شۇنداق چىرايلىق،قارا كۆز،ئويماق ئېغىز،قاپقارا قاشلىق ئوغول مىنىڭ ئوغلۇممۇ؟ ئاھ مۇشۇنداق چىرايلىق بالا مىنىڭ ئوغلۇمكەن!ئاھ……
دادام كۆز يېشى قىلىپ كېتىپتۇ……
مەن چوڭ بولۇش جەريانىدا بىرەر قېتىم خاتىرجەم تالاغا چىقالمىغانىكەنمەن……سىرتتا ئېلىپلا چىقسا،مەھەللىدىكى چوڭ كىچىك ھەممىسق مىنى ئورىۋىلىپ،نۆۋەت بىلەن سۆيۈپ،قۇچاقلاپ،يۈزۈمنى ھەرە چاققاندەك ئىششىتىۋىتىدىكەن……
ھەتتا بەزىلەر ئەتتىگەن زالدا تىزىلىپ،مىنى بىر كۆرۋىلىپ،ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىدىكەنتۇق……
مەھەللىدىكى ئاياللار ئاپامنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ:
-مۇشۇ كىلىشكەن،بۇنداق چىرايلىق ئوغلىڭىزنى چوقۇم مەن كۈيئوغۇل قىلىۋالىمەن كەلگۈسىدە،ماۋۇ ئەللىك مىڭ زاكالەتنى ئېلىڭ!-دىسە،
يەنە بىرى:
-نۇمۇس قىلىڭ خەلچىخان،ئەللىك مىڭنى قانداق ئېلىپ كىلىشكە يۈزىڭىز چىدىدى،مانا ،مەن 100نىڭ ئېلىپ كەلدىم……
يەنە بىر ئايال:
-سىلەر بۇ چىرايلىق يىگىتنىڭ كەلگۈسىنى پۇلغا سېتىۋالماقچىما؟ نۇمۇس قىلمامسلەر؟ ۋۇ شەرەپسىزلەر……ئېلىڭ قۇدام،ماۋۇ قەشقەر،غۇلجا،بورتالادىكى ئۈچ چوڭ زىمىننىڭ يەر خېتى……
ئاياللار ئاشتاق دىيىشىپ تالىشىپ سوقۇشۇپ كېتىدىكەنتۇق……
ئاپام دادام ماڭا خەقنىڭ تىلى،كۆزى تىگىپ كەتمىسۇن دەپ،ماڭا يوغان كۆز مونچاقلارنى ئېسىپ،شاسىڭدەك بوينۇمغا ئېسىپ قويۇپتىكەن……
كېيىن مەكتەپكە باردىم،شۇنىڭ بىلەن ئازاپلىق كۈنلەر باشلاندى،مەكتەپتە باشتا مۇئەللىملەر مەن سىنىپىمغا ئالىمەن دەپ قاتتىق جىدەللەشتى،كىيىن سىنىپتىكى قىزلار مەن بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرۇش ئۈچۈن قان جىدەل قىلىشىپ كەتتى……
مەن ئامالسىز ئوقۇشنى داۋام قىلالمىدىم……كوچىغا چىقتىم،بولدى،چوڭلار كۈيئوغۇل قىلىۋالايلى دەپ ،قىزلار مەن بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن كەينىمدىن قوغلاپ كېتىشەتتى……
مەن بەرداشلىق بېرەلمەي كوچىدا ۋارقىرىدىم:
-مەن نەدە سىلەر دىگەندەك ئۇنداق كىلىشكەن؟ ئۇنداق چىرايلىق؟ مەن ئادەتتىكىلا بىر بالىغۇ؟
ئۇزۇن ئۆيمەي ساقچى ماشىنىسى كېلىپ،ئىككى ساقچى مىنىڭ قولۇمنى قايرىدى:
-سىنى يالغان سۆزلەپ ،جەمئىيەت تەرتىۋىنى بۇزدى دەپ قولغا ئالىمىز؟
مەن:
-نەدە يالغان سۆزلىدىم؟
ئۇلار:
-سەن شۇنچە كىلىشكەن،شۇنچە چىرايلىق،شۇنچە قامەتلىك تۇرۇپ،مەن ئادەتتىكى ئادەم دەپ يالغان سۆزلىدىڭ،بۇ چوڭ جىنايەت!-دىيىشتى……
ئاھ~مەنمۇ نورمال ياشاپ باقسام بولمامدۇ. ئەجەبا مۇنچە كىلىشكەن بولغىنىم گۇناھمۇ،سىلەر نىمانداق قىلىپ كېتىسىلەر ھە؟!
مەن ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگە سەرگۈزەشتەمنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندا،سېستىرا چىقىپ ماڭا ۋارقىرىدى:
-ھەي423نۇمۇرلۇق بىمار،تېز كېرىپ دوراڭنى يە……بولە تېز!
!ئاۋازىڭلار بامۇ ھەي |
|