|
ئاۋۇ……
ئايالىم بازارغا چىقسىلا مىنى مەجبۇرىي سۆرەپ چىقاتتى. ئۇ ئۆزى كۆرۈپ قويغان كىيىم ياكى ئاياق بار دۇكانغا ئېلىپ كىرىپ:
-مەن ماۋۇ نائۇشنىكنى،مۇزىكا ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ تۇرە-دەپ،ئۆزى خوجايىن بىلەن باھا تالىشاتتى.
مەن مۇزىكا ئاڭلاپ قاراپ تۇراتتىم. ئايالىم خوجايىن بىلەن سۆزلەشكەچ ماڭا بىر دەم بىردەم قولىنى تەڭلەپ بىر نىمىلەرنى دەيتتى. خوجايىنمۇ ماڭا قاراپ،بىر خىل ئىچىنغاندەك بىشىنى لىڭشىتاتتى.
مىنىڭ نىمە كارىم،ئۆزى تالاشسۇن باھانى دەپ كارىم بولمايتتى.ماڭىدىغان چاغدا ئايالىم:
-ھەي،ئەسلى باھادىن 300كوي ئەرزان بەردى-دەپ خوشال قايتاتتى.
ھەر قېتىم مىنى شۇنداق سۆرەپ چىقىپ،مۇزىكا ئاڭلىتىپ،ئۆزى باھا تالىشىپ،ئەرزان سېتىۋالاتتى.
قايسى كۈنى يەنە بازارغا چىقتۇق.ئايالىم ماڭا نائۇشنىكنى تۇتقۇزۇپ،ئۆزى باھا تالاشقىلى خوجايىننىڭ يىنىغا كەتتى،مەن ياندىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ،مۇزىكا ئاڭلاي دەپ تۇراتتىم،مۇزىكا قويغۇچنىڭ توكى تۈگەپ ئۆچتى،بۇ چاغدا ئايالىمنىڭ ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلىدىم:
-خوجايىن ،چاپاننى ئەرزانراق بېرىڭە،قاراڭە يولدىشىم بىر كەمبەغەللا بىرنىمە،قاراڭ ئا تازنىڭ ئولتۇرىشىغا، بۇنداق يۇقىرى باھا دىسىڭىز ئۇنىڭ تۆلىگۈدەك ھالى باردەك كۆرىنەمدا،قاراڭ خوجايىن،بۇ ئېرىم بىر كىسەلچان،شۇڭا ئىدارىدە يىنىك ئىشلارنىلا قىلالايدۇ،ئېغىر زىققا كېسىلى بار،ئاشقازىنى ناچار،بۆرىكى ئاجىز،يا كۈندۈزى ئەسقاتمايدۇ،يا كېچىسى ئاقمايدۇ،ھەي،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاق چىكىدىغان ئىنىسى بار،شۇنىڭ غېمىنى قىلىدۇ بۇ،ھەي ئەرزانراق بېرىڭە خوجايىن……پۇل تىجەپ بۇنىڭغا دورا ئەپ بېرەي،خوجايىن ……ئەرزانراق بېرىڭە،باھ كۈچەيتىدىغان دۇرا ئېپ بېرەي ئېرىمگە~
خوجايىن ماڭا قاراپ ئېچىنىپ تۇرۇپ:
-بوپتۇ،400سوم ئەرزان بېرەي……
……
ئۇھ ،نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دۇكاندىكىلەرنىڭ نەزىرىدە مۇشۇنداق ئەر بوپ يۈرۈپتىمەندە~
ئايال كىشى باھا تالىشىش ئۈچۈن،ھەرقانداق ئىشتىن يانمايدىكەنا…… |
|