|
-ئىككىڭلار قانداق تونۇشقان؟ -ھىم,توردا تونۇشتۇققۇ دەيمەن، شۇندامۇ -شۇنداق،توردا تونۇشقان، -توردا قانداق تونۇشقانتىڭلار؟ -ھە……ئۇ چاغدا مىنىڭ تور ئىسىمىم لەيلى ئىدى -شۇنداق ،شۇنداق،مىنىڭ مەجنۇن ئىدى…… -ۋوي ،ئالمىشىپ قاپتىغۇ،ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمى لەيلى،قىزنىڭ ئىسمى مەجنۇن بوپ قاپتىغۇ؟ -ھى ھى ،مەن ئەسىلى“شى لەيلى”دەپ يازغانىدىم،ئاشۇ شى دىگەن خەت پەقەت كۆرۈنمىدى،پەقەت بىر كاتەك بولۇپ چىقىپ قالدى… -شۇنداق ،شۇنداق،مەن ئەسلى ”مەجۈن“دەپ يازماقچىدىم… -ئۇف،مەيلى،تونۇشۇش جەريانى قانداق بولدى؟ -مەن ۋىيشىندىكى ھېلىقى يۈگۈرەيدىغاننى ئوينايتتىم،بۇ كۈندە يۈرەك سورايتتى مەندىن… -سىز بىر ماۋۇ لەيلىدىنلا سورامتىڭىز؟ -ۋاي ياقەي،بىر قاتار ئادەملەرگە تەڭلا ئەۋەتەتتىم،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇمۇ بارئىدى… -ئۇنداق بولسا،سىزمۇ زېرىكمەي ئەۋەتەمتىڭىز يۈرەكنى؟ -شۇنداق،ئالماقنىڭ بەرمىكى بار ئەمەسمۇ… -شۇنداق شۇنداق،يۈرەك بولمىسا قانداق يۈگۈرەيمەن؟ -سىلەر قانداق قىلىپ ،بىر جۈپلەردىن بولۇپ قالدىڭلار؟ -مەن باشتا ئوتتۇرىغا قويغان؟ -توغرا،ئوغۇل بالا تۈرگۈن،ئاكتىپ بولۇشى كېرەكتە،سىز ئۇچاغدا قىزچاققا نىمە دىگەن… -مەن ئەسلى بىللە يۈگىرەيلى دەپ يازماقچى ئىدىم، ئالدىراشچىلىقتا گ ھەرپىنى كام يېزىپتىمەن… شۇنىڭ بىلەن بىز بىللە يۈرەيلى بوپ قاپتۇ،ھەي… -مەنمۇ ئەسلىدە پوقنىڭ سۈرىتىنى ئەۋەتىمەن دەپ، ئۇقۇشمايok دىگەن قول شەكلىنى ئەۋەتىپ قويغان… -شۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ قالدىڭلارما؟ -شۇنداق،بىز مۇھەببەتلەشتۇق… -ھەئە ،بىز بىرىمىزنى بەك ياخشى كۆرەتتۇق,ئۇماڭا يۈرەكلەر ئەۋەتەتتى… -سىزچۇ؟ -مەن ئۇنىڭغا ھاببا قىلغان سۈرەتنى ئەۋەتەتتىم… -بىر بىرىڭلارنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قاپسىلەردە؟ -شۇنداق، مەن ئۇنى شۇنداق ياخشى كۆرىتىم، بىر كۈن توردا ئۇچراتمىسام،گىلىمدىن نان ئەمەس،بىلىقنىڭ قىلتىرىقىمۇ ئۆتمەيدۇ… -شۇنداق ،شۇنداق ،مەنمۇ ئۇنى بىر كۈن كۆرمىسەم،تۆت كۈنگىچە تەرىتىم كەلمەيتتى… -شۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى ئويلاشتىڭلارمۇ؟ -بىز ئۈندىداردا مۇھەببەتلەشكىلى ئۇزۇن بولغان،شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى توي قىلىشقا پۈتۈشتۇق… -شۇنداق،ئۇنىڭغا تەگمىسەم،بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن پارولنىڭ يۇمۇرىدەك لاۋزا بىلىنىدۇ… -شۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى قارار قىلدىڭلار؟ -ھەئە،مەن ئاخرى مەجنۇنغا توي قىلىش تەكلىۋىنى قويدۇم… -مەنمۇ لەيلىنىڭ تەلىۋىنى قۇبۇل قىلدىم… -ۋاي ۋۇي،ماۋۇ قىز ئوغۇلنىڭ ئىسمى ئالمىشىپ قالسا ھەجەپ تۇرىدىكەن،ھەي …ئۇچاغدا بىر بىرىڭلارنى ياخشى چۈشىنەمتىڭلار؟ -ھەئە،ماجنۇن ئىشچان قىز،ئۇ تىنىم تاپماي قوتاندىكى قوي كالا توخو غازلارغا،ھەتتا باشقا ھايۋانلارغا يەم خەشەك تەييارلاش،ئادالاش،پاشا ئۆلتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى……بەك ئىشچان… -لەيلجانمۇ كۈن بويى ئېتىز دىن كەلمەيدۇ،يەر ئاغدۇرۇش،يېڭى يېڭى زىرائەت تېرىش،ئوتاش،سۇ قويۇش دىگەندەك ئىشلار بىلەنلا بەنت… -ۋوي،سىلەرنىڭ ئېتىزىڭلار،فېرماڭلار بار دەڭلار،ھە نەدە ئۇ يەرلەر؟ -كىيۇ كىيۇ ئېتزى… -كىيۇ كىيۇ قوتىنى… -ئۇف، ھە مەيلى،توي خېتى ئالغان كۈنى قانداق بولدى؟ -مەن شۇ كۈنى دىيىشكەن بويىچە خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ ئالدىدا ئۇنى ساقلاپ تۇردۇم… -مەن چىرايلىق كۆينەكلىرىمنى كىيىپ،پىچەت ياسىنىپ ،ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى باردىم… -كۆرۈشتۈڭلارمۇ؟ -مەن ئۇنى بەك ئۇزۇن ساقلىدىم،بىر چاغدا يامان سەت ئايالدىن بىرسى كېلىپ،ئۇكام ،گۈل ساتامسىز دەپ سورىدى، مەن ياق،بۇ گۈلنىڭ مەجۈنۈنغا ۋوي ياق،مەجنۇنۇمغا بېرىمەن دىدىم… -ئۇ كۈنى مەن مىنجىڭجۈنىڭ ئالدىغا كەلسەم،بىې كىچىك شۇمتەكتىن باشقا ئادەم يوق،مەن مىنىڭ لەيلىمنى بىر خوش قىلاي دەپ،ھېلىقى ھارىمىدىن گۈلنى نەچچىگە ساتىسەن دىسەم،مەن مابىتىمگە سوۋغا قىلىمەن دەپ بەرمىدى… -ھە ھە،ئاخىرىچۇ… -مەن دىيىشىپ قويغان بويىچە ،يۇلتۇز ئوسماننىڭ ئالىمەن دىگەن ناخشىسىنى قاتتىق توۋلىدىم،ئاندىن… -ئاندىن مەن قوندۇز ئوسماننىڭ ساڭىلا تىگىمەن ناخشىسىنى ئېيتىپ ئۇنىڭ يىنىغا كەلدىم… -ھە ،ھە ،بىر بىرىڭلارنى كۆرۈپ ھاياجانلانغانسىلەر؟ -مەن بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم،مەن قولۇمغا تېلىفوننى ئېلىپ ئاپتونۇم رايونلۇق مۇزىيغا تېلىفون قىلىپ“سىلەرنىڭ مۇزىيدىن كۆڭلەك كىيگەن دىنوزاۋىر قېچىپ كەتمىگەندۇ”دەپ سورىدىم… -مەنمۇ شۇ چاغدا ھايۋاناتلار باغچىسىغا تېلىفون قىلىپ “سىلەر بىخەستلىك قىپسىلەر،بىر قېرى مايمۇن باۋئەننىڭ كىيمىنى كىيىپ قېچىپ چىقىپ،مىنجىڭجۈدە گۈل تۇتۇپ تۇرىدۇ” دىدىم… -ھاھاھا،ئاندىن كىيىنچۇ؟ -مەن ئۇنى ئۈچ كۆڭلەكنى ئۇلاپ تىكىپ كىيگەنما دەپ ماختىدىم… -مەن ئۇنى ماۋۇ يەسلىدىكى چاپىنىڭما دەپ تەسۋىرلىدىم… -ھە،ھە… -مەن ئۇنىڭغا يۈزۈڭدە ئىككى چىۋىن بىر پاقا بار ئىكەن دىدىم… -چىرايىڭدىكى بەش ئەزايىڭ بىرلە يەردىكەن،ئاش يەيمەن دەپ قوشۇقنى كۆزۈڭگە تىقىۋالارسەنمۇ دىدىم… -ئاندىنچۇ… -مەن ئۇنىڭغا “ئاتا ئاناڭ سىنى باققۇچە نەچچە قېتىم ھوشىدىن كەتتى” دەپ سورىدىم… -مەن ئۇنىڭدىن“داداڭ سىنى بازارغا ئاپىرىپ جاڭ جاڭ ئۇرۇپ بەرسە،سەن ھۈنەر كۆرسىتىپ ،پۇل تاپارسەن”دىدىم… -ھە،داۋاملىق،يەنە نىم دىيىشتىڭلار؟ -ئاندىن شۇ ۋۇ ئىشەك ۋۇ تەخەي،ۋۇ يوغان قورساقلىق تىلىۋىزور،ئۇ ئاغزى يىپىلمايدىغان توڭلاتقۇ دىگەن سىتىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى ئىشلەتتىم… -سىزچۇ؟ -مەن سۆزلەپ ئىچىمدىكى ھېسىياتنى ئىپادىيەلمەي قالماي دەپ،بىۋاستە قول تەگكۈزدۈم شۇ… -دىمەك سىلەر توردا مۇھەببەتلىشىپ،ئاھ پاھ دىيىشىپ، ئەمەلىيەتتە بىر بىرىڭلارنى كۆرۈپ ،قۇبۇل قىلالمىدىڭلار ،شۇنداما؟ -شۇنداق ،ساقچى يولداش… -شۇنداق… -ئىككىڭلارغا جەمئىىيەت تەرتىپىنى بۇزغان دەپ جەرىمانە قويىمەن،ئىككىڭلار مەۋھۇم دۇنيادا مۇھەببەتلىشىپ،بىر بىرىڭلارغا ئەقىدە قىلىشىپ،بىر بىرۈىڭلارنى چۈشەنمەي تۇرۇپ،توي،نىكاھ تەك ئۇلۇغ ئىشنى ئويۇنغا ئايلاندۇرۇپ،ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇھەببەتنى قەدىرلەيدىغان،مۇھەببەتنى چوڭ بىلىدىغان،،نىكاھ نى ئۇلۇغ بىلىدىغان ئۆرپ ئادىتىنى دەپسەندە قىلدىڭلار،سىلەر ھامان مۇشۇ بىمەنە ئىشىڭلار ئۈچۈن ،ۋىجدان سوتىغا تارتىلىسىلەر،بولدى،جەرىمانىنى تۆلەپ بولۇپ،تېز قايتىڭلار،ھەربىرىڭلار تەكشۈرۈش نامە يىزىپ ماڭا ئەكەپ بېرىڭلار،500خەتتىن تۆۋەن بولمىسۇن… -ماقۇلە،ماقۇلە… -بولىدۇ سوجاڭ… تۈگىدى… پىرسوناژنى ئۆزەڭلار ئايرىۋىلىڭلار… رەنجىگەنلەر رەنجىمىگەنلەردىن ئۆگىنىڭلار…ئۇف… كاللىسى پىرقىراپ قالغان پارولدى |
|