مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
ئىگىسى: alma
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قاتىل يۇمۇرلاردىن بىر تىزىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
31#
ۋاقتى: 2017-2-22 12:23:26 | ئايرىم كۆرۈش
بالىسى: دادا، دادا  مەن بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، شۇ قىز بىلەن  توي قىلىمەن.
دادىسى: ئۇ قىز گىرىم  قىلامدىكە بالام.  
بالىسى: ھەئە  ئالامەت  سەتەڭ  دىگىنە .  
دادىسى: ۋاي   ئەمسە  بولدى قىل، ئاپاڭمۇ 25 يىل بۇرۇن  قارىلىقىنى چاندۇرماي، 15 كويلۇق ئۇپا بىلەن  مىنى  ئالداپ  كەتكەن.

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
32#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-2-22 12:38:22 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئايرۇپىلاندا يېڭى ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرىۋاتقان كوماندىر شۇنچە قىلىپمۇ يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ بىرىنىمۇ پاراشۇت بىلەن  سەكرىتەلمەي ئاچچىقىدا بىر ئەسكەرنىڭ كاسىسىغا بىرنى تېپىپلا ئايرۇپىلاندىن چۈشۈرىۋەتكەن ئىكەن بۇنى كۆرگەن ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى ئارقا-ئارقىدىن ئايرۇپىلاندىن سەكرەپتۇ. كوماندىر ھەيرانلىقىدىن ئاخىرقى پاراشوتتا سەكرىمەكچى بولغان ئەسكەرنى تۇتىۋىلىپ:   
- بايا ھېچقايسىڭلار سەكرەشكە جۈرئەت قىلالمىغانتىڭلار مانا ئەمدى ئۆزلىكىڭلاردىن سەكرەۋاتىسىلەرغۇ دىسە، ھېلىقى ئەسكەر:
- كوماندىر سىزمۇ تېزراق سەكرەڭ، بايا سىز تېپىپ چۈشۈرىۋەتكىنىڭىز ئايرۇپىلان ئۇچقۇچىسى دېگۈدەك…

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
33#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-2-26 21:18:08 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى:
-بۈگۈن جۈپ سۆزلەرگە جۈملە تۈزۈيمىز، ۋارىس، ئاستى-ئۈستى دېگەن سۆزدىن پايدىلىنىپ بىر جۈملە تۈزۈپ باقە؟
ۋارىس:
-دۈشمەنلەر ئۇنى ئىككى قولىدىن تورۇسقا  ئاستى، ئۈستى، تەپتى لېكىن ئۇ ئىقرار قىلمىدى.
ئوقۇتقۇچى:
-بولمىدى، قايتا، قارىمۇ قارشى دېگەن سۆزگە تۈزۈپ باقە؟
ۋارىس:
-ئۇنىڭ چېچى زادى ئاقمۇ قارىمۇ؟ قارشى تەرەپنىڭ پىكرىنىمۇ ئاڭلاپ بېقىش كېرەكتە.
ئوقۇتقۇچى:
-خاتا، بۇدا بىرنى، ئالدى-كەينىدىن دېگەنگە تۈزۈپ باق.
ۋارىس:
-ئۇ قىزغا تەلەپ قويۇپ ماقۇللىقىنى ئالدى، كەينىدىن ئايرىلىپ كەتتى.
ئوقۇتقۇچى:
-ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت، كۆز-قۇلاق دېگەنگە تۈزۈپ باق.
ۋارىس:
-پىشانىمىزنىڭ ئاستىدىكىسى كۆز، قۇلاق بېشىمىزنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان.
ئوقۇتقۇچى:
-چىقە سىنىپتىن......S.D

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
34#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-2-26 21:19:09 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مۇھەببەت پۇتبولغا ئوخشايدۇ،بەك تېپىۋەتسەڭ قائىدىسىزلىك قىلغان بولىسەن ياكى ئۇتتۇرۇپ قويىسەن ــــ مىسرانىم
……
شۇڭا كۆپىنچىلەر ئېسىدە يوقلا پاس بېرىۋىتىدۇ باشقىلارغا……
ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ ،بېشىغا قالپاق كىيىۋالىدىغانلارمۇ چىقىدۇ……
يالغاندىن يىقىلىپ،باشقىلارغا كارت يىگۈزىدىغانلارنىڭ كۆپلۈكى……
ئاھ، يەنىلا كورنى توپ بىخەتەرمۇ يە~
ئون بىر قەدەمدە مايماق تەپكەنلەر،چوقۇم تىل ئاھانەتكە قالىدۇ……
دىمەك
مۇھەببەت پۇتبولغا ئوخشايدۇ

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
35#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-3-3 11:48:51 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئوغۇل دوستۇڭ سېنى ئىزدىمدى دىگەنلىك ،،،ئوڭ تەرپىدە بىر نايناق،سول تەرپىدە بىر مايماق،ئالدى كەينىدە تۆت-بەش قاسماق با دىگەنلىك

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
36#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-3-19 11:30:05 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ھەي~
سىنىپتىكى بىر چىرايلىق قىز ساۋاقدىشىمنىڭ كاتتا تىجارەتچى بولۇپ، جەمئىيەتتىكى ،مەكتەپلەردىكى قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا،ياشانغانلارغا ياردەم قىلىۋاتقىنىنى تىلىۋىزوردا بېرىۋاتاتتى.
ئۇ قىز ھازىر نەچچە مىليارد بايلىقى بار كاتتا باي بوپ كەتكەنىدى.
ئۇنى كۆرۈپ  ئۇنىڭ بۇنچىلىك ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكىنىگە مەن مۇھىم رول ئوينىغىنىمنى ئېسىمگە ئالدىم……
ئەينى يىلى ئۇ قىز شۇنداق دەرسكە ناچار،ھېچنىمە بىلمەيدىغان،دەرس ۋاقتىدا ئۇخلاپلا يۈرەتتى……
بىر كۈنى ئوقۇتقۇچىمىز دەرس ۋاقتىدا قىزنى تۇرغۇزۇپ تەنقىدلەپ كەتتى:
-ھەي،مۇشۇنداق ئوقۇماي،ئۇخلاپلا يۈرسىڭىز چوڭ بولغاندا جىنىڭىزنى قانداق باقىسىز؟،ھە؟ دەڭە،جىنىڭىزنى قانداق باقىسىز؟
بۇ چاغدا مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ:
-مانا،ئۇنى مەن باقىمەن!-دەپ ۋارقىرىغانىدىم……
قىز شۇ كۈندىن باشلاپ دەھشەت تىرىشىپ ئوقۇپ،دەرسلەرنى تولۇق ئاڭلاپ،مەكتەپتىكى ئەڭ ئەلاچى بولۇپ،داڭلىق ئالىي مەكتەپكە كەتتى……
ھەي، مەن چوڭ ساۋاپ ئالدىم دە……
بەزىدە مىنىڭ چىرايىم چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلەيدۇ!

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
37#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-4-21 17:27:04 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
دادام بىر خىل خىيالىيراق ئادەم،بۇرۇن مىنىڭ ئوقۇشۇمغا،نەدە ئوقۇۋاتقىنىمغا،ئىمتىھانلاردا نەچچە ئېلىپ يۈرگىنىمگە پەقەتلا كارى يوق……
بىر قېتىم ئىمتىھاندا تۆۋەن نۇمۇر ئالدىم،ئاپام قاتتىق رەنجىپ،ئاخىرى چىدىماي دادامغا:
-سىزگەپ قىلىڭە مانىڭغا……دادىسى بولغاندىكىن قاتتىق گەپ قىپ بېقىڭە -دەپ قاقشىدى.
دادام  ئوقۇۋاتقان كىتابىنى دەرھال تاشلاپ،مىنىڭ يىنىمغا بوراندەك يۈگۈرۈپ كىردى.مەن ئۆلدۈم بولدى دەپ ئويلىدىم.
دادام غەزەپ بىلەن قولىنى ماڭا تەڭلەپ تۇرۇپ،ئاغزىنى ئۆمەللەپ پەقەت گەپنى چىقىرالماي،كالپۇكلىرىنى مىدىرلىتىپ ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتى.مەن قاتتىق جىددىيلىشىپ تۇراتتىم.
ئاپام دادامنىڭ كەينىدىن مىنىڭ ئاقىۋىتىمنى ساقلاپ تۇراتتى.دادام بېگىز بارمىقىنى ماڭا تەڭلەپ،خىلى ئۇزۇنغىچە گىپىنى تاپالماي،ئاندىن ئاپامغا قاراپ:
-ئىسمى نىمىتى مانىڭ؟-دەپ سورىدى.
ئاپاممۇ جىددىيلىشىپ:
-بۇنىڭ ئىسمى ئابدۇشۈكۈر……
دادام شاققىدە ماڭا ئۆرىلىپ:
-ھەشۇ، ……توغرا……سەن ياخشى ئوقۇ-دەپ چىقىپ كەتتى……
ھەدىلىرىم كۈلۈپ دۇمىلاپ كەتتى...جىددىي كەيپىيات بىردەمدىلا كۈلكىگە ئايلىنىپ،مەن تەنقىدتىن قۇتۇلدۇم……
ئالامەت بىر ئادەمدە ئۇ……

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
38#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-4-21 17:28:36 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭچە ئادەم بەزى ئارزۇ تەلەپ،ئۈمۈدلىرىگە بەكلا كىرىشىپ قالسا بولمىغۇدەك……
ئويلاپ باقسام:
ئەينى يىلى بويۇم ئۆسسىكەن دەپ كۈندە تىلەيتتىم،ئىككى سانتا بولسىمۇ ئۆسسۇن دەپ بەك ئارزۇ قىلاتتىم.
شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى پۇتلىشىپ ،بېشىمنىڭ چوققىسى تامغا شۇنداق قاتتىق تەگدۈكى،ئاھاي،ئىششىپ چىققان يەر دەل ئىككى سانتا بولۇپ چىقتى،بوي ئۆلچىگۈچتە ھەقىقەتەن ئىككى سانتا ئارتۇق بولدى……
يەنە بىر مەزگىل ،خانىم قىزلار ئەتراپىمدا ئايلىنىپ يۈرسە،ماڭا بەك دېققەت قىلسا بەك ياخشى بولاتتى دەپ بەكمۇ ئارزۇ قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن،مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندا،ئىككى كامىتسىيە ئايال مۇئەللىم يىنىمدىن پەقەتلا كەتمەي،ماڭا كىرىشىپلا قالدى،شۇ يىلى ھېچقانداق كۆچىرەلمەي،ھەممە پەندىن ئۆتەلمىدىم……
كىيىن ،ئىمتىھاندا يۈز نۇمۇر ئالغان بولسام،بەك ياخشىتى،100لا ئالسام ماڭا شۇ يېتەتتى دەپ كۈندە ئارزۇ قىلدىم.
شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەتەن 100نۇمۇر ئالدىم. بىراق تولۇق نۇمۇر 150ئىدى،سىنىپ بويىچە ئەڭ تۆۋەن مەن بولدۇم……
چىرايلىق خوتۇن ئالغان بولسام دەپ بەك ئارزۇ قىلاتتىم.ۋاي چىرايلىق بولسىلا بولدى ،باشقىسى بىلەن كارىم يوق،دەپ تىلەپ كەتتىم.
شۇنداق چىرايلىق خوتۇن ئالدىم،ئۇ كۈنى توي ماشىنىسىغا يەتتە سەككىزەيلەن ئىتتىرىپ يۈرۈپ،ئىشكىدىن ئاران كىرگۈزۈپ،چۈشۈدىغان چاغدا ئامال قىلالمىدۇق……
خىزمەت ئالدىراش بولغاچقا،بەكلا دەم ئالغۇم كېلىپ كەتتى. باشقىلار بىلەن كارىم يوق،بىر دەم ئالغان بولسام،ھېچ ئىش بىلەن كارىم بولمىسا،ئاھ،دەم ئېلىش بەرسە بوپتىكەن دەپ بەكلا ئارزۇلاپ كەتتىم.
شۇنىڭ بىلەن،سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدە يۈرەك كىسەل دەپ،ئىككى ھەپتە بالنىستتا ياتتىم.ئۇھ،مۇشۇمۇ دەم ئېلىشمۇ ئەمدى……
ھەممە ئادەم مەندىن قورقسا ،مەندىن تەپ تارتسە،مەندىن ئەيىمىنىپ،يىراق تۇرسا دىگەن ئارزۇغا كىرىشىپلا قالدىم.
مانا ،ئۇمۇ بار بولدى، دوختۇرنىڭ غالجىرلىق كېسىلى بار دىگەن دىئاگنوزىنى قولۇمغا ئالغاندا،كىشىلەر يېقىن يولىماسلا بولدى……
……
دىمەك،ھەممە نەرسە ئۆز،لايىقىدا بولسا بولىدىكەن،ھەرقانداق بىر ياخشى ئىش ئادەمنىڭ ئۆز ئەمگىكى،ئۆز مېھنىتى بىلەن بولسا بولىدىكەن،غايىپتىن كەلگەن بەخت ئامەت ھېچقاچان بىزگە ھەقىقىي خوشاللىق ئېلىپ كىلەلمەيدىكەن……
پارول
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:09 , Processed in 0.061117 second(s), 22 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش