«نۆلدىن بىرگىچە» ناملىق كىتابتىن تەسىرات

Views: 473 2 باھا /

خىزمەتكە چىققاندىن بىرىكى ئالدىراشچىلىق تۈپەيلى كىتاب ئوقۇشقا كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ بولالمىدىم. ھەم كۆپرەك ئۆز كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى كۆرۈشكە مەجبۇر بولدۇم. شۇنداق قىلىپ ھەرخىل ئېشىنچە ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇپ تۇرۇشنى توختاتمىدىم. دېمەك، تۆۋەندە يېقىندا ئوقۇپ تاماملىغان يەنە بىر ياخشى كىتاب ھەققىدە قىسقىچە تەسىراتلار ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.

0-1.jpg
مۇقاۋىسىدىن كۆرگېنىمىزدەك، "كرېمىنىي پەرىشتىسى، مەبلەخ سېلىش ساھەسىدىكى پەيلاسوپ..." دېگەندەك ناملار بىلەن تەرىپلىنىپ كەلگەن، Paypal شىركېتىنىڭ قۇرغۇچىسى، Facebook,LinkedIn,SpaceX قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ مەبلەخ سالغۇچىسى پىتىر . زېيىل (Peter Thiel) ئەپەندى، ئۆزۇن يىللىق تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن يېزىپ چىققان "نۆلدىن بىرگىچە" ناملىق كىتاب بۇ يازمىمىزنىڭ ئاساسلىق ئوبىكتى بولىدۇ.

كىتاب چۈشەندۈرۈلىشى

كىتاب ئەسلى ئىسمى(ئەسلى تىلى - ئىنگىلىزچە): Zero to One - Notes On Startups, Or How to Build The Future
كىتاب خەنزۇچە ئىسمى: 从0 到1 - 开启商业与未来的秘密
كىتاب ئۇيغۇرچە ئىسمى: نۆلدىن بىرگىچە - تىجارەت ۋە كەلگۈسىنىڭ سىرىنى ئېچىش (بۇ كىتاب ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندىمۇ - يوق؟ بىلمىدىم)
مەن ئوقۇغان نۇسخسى: 2015 - يىلى 1 - ئايدا جوڭشىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان خەنزۇچە نۇسخىسى
ئەسلى ئاپتورى: پىتىر زېيىل(Peter Theil)، باراك ماستېر(Blake Masters)
خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: گاۋ يۈ فاڭ (高玉芳)
نەشرىيات: جوڭشىن نەشرىياتى (中信出版社)
نەشر قىلىنغان ۋاقتى(خەنزۇچە نەشرى): 2015 - يىلى 1 -ئاي
كىتاب باھاسى: 45.00 يۈئەن
كىتاب ھەجىمى: 32 كەسلەم 260 بەت
كىتاب مۇندەرىجىسى: جەمئىي 14 باب

مۇندەرىجە

بىرىنچى باب: كەلگۈسىدىكى رىقابەت
ئىككىنچى باب: 1999 - يىلىدىكىدەك تەنتەنە قىلىش
ئۈچىنچى باب: ئۇتۇق قازانغان بارلىق كارخانىلار خاسلىققا ئىگە
تۆتىنچى باب: رىقابەت ئېڭى
بەشىنچى باب: كېيىن يولغا چىقىش(باشلاش) ئەۋزەللىكى
ئالتىنچى باب: مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش لاتارىيەدە ئۇتۇش ئەمەس
يەتتىنچى باب: پۇلغا قاراش
سەككىزىنچى باب: مەخپىيەتلىك
توققۇزىنچى باب: ئاساس تەقدرىنى بەلگىلەيدۇ
ئونىنچى باب: خالىسانە ياردەمچىلەر مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش
ئون بىرىنچى باب: خىرىدار ئىشىكىڭىزگە ئۆزلىگىدىن كەلمەيدۇ
ئون ئىككىنچى باب: ئىنسانلار ۋە ماشىنا
ئون ئۈچىنچى باب: يېشىل ئىنىرگىيە ۋە تېسلا
ئون تۆتىنچى باب: ئىگىلىك تىكلىگۈچى پارادوكسى(قارشىلىق نەزەرىيىسى)
خاتىمە: ئۆز ئورنىدا سەكرەش ياكى مۆجىزە نوقتىسىغا يېقىنلىشىش

ئاپتورلار ھەققىدە ئىككى كەلىمە

پىتىر زېيىل(Peter Theil): كرمىنىي پەرىشتىسى، مەبلەخچىلىك ساھەسىدىكى پەيلاسوپ ئاتالغان. 1998 - يىلى Paypal شىركېتىنى قۇرۇپ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى(CEO) ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، 2002 - يىلى Paypal نى 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى باھاسىدا eBay شىركېتىگە سېتىپ بېرىپ، ئېلېكتر سودىسىنى يېڭى بىر دەۋرگە باشلاپ كىرگەن. 2004 - يىلى Facebook كە تۇنجى تۈركۈمدە سىرتتىن مەبلەخ سېلىپ، مۇدىرىيەت ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. شۇيىلى يەنە يۇمشاق دېتال شىركېتى Palantir نى قۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىيەسى ۋە ئىقتىسادىي ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇمات تەھىلىل مۇلازىمىتى تەمىنلىگەن. ئۇ يەنە بىرلىشىپ، Funders Funs كاپىتالىنى قۇرۇپ، LinkedIn, SpaceX, Yelp قاتارلىق ئونلىغان داڭلىق تېخنىكا شىركېتىگە دەسلەپتە مەبلەخ سالغان.
باراك ماستېر(Blake Masters): سىتەنفورد ئۇنۋېرستىتى قانۇنشۇناسلىق فاكۇلتىتى 2012 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى. ئۇ پىتىر زېيىلنىڭ "يېڭى قۇرۇلغان كارخانا" ناملىق دەرىسىنى تاللاپ ئوقۇش جەريانىدا، ئۇنىڭ دەرىسخان نوتۇقلىرىنى ئەستايىدىل رەتلەپ توردا ئېلان قىلغاندىن كېيىن 2مىليۇندن كۆپ زىيارەت قىلىنىپ، غۇلغۇلا قوزغىغان. كېيىن پېتىر زېيىل بۇ خاتىرىلەرنى رەتلەپ، مەزكۇر كىتابنى روياپقا چىقارغان.

كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەزكۇر كىتابتا ئاپتورنىڭ كۆپ يىللىق تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن ئىگىلىك، كەلگۈسى، تېخنىكا، بازار ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھەققدىكى ئۆزگىچە قاراش ۋە يەكۈنلىرى نۇرغۇن ئەمەلىي مىساللارنىڭ ئىسپاتلىشىدا، قايىل قىلارلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كارخانىچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئۇنۋېرسال ساپا، ئىگىلىك تىكەلەش، مەبلەخ سېلىش جەھەتتە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپلار ۋە مۇۋەپپىقىيەت سىرلىرى ھەققىدە ئاپتور ئوقۇرمەنلەرگە كۆپ مەخپىيەتلىكلەرنى ئېچىپ بەرگەن.
پىتىر كىتابىدا، ئىلگىرلەشنى خۇسۇسىيتىگە ئاساسەن گورىزونتال ئىلگىرلەش ۋە ۋېرتىكال ئىلگىرلەش دەپ ئىككىگە بۆلىدۇ. گورزۇنتال ئىلگىرلەشنى بىز دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان، مەلۇم ئاساس ئۈستىدە تەرەققىي قىلىش، يەنى 1 دىن n گىچە بولغان ئىلگىرلەش دەپ چۈشەندۈرىدۇ.ۋېرتىكال ئىلگىرلەشنى بولسا يوقتىن بارلىققا بولغان ئىلگىرلەش، يەنى مەلۇم يېڭى شەيئىيلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، باشقىلار قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى روياپقا چىقىرىپ، 0 دىن 1 گىچە بولغان ئىلگىرلەش دەپ چۈشەندۈرىدۇ. جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە تەقلىدلەپ بارلىققا كەلتۈرگەن نەتىجىرىلىرىنى گورزۇنتال ئىلگىرلەشكە مىسال قىلىدۇ. جاھاندا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىۋاتقان، بولۇپمۇ تېخنىكا ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئورنىنى باسقۇسىز گەۋدىلەرگە ئايلىنىۋاتقان كارخانىلارنى ۋېرتىكال ئىلگىرلەشنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ.
ئۇ يەنە 90 - يىللىرىدىكى ئامېرىكا ئىقتىسادىي كىرزىسى، 1993 - يىلى ئابونىتلار تور كۆرگۈسىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى بەلگە قىلغان يېڭى ئىنتېرنېت دەۋرى ، ئون نەچچە يىلغا سوزۇلغان ئىشەنگۈسىز ئىنتېرنېت تەرەققىياتى ۋە غايەت زور شىركەتلەرنىڭ باش كۆتۈرشى، ئاخىرىدا ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى كىرزىسلار ۋە يېڭى تېخنىكىلارنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانلىرىنى قىسقىچە خولاسىلەپ،كىشىلەرنىڭ كرېمىنىيچە ئېگىلىك تىكلەشتىن يەكۈنلىگەن تۆت چوڭ تەجرىبىسى، يەنى:

  1. ئاز - ئازدىن رېتىملىق ئىلگىرلەش؛
  2. ئاددىيلىق ۋە جۇشقۇنلۇقنى ساقلاش؛
  3. رېقابەت ئىچىدە ئىلگىرلەش؛
  4. ئاساسلىق كۈچىنى سېتىپ چىقىرىشقا ئەمەس، مەھسۇلاتنى ياخشىلاشقا قارىتىش.
    نى تېخنىكا ساھەسىگە تەتبىقلىغاندا، ئەكىسىچىسى تېخىمۇ توغرا بولىدۇ دەيدۇ، يەنى:
  5. تەۋەككۈلچىلىك بىلەن سىناپ بېقىش ئادەتتىكى مۇتەئەسسىپلىكتىن كۆپ ياخشى؛
  6. ناچار پىلاننىڭ بولغىنىمۇ پىلان بولمىغاندىن كۆپ ياخشى؛
  7. رىقابەتلىشىپ تۇرۇپ پۇل تېپىش بەسىي مۆشكۈل
  8. سېتىپ چىقىرىش بىلەن مەھسۇلاتنى ياخشىلاش ئوخشاشلا بەك مۇھىم؛
    ئۇ يەنە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى زور خاسلىققا ئىگە دەيدۇ. يەنى بارلىق شىركەتلەرنى پۈتۈنلەي رېقابەتلىك بازاردىن مونۇپۇللۇق بازارغىچە بولغان تۈز سىزىق ئۈستىگە تىزغاندا، زور ئۇتۇق قازانغان شىركەتلەر ئاساسەن ئىككى ئۇچىغا جايلاشقان - مونۇپۇللۇققا ئىگە بولغان ياكى پۈتۈنلەي رېقابەت باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان شىركەتلەر بولىدۇ. مىكروسوفىت، ئالما، Facebook شىركەتلىرىنى مىسال ئېلىپ، مونۇپۇللۇق قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش يولىدىكى يالغانچىلىقلىرى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادنى كونترول قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن مونۇپۇللۇقنى پۈتۈنلەي چەكلەشكە ئامالسىزلىقىدەك بىر تالاي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
    ئاپتور كىشىلەر ۋە كارخانا ئورۇنلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان پوزىتسىيەسىنى بىر نەچچە تۈرگە بۆلىدۇ:
  9. كەلگۈسىگە بولغان نائېنىق ئۈمۈدسىزلىك
    يەنى، بۇ تىپتىكىلەرگە نىسبەتەن كەلگۈسى پۈتۈنلەي غۇۋا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىشكە قىلچىلىك ئىشەنچىسىمۇ بولمايدۇ. بۇ خىل پوزىتسىيە ھىلىھەم دۇنيادىكى نۇرغۇن مەدەنىيەت تىپى ياكى مىللەتلەر ئارسىدا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ، تۈرلۈك كۆڭۈلسىز نەتىجىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدا مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ دەپ كۆرسىتىدۇ.
  10. كەلگۈسىگە بولغان ئېنىق ئۈمۈدسىزلىك
    بۇ تىپتىكىلەر كەلگۈسىنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا كىرزىسلارغا تولغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا كەلگۈسىگە ئالدىن تەييارلىق قىلىش پىسخىسىكى پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە، ئاپتور نۆۋەتتىكى جۇڭگونىڭ ئەھۋالىنى تىپىك كەلگۈسىگە بولغان ئېنىق ئۈمۈدسىزلىك دەيدۇ. ئۇ جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىنىڭ تىز بولۇشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ:جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ باشلىنىش نوقتىسى تۆۋەن، غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىگە تايىنىپ، ئەڭ ئۈنۈملۈك يولنى تاللاپ ماڭغانلىقتا دەپ كۆرسىتىدۇ.
  11. كەلگۈسىگە بولغان ئېنىق ئۈمۈدۋارلىق
    بۇ تىپتىكىلەر، پەقەت پىلان مۇكەممەل بولسا، يىتەرلىك دەرىجىدە تىرشچانلىق بولسىلا كەلگۈسى ھامان بۈگۈندىن ياخشى بولىدۇ دەپ قەتئىي ئىشىنىدۇ. ئاپتور سانائەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ياۋرۇپا جەمئىيىتىنى بۇ خىل تىپنىڭ تىپىك ۋەكىلى سۈپىتىدە مىسال ئالىدۇ ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتقا تويۇنىشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتتە بۇ خىل تىپنىڭ تىپىك مىسالىنى تاپماق قېيىن دەپ قارايدۇ.
  12. كەلگۈسىگە بولغان نائېنىق ئۈمۈدۋارلىق
    بۇ تىپتىكىلەر، كەلگۈسىنىڭ بۈگۈندىن ياخشى بولىدىغىنىغا ئىشىنىدۇ، لېكىن زادى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى بولىدىغىنىنى بىلمەيدۇ. شۇڭلاشقا كەلگۈسىگە مۇناسىپ تەدبىر - پىلان تۇرغۇزمايدۇ. ئۇلار كەلگۈسىدىن مەنپەئەتكە ئىرىشىشنى ئارزۇلايدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى چۈشەنمەيدۇ.
    ئاخىرىدا خولاسىلەپ، نۆۋەتتىكى دۇنياغا - كەلگۈسىگە نىسبەتەن نائېنىق ئەمما ناھايىتى ئۈمۈدۋار دەپ دېئاگنوز قويىدۇ. شۇنداقلا،" كەلگۈسى نائېنىق بولغان ئۈمۈدۋارلىق ئىددىيەسى ئۇزاق پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ" دېگەن سۇئالىغا - "ئەگەر كەلگۈسىنى ياخشى پىلانلىمىغاندا، ئۇ قانداقسىگە ئۆزلىگىدىن بارغانسىرى ياخشى بوپ كەتسۇن؟" دېگەن سوراق بىلەن ئىنكار تەرىقىسىدە جاۋاب بېرىدۇ.
    ئۇ يەنە تېخنىكلارنىڭ كۈچىنى چوڭ چاغلاپ، ساتقۇچىلارنى سەل چاغلاشتەك ئىددىيەگە رەدىيە بېرىدۇ. بىر كارخانا ئۈچۈن سېتىپ چىقىرىشنىڭ قىممەت يارىتىشتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر ھالقىسى ئېكەنلىكى، شۇڭلاشقا سېتىپ چىقارغۇچىلارنىڭ رولىغا سەل قارىماسلىق كېرەكلىكى ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇ يەنە ھەممە ئادەم ئەمەلىيەتتە ساتقۇچى دەيدۇ، يەنى، تېخنىكىسى بارلار تېخنىكىسىنى سېتىپ قىممەت يارىتىدۇ، قىسقىسى خىزمەت ئىزدەشمۇ ئۆزىمىزگە خىرىدار ئىزدىگەنلىك دەيدۇ.

كىتاب ھەققىدە مېنىڭ ئويلىغانلىرىم

  1. كىتاب قۇرۇلمىسى جەھەتتە قارىماققا بىر ئاز چۇۋالچاق تۇيۇلسىمۇ، ئەمما ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلارنىڭ موللىقى، چېتىلىدىغان ساھەلەرنىڭ كۆپلىكى، ۋە مىساللىرىنىڭ ئەمەلىيلىكى بىلەن ئادەتسىمان يەككە تەپەككۇر ئەندىزىسىگە كۆنۈكۈپ كەتكەن كاللىمىزغا يېڭى - يىڭى قاراشلارنى پەيدا قىلالايدۇ .
  2. كىتابنىڭ ئىسمىدا دېيىلگىنىدەك، مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر كارخانا چوقۇم يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن بولىدۇ، ھەرگىزمۇ باشقا كارخانىلارنى دوراش ئارقىلىق زور مۇۋەپپىقەتكە ئىرىشەلمەيدۇ. بۇ نوقتىدىن ئالغاندا، دىيارىمىزدىكى ئىگىلىك تىكلەش كونىلىق ئىددىيەسىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئېكەنلىكى، دورامچىلىقنىڭ ئىغىر ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر خۇرسېنىشقا مەجبۇر بولىمىز.
  3. ئىگىلىك تىكلەشتە ھەممىدىن مۇھىمى يېڭىچە ئىددىيە بولۇشى، باشقىلار ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى ئۈچۈنلا ئىگىلىك تىكلىمەستىن، بەلكى، كاللىمىزدىكى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان ئىددىيەنى مەھسۇلاتقا، ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ زۆرۈرۈلىكى تۈپەيلىدىن ئىگىلىك تىكلەشنى تاللىشىمىز كېرەك .ئېكەن.
  4. ھەممە ئادەمنىڭ ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىشى ناتايىن. ئىنسانلار خارەكتېرى كۆپ خىللىققا ئىگە، لېكىن ئومۇمىيەت نوقتىسىدىن قارىغاندا ناھايىتى كۆپ قىسىم كىشىلەردە ئىغىرخارەكتېر ئورتاقلىقى ئىگە، قىسقىسى خاسلىقى روشەن ئەمەس. ئاز بىر قىسىم كىشىلەر تولىمۇ غەلىتە، يەنى ئىنسانلار خارەكتېر تىپى ئىچىدە ئاز تېپىلىدىغان خارەكتېرگە ئىگە. بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئىددىيىسىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە خاسلىققا ئىگە بولۇپ، خارەكتېر جەھەتتىن باشقىلاردىن ئۆزگىچە پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. قاراپ باقساق نۆۋەتتە دۇنياغا داڭلىق كارخانا - شىركەتلەرنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئاساسەن خارەكتېر خاسلىقىغا ئىگە بولغان كىشىلەردۇر.
  5. IT ساھەسىدە ھەقىقىي تالانتلىق رەھبەر ئادەتتە كاستىيوم - بۇرۇلكا كېيىپ، گالىستۇك تاقاپ يۈرمەيدۇ. چۈنكى، بۇنداق شىركەتلەرگە رەھبەر بولغۇچى چوقۇم تېخنىكا پىشىۋاسى، ھېچبولمىغاندا تېخنىكىغا نىسبەتەن چۈشەنچىسى بار ئادەم بولۇشى كېرەك. ئادەتتە تېخنىكا، بولۇپمۇ IT ساھەسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر ئاددىيىلىق ئىچىدىن مەنا ئىزدەيدۇ، شۇڭا كېيىنىش جەھەتتە رەسمىي بولىۋالمايدۇ.
    خولاسە ئورنىدا
    بۇ يازما يېزىلشتىكى مەقسەت قانداقتۇر كىتاب مەزمۇنىدىن ئوقۇرمەنلەرنى پۈتۈنلەي خەۋەردا قىلىش ئەمەس، بەلكى ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن، رەسىمىي تەسىرات ماقالىسدەك تەپسىلىي چىقمىدى. كىتاب ئۇچۇرلىرىنى ئامال بار تولۇق بېرىشكە تىرىشتىم. مەزمۇنىنى خولاسىلەش جەھەتتىمۇ ئۆزۈمدە چوڭقۇرراق تەسىرات قالدۇرغان قىسمەن جايلىرىدىن مىسال ئالدىم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى، مەزمۇنىغا قىززىقان بولسا ئەسلى كىتابنى كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
    مەنبە ۋە تېخىمۇ كۆپ كىتاب ئوقۇش تەسىراتلىرى ئۈچۈن مەنزىل: تەشنا كۇلۇبى

 

2 باھا »

  1. ھەۋەسكار
    ھەۋەسكار February 25th, 2016 at 07:02 pm
    جاۋاب

    بۇ كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچىسى تىخى نەشىردىن چىقمىدىغۇ دەيمەن.....، لىكىن يانكىتاپ تورىدا بار، منمۇ شۇ يەردىن ئوقۇۋاتىمەن

    1. تەشنا
      تەشنا March 1st, 2016 at 08:34 am
      جاۋاب

      شۇنداق...