JavaScript يەرلىككە مەلۇمات ساقلاش(3)-تورسىز Web ئەپلىرى

Views: 345 باھا يوق /

ئالدىنقى يازمېلىرىمىزدا يەرلىككە مەلۇمات ساقلاش ئۇسسۇللىرىدىن ئىككى خىلى بىلەن تونۇشۇپ چىققان ئېدۇق . مەيلى Cookie , UserData ياكى LocalStorage بولسۇن ھەممىسى ئەمەلىيەتتە، تور كۆرگۈ ئابونت دېسكىسىغا ۋاقىتلىق ساقلانغان بىر قىسىم كىچىك مەلۇماتلار(يەنى يېزىق) دىن ئىبارەت. ئادەتتە ئىشلەتكۈچى تور كۆرگۈسىنى مەجبۇرىي تازلىغاندا بۇ مەلۇماتلارمۇ ئۆچۈرۈلۈپ كېتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىزگە يەنە بىرخىل ئۇسسۇل زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ.دېمەك، بۇ يازمېمىزدا تونۇشۇپ چىقىدىغىنىمىز Html5 يېڭى تېخنىكىلىرىدىن- "توربەت ئەپلىرىنى يەرلىككە بىۋاستە ساقلاش"تىن ئىبارەت. يەنى توربەت ياكى ئەپلەرنى ۋەياكى ئۇلارنىڭ مەلۇم قىسمىنى تورۆكۆرگۈ ئارقىلىق يەرلىككە - تور بەت زىيارەت قىلغۇچى ئابونىت ئۈسكېنىسىنىڭ قاتتىق دېسكىسىغا، توركۆرگۈ تازلانغاندىمۇ ئۆچۈرۈلۈپ كەتمەيدىغان ھالەتتە ساقلاش.
بۇ تېخنىكىدا LocalStorage  ۋە Sessions لەرگە ئوخشاش بىر نەچچە قۇر يېزىق ھالەتتىكى مەلۇماتلارنىلا ئەمەس، بەلكى تور بەت ياكى ئەپلەرنىڭ بىر قىسمى، يەنى تور ئەپلىرىنىڭ ئىجرا بولىشىغا زۆرۈر بىرقىسىم ھۆججەتلىرىنى (Html, JavaScript, Css ، رەسىم ھەتتا .ئۈن - سىن)يەرلىككتە بىۋاستە ساقلاپ، تورسىزلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش [ Simple Introduction]

ئادەتتە تور بەت ياكى ئەپلەرنىڭ Html ھۆججېتىدىكى قىسقۇچىنىڭ ئىچىگە يەرلىككە ساقلاش كېرەك بولغان ھۆججەت تىزىملىكىنى manifest خاسلىقىغا بەلگىلەپ بەرسەكلا بولىدۇ. ئەقىللىق تور كۆرگۈلەر موشۇ تىزىملىك بويىچە، توربەت تۇنجى قېتىم ئېچىلغاندا تىزىملىكتىكى ھۆججەتلەرنى يەرلىككە ساقلاپ ئۈلگۈرىدۇ:



  





...
  ...