تېخنىكا ئىجتىمائىي باراۋەرلىك ئېلىپ كىلەمدۇ؟

Views: 1,201 7 باھا /

ئاپتور: 阮一峰 تەرجىمان: تەشنا

ئاپتورنىڭ بۇ يازمىسى «ئىقتىساد خەۋەرلىرى» (财新周刊) ژۇرنىلىنىڭ 2011 - يىللىق 11 - سانىدا ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر يازما ئاپتورنىڭ بىلوگىدىن تەرجىمە قىلىندى:
http://www.ruanyifeng.com/blog/2016/03/techonology-vs-equality.html

گوگۇلنىڭ قورشاۋ شاھمات دېتالىAlphaGo (ئالگورىفماسى) يېقىندا دۇنيا چېمپىئونى لى شى شى ئەپەندىمنى يىڭىۋەتتى. بۇ ھەقتىكى بارلىق ماقالىلەر ئىچىدە بىر ماقالىنىڭ تېمىسى تولىمۇ ياخشى قويۇلغان : «ماشىنا ئادەم قورشاۋ شاھماتتا ئىنسانلارنى يەڭدى،سىزنىڭ كەسپىڭىزنى تارتىۋىلىشى يىراقمۇ؟»

دۇنيا چېمپىئونى لى شى شى  قاتتىق تىرىشقان بولسىمۇ، ماشىنا ئادەمگە تاقابىل تۇرالمىدى

رەسىمدە: دۇنيا چېمپىئونى لى شى شى قاتتىق تىرىشقان بولسىمۇ، ماشىنا ئادەمگە تاقابىل تۇرالمىدى

قورشاۋ شاھماتقا ئوخشاش مۇرەككەپ لوگىكىلىق ئويۇندا، ماشىنا ئادەملەر ئىنسانلاردىن غالىب كەلگەن تۇرسا، دۇنيادا يەنە قانچىلىك ئىشنى ماشىنىلار قىلالمىسۇن؟! ئەگەر بارچە خىزمەتلەرنى ماشىنا ئادەملەر تارتىۋالسا، ئۇنداقتا كىشىلەر ئىشسىز قالمامدۇ؟
AlphaGo نى ئېچىش گۇرۇپپىسىدا ئاران 20 ئادەم بار بولۇپ، گوگۇل بۇ تۈرگە كۆپ مەبلەخمۇ سالمىغان. سۈنئىي ئىداراك ساھەسىدىكى كۆپ مەبلەخنى شوپۇرسىز ماشىنا تۈرىگە ئايىماي سالغان .

گوگۇلنىڭ فېڭتىيەن ماركىلىق ماشىنىدىن ئۆزگەرتىپ قوراشتۇرغان بىر شوپۇرسىز ماشىنىسى

رەسىمدە:گوگۇلنىڭ فېڭتىيەن ماركىلىق ماشىنىدىن ئۆزگەرتىپ قوراشتۇرغان بىر شوپۇرسىز ماشىنىسى

خەۋەرلەردىن كۆرە، گوگۇلنىڭ شوپۇرسىز ماشىنا تۈرى ئاللىبۇرۇن تاماملانغان ۋە ھازىر رەسمىي يول سىناق باسقۇچىغا كىرگەن. ھەر كۈنى گوگۇلنىڭ شوپۇرسىز ماشىنىلىرى، سانفرانسىسكونىڭ تاش يوللىرىدا ئۇياق - بۇياققا چېپىپ يۈرۈپ، قاتتىق سىناق قىلىنىۋاتىدۇ. يەنە باشقا خەۋەرلەردە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ تېخنىكىنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكى ئاللىبۇرۇن سىناقلاردا ئىتىراپ قىلىنىپ، مەھسۇلات سۈپىتىدە بازارغا چىقىشقا ئازلا قالغان.
مەن ئەسلى بىر ماشىنىنىڭ ۋەقە سادىر (نادانلىق قىلماستىن) قىلماستىن، ئۆزىنى ئۆزى ھەيدىيەلىشىگە ئىشەنمەيىتتىم. بىراق AlphaGo نىڭ غايەت ئەمەلىي كۈچىنى كۆرگەندىن كېيىن، شوپۇرسىز ماشىنىغا نىسبەتەن ئىشەنچ تۇرغۇزۇلدى.

كەلگۈسى شوپۇرسىز ماشىنىلىرىدا، شوپۇر ئورنى سەپلەنمەيدۇ

رەسىمدە: كەلگۈسى شوپۇرسىز ماشىنىلىرىدا، شوپۇر ئورنى سەپلەنمەيدۇ

ماشىنىنىڭ (ماشىنا ئادەم) ئىنسانغا قارىغاندا ماشىنىنى تېخىمۇ بىخەتەر ھەيدىيەلىشى ھەقىقەتەنمۇ مۇمكىن. ئەگەر بۇ تېخنىكا ئەمەلىيلىشىپ كەتسە، 10 يىلدىن كېيىن ھېچكىممۇ شوپۇرلۇق ئۈگەنمەسلىكى، شوپۇرلۇق تەربىيلەش ئورۇنلىرى بىر - بىرلەپ تاقىلىشى مۇمكىن. ئاندىن ئاخىرى بىر كۈنى ئىنسانلارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى ماشىنىلاردەك ئىشەنچىلىك بولمىغانلىقتىن، قانۇندا ئېنىق قىلىپ «ئىنسانلار ماشىنا ھەيدىسە بولمايدۇ، ماشىنىنى چوقۇم ماشىنا(ئادەم) لەر ھەيدىشى كىرەك» دەپ بېكىتىلىشى مۇمكىن. ئەگەر سىزنىڭ بەكلا ماشىنا ھەيدىگىڭىز كېلىپ كەتسە، خۇددى ھازىر ئات مىنىش ئۈچۈن سەيلىگاھلارغا بارغاندەك، مەخسۇس ماشىنا ھەيدەش باغچىلىرىغا بېرىپ ھەيدىشىڭىزگە توغرا كېلىشى مۇمكىن.
بۇ خىل يۈزلىنىش قارىماققا تولىمۇ گۈزەل. بىراق، بۇ يەردە بىر مەسىلە مەۋجۇت: ئەگەر كەلگۈسىدە ماشىنىلار پۈتۈنلەي شوپۇرسىز بولۇپ كەتسە، ئۇنداقتا ھازىرقى كەسپىي شوپۇرلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟ يەنىمۇ ئىچكىرلىگەندە : ئەگەر كەلگۈسىدە بارچە مۇلازىمەتلەرنى ماشىنىلار تارتىۋالسا، ئۇنداقتا ھازىرقى مال ساتقۇچى، مۇلازىم، خەت باسقۇچى، ئوراپ قاچىلىغۇچى، زاكالەتچى، ئامانلىق قوغدىغۇچى... قاتارلىقلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟

تېخنىكا ئاللىبۇرۇن نورغۇن كۆك ياقىلىقلارنىڭ ئىش ئورنىنى ۋەيران قىلدى، ئەمدى ئاق ياقىلىقلارنىڭكىنى ۋەيران قىلماقچى

رەسىمدە: تېخنىكا ئاللىبۇرۇن نورغۇن كۆك ياقىلىقلارنىڭ ئىش ئورنىنى ۋەيران قىلدى، ئەمدى ئاق ياقىلىقلارنىڭكىنى، رې ۋەيران قىلماقچى

ئەلۋەتتە يېڭى تېخنكا يەنە نۇرغۇن يېڭى خىزمەت ئورۇنلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بىراق، بۇ قېتىمقىسى ئىلگىرى سانائەت ئىنقىلابىدا بارلىققا كەلگەن خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇچۇر - تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ بارلىققا كەلتۈرگەن خىزمەت ئورنىلىرى، چوقۇمكى نابۇت قىلغانلىرىدىن خىلىلا ئاز بولىدۇ. يەنە كېلىپ، سۈنئىي ئىدراك ۋە زور مەلۇماتنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ھەرقانداق ئىشقا ئىنسانلارنى ئارىلاشتۇرماي بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت.

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى ماشىنا ئادەملەر ئالسا بولىدۇ

رەسىمدە: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى ماشىنا ئادەملەر ئالسا بولىدۇ

بىز تېخنىكىنىڭ كەلگۈسىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىدىغىنغا شەكسىز ئىشىنىپ كەلدۇق. بىراق، بۇ قېتىم تېخنىكا ئىنسانلار جەمئىيىنىڭ قۇرۇلمسىنى بارغانسىرى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، پۈتكۈل جەمىئىيەتنى : تېخنىكىلىقلار سىنىپى ۋە تېخنىكىسىزلار سىنىپىدىن ئىبارەت ئىككى سىنىپقا ئايرىپ بارىدۇ. ئۇلار ئارىسىدىكى باي - كەمبەخەللىك پەرقى بارغانسىرى ئېشىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئامالسىز قالدۇرىۋاتىدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ تېخنىكىڭىز بولسا، ئۇنداقتا ئەھۋالىڭىز تولىمۇ كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، ئۇ سىزگە زور بايلىق ئاتا قىلىدۇ. چوڭ تېخنىكىلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان كاپتالىستلار بولسا تېخىمۇ شۇنداق، ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ زور بىر قىسىم بايلىقىنى ئۆز چاڭگىلىغا ئالىدۇ. ئەگەر تېخنىكىڭىز بولمىسا ئۇنداقتا سىز ھەقىقەتەنمۇ بەخىتسىز. خىزمىتىڭىز ماشىنىلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋىلىنىدۇ، ئاندىن سىز ئۇزاق مەزگىللىك ئىشسىزغا ئايلىنىسىز. ياكى تولىمۇ جاپالىق، قىلچە ھوزۇرى يوق جىسمانىي كۈچ كېتىدىغان بىرەر خىزمەتكە مەھكۇم بولىسىز.
«ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» نىڭ بىر قېتىملىق سىتاستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە: 1978 - يىلىدىن 2011 يىلىغىچە، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى ئاران 6% ئاشقان، ئەكىسچە CEO (شىركەت خوجايىنلىرى)لارنىڭ ئىش ھەققى بولسا 727% ئاشقان. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى: ئۇچۇر تېخنىكا ئېنقىلابىدىن كېيىن، كەمبەغەللەرنىڭ كىرىمى ئەزەلدىن ئىشىپ باقمىغان. ئەكىسچە، بايلارنىڭ بولسا شىددەت ئاشقان.

تېخنىكا بايلىقنىڭ كاپتالىستلارغا قاراپ ئىغىشىنى تىزلەتتى

رەسىمدە: تېخنىكا بايلىقنىڭ كاپتالىستلارغا قاراپ ئىغىشىنى تىزلەتتى

بۇ خىل يۈزلىنىش كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۈچىيىدۇكى، ئاجىزلىشىشى تەس. چۈنكى بۇلارنى تېخنىكىنىڭ ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان، تېخنىكىنىڭ يېڭىلىنىشى بولسا ئەزەلدىن ئاستىلاپ قالغىنى يوق. تېخنىكا كۈچلىرى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىۋاتىدۇ، ئورنى تارتىۋىلىنغان ئۇ ئەمگەك كۈچلىرى بولسا پۈتۈنلەي كاپالەتسىز قىلىۋاتىدۇ.
تېخىمۇ قورقۇنچلىق بولغىنى، جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەتچانلىقلىقى (ئايلىنىشى) ئاجىزلاۋاتىدۇ. ئىلگىركى چاغلاردا نامرات كىشىلەر پەقەت چىشىنى چىشلەپ تىرىشسىلا، تىرىشچانلىقى بىلەن ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىغا قاراپ سىلجىيالايىتتى. بىراق، ھازىر بۇ تېخىمۇ تەسلىشىپ كەتتى، چۈنكى ئىلگىرى ئۇ كشىلەر بىلەن رىقابەتلىشىدىغىنى ئۆزىگە ئوخشاش ئادەملەر ئىدى، پەقەت باشقىلاردىن كۆپرەك تىرىشسىلا ئىشىپ چۈشۈش مۇمكىن ئىدى. ھازىر بولسا، ئۇلار بىلەن رىقباتكە چۈشىدىغىنى يۇمشاق دېتال ۋە ماشىنا ئادەملەردىن ئىبارەت تېخنىكا كۈچلىرى. كىشىلەر مەيلى قانچىلىك تىرىشسۇن، ئۇلاردىن ئىشىپ چۈشەلىشى بەسىي مۆشكۈل.

ماشىنا ئادەملەر

نۇرغۇن ئەمگەكچىلەر بارغانسىرى شۇنى ھېس قىلىپ يىتىۋاتىدۇ: ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىش ئورۇنلىرىغا ئىرىشەلىشى ھەرگىزمۇ خوجايىننىڭ ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىغا ئىھتىياجلىق بولغانقىلىدىن ئەمەس، بەلكى ئادەم كۈچىنىڭ ماشىنىغا قارىغاندا ئەرزان بولغانلىقىدىن. مەسىلەن: قورۇما قورۇيالايدىغان، ئۈستەللەرگە تاماق يەتكۈزەلەيدىغان بىر ماشىنا ئادەم ياساپ چىقىش تامامەن مۇمكىن، بىراق بەكلا قىممەت توختايدۇ، بىۋاستە ئادەم كۈچى ئىشلەتكەندە كۆپ ئەرزان بولىدۇ. شۇڭا ئاشپەز، نەرسە توشىغۇچى قاتارلىق كەسىپلەر كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىلەرنى ئۆزىگە تارتىشى مۇمكىن. بىراق، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنىڭ ئۆسۈشى قىيىن بىر مەسىلە، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ئۆسۈپ، ماشىنا ئادەم ياساشقا كەتكەن چىقىمغا باراۋەرلىشىپ قالغاندا، ئېنىقلا ماشىنىلار ئەمگەكچىلەرنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.

ئالىي مائارىپ ئاللىبۇرۇن يۇقىرى كىرىمنىڭ كاپالىتى بولماستىن بەلكى ئەكىسچە بىر مەسئۇلىيەتكە ئايلاندى

رەسىمدە:ئالىي مائارىپ ئاللىبۇرۇن يۇقىرى كىرىمنىڭ كاپالىتى بولماستىن بەلكى ئەكىسچە بىر مەسئۇلىيەتكە ئايلاندى

كىرىم پەرقى بارغانسىرى ئىشىۋاتقان، ھەرىكەتچانلىقى تۆۋەنلەۋاتقان بىر جەمئىيەت نېمىلەردىن دېرەك بېرىدۇ؟ مەن تەسەۋۇر قىلالمايمەن. ئىقتىساد جەھەتتىن ئالغاندا، ئىزچىل تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن يىتەرلىك سېتىۋىلىش كۈچى بولۇشى، چوقۇم كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ سېتىۋىلىش ئىقتىدارى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك؛ سىياسىي جەھەتتىن ئالغاندا، تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەردە تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئىشەنچ قالمىغىنى دەل سىياسىينىڭ ئۆز - ئۆزىگە خەنجەر ئۇرغىنىدىن ئىبارەت. بۇ قېتىملىق ئامېرىكا زوڭتۇڭ سايلىمىدا، ئەنئەنىۋىي خارەكتېردىكى نامزاتلار قوللاشقا ئىرىشەلمىدى. ئەكىسچە، ئاشقۇن ئىددىيەلىك، نۆۋەتتە يۈرگۈزىلىۋاتقان سىياسەتنى تەنقىد قىلىپ سۆكەلىگەن نامزاتلار قوللاشقا ئىرىشتى. مانا بۇمۇ تېخنىكا ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنىڭ بىر ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن.

يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ئىجتىمائىي شوتانىڭ بالداقلىرى ئۈزۈلدى

رەسىمدە: يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ئىجتىمائىي شوتانىڭ بالداقلىرى ئۈزۈلدى

گەرچە ئىنسانلار جەمئىيىتى ئىزچىل ھالدا سىنىپىي جەمئىيەت ھالىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن ئازدرۇ - كۆپتۇر ئۆزگىرىپ «لاتارىيە جەمئىيىتى» گە ئايلاندى. ئەگەر سىز ئاشۇ تەلەيلىك بىرسى بولۇپ، كۈتۈلمىگەندە تەقدىرنىڭ لاتارىيەسىگە ئىرىشىپ قالسىڭىز، تىزدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، يېڭىچە بىر ئادەمگە ئايلىنالىشىڭىز مۇمكىن. بۇ خىل مۇمكىنچىلىك گەرچە ئىنتايىن كىچىك بولسىمۇ، تۆۋەن تەبىقە كىشىلىرىگە ئۈمۈد بېغىشلاپ كەلگەن، ئۇلارمۇ شۇ ئۈمۈدنىڭ تۈرتىكىسىدە ئىجتىمائىي تۈزۈلمىگە بويسۇنۇشۇپ كەلگەن. ئەگەر بۇ خىل ئۈمۈد يوق قىلىۋىتىلسە، يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان شوتا بۇزۇۋىتىلسە، «لاتارىيە بېلىتى» گە ئىرىشىش پۇرسىتى نۆلگە تەڭ بولىدۇ. ئ‍ىجتىمائىي تۈزۈلمىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ گۇمراھ بولىدۇ.
سۆزلەپ كەلسەك تولىمۇ قىززىق. تېخنىكا گەرچە كىرىم جەھەتتە باراۋەرسىزلىك كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىدىن ھوزۇرلىنىش جەھەتتە، مىسلىي كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە باراۋەرلىك ئېلىپ كەلدى. مەسىلەن: ئادەتتىكى بىر ئادەممۇ خالىسا ئامېرىكا زۇڭتوڭى ياكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ باي بىلەن ئوخشاش يانفۇن ئىشلىتەلەيدۇ. ھازىر ئىنسانلار ئارىسىدىكى بارۋارسىزلىك ئاساسەن تېخنىكىسىز تەرەپلەردە كۆرۈلىۋاتىدۇ. مەسىلەن: كىرىم، ئىجتىمائىي ئورۇن، تۇرالغۇ جەھەتلەردە. بۇ يىلنىڭ كېينكى يىرىمىدا بارلىققا كەلگەن VR تېخنىكىسى(مەۋھۇم رىئاللىق) بولسا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر يېڭىلىق. پەقەت كۆزىمىزگە تاقىساقلا، پۈتۈنلەي باراۋەر بولغان بىر مەۋھۇم رىئاللىققا كىرەلەيمىز.

مەۋھۇم رىئاللىق

پۈتۈنلەي مەۋھۇم رىئاللىق قوينىدا ياشاشمۇ مۇمكىن

رەسىمدە:پۈتۈنلەي مەۋھۇم رىئاللىق قوينىدا ياشاشمۇ مۇمكىن

ئىنسانىيەت جەمئىيىتى زادى قايسى نىشانغا قاراپ ماڭىدۇ: ھەقىقىي رىئاللىقنىڭ باراۋەرسىلكىگە چىداپ ئ‍ۆتەمدۇ ياكى مەۋھۇم رىئاللىق ئىلكىدە باراۋەرلىكنى قايتا قۇرامدۇ؟ كەلگۈسى ئەزەلدىن ھازىرقىدەك چىگىشلىشىپ، تېىگىگە يەتكۈسىز بولۇپ قالغان ئەمەس.
(تامام)

7 باھا »

  1. مەلەك
    مەلەك June 19th, 2016 at 04:19 pm
    جاۋاب

    بەك راۋان چۈشىنىشلىك تەرجىمە قىلىپسىز.ئوقۇغۇچە كۆپ ئىشلار چاقماق تىزلىكىدە كاللامدىن ئۆتتى.تېخنىكا بۇنچە تەرەققى قىلىپ كەتسە،بوۋاقلارنىمۇ ئانىسى باقماي ماشىنا باقسا، بەزى ئەرلەر تەلەپ قىلىدىغان مۇكەممەل ئايالـمۇ ماشىنا ئادەم بولسا، ئنسانلار ۋە ماشىنا ئادەملەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىچ قۇيۇن تاشقۇيۇن بوپ كەتسە،ئۇلارغا ھەم ھېس تۇيغۇ ئىقتىدارى سەپلەنسە....بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەسكەن.ئەگەر مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا، ئىنسانلاردا ئېتىقاد تۇيغۇسى قالـمايدۇ..

    1. تەشنا
      تەشنا June 20th, 2016 at 08:55 pm
      جاۋاب

      تەسەۋۋۇرغا باي - دە، سىز! تاماقنى ماشىنا ئادەملەر ئەتسە، ئۆينىڭ ئۇششا - چۈشەك ئىشلىرىنىمۇ شۇلار قىلسا. بىز تىزگىنەكنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ زىرىكىپ ئۆلەپ كەتسەك ھە... لېكىن ئەھۋاللارنىڭ بۇنداق بوپ كېتىشىمۇ ناتايىن.

  2. ئالپبەگ
    ئالپبەگ June 19th, 2016 at 10:36 pm
    جاۋاب

    ئۆزلەشتۈرگەندىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ تىلىغىلا ئايلاندۇرۇۋېتىپسىز. مەن بۇ ساھەگە نىسبەتەن ئۈمىدۋارراق. بۇرۇن ئاپتوموبىل ياسالغان ھەمدە كۆلەملىشىشكە باشلىغان ۋاقىتتا كىشىلەر بۇنىڭغا دېزىل، بېنزىن يېقىلغۇ قىلىغىدىكەن، ئۇلار دېگەن پارتلايدىغان نەرسە تۇرسا قانداقمۇ كەڭ ئىشلىتىلسۇن دېگەندەك قىياسلار ۋە تەشۋىشلەر بولۇنغان ئىدى. ھازىر قارايدىغان بولسا ئاپتوموبىلدىن ئايرىلالمايمىز. بۇرۇن قىيال قىلىنغان ئاقىۋەتلەر ھازىر ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلدى. سۈنئىي ئەقىل ئىدراك ھەم ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزىگە چۇشلۇق ئاپەت ئېلىپ كەلسە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالدىغان مىخانىزىملارمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا بارلىققا كېلىدۇ. بۇ توسۇۋالغىلى بولىدىغان يۈزلىنىش ئەمەس، ماشىنا ئادەم ياساشنى ھەرگىزمۇ توختاتقىلى بولمايدۇ، پەقەت قانداق قىلىپ تېخىمۇ بىخەتەر قىلىش ئۈستىدە ئويلىنىش ئەڭ ياخشى تاللاش. بىلىشىمچە ئېلون ماسك ۋە بېل گەيتىسلارمۇ ماشىنا ئادەم بىخەتەرلىكى ئاز بولمىغان مەبلەغلەرنى سېلىۋاتىدۇ. ماشىنا ئادەم بىخەتەرلىكى بۇندىن كېيىنكى ماشىنا ئادەمنىڭ تاۋارلىشىشىغا ماس ھالدا تەڭ بولمىسا بولمايدىغان شەيئىگە ئايلىنىدۇ. ئەمما ماقالىدە دېيىلگەندەك نۇرغۇنلىغان ئىش ئورنى ئۆزلىرىمىز ياسىغان ماشىنىلار تەرىپىدىن ئىگەللىنىۋېلىپ، ھوقۇق، كاپتال ئىنتايىن ئاز كىشىلەرنىڭ قولىغىلا ئاقىدىغان بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش بەسى مۈشكۈل. ماشىنا ئادەم تۈرىگە ھۆكۈمەتنىڭ چەكلىمە قويۇشى ھازىر ۋە ماشىنا ئادەم ئوتتۇرا دەۋرىگە نىسبەتەن بىر قەدەر ئۈنۈملۈك تەدبىر بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇمۇ بەزى مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالىشى ناتايىن. شەيئىي تۆۋەن دەرىجىدىن تەرەققىي قىلىپ، مەلۇم يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەندە يەنە ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىدۇ. بۇ قانۇنىيەت ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگەرمەيدۇ دەپ قارايمەن. ماشىنا ئادەمنى ئىنسان ياسىغانىكەن ئۇنىڭ ھامان ئىنسان تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغىنىغا ئىشىنىمەن، مەيلى قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، «ماشىنا ئادەم ۋە سۈنئىي ئىدراك» نىڭ تەرەققىياتىنى توسۇۋالالمايمىز. توسۇۋالامىغانىكەنمىز، ئۇنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە تىزگىنلەشكە ئوخشاشلا ئەھمىيەت بەرمەي بولمايدۇ. چۈنكى «ماشىنا ئادەم ۋە سۈنئىي ئىدراك» نىڭ ئەڭ چوڭ قوللىنىش ساھەسى «دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئۇرۇش»لاردا ئەمدى كەڭ قوللىنىلىشىنى توسۇش ئىنتايىن تەس. تەجرىبەخانىلاردىكى ماشىنا ئادەملەرنىڭ تەرەققىياتى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىنمۇ قالتىس ھەم بەك خەتەرلىك دەرىجىدە بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ماشىنا ئادەم قورال-ياراق مۇسابىقىسى باشلىنىپ، ئاز بولمىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇنى توسۇشقا بىزلەر ئامالسىزمىز.

    1. تەشنا
      تەشنا June 20th, 2016 at 09:00 pm
      جاۋاب

      رەھمەت!
      ئەمەلىيەتتە جەمئىيەت قانچىلىك ماشىنىلشىىپ كەتسۇن، بىز ئەنسىرىگەندەك ئۇ دەرىجىدە بوپ كېتىشى ناتايىن. ئاددىيسى تاماق ئېتىدىغان بىر ماشىنا ئادەمگنى بىر نەچچە خىل قورۇما قورۇيالايدىغان قىلىپ پىروگراممىلاش ئۈچۈن قانچىلىك ئەقلىي ئەمگەك كېتىدۇ، يەنە شۇنداق قىلالىغاندىمۇ، ماشىنا ئادەم ھامان پىروگرامما بويىچە بىرخىل قورۇمىنى مەڭگۈ بىر ئوخشاش تەمدە ئېتىدۇ. دېمەك، ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ ئاددىي بولغان بىر ئىشنى ماشىنىلارغا ئۆگېتىش ئۈچۈن غايەت بەدەل كېتىدۇ، يەنە كېلىپ ماشىنا مەڭگۈ ئىنسانلارنىڭ ئىستىخىيلىك تۇيغۇلىرىنى قاندۇرالمايدۇ.

      1. ئىزقۇت
        ئىزقۇت July 20th, 2016 at 05:11 pm
        جاۋاب

        ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋالىڭىز قېرىندىشىم تەشنا ؟ سىز بىلەن مەلۇم مەخسەت مۇددىئا بىلەن ئۇچۇرشىشنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم ، لېكىن مۇمكىن بولـمايۋاتىدۇ ، قېرىندىشىم مالال كۆرمەي ئۈندىدارىمنى قوشۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . قوشقاندا تەشنا دەپ ئىزاھات بېرىپ قويغايسز .... سىزنى كۈتىمەن .

        ID:84464882

        1. تەشنا
          تەشنا July 20th, 2016 at 06:21 pm
          جاۋاب

          ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئالدىنقى بىر نەچچە كۈندە بەك ئالدىراش بوپ كېتىپ كۆرمەپتىمەن، كەچۈرۈڭ. مەن ئۈندىدارىڭىزنى قوشتۇم .

  3. ئىزقۇت
    ئىزقۇت July 7th, 2016 at 06:33 pm
    جاۋاب

    تەشنا قېرىندىشىم سىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمەن . ئېغىر كۆرمەي ئالاقە قورالىڭىز نۇمۇرىنى دەپ بەرسىڭىز