XX كە يېزىلغان خەتلەر(2)

Views: 887 2 باھا /

 يەلكەنسىز كېمە

ساڭا يازىمەن دېگەن خەتلىرىم داۋام ئېتىشى كېرەك، خۇددى ھايات داۋام ئەتكىنىدەك. تۇرمۇشنىڭ ئەڭ تېنىچ بىر كېچىلىرىدە، ھاياتلىق دېڭىزىدا لەيلەپ يۈرگەن كىچىك قولۋاقتا ئولتۇرۇپ، قەلىمىمنى ئاق قەغەز ئۈستىگە مىندۈرۈپ قويۇپ بەرسەم، ئۇ بالىلىقىمىزدىكى غۇبارسىز شۇ كۈنلەرگە يۈگىرەيدۇ.
بالىلىقتىكى شۇ ھاياتنى يېزىپ تۈگەتكىلى بولاتتىمۇ؟! شۇنداقتىمۇ ساڭا يېزىلغان خەتلىرىمنىڭ تۇنجى بابلىرىنى بالىلىق ئەسلىمىلىرىم قوينىدا بىر مەزگىل بېقىپ قويسام، سېنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش توغرا دەپ قارايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن! ھەر ئادەمنىڭ، بالىلىقىدا ئويناۋىتىپ تېپىۋالغان قىممەتلىك نەرسىلىرى بولىدۇ، لېكىن نورغۇنلىرى ۋاقىت قوينىدا ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ. ئاندىن ئۇلار، ئۇنتۇلغان شۇ نەرسىلىرى ئۈچۈن بىر كۈنلەردە كۆز ياشلىرىدا خىمىردەك نەمدىلىدۇ. مەنمۇ قۇملۇقتا «دۆلەت» قۇرۇپ ئويناۋىتىپ، بىر خەزىنە تېپىۋالغان. «ئاچقۇچىنى چوڭلار كۆرسە تارتىۋالىدۇ »دەپ ئويلاپ، قۇملۇقتىكى بىر قىرى توغراق تۈۋىگە كۆمۈپ قويغان... ئاندىن سەن شۇ قىرى توغراقنى تېپىۋالغان!

قىرى توغراق

ئۇ قىرى توغراقنىڭ «ئاقساق مارال» دەپ چىرايلىق ئىسمى بار ئىدى. قانداق بولۇپ ئۇ دەرەخكە بىر ھايۋاننىڭ ئىسمى قويۇلۇپ قالغىنىنى بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ مەھەللىدە «ئاقساق مارال» دېسە ھەممە ئادەم شۇ قىرى توغراقنى بىلەتتى. مەھەللىدىكى بالىلار ئەتتىگەندە كۈن چىقىش بىلەن تەڭلا، پادىلىرىمىزنى ھەيدەپ قىرى توغراق تۈۋىگە توپلىناتتۇق. چارۋىلارنىڭ ئالدىنى ئىگىز دۆڭلۈككە توغىرلاپ، قۇملۇققا ھەيدىۋەتكەندىن كېيىن. رىۋايەتكە تەڭداش شۇ بالىلارچە ھايات كارتىنىلىرىمىز ئۆتمۈشنىڭ ئاپئاق بەتلىرىگە سىزىلىشقا باشلايىتتى.
قىرى توغراق تۈۋىدىكى دۆڭلۈكنىڭ بېقىنىدىن كولاپ، ئويۇندا يەڭگەن «پادىشاھ - ياساۋۇل»لارنىڭ ئاپتاپتىن دالدىنىلىشى ۋە كۈندە ئىشلىتىپ بولالمىغان سۇ - يىمەكلىكىمىزنى ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن كولىۋالغان، كىچىك ئ‍ۆڭكۈرىمىز بار ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا 4- 5 ئادەم بېشىنى تىقىپ ياتسا پۇتى سىرتىغا چىقىپ تۇرىدىغان ئۇ ئۆڭكۈرىمىزنى «ئوردا» دەپ قوياتتۇق. بەزىدە بېشىمىزنى ئاران تىقىپ، ئوردىمىزدا ياتساق پاتمىچۇقلار سەكرەپ چىقىپ ھەممىزنى بىئارام قىلىۋىتەتتى. ئاندىن «ئوردا مۇلازىملىرى» ئۆڭكۈرىمىزنى تەكشۈرۈپ، پەيدا بوپ قالغان كامارلارنى قايتىدىن ئېتىپ، سەرامجانلاشتۇراتتى. نۆۋەتچى بالىلار قىرى توغراققا يامىشىپ چىقىپ، مال چارۋىلارغا قاراپ قوياتتى. چارۋىلار تاراپ كەتكەن بولسا، نۆۋەتچى بالىلار بىر باك سۇنى كۆتۈرگىنىچە چارۋىلارنى قوغلاپ كېتەتتى. ئاندىن بەلكىم بىرنەچچە سائەتتە، ياكى كەچ بولغاندا، لەۋلىرىگە قۇمدىن نەقىش ئىشلەپ، ئاران قايتىپ كېلىشەتتى. باشقىلىرىمىز كۈندىكىدەك، ئەتىرەتلەرگە بۆلۈنۈپ، جەڭگاھتا جەڭلىرىمىزنى باشلاپ كېتەتتۇق. ياغاچنى قىرىپ ياسىۋالغان يالغان شەمشەر - قىلىچلىرىمىز بار ئىدى. «جەڭلەر» شۇنچىلىك دەھشەت بولاتتىكى، كەچ بولغۇچە قىرى توغراق تۈۋىدە «جەسەتلەر» ئەسكى تاغاردەك دۆۋىلىنىپ كېتەتتى.
بىر كۈنى «قوشۇنىمىز» مەغۇلۇپ بولۇپ، پۈتۈنلەي «ئەسىر» گە چۈشتۇق، ئەسىرلەرنى ھەيدەپ بىر يار(تۇپرىقىنى سۇ ئېقىتىپ كېتىپ شەكىللەنگەن چوڭقۇر ئويمانسىمان يەر) ئىچىگە ئەكىردى. ئاندىن قايسىدۇر بىر چۆچەكتىن ئاڭلىۋالغان «غەزىنە» نى ئىزدىگىلى سالدى. يار ئىچىدىكى چوڭ - كىچىك كامارلارغا قولىمىزنى تېقىپ، ئىزدەيىتتۇق. بەزىلىرىدىن ئەمدىلا قىزىل گۆش بولغان قۇشقاچ بالىلىرى، قۇرۇق چاڭگا، ھەتتا پاتمىچۇقلار سەكرەپ چىقاتتى. ھەتتا ئارىمىزدىن بىرىنىڭ قولىنى كاماردا بىر نەرسە چىشلىۋىلىپ، ھەممىمىز كامارلارغا قولىمىزنى تىقىشتىن قورقىدىغان بولۇپ كەتكەنىدۇق. ئەمما «غەزىنە» نى تاپمىغۇچە بولمايىتتى.

غەزىنە

«غەزىنە» نى تاپماي زادى بولمايىتتى. بولمىسا كۈندە «ئەسىر» بولۇپ، كامار كولاپ ئۆتەتتۇق. بىر كۈنى كەچتە پادىلىرىمنى ھەيدەپ، تاغ كەينىگە كىرىپ كەتكەن قۇياش بىلەن تەڭ ئۆيگە كەلدىم. «غەزىنە» ئىزدەش جەريانىدا ياردىن تىيىلىپ كېتىپ، قولۇمنى كاماردىن چىقىرالماي سۇنۇپ كەتكىلى تاسلا قالغانتى. شۇڭا چىرايىم سۇلغۇن، قولۇمنى ئاران مىدىرلىتىپ تۇراتتىم. ئەھۋالىمنى كۆرۈپ ئەنسىرەشكە باشلىغان ئانامغا يالغاندىن«ماللارنىڭ كەينىدىن يۈگىرەپ بولالماي يىقىلىپ چۈشتۈم» دەپ يالغان ئىيتىپ قۇتۇلدۇم. شۇ كۈنى كېچە «غەزىنە» نى ئويلاپ يىرىم كىچىگىچە ئۇيقۇسىز ياتتىم. «غەزىنە» دېگەندە زادى قانداق قىممەتلىك نەرسە بولىدىغاندۇ؟ دۆۋە - دۆۋە مارجانلار، پارقىراپ تۇرىدىغان تاشلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئادەتتە ئۇچراتقىلى بولمايدىغان نەرسىلەر بولامدىغاندۇ؟
خىيال سۈرۈپ قاچان ئۇيقۇغا كەتكېنىمنى بىلمەيمەن. بىر چاغدا چۈشۈمدە، بىر بوۋايغا ئەگىشىپ «غەزىنە» گە كىرىپتىمەن. ئىچىدە مەن ئويلىغاندەك ئاجايىباتلار يوقتەك قىلاتتى. بىر جىنچىراق، بىر كونا ئۈستەل، ئاندىن مەن ئۆمرۈمدە كۆرۈپ باقمىغان بىر كىتاب تۇراتتى. ئۇ بوۋاي، قولۇمغا بىر نەرسىنى تۇتقۇزۇپ:«بۇ غەزىنەنىڭ ئاچقۇچى، ئەتە دوستلىرىڭنى ئېلىپ بۇيەرگە كېلىپ، موشۇ ئاچقۇچ بىلەن غەزىنەنى ئ‍ېچىڭلار» دېدى. مەن ئاچقۇچنى ئېلىپ ئۇچقاندەك يۈگرەپ قايتىپ كەلدىم. بىراق، ئاچقۇچنى ئۆيگە ئېلىپ قايىتسام چوڭلارنىڭ بايقاپ قىلىپ، تارتىۋىلىشىدىن ئەنسىرەپ، يەنە قىرى توغراق تۈۋىگە يۈگىرىدىم. ھىلىقى قىرى توغراقنىڭ تۈۋىنى «ياغاچ شەمشەر» ىم بىلەن كولاپ، ئاچقۇچنى كۆمۈپ قويدۇم.

سەن

تاڭ ئاتقاندا قىرى توغراق تۈۋىگە يۈگىرەپ بېرىپ، غەزىنەنىڭ ئاچقۇچىنى كۆمۈپ قويغان جايدىن ئىزدىدىم، لېكىن پەقەتلا تاپالمىدىم. كۈندە ئىزدىدىم، زادىلا تاپالمىدىم. ھەر كېچە ھىلىقى بوۋاينى ئۇچىرىتىپ قالسام سورايمەن دەپ، شۇنچىلىك كۈتتۈم. لېكىن بوۋايمۇ پەيدا بولماس بولدى.
مەن ئاخىرى چۈشەنگەندەك قىلاتتىم.
سەن. سەن شۇ قىرى توغراقنى تېپىۋالغان، ئاندىن مەن كۆمۈپ قويغان «غەزىنە» نىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىۋالغان. شۇندىن بېرى ھاياتىمدا توختىماي ئىزدەشكە تېگىشلىك بىر نەرسە بار بولدى. مەن «غەزىنە» گە باشلاپ بارماقچى بولغان دوستلىرىممۇ قىرى توغراق تۈۋىگە كۆمۈپ قويغان ئاچقۇچقا ئوخشاش، بىر - بىرلەپ يوقاپ كەتتى.
ساڭا يېزىلغان بۇ خەتلەردە بىر مۇھەببەتلا بار دەپ ئويلاپ قالما. بۇ خەتلەردە بىر تارىخ بار. تارىخ قوينىدا سەن ۋە مېنىڭ ئ‍ىزلىرىمىز بار. خەتلىرىمنىڭ داۋامىدا سېنى قانداق ئىزدەپ تاپماقچى بولغانلىقىمىڭ ھىكايىلىرى يېزىلىدۇ. يېزىلغان بۇ خەتلەر ۋاقىت دېڭىزىدا يەلكەنسىز قولۋاققا قاچىلىنىپ، ساڭا نامەلۇم بىر شەخىستىن ئەۋەتىلىدۇ...

2016 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى

2 باھا »

  1. ئۇيغۇربەگ
    ئۇيغۇربەگ June 6th, 2016 at 08:01 pm
    جاۋاب

    راسلا كۆچۈپسىزدە باشقا سېستىمىغا.

    يازمىنى ياقتۇردۇم.

    1. teshna
      teshna June 6th, 2016 at 08:39 pm
      جاۋاب

      ھەئە، كۆچۈپلا كەتتۇق..