-
2009-07-02
روسىيەلىك تاتار ناخشىچى ___ ئالسۇ
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41809693.html
روسىيەلىك تاتار ناخشىچى ___ ئالسۇ
ئالسۇ 1983- يىلى روسىيە تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇغۇلما دېگەن كىچىك بىر شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى سافىن بولسا روسىيە نېفىتچىلىك ساھەسىدىكى مىليادىر ئىدى، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى LTK OIL شېركىتى بولسا 11.7 مىليارت دوللارلىق مەبلىغى بار چوڭ بىر شېركەت گوروھىدۇر. ( دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىلارنىڭ بىرى).
ئالسۇ 1991- يىلى مۇزىكا كەسپى مەكتىۋىگە كىرىپ بىلىم ئىگەللىگەن ۋە 1993- يىلى ئەنگىلىيەدىكى بىر مۇزىكا مەكتىۋىگە ئەۋەتىلىپ بىلىم ئاشۇرغان ۋە قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئېنگىلىز تىلىنى ئىگەللەپ ئوقۇشنى داۋام قىلغان. 1997- يىلى ئەنگىلىيىدىن موسكۋاغا قايتىپ كەلگەن ، ئۇ جايدا 1 يىلدەك تۇرغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى بېلاسىزىرىسكى دېگەن بىر مۇزىكانتنىڭ كۆزىگە چۈشۈپ، تالانتى نامايەن بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نام چىقىرىشقا باشلىغان.
ئۇنىڭ بىرىنجى ناخشا پىلاستىنكىسى «زىمىستان قىشتىكى چۈش» ھەرقايسى تېلىۋىزۇر ۋە رادىئولاردا قويۇلۇپ، ياۋرۇپا ئاسمىنىدا ئۇنىڭ ئاۋازى ياڭراشقا باشلىغان.
شۇندىن كېيىن ئۇ يەنە « باھار» ، « بەزىدە» قاتارلىق پىلاستىنكىلارنى چىقىرىپ چوڭ شۆھرەت قازانغان.
2000- يىلى «ياۋرۇپا MTV مۇزىكا بايرىمى» دا ئەڭ ياخشى ناخشىچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇ ھازىرغا قەدەر روسىيە تارىخىدىكى تۇنجى SONY شېركىتى بىلەن توختام تۈزۈشكەن ناخشىچى ھىساپلىنىدۇ.历史上的今天:
تاتارچە ناخشا - ئاي بۇلبۇلۇم (Ay bulebulbem) 2009-07-02تاتارچە مۇڭلۇق ناخشا 2009-07-02ئېنگىلىزچە زىمىستان قىشتىكى چۈش(ئالسۇ) 2009-07-02تاتار سابان توي 2009-07-02ئوينايلى(تاتارچە جېر) 2009-07-02
收藏到:Del.icio.us