-
2009-07-02
ئېنگىلىزچە زىمىستان قىشتىكى چۈش(ئالسۇ) - [تاتارMTV]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/41805246.html
ئېنگىلىزچە زىمىستان قىشتىكى چۈش(ئالسۇ)
روسىيەلىك تاتار ناخشىچى ئالسۇАлсу نىڭ 2008 _ يىلى چىقارغان تۇنجى ئېنگىلىزچە ئالبومى :Inspired
تاتار قىزى ئالسۇ (ئېنگىلىزچە Alsou ) نىڭ روسىيەدە نامى داڭلىق. 1983 _ يىلى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بوگۈرما شەھىرىدە تۇغۇلغان. 9 يېشىدا ئەنگىلىيەگە ئوقۇشقا چىقىپ، سەنئەت ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن. ئالسۇ دېگەن سۆز تاتارچە <ئەتىرگۈل رەڭدىكى دەريا> بولۇپ، ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆك كۆزى كىشىنى تېخىمۇ مەھلىيا قىلىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى كۆزى ئەڭ گۈزەل سەنئەتچى دېگەن نامىمۇ بار.
1999 _ يىلى 2 _ ئاينىڭ 1 _ كۈنى < زىمىستان قىشتىكى چۈش > ناملىق ئالبومى روسىيىنىڭ تېلېۋىزىيە ۋە رادىئولىرىدا قويۇلۇپ، بىردىنلا نامى چىقتى. ئارقىدىن ئۇنىڭ < باھار > ، < بەزىدە > ناملىق ئالبوملىرىمۇ زور نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. شۇ يىلى يەنە پۈتۈن روسىيەدە ئايلانما ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشكە باشلاپ، 2000 _ يىلى يۇرتىغا قايتىپ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەندە، تاماشىبىنلار سانى 86 مىڭغا يېتىدۇ. ئىگىلىنىشىچە شۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى ئاران 100 مىڭ ئىكەن.
2000 _ يىلى ئالسۇ سونىي شېركىتى بىلەن توختاملىشىپ، روسىيە تارىخىدىكى سونىي شېركىتى بىلەن توختاملاشقان تۇنجى ناخشىچى بولۇپ، 35 دۆلەتكە ئۆزىنىڭ ئالبومىنى تارقاتتى. 2001 _ يىلى ئالسۇ ناخشىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتىۋالدى. شۇ يىلقى < MTV ياۋرۇپا مۇزىكا مۇكاپاتى > نىڭ ئەڭ ياخشى ناخشىچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. كېيىنلا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەرخىل مۇزىكا مۇكاپاتلىرىغا ئارقا _ ئارقىدىن ئېرىشىدۇ. نۇرغۇن چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ سودا ئېلانى توختاملىرىغا ئېرىشىدۇ.
2008 _ يىلى باھاردا، چوڭ باي بىلەن توي قىلىپ، ناخشا ساھەسىدىن چېكىنگەن ئالسۇ باشقىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.
بۇ ئۇنىڭ بۇ يىل چىقارغان ئىككىنچى ئالبومى، يەنى ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر چىقارغان تۇنجى ئېنگىلىزچە ئالبومى بولۇپ، ھەممىمىز سۆيۈپ ئاڭلايدىغان < زىمىستان قىشتىكى چۈش > ناخشىسىنى ئېنگىلىزچە ئېيتقان.历史上的今天:
تاتارچە ناخشا - ئاي بۇلبۇلۇم (Ay bulebulbem) 2009-07-02روسىيەلىك تاتار ناخشىچى ___ ئالسۇ 2009-07-02تاتارچە مۇڭلۇق ناخشا 2009-07-02تاتار سابان توي 2009-07-02ئوينايلى(تاتارچە جېر) 2009-07-02
收藏到:Del.icio.us