• 2010-08-31

    يىراق بىر لايىھەدىن دېرەك بېرىدىغان - [پاسئان شېئىرلىرى]

     

    يىراق بىر لايىھەدىن دېرەك بېرىدىغان

     

     

    يىراق بىر لايىھەدىن دېرەك بېرىدىغان

    بۇ قوزغىلىش پەيتىنى

    ئىچمەكتىمەن.

     

    تېنىچلىق بوتۇلكىسى ئىچرە

    كۆبجىگەن نۇردىن ئايلىنىپ ئۆتكەن

    كېپىنەك ئىزىدىن سىقماقتىمەن.

     

    ئەي، مۇقەددەس ئولىمپىيا،

    ئەي، باستۇرۇلغان گۈڭگۈرت قىزى،

    ئەي، كۆكسۈڭلارنى تۇتاشتۇرغان

    مېنىڭ مەن بولمىغان پۇرۇخلىرىم،

    ئەمدىلىكتە

    ئۆلۈم قاراڭغۇسىنى

    ئاق يەلكەنلىرىم بىلەن قۇچماقتىمەن

    خۇددى

    يىراق بىر لايىھەدىن دېرەك بېرىدىغان

    بۇ قوزغىلىش پەيتىنى

    ئاۋۇ قاراڭغۇلۇقتىن يىغىۋاتقاندەك.

     


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us