• 2010-08-31

    تۇرسۇن قۇربان - [ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرى]

     

    تۇرسۇن قۇربان

     

     

    ياز ئۆزىنى دالدىغا ئالدى.

    يېشىل،

    سوغۇق،

    لەش باسقان،

    كۆل بويىدا

    قومچاقلار يىپىنىپ ياتىدۇ يوتقان.

    قومچاق يوتقىنىغا يىنىك دەسسەپ

    تارىخ كىتاپتىكى خاقاننى ئەسلەپ

    پارقىرايدۇ،ۋارقىرايدۇ تۇرسۇن قۇربان.

     

    پارقىرىمايدۇ،ۋارقىرىمايدۇ

    كۆلنىڭ ئەينىكى.

    پارقىرىمايدۇ،ۋارقىرىمايدۇ

    ئەينەكتىكى كىشىلەر.

    يامىشىپ چىقىپ سىپىل تېمىغا

    تېيىلىپ كېتەر ئۆز قىنىغا.

     

    تىرەكتە قاغا،

    سۆزلەر ھاۋاغا.

    سۆز يەتمەس يەردە

    ئاي ۋە تانكا،

    كوچا جىم.

     

    ...مۇئەللىم!

    بىز ئىمتاھاندىن قورقىمىز،

    بىز كومپارتىيەنى سۆيىمىز.

     

    بىزنىڭ مۇئەللىم

    ئاخىرقى دەرسى تۈگىمەستە

    كىرىپ كېتىدۇ كۆڭلى يىرىم

    ئىگىز ئاسمانغا ياكى يەرگە.

    ئادەملەر ئۆز ئۆيىگە كىرىپ كېتەر،

    شئىېر كىرىپ كېتەر دەپتەرگە.

     

    ئالدىمدا بۇ شئېىر،

    توختىدىم بىر چىكىت بىلەن،

    تۈن توختىدى كۆپ چىكىت بىلەن،

    بىراق كوچىدا مىغىلدار ئادەم...

     

    تۇرسۇن قۇربان

    قۇربان بولغان دەلدەرەخلەردەك

    چۆل شەھەردە قالدى چۆلدەرەپ.

     

    مېڭە تومۇرى يېرىلدى ئۇنىڭ

    قارلىق تاغدەك پاتقاندا دەرتكە.

    مەنىسى قۇملۇقنىڭ ،ئاۋازى سۇنىڭ

    ئۇيغۇرچە سۆزلەيدۇ ئۇ تەبىئەتكە.

     

    تالادا يامغۇر،

    ئىشىك قاققان كىم؟

    -سۈكۈت ياكى جىن.

    ھەي، ئىشىك قاققان كىم؟

    كۆرۈنمەيدۇ بىركىم لىكىن.

     

    بىر مىللەت تىڭشىماقتا،

    بىر مىللەت ئۆزىنى تىڭشىماقتا.

    بىر ئادەم سۆزلىمەكتە،

    بىر ئادەم ئۆزىگە سۆزلىمەكتە...

    قارىدىم كۆزنەكتىن،

    كوچىدا ئېقىۋاتقان ياز

    يېشىل ئۇيغۇر تىلىمىكىن؟.

    قارىدىم ئەينەكتىن،

    ماڭا تونۇشتەك سان-ساناقسىز يۈز

    ئىرىمەكتە ئەينەكتە غىرىپلىقتىن.

     

    2007-9-11

     

     


    收藏到:Del.icio.us