-
2010-08-30
سۈنئىي كۆل بويىدا - [باشقا شائىرلار]
ناۋال
سۈنئىي كۆل بويىدا
ئاخىرقى ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ بولۇپ
ئارزۇ-ئۈمۈدلەر چاقىرماقتا.
ئۇلار
قۇملۇقتىن دېڭىز-ئوكيانلارغا قەدەر ئۇزارغان
پۇتلىرىغا
قۇشلارنىڭ شادىمان كۈيلىرى ئېسىلغان ئىدى.
جىرالار تېخچىلا قاراڭغۇ
قۇرۇقلۇق يېپىنچىلىرى يىغلاۋاتىدۇ.
لەۋلىرى ئۇسساپ چاك-چاك يېرىلغان
سېغىزتوپىسىدا يەر سارغۇچ ھەسرەت چېكىدۇ.
لېكىن يوپيورۇق سۈكۈتى چەكسىز
كۆلنىڭ كۆزلىرىدە،كېچىسىدە،يۈرىكىدە پاك-پاكىزە تازىلىنىپ
ئىللىق ۋە گۈل ھىدلىرىغا تولغان بىر كوچا
نى بويلاپ كۆتىرىلگەن ئاي پارلىماقتا.
نۇرلۇق ۋە روشەن،ئالتۇنرەڭ،سىرلىق
روھلار ئۆمىلىگەن كۆل بويىدا جىملىق
بولۇشى مۈمكىن ئەمەس ھېچ
مەرمەر تاشلاردا ئۈمۈدسىز ئۈمۈد.
* * *
ئۇ چۆللەردە
مەن كۆللەردە.
ھالبۇكى بويالدۇق كۆرۈنمەس ئۇ يىللاردا
ئوپئوخشاش سۆيگۈنىڭ رېڭىدە
ۋە باشلىدۇق ئاخىرى ئۇنتۇشنىڭ
مېڭىشنى مۇزدەك چىغىر يولىغا.
ئالغا!
قۇشلار قەيسەرلىك بىلەن قانات قاقماقتا.
چۈمۈلىلەر ئۆمىلىمەكتە.
گۈزەل نۇرلار بالىلارنىڭ ئوينار يۈزىدە،
مەنمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ ئويناشقا باشلىدىم
قولىمىزدا قىيىلغان رەڭدار قەغەزلەر
يەنە ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىدىم.
فونتانلاردىن ئەسلىمىلەر ئېتىلىپ چىقماقتا،
قەغەزتۇرنىلار
چاچرىغان سۇلار بىلەن تەڭ ئۇسسۇلغا چۈشتى.
قەغەز قېيىق
ئۇ مۇھەببەتلىك ئاۋازلاردىن ئاستا تۆرىلىپ
شادلىق ئۇپۇقلىرىغا جۈپ-جۈپ نۇر جىيىكى تۇتتى
ھەم دادىلار يىراققا ئۇزىتىۋاتقان قىزىنى
مېھىر بىلەن سۆيۈپ قويغاندەك
ئىللىققىنا تۇيغۇلار بىلەن
سۇ يۈزىدە يۈردى لەپپەڭلەپ
* * *
سۇلارنىڭ چىڭ چىشلەنگەن لېۋى
نىلۇپەردەك رەڭگە تولماقتا.
ئالتۇن بېلىقلار تالىشىپ يېگەن
بولكا ئۇۋاقلىرىدەك پەرىشانلىقنى
كىم چۈشىنەر يالغۇز ماڭغاندا
تېرىۋالدىم ساھىلدىن ئاستا.
ئۇ قانچىلىك كۆڭۈل بۆلگەن
تەشنا بولغان مېنىڭ خەتلىرىم
ئۇنتۇلدى ئەجەپ باياۋانلارنىڭ قۇرغا ئېسىدىن.
ئۆگەندى قۇملارمۇ قوللىرىنى سوزۇشنى
قەلبىمگە مۇزسىمان پورەكلىرىدىن.
ھەيران قالدىم يېيىلغان پېتىم
سۇلارنىڭ لېۋى بۇنچە چىڭ چىشلەنگۈدەك
بولۇپ قالدى ئۇ قانداقچە شۇ قەدەر زالىم...
* * *
ياپيېشىل نۇرلۇق دەرەخ.ياپيېشىل نۇرلۇق چىراق،تاشتىن چىقىۋاتقان مۇزىكا،
كۆلدىكى ئەگرى-بۈگرى ياغاچ كۆۋرۈكتە
شامال ئاۋاز چىقارماقتا
ئاپئاق.
ئۇنىڭ چۈشلىرىدىكى دۇنياسىدا گۈل ھىدىغا يۆگەلگەن رەڭلەر
ئويغاندى،بۇ كېچىدە
قەلىبنىڭ سايرىغان ئاۋازى،سۇلارنىڭ لەرزان پەرۋازى.
چۈنكى ھىجاپ ئىچىدە بىر ئوماق قىزچاق
كەلمەكتە بۇ يەردە تۇمانغا ئوخشاش.
ھاۋادا
دولقۇنلار چاچقان ئۈن-تىۋىشسىز قاسراق
يۇلتۇزلاردەك تاتلىق جىمىرلاش
ۋە سۆيۈملۈك ئويغىنىش.
كۈتۈش
ئەمەس بۇ ناتۇنۇش دۇنيا ئاڭلاۋاتقان
ناتونۇش تىللاردىكى غەلىتە ئاۋاز
ۋە ئەمەس ئۇ كۈلۈمسىرىگەندىكى يېشىل بۇرۇلۇپ
يانغان كۆل يۈزىدىكى ئىمىر-چىمىر يورۇقلۇق.
ئاشۇ قىز چۆمۈلگەن نەم سۈكۈتلەرنىڭ
كۆزلىرىدە ئۇزۇن-ئۇزۇن كۆل سۈيى
سۈرەتكە تارتار ئامراق مەنزىرىلەرنى.
ئۇنىڭ قاپقارا ياغلىقى ئۇچۇرغان شامال ۋە شامال قايتىدىن
ئۇچۇرغان ھاياتلىقنىڭ ئەسلىمىلىرى
نۇر قايتۇرماقتا سۈزۈك بۇ جايدا.
تاش پۈۋلىمەكتە تېخىچە رەڭمۇرەڭ ناخشا.
* * *
يۇمشاق دولقۇنلار قاچار مەرمەر ساھىلغا
مۇھەببەت ۋە بەخىتنى ئېلىپ كەلمەكتە
ئەر ۋە ئايال،بالا-ئائىلە.
ھەي،بۇ مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاۋازى
ئۈمۈدلەرنىڭ قەدىمى ئىدى ئەسلىدە.
ئەسلىمىلەر ۋە چۈشلەر،زوقلىنىشلار،ھەسرەتلەر
بەھرىمەن بولماقتا شۇڭلاشقا مەندە.
..............
ئەمدى سۇلار چاقپەلەكتەك ئايلاندى،
ۋاقىت كۆكتە ئېگىز ئۇچماقتا.
سۇلار ئەڭ ئاخىرقى بىر تىنىقنى ئېلىۋاتقاندەك
شۇڭا ئىنتايىن جىمجىت،شۇڭا كىچىككىنە ئەڭ ئاخىرقى سۆز
ئىچىدە توساتتىنلا كەلدى بۈيۈكلۈك
ئېسىمگە توختاۋسىز تۇرغان تىكىلىپ.
كەتتىم ئېقىپ ئاشۇ چاغدا مەن
بۇ كۆلدىكى سۇغا ئايلىنىپ.
评论