-
2010-08-15
سېنى سورايمەن - [ئە.ئوسمان شېئىرىلىرى]
سېنى سورايمەن
ئاخشاملىرى چىقىپ تالاغا،
قەلبىمنى پاك ھېسقا ئورايمەن.
مەغرىب تامان ئۇچقان شامالنى،
ھوزۇرلىنىپ ئۇزاق پۇرايمەن.
شەبنەم تامغان كىرپىكلەر ئارا،
مېھرىم بىلەن ئايغا قارايمەن.
ئاسمىنىڭنى كەزگەن شۇ ئايدىن،
تۇپرىقىڭنى سۆيگەن شامالدىن،
ئاھ، ۋەتىنىم، سىنى سورايمەن!
历史上的今天:
ئىككى شېئىر 2010-08-15جان ئوغلۇم 2010-08-15ئىككى شېئىر 2010-08-15قارىغىن، بۇ ماڭا... 2010-08-15كۆيگەن شەھەر 2010-08-15
收藏到:Del.icio.us