ئۇيغۇر ياشلار شېئىرىيتى

    <<  تۇنجى ناخشا | باش بەت | سېنى سورايمەن  >>
  • 2010-08-15

    سۈرگۈن - [ئە.ئوسمان شېئىرىلىرى]

    سۈرگۈن

     

    ئۆزلىرىنى ئالار ئۆلتۈرۈپ ،

    كۆكرىكىڭدە يېشىل دەرەخلەر .

    چېقىلىدۇ روھىم ئۈستىدە

    بارمىقىڭدىن چۈشكەن قەدەھلەر .

    تېرىپ كېلەر ئىزىڭدىن يوللار ،

    چۈشۈپ قالغان چۆچەكلىرىڭنى .

    ئۆلۈپ قالار يۇمران چۈشلىرىڭ ،

    چىڭ سىقىمداپ ئەمچەكلىرىڭنى .

    سۈرگۈنىڭمەن ئەبەدلىك، جېنىم ،

    ئىسيانىمدا كۈيلەيمەن سېنى .

    چېچەكلىدى سىپىللىرىڭدا

    چاچراپ تۇرغان سۆيگۈمنىڭ قېنى .

    ئۆلۈمىمدىن تۇرارمەن بەزەن ،

    ھەسرىتىڭنىڭ جىمغۇرلىقىدىن .

    چاچلىرىڭدىن سۆرەپ كېلىمەن ،

    زۇلمەتلەرنىڭ چوڭقۇرلىقىدىن.

     


    历史上的今天:

    ئىككى شېئىر 2010-08-15
    جان ئوغلۇم 2010-08-15
    ئىككى شېئىر 2010-08-15
    قارىغىن، بۇ ماڭا... 2010-08-15
    كۆيگەن شەھەر 2010-08-15

    收藏到:Del.icio.us




    Tag:ئەخمەتجان
    ئىشلىتىش:
    shairlar ۋاقتى19:48:43 | ئوڭشاش | 分享 0

weather

QQ : 32524823 ئالاقلىشىڭ
ئۇسلۇپ ياسىغۇچى: Dunyakara